ئەڭ يېڭى خەۋەر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
ئىلى ئوبلاستى ساقچى دائىرىلىرى يېقىندا چىقارغان پاسپورت بېجىرىش بەلگىلىمىسىدە پاسپورتقا ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن ئۆزىنىڭ بارماق ئىزى، ئاۋازى ۋە DNA ئۈلگىسىنى ساقچى دائىرىلىرىگە تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. يەرلىك دائىرىلەر چارشەنبە كۈنى مەزكۇر بەلگىلىمىنى دەلىللىدى. ئەمما، بۇ بەلگىلىمە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئەندىشىگە سالغان.
ئىلى رايونىدا پاسپورتقا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئاۋازى، بارماق ئىزى، DNA سى قاتارلىق بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرىنى ئېلىش تۈزۈمى 1-ئىيۇن رەسمىي يولغا قويۇلغان. گەرچە بۇ بەلگىلىمىنى ئىلى ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسىنىڭ تورىدا ئۇچراتمىغان بولساقمۇ، ئەمما يەرلىك ئاخباراتلاردا خەۋەر قىلىندى.
ئىلى ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ ئورگان ئەپكارى-«ئىلى گېزىتى» نىڭ يېقىندا تارتقان خەۋىرىدە، چەتئەلگە چىقىش ئۈچۈن پاسپورتقا ئىلتىماس سۇنغان ياكى تەيۋەنگە بېرىش، خوڭكوڭ، ئاۋمېننى ساياھەت قىلىش يول خېتى تەلەپ قىلغان ھەر قانداق كىشىنىڭ بارماق ئىزىدىن باشقا، ئاۋازى ۋە DNA ئۈلگىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەكلىكىنى، بۇنى تاپشۇرمىغانلارغا پاسپورت ۋە يول خېتى ئىشلەپ بېرىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، پاسپورتقا ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۆزى تۇرۇشلۇق رايوندىكى ساقچى پونكىتىغا بېرىپ، ئاۋازى، بارماق ئىزى، قان ئۈلگىسىنى تاپشۇرغاندىلا پاسپورت باشقارمىسى ئاندىن كىشىلەرنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىدىكەن.
ئىلىنىڭ مەلۇم ناھىيەسىدىكى بىر ساقچى پونكىتىنىڭ خادىمى چارشەنبە كۈنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ DNA ئۈلگىسى تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى دەلىللىدى.
ساقچى: «DNA دېگەننى ئۆزىمىز تەكشۈرىمىز بۇ يەردە، مۇشۇ ساقچىخانىدا، قان ئالىمىز مۇنداق. بارماق ئىزىنى ئالىدىغۇ ‹جۇۋېن سەيجى› دەپ. ئاۋاز ئالىدىغان ئىش بار. سۈرەتنى ئالىمىز. ئۇنىڭدىن كېيىن ئازراق قان ئېلىپ، مۇنداق قەغەزدەك نەرسىگە تېمىتىمىز. DNA دېگەن ئاشۇ قان. جۇ ۋېن سەيجى، بارماق ئىزىنى ئالدۇرۇپ، شۇلارنىڭ ھەممىسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، پاسپورت بېجىرىدىغان ئورۇنغا بېرىپ ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ» دېدى.
يۇقىرىقى ساقچى يەنە بۇ بەلگىلىمە بارلىق مىللەتلەرگە ئوخشاش يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئاشۇنى پۈتتۈرمىسە پاسپورت بېجىرەلمەيدۇ» دەپ كۆرسەتتى.
ساقچى: «بۇنىڭغا ئامال يوق، بۇ پاسپورت ئىشلىتىدىغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسىگە بار. بۇ قايسى مىللەت بولسا ئوخشاش، ھەممىسىگە بىردەك يولغا قويۇلىدۇ. ئاشۇنى پۈتتۈرمىسە، پاسپورت بېجىرەلمەيدۇ. ھەر قانداق دۆلەتكە بارسىڭىز ئاشۇنداق.» دېدى.
بۇ تۈزۈمنىڭ ئىلى رايونىدىلا يولغا قويۇلغان يەرلىك بەلگىلىمە ئىكەنلىكى ياكى ئۇنىڭ ئاپتونوم رايوندىكى باشقا ۋىلايەت، ناھىيەلەردە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى ھازىر مەلۇم ئەمەس. قەشقەر ۋىلايىتىدىكى مەلۇم بىر ساقچى پونكىتىنىڭ خادىمى، ئۆزىنىڭ تەۋەلىكىدىكى رايوندا پاسپورتقا بارماق ئىزى تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى، ئەمما قان ئۆرنىكى ئېلىش تەلەپ قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ، پاسپورتقا قان ئۆرنىكى ئېلىنىدىغانلىقىنى «مەن ئۇقمايدىكەنمەن» دەپ كۆرسەتتى.
