ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
پىرانسىيە رادىيوسى خىتايچە بۆلۈمىنىڭ خەۋەرىگە قارىغاندا،2.ئاينىڭ 6.كۈنى پارىج ساقچىلىرى پارىجدىكى كىچە تانسىخانىلىرى ۋە رىستوران ئىسمى ئاستىدا پاھىشىلەرنى بازارغ سالىدىغان يەرلەرنى باسقان بولۇپ،كۆپۈنچىسى ئۇنىۋىرسىتىت ئوقۇغۇچىلىرى بولغان 200 دىن ئارتۇق خىتاي قىزلىرىنى جىنايەت ئۈستىدە قولغا چۈشۈرگەن
خىتاي ماپيالىرى،خىتايدىن ساياھەتچى بولۇپ پارىجغا كەلگەن پۇلدار ۋە ھۇقۇقدارلارغا بۇ قىزلارنى بىر كىچىلىكى 500-800 ئاۋروغا سۇلاپ بىرىدىكەن
پىرانسىيە ساقچىلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە،ئوقۇغۇچى خىتاي قىزلار كۈندۈزى ئوقۇپ،كىچىلىرى پاشىخانىدا رۇخسەتسىز جىنسى خىزمەت قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىپ،تاپقان پۇللىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى خىتايدىكى ئاتا-ئانىسىغا ئىۋەتىپ بىرىدىكەن
قىزلارنى بازارغا سالغان ماپيالارنىڭ ئۆيلىرىدىن 100 مىڭلاپ ئاۋرو تىپىلغانلىقى بىلدۈرىلدى
پىرانسىيە قانۇنىدا،تەشكىللىك ھالدا پاھىشە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش جىنايەت ھىساپلىنىدۇ
ئۇنىڭدىن باشقا پارىجدا يەنە خىتايلار ئولتۇرىۋاتقان بىر يەردە مەخپى مەتبۇئات ماشىنىلىرى تىپىلغان بولۇپ،ماشىنىدا،ھەر خىل ساھتا دوكومانتلار بىسىپ،ياۋرۇپاغا كەلگەن خىتايلارنىڭ يەرلىشىشى ئۈچۈن ساھتا بەلگىلەر ھازىرلاپ بىرىدىكەن
خەۋەردە،ھازىرمۇ پىرانسىيەدە خىتايلارغا ئائىت نۇرغۇن رىستوران ۋە باشقا ئىش يەرلىرى بىسىلىۋىتىپتۇ
مەنبە:پىرانسىيە ردىيوسى خىتايچە تور بىتى
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.