ئەڭ يېڭى خەۋەر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
شۆھرەت ھوشۇر
10-ئۆكتەبىر كۈنى گۇما كونا بازاردا يۈز بەرگەن خىتاي ساقچى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىغا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە، ئىككى نەپەر پىدائىي 6 نەپەر ساقچى ۋە خادىمنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، 12-ئۆكتەبىر كۈنى سەھەر سائەت 6 دە، گۇما بازىرىدا بىر يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ئارقىسىغا موتسىكلىت بىلەن ئەگىشىپ مېڭىپ ساغان تەكشۈرۈش پونكىتىغا كەلگەندە، پونكىتتىكى قوراللىق ئەسكەرلەرگە ھۇجۇم قىلغان ۋە ئەسكەرلەرنىڭ قولىدىكى قورالنى تارتىۋېلىشقا تىرىشقان؛ ئەمما نەق مەيداندا قوراللىق نۆۋەتتە تۇرۇۋاتقان 5 نەپەر ئەسكەردىن باشقا يەنە، بىر ساقچى ئەترىتىمۇ بولغاچقا، تېز ۋە شىددەتلىك قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. نەق مەيداندا ئېتىۋېتىلگەن ئىككى پىدائىي ئېتىۋېتىلىشنىڭ ئالدىدا يەنە ئىككى نەپەر ئەسكەرنى يارىلاندۇرغان. نەتىجىدە بۇ ئىككى پىدائىي بىر يېرىم كۈن ئىچىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ خىتاي تەرەپتىن جەمئىي 6 كىشىنى ئۆلتۈرگەن، 3 كىشىنى يارىلاندۇرغان
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/guma-hujum-10142014151326.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.