ساقچى: «بارماق ئىزى تەكشۈرۈپ، قان تەكشۈرتمەيدۇ. ساقچى پونكىتىنىڭ ئۆزىدە ئالىدۇ، بارماق ئىزىنى. ئانى مەن ئېنىق ئۇقمايدىكەنمەن. قان ئېلىشنى ناھىيەدىن ئورۇنلاشتۇرامدىكىن تەكشۈرىدىغان-تەكشۈرمەيدىغانلىقىنى. DNA نى ئەمەس، بارماق ئىزىنى ساقچىخانىدا ئالىدۇ. DNA نى ئەتە ساقچىخانىغا كەلسىڭىز، بارماق ئىزى ئالامدۇ، DNA ئالامدۇ، نېمە ئالىدۇ؟ باشلىق دەپ بەرسۇن» دېدى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا پاسپورت ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، ئۇيغۇرلارغا پاسپورت بېجىرىشنى ئاسانلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ج خ نازارىتىنىڭ ئەينى چاغدىكى ئۇقتۇرۇشىدا، رايوندىكى بارلىق پۇقرالارغا بىردەك پاسپورت سىياسىتى يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى، بەزى رەسمىيەتلەرنىڭ قىسقارتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئەمما ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا بۇ سىياسەتنى تولۇق ئىجرا قىلىشى گۇمانلىق، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ قېتىم ئىلى ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسىنىڭ يۇقىرىقى بەلگىلىمىنى چىقىرىشى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى بىئارام قىلدى. چارشەنبە كۈنى، د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى پاسپورت ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ DNA سىنى تەلەپ قىلىش شەخسى بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرىنىڭ مەخپىيەتلىكىگە خىلاپ، دەپ كۆرسەتتى.
ئۈمىد ئاگاھى: «بارماق ئىزىنى ئېلىش خەلقئارا قانۇنلاردا يولغا قويۇلغان بىر نەرسە. ئۇ پاسپورت ئېلىش، چەتئەلگە چىقىپ -كىرىش، چېگرادىن ئۆتۈش دېگەنلەردە بولۇپ تۇرىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ DNA نى ئېلىش، ئاۋازىنى ئېلىش دېگەن گەپ، ئۇ ئىنساننىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى تەرز قىلغانلىق. ئۇ ئىشپىيونلۇق بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئىچكى مەخپىيەتلىكىنى كونترول قىلىۋالغانلىق. بۇنى ھەرگىزمۇ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە باغلاپ قاراشقا بولمايدۇ. شۇڭلاشقا بۇنى ھەرگىز ‹نورمال ھادىسە› دەپ قارىمايمىز. بۇنىڭغا بىز پۈتۈنلەي قارشى، ئەسلى بۇ ئىنساننىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىدىغان بىر ئىش بۇ» دەپ كۆرسەتتى.
ئۈمىد ئاگاھىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە ئەمەل قىلمايدىغان بىر دۆلەت بولغاچقا، ئۇنىڭ DNA ئۈلگىسىنى قانداق مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلىقىنى نازارەت قىلىش قىيىنكەن.
ئۇ، شۇڭا بۇ بەلگىلىمە «ئادەمدە ۋەھىمە پەيدا قىلىدۇ،» دېدى.
ئۈمىد ئاگاھى: «بۇ ئىنساندا ۋەھىمە قوزغايدىغان ناھايىتى خەتەرلىك بىر نەرسە. چۈنكى، دۇنيا DNA دىن پايدىلىنىپ بىئولوگىيەلىك نەرسىلەرنى ئىشلەپچىقىرىشقا قارشى. خىتاي دېگەن ئۇ تەبىئىيلىككە قارشى، دىنسىز بىر ھۆكۈمەت بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىنسانىي شەپقەت بولمىغان بىر ھۆكۈمەت بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئىنسانلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قولغا چۈشۈرۈۋالسا، ئىنتايىن خەتەرلىك. بۇنىڭدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغان بىر مەسىلە بۇ» دەپ كۆرسەتتى.
ئىلى ئوبلاستى ئۇيغۇر ئىلىنىڭ مىللەتلەر ئەڭ كۆپ ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونى. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ستاتىستىكىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پۈتۈن ئىلى ئوبلاستىنىڭ ھازىرقى ئومