logo

trugen jacn

  يەنە  دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك

  يەنە  دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك…..

ھىكمەت يېڭى تاڭ

دولقۇن ئەيسانىڭ ئۆز ۋەزىپىسىنى توڭلۇتۇش توغرىسىدىكى كۆز قارىشى

دولقۇن ئەيسانىڭ ۋەزىپسىنى توڭلۇتۇپ قويغانلىق توغرىسىدىكى باياناتى كۆپلىگەن غۇل-غۇلىلارغا سەۋەپچى بولدى. بىر قانچە ”ئەقىللىق“ ئۇيغۇرلار، ”بىز دولقۇننى ۋاقتىدا ئىستىپا بېرىڭ دىسەك تىڭشىمىدى. مانا ئەمدى چەتئەللىكلەر بېسىم قىلغاندا ئاخىرى ئىستىپا بېرىشكە مەجبۇر بولدى.“ دېيىشىپ غۇدۇڭشۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ زىھنى، دولقۇن ئېيسانى ۋەزىپىسىدىن سۆرەپ چۈشۈرۈشكە مەركەزلەشكىنى ئۈچۈن، ۋەقەنىڭ جەريانىدىن تامامەن خەۋەرسىز ياكى قىززىقمايدۇ.

”نوتۇس –  Notus tori “ خەۋىرى 2024.يىلى 10. ماي ئېلان قىلىندى. دولقۇن ئەيسا، مۇستەقىل تەكشۇرۇش ئېلىپ بارغۇچىلارنىڭ خىزمىتىگە توسالغۇ بولماسلىق ئۈچۈن ۋەزىپىسىنى توڭلۇتۇپ قويۇıشنى تەشەببۇس قىلدى. بۇ پىكىرىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى رەھبەرلىك قاتلىمىغا بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ ئىككى قارارى

بىراق، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىدىكى باشقا رەھبەرلەر، بۇ توغرۇلۇق قارار قىلىش ئورگىنىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى ئىجىرا كومىتىتى بولىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، دولقۇن ئەيسانىڭ تەلىپى رەت قىلىندى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى ئىجرائىيە كومىتېتى 2024-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى جىددىي يىغىن ئاچتى.مەسىلە دولقۇن ئەيسانىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن توختىتىش ياكى داۋاملاشتۇرۇش مەسىلىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، دولقۇن ئەيسا ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىغا قاتناشمىدى. بۇ مەسىلىنى نەچچە سائەت مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن، بېلەت تاشلاش باشلاندى. 4 ئاۋاز دولقۇن ئەيسانىڭ ۋەزىپىسىدىن توختىتىلىشى (ھازىرچە توختىتىش)، 19 ئاۋاز دولقۇن ئەيسانىڭ ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن بېرىلگەن بولۇپ، كۆپ سانلىقنىڭ ئاۋازى بىلەن دولقۇن ئېيسانىڭ ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇش قارار قىلىندى.

دولقۇن ئەيسا بۇ نەتىجىدىن بەك مەمنۇن بولمىدى. ئۇ، ئاخىرقى قارارنى ، سايلاش ۋە ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ھوقۇقىغا ئىگە قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى يېغىنى قارار قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدا 22 دۆلەتتىن كەلگەن 203 ۋەكىل بار بولۇپ، 25-ماي ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا 152 ۋەكىل قاتناشتى. 19 ۋەكىل ئاۋاز بەرمىدى. 133 ۋەكىل دولقۇن ئەيسانىڭ ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇسۇن دەپ ئاۋاز قوللاندى.دولقۇن ئېيسا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ مىللىي ۋە دېموكراتىك قارارىغا قارشى چىقمىدى ۋە قارىشى چىقىشىمۇ مۇكىن ئەمەس ئىدى.

دولقۇن ئەيسا بۇ قېتىم نىمىشقا ۋەزىپىسىنى توڭلۇتۇپ قويۇش قارارى ئالدى؟

بۇ قېتىم دولقۇن ئەيسا باشچىلىغىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېتى، ياۋرۇپادىكى مۇستەقىل بىر تەكشۈرۈش ئورنى بىلەن ئاڭلاشتى ۋە بۇ مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئورنى خىزمىتىنى باشلىۋەتتى.  دولقۇن ئەيسا بۇ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ راۋان ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن ۋەزىپىسىنىڭ توڭلۇتۇلغانلىقىنى ئۆزى ئېلان قىلدى. بۇ نوقتىنى توغرا چۈشۈنىشىمىز لازىم.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ مەۋجۇدىيىتىدىن بىئارام بولىۋاتقانلارنىڭ پائالىيەتلىرى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى يوقتىن بار قىلغان ۋە بۇگۈنكى چوققىلارغا يۈكسەلتكەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىغا مەنسۇپ ئۇيغۇر توپىنىڭ بۇ قارارى، ئۆمرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ پايدىسىغا بىر قەدەم باسمىغان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىغا ئەزا بولمايلا قالماستىنى، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئېيىۋىنى ئىزدەپ داۋاملىق ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا پىتنە- پاسات تارقىتىپ يۈرگەنلەر يەنە ئورتىغا چىقىپ زەھەر قۇسقىلى باشلىدى.
ئەندى، چەتئەللىك بىر قىسىم ئاكادېمىسيەنلەرنىڭ باياناتىغا كەلسەك، ئۇيغۇرلارنى يۈرەكتىن ياخشى كۆرگەن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېرقى قىرغىنچىلىقى توغرۇلۇق دۇنيانى قايىل قىللالايدىغان ئەڭ سۈپەتلىك ماقالە، دۇكلاتلارنى يېزىپ كېلىۋاتقان مەشھۇر ئاكادېمىسيەنلەر بۇلارنىڭ تىزىملىكىدە يەر ئالمىدى.
بۇ بىر گۇرۇپ ئاكادېمىسيانلەرگە ئەھۋالنى كۆپتۈرۈپ خاتا مەلۇمات قىلىپ، ۋەھىمە پەيدا قىلىش ئارقىلىق، 25 كىشىنى تىزىملىككە تىزغانلار يەنىلا بىلىم ساھاسىگە سوقۇنۇپ كىرىۋالغان بىر يەچچە نەپەر ئۇيغۇر، بۇ ئۇيغۇرلار، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىغا ھېچ قاچان ماددىي ياكى مەنىۋىي ھەسسە قوشۇپ باققان كىشىلەر ئەمەس. بەلكى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى ۋە ئۇنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئارقىسىدىن غاجاپ كەلگەنلەر. بۇلارنىڭ ئىچىدە ھازىرمۇ خىتايدىن پىنىسسىيە مائاشىنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلار بار،بەزىلىرىنىڭ خىتاي بىلەن مۇرەئەكەپ مۇناسىۋەتلىرى بار.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى، چەتئەللىكلەرنىڭ ھېچقانداق قوللىشى، ياردىمى بولمىغان شارايىتتا قۇرۇلغان ۋە كۈچىيىپ، زورايغان. بۇگۈن كۆپلىگەن چەتئەل ئاممىۋىي تەشكىلاتلار، پارلامىنت ئەزالىرى، ئاكادېمىسيەنلەر قوللاپ كېلىۋاتىدۇ. بىر ئازاتلىق سەپىرىدە يولدا قوشۇلغانلار بولغىنىغا ئوخشاش، يولدا چۈشۈپ قالىدىغانلارمۇ بولىدۇ.بۇ ھادىسىلەر قوشۇننىڭ تەرتىۋىنى بوزالمايدۇ، سەپەرنى ئاستىلىتالمايدۇ.
بىر قانچە پىتنىخورنىڭ، دولقۇن ئەيسانىڭ شەخسى سەۋەنلىكى تۈپەيلى ئۇنىڭ تۆھپىسىنى ئىنكار قىلىشى ۋە پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى ۋەيران قىلىۋېتىش ھەۋەسلىرى قورسىغىدىلا قالىدۇ، خالاس.

تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى، ”شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندە ھۈكۈمىتى“گە ئوخشاش توغۇپ كۈپەيمىدى. بۇگۈن ”سۈرگۈندە ھۈكۈمەت ”نىڭ سانى 8. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى 2004.يىلى قۇرۇلغاندا بىر ئىدى. ھازىرمۇ بىر. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىدىن ئايرىلغانلار پارىجدا داغدۇغۇلۇق ھالدا ”مىللى كېڭەش“ قۇردى، كېيىن ئۆزلىگىدىن يوقاپ كەتتى.ئامما دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى تېخىمۇ گۈللەپ، ياشناپ كەلمەكتە.بۇ مۇۋاپپىقىيەتنىڭ ئەڭ زور تۆھپىكارى دولقۇن ئەيسا ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ كۈچلۈك قوللاپ،قۇۋەتلىشىشىنىڭ نەتىجىسى.
ئۇيغۇرلاردا “ موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە“ دەيدىغان بىر ئاتا سۆزى بار.دولقۇن ئەيسانى سىياسى سەھنىدىن تارتىپ چۈشۈرۈپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى باشسىز قالدۇرىمىز، دىگۈچىلەرنىڭ تىرىشچانلىقلىرىمۇ، كېچە-يۇ، كۈندۈز ئىشلەپ، قالدىم قولۇمنى چىشلەپ، دىگەندەك نەتىجىسىز ئەمگەك بولۇپ قالىدۇ، خالاس.

دولقۇن ئەيسانى قارىلاش ئۈچۈن ئۇيغۇر خوتۇن- قىزلارنى تاپالمىغان قارا كۈچلەرنىڭ ئويۇنلىرى

چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قالايمىقانچىلىق پەيدا قلىشنى پىلانلىغان قارا كۈچلەرنىڭ تاپقان ئەرتىسلىرى نېمە ئۈچۈن  2 نەپەر چەتئەللىك؟  نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر پۇقرالىرىنى نىشانغا قىلغان قاراڭغۇ كۈچلەر، ئۇيغۇر خوتۇن- قىزلىرى ئارىسىدىن ”زىيانكەشلىككە ئۇچۇرىغۇچى“ تاپالمىدى؟  نىمە ئۈچۈن ئېرى تۇرۇپ، ھەم 4 ئايلىق ھامىلە تۇرۇپ، نۇرى تۈركەل بىلەن جىنسى مۇناسىۋەتنى باشلىغان جۇلى مىلساپ بىلەن دولقۇن ئەيسا قۇلىنىمۇ تۇتۇپ باقمىغان، بىر يەردە ئولتۇرۇپ قەھۋە ئىچىپ، سۆھبەت قىلىپ باقمىغان ئەسما گۈننى ئوخشاش بىر  كاتوگوريەگە كىرگۈزۈپ تۇرۇپ دۇنيا مەدياسىغا سۇنۇشتىكى مەقسەت نىمە؟ بۇلارنىڭ ئارقىسىدا كىم ۋەيا كىملەر بار؟

جۇلى مىلساپ، 2007.يىلى ۋە 2008.يىلى خىتاينى 2 قېتىم زىيارەت قىلغان. 2010. يىلى خىتايغا كۆچۈپ بارغان، خىتاي ئەر بىلەن توي قىلغان 2020. يىلى خىتاي ئېرى بىلەن ئامېرىكىغا كۆچۈپ كەلگەن. ئامېرىكىغا كېلىپلا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ئىشقا كىرىش ئۈچۈن ھەممە ئۇسۇلنى ئىشلەتكەن. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 2 ئۇيغۇر تەشكىلاتىغا خىزمەتكە كىرىپ، تەشكىلاتلارنىڭ ئىچكى سىرلىرىنى تامامەن ئەگەللەپ بولغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر تەشكىلاتلارغا زىيان سېلىش يولىدا ئەقىل يەتمەيدىغان ۋاستىلارنى ئىشلەتكەن بولۇپ، ئاخىرى خەلقارادا، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان زىيان سېلىش بىلەن يەتمەكچى بولغان مەقسىدىگە تولۇق يەتكەن.نىمىشكە بىز سۈيقەستچىگە ئەمەس، سۈيقەتكە ئۈچۈرىغۇچىغا ھۇجۇم قىلغانلارنىڭ ئەسلى كىملىكىگە دىققەت قىلمايمىز؟

بېلگىيەلىك تۈرك قىز ئەسما گۈن بىلەن دولقۇن ئەيسا ئوتتۇرىسىدا قىسقا ئۇچۇر 2021-يىلى 2-ئايدا يۈز بەرگەن. ئەسما گۈن نىمە ئۈچۈن بۇ ئۇچۇرنى 3 يىل ساقلاپ 2024.يىلى بۇ ئۇچۇرنى ئىستىگۈچىلەرگە تاپشۇردى؟ بىر بىرىنى ھېچ تونىمايدىغان جۇلى مىلساپ بىلەن ئەسما گۈننى كىملەر بىر قاتارغا تىزدى؟ نىمە مەقسەتتە؟ نىمىشقا بۇلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ زىيىنىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن قىلىنغان سۈيقەست بولغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يەتمەيمىز؟. مەسىلىنى توغرا چۈشۈنىپ، توغرا ئانالىز قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ۋىجدان لازىم. ۋىجدانغا ساھىپ ئەقىل لازىم.

نىمىشقا ئاللاھ، ئادەم ئۆلتۈرۈش گۇنايى بولغان مۇسانى كەچۈردى ۋە پەيغەمبەرلىككە تاللىدى؟

قۇرئاننىڭ قاسساس سۈرىسى  15. ئايەت “ مۇسا،خەلقىنىڭ دەم ئېلىشتا بولغان بىر ۋاقىتتا شەھەرگە كىردى. بىر بىرى بىلەن مۇشتلىشىۋاتقان ئىككى ئادەمنى كۆردى. بىرسى ئۆزىنىڭ قەبىلىسىدىن (ئىسرائىل نەسلىدىن)، يەنە بىرسى دۈشمەن تەرەپتىن (مىسىرلى قىپتى) ئىدى. ئۆز قەبىلىسىدىن بولغان (كىشى) مۇسادىن ياردەم ئىستىدى. مۇسا ئۇنىڭغا (قىبتىگە) بىر مۇش ئۇرۇپ ئۇنى ئۆلتۈرتۈپ قويدى.“  قۇرانى كەرىمدە، مۇسانى نىمىشكە ئاللانىڭ پەيغەمبەرلىككە تاللىغانلىقى توغرىسىدا تەپسىلى بايانلار بار. ئاللا، نىمە ئۈچۈن ئادەم ئۆلتۈرگەن بىر قاتىلنى پەيغەمبەرلىككە تاللىدى؟ قۇرئان مەزمۇنلىرىدىن تەپسىر قىلىدىغان بولساق بۇنىڭ مۇنداق سەۋەپلىرى بار. يەھۇدىلار 400 يىلدىن بېرى قۇللۇق ھاياتتا ياشايتتى. مىسىر پىرونلىرىنىڭ قۇلى ئىدى. يەھۇدى قۇللار بازاردا ئېلىپ، سېتىلاتتى، كالا، قويدەكلا ئۆلتۈرۈلەتتى. يەھۇدىلار جىسمانى جەھەتتىنلا قۇل بولۇپ قالماي، رۇھى جەھەتتىنمۇ قۇل ئىدى. ئازاتلىق، ئەركىنلىكنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. قۇللۇقنى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن قىسمەت دەپ قارايتتى. يەھۇدىلار ئارىسىدا قۇللۇقنى كۆرمىگەن، ئەركىن ۋە باياشات ياشاپ چوڭ بولغان بىرلا ئادەم بار ئىدى. ئۇ مۇسا ئىدى. پىرون، يەھۇدىلارنىڭ ئىسيان چىقىرىشىدىن ئەنسىرەپ، تۇغۇلغان قىزلار ساق قالسۇن، بىزگە قۇللۇق قىلسۇن، تۇغۇلغان ئوغۇللارنى ئۆلتۈرۈڭلار، دەپ بۇيرۇق چۈشۈرگەچكە، مۇسانىڭ ئانىسى، ئۇنى توغۇپلا، بىر سېۋەتنىڭ ئىچىگە قويۇپ نىل دەرياسىدا ئېقىتىۋەتكەن، نىل دەرياسى بويىدا سەيلە- ساياھەت قىلىۋاتقان پىرئوننىڭ ئايالى، سېۋەتنى كۆرۈپ خىزمەتچىلىرىگە سېۋەتنى ئالدۇرغان،ئىچىدىن بىر بۇۋاق چىققان. بۇ بۇۋاقنى بېقىۋالغان. مۇسا پادىشا سارىيىدا ئازات، ئەركىن، راھەت، پاراغەتتە چوڭ بولغان. بىراق مۇسا بىر قۇل يەھۇدىنىڭ تاياق يىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، بىر ئادەمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان. مۇسا جازالىنىشتىن قورقۇپ قېچىپ يۈرگەن بىر ۋاقىتتا، ئاللا ئۇنىڭ قاتىللىق گۇنايىنى كەچۈرگەن، پەيغەمبەرلىككە تاللىغان. ھەتتا، مۇساغا ئەگەشكەن يەھۇدى خەلقى، ۋەتەننى دۈشمەن بىلەن ئۇرۇشۇپ ئېلىش باسقۇچىغا كەلگەندە، يەھۇدىلار، مۇساغا، سەن، سېنىڭ ئاللاھىڭ بىلەن بېرىپ ئۇرۇش قىلىپ سېپىل دەرۋازىسىنى ئېچىپ بەر، ئۇنىڭدىن كېيىن بىز شەھەرگە كىرەيلى، دەپ مۇسا پەيغەمبەرنى رەت قىلغاندا، ئاللا، مۇسانى ”سەن بۇ خەلقنى گەپكە كىرگۈزەلمىدىڭ“ دەپ ئەيىپلىگىنى يوق، بەلكى، يەھۇدى قەۋمىنى لەنەتلىدى. 40 يىل سىنا چۆلىدە ئېزىقتۇردى. قۇللۇق روھىدىكى يەھۇدىلار ئۆلۈپ تۈگەپ، يېڭى بىر ئەۋلات يېتىشكەندە، مۇسا پەيغەمبەر يېڭى ئەۋلات قەۋمى بىلەن يۇرتىنى ئازات قىلىدى.
ئاللاھ، ئادەم ئۆلتۈرگەن مۇسانى كەچۈردى. نىمە ئۈچۈن؟ مۇسا بىر يولباشچىلىق سالاھىتىگە ئىگە ئىدى. مۇسانى كەچۈرگەن ئاللا، دولقۇن ئېسيانى ئاللا بۇرۇن كەچۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. چۈنكى، دولقۇن ئېيسانىڭ 40 يىللىق ئۆمرى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى ئازاتلىققا چىقىرىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش جەريانىدا ئۆزىنى ئىسپاتلىدى.

خىتايلار، ئىتلىرىنى، مۇشۇك ئېيىقلىرىنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرىۋاتقان بىر دەۋىردە، بىز يولۋاسلىرىمىزدىن ئەيىپ ئىزدەپ، بىر قىتئەدىن باشقا بىر قىتئەگە تېلىپۇن قىلىپ ئەيىپنامە تەييارلاشنىڭ كۇيىغا چۈشۈۋاتىمىز. بۇ خاھىشلار مىللى خاراكتىرىمىزدىكى بىزنى دۈشمەنلەر ئالدىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچۇراتقۇچى نوقسانلىرىمىزدۇر،ئەپىپىمىزدۇر. ھەقىقەتنى تونۇش، ھىمايە قىلىشنى ئۈگۈنىش ئۈچۈن 40 يىل سىنا ياكى تاكلىماكان چۆلىدە ئېزىقىپ يۈرۈشىمىز كېرەكمۇ؟

دولقۇن ئەيساغا دەيدىغان كۆڭۈل سۆزلىرىم

ھۆرمەتلىك دولقۇن ئېيسا. ئەسما گۈن بىلەن سىزنىڭ يېزىشقانلىقىڭىز ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئۇچۇرلار ھەققىدىكى خەۋەر، سىزنىلا ئەمەس، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىمۇ،سىزگە ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىغا جانى-  كۆڭۈلدىن باغلانغان، سىزنىڭ ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ بۇگۈنكى نوقتىلارغا كېلىشىدە مىھنەت سىڭدۈرۈپ كېلىۋاتقان بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ مەنىۋى جەھەتتىن ئازاپقا دۇچار بولىشىغا سەۋەپچى بولدى.“كاشكى، بۇ ئىش يۈز بەرمىگەن بولسا، دۈشمەنلەر كۈلەلمىگەن بولسا“ دىگەن ئەگەشكۈچىلىرىڭىز، دوستلىرىڭىز كۆپ. بىر تەرەپتە سىزنى ياخشى كۆرگەن ئائىلىڭىز ۋە سىزنى ئۆلگە، باشلامچى سۈپىتىدە كۆرگەن سەرخىل بىر ئۇيغۇر جامائىتى بار. مەسىلە بىر ئىستاكان سۇدا بوران چىقارغۇچىلىك دەرىجىدە بولمىسىمۇ، سىزنى ۋە ئۇيغۇر مىللى داۋاسىنى ئوپىراتقۇچىلار ئۈچۈن تېپىلماس بىر پۇرسەت تۇغدۇرۇپ بەرگەنلىگىڭىزدىن ئەپسۇسلانماي تۇرالمايمىز. شۇڭلاشقا ”ئۆچكىنىڭ ھەر كۈنى ئۇچۇق تۇرسا گەپ يوق، قوينىڭ بىر قېتىم ئېچىلىپ قالسا يامانمىكەن؟“ دىيەلمەيمىز.
سىزنىڭ يولىڭىز تۇزاقلار بىلەن تولغان يول. ھەر بىر قەدەمنى ناھىيىتى ئىھتىيات بىلەن بېسىشىڭىز كېرەك ئىدى. تۈركلەدە ”مىڭ نەسىھەتتىن بىر مۇسىبەت ئەلا“ دەيدىغان بىر ئاتا سۆزى بار. ۋەتەن، مىللەت ئۇچۈن جان پىدا دەپ يولغا چىققان بارلىق ئۇيغۇر ئاۋانگارتلارغا بۇ بىر ساۋاق بولۇپ قالغۇسى.
ئامما سىز يالغۇز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇتېيىنىڭ رەئىسىلا ئەمەس، سىز بىر لىدەر. رەئىس سايلىنىدۇ، ئامما لىدەر سايلام بىلەن ۋۇجۇتقا كەلمەيدۇ، بەلكى كۈرەشنىڭ بۇران- چاپقۇنلىرىدا يېتىلىدۇ، ئۆزىنى ئىسپاتلايدۇ. ئەڭ چوققىدىكى ئىنسان، ئەڭ خەتەرگە يېقىن ئىنساندۇر. خېيىم-خەتەر سىزگە سايىڭىزدەكلا ئەگىشىپ ماڭىدۇ.

بىر قانچە كۈندىن بىرى شۇنى ئويلاپ قالدىم،؛ دولقۇن ئەيسا ئۆمرىنىڭ 40 يىلىنى ۋەتەن، مىللەتكە بېغىشلىدى. ئەگەر 40 يىللىق ھاياتىنى، زىھنىنى، ۋاقتىنى، ئېنىرگىيەسىنى، پىداكارلىقىنى، تىرىشچانلىقىنى بىر ئاكادېمىسيەن بولۇشقا ئاتىغان بولسا ئىدى، بۇگۈن دۇنيانىڭ ئەڭ مەشھۇر ئۇنىۋېرسىتىتىدا پروفىسسور بۇلار ئىدى.ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھېچقانداق خىزمەت قىلمىسىمۇ، ئۇيغۇرلار، بىزنىڭ ئالىمىمىز دەپ ماختىشىپ كۆككە كۆتەرگەن بۇلار ئىدى. ئەگەر 40 يىللىق ئۆمرىنى تىجارەتكە ئاتىغان بولسا ئىدى، بۇگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ باي كىشىسىگە ئايلانغان بۇلاتتى.ئۆشىرە،زاكاتلىرىنى تەشكىلاتلارغا بېرىپ قويۇپ، خەيىر سۈيەر باي ئۇنۋانى بىلەن ھەممەيلەننىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ راھەت ھاياتتا ياشار ئىدى. ئامما ۋەتەن، مىللەتكە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ھاياتىنى سەرىپ قىلدى. ئاڭلاۋاتقىنى تىل، ھاقارەت، تۆھمەت، سۈيقەست… بازارنى نۇمۇسسىزلار ئىگەللىدى، نۇمۇسلۇقلار سۈكۈتتە. ئۇيغۇر مىللىتىگە خىزمەت قىلىشنىڭ مۇكاپاتى مۇشۇمىدى؟ بۇ مىللەتكە خىزمەت قىلغان ئادەمنى ”ۋاي،دات“ دېگۈزۈشكە مەجبۇرلاش ئۇيغۇرنىڭمۇ، ياكى ئۇيغۇر شەكلى بولغان خىتاينىڭ خاراكتىرىمۇ؟

يېقىنقى تارىخىمىزدا، دۆلەت رەئىسى سابىت داموللامنى بىر سەپتىكى ئۇيغۇرلار يەركەندە تۇتۇپ، ئاقسۇغا ئاپىرىپ خىتايغا تاپشۇرۇش ۋەقەسى،دۆلەت رەئىسى ئېلىخان تۆرەمنى غۇلجىدا رۇسلار تۇتۇپ سېۋىت ئىتتىپاقىغا قاچۇرىشىدا، ئېلىخان تۆرەمنىڭ قول ساتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىيانەتلىرى… ئىچىمىزدىكى جاھالەت ۋە خىيانەتنىڭ قانچىلىك ئېغىر دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. يېقىنقى 300 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر مىللىتىگە يولباشچىلىق قىلىپ بېشىغا مۇسىبەت كەلمىگەنلەر بەك ئاز.

ھۆرمەتلىك دولقۇن، سىزنىڭ بېشىڭىزغا تېخى ئۆلۈم كەلگىنى يوق. كەلگىنى پەقەتلا تىل، ھاقارەت، تۆھمەت… ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان بىر گۇرۇھ ئادەملەرنىڭ نۇمۇسسىزلارچە ھۇجۇمىدىن، ۋەتەن ، مىللەتكە بولغان سۆيگۈڭىزنىڭ ئازالمايدىغانلىقىغا، ئازاتلىق يولىدىكى كۈرەش ئىرادىڭىزنىڭ بوشاشمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
ئۆز مىللتى تەرىپىدىن ئەزىيەتكە ئۇچۇرۇغۇچىلار پەقەتلا، يولباشچىلار، لىدەرلەرلا ئەمەس. ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىمۇ ئۆز مىللىتى تەرىپىدىن ئېغىر زۇلۇملارغا ئۇچۇرىغان.سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت ئەلەيسسىلامنىڭ مەككىلىكلەر تەرىپىدىن، ھەتتا تۇققانلىرى تەرىپىدىن قانچىلكىك ئېغىر زۇلۇم ۋە ھاقارەت، تۆھمەتلەرگە ئۇچۇرىغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. پەيغەمبەردىن كېيىنكى 4 خەلىپىنىڭ 3 نەپىرى ئاللاغا ئىمان ئەتكەن مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. پەيغەمبىرىمىزنىڭ نەۋرىسى ھەزرىتى ھۈسەيىننى، بىر قولىدا قۇرئان، بىر قولىدا قېلىچ تۇتقان مەككىلىك مۇسۇلمان قاتىللار ئۆلتۈرگەن…. ھۆرمەتلىك دولقۇن ئەيسا،بىر قارا كۈچ، بىزدىكى قورقۇنچاق، قابىلىيەتسىز،نامەرت خائىن، ساتقىن، مۇناپىقلارنى، سىزنى پىتنە- پاساتقا بوغۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىش يولىدا جىددى ھەركەتلەندۈرۈلىۋاتىدۇ. نەتىجە؛ ئىت ھۈرۈر، كارۋان يۈرۈر، خالاس.
سىزنىڭ ئۇتۇقلىرىڭىز بىلەن خاتىلىقلىرىڭىزنى تارازىغا قويساق، ئۇتۇقلىرىڭىز 99% كەلسە، خاتالىقىڭىز 1%پىرسەنتكىمۇ يەتمەيدۇ.

مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. نەتىجە ئورتىغا چىقىدۇ. ئامما ئىچكى، تاشقى دۈشمەنلەرنىڭ سىزگە ۋە ئۇيغۇر مىللىتىگە بولغان ئىنتىقام چۇقانلىرى يەنىلا پەسەيمەيدۇ.
سىز، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئېغىر يۈكىنى كۆتۈرۈشتىن ۋازكېچەلمەيسىز. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى ۋە ئازاتلىققا تەشنا ئۇيغۇر مىللىتى سىزدىن ۋازكەچمەيدۇ. نىمە بەدەل كېتىشىدىن قەتئى نەزەر سىزنى دۈشمەنلەرگە ھېچ بىر زامان قۇربان قىلىپ بەرمەيمىز. سىزنى جېنى بىلەن قوغداش ئۈچۈن تەييار يۈزلىگەن، مىڭلىغان جەڭگىۋار ئۇيغۇر پىداكار بار.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى ۋەكىللىرى سىزنى نۆۋەتتىكى سايلامدا قايتا سايلىسا (ئەلبەتتە سايلايدۇ)، خەلق ئىرادىسىگە قارشى كەلمەيدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن. بۇلۇپمۇ ئىچكى، تاشقى ئۇيغۇر دۈشمەنلىرىنى قان قۇستۇرۇش، ئۇيغۇر مىللىتىگە ئىشەنچ، ئۈمىت بېغىشلاش ئۈچۈن!
2024.08. 10

Share
1208 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.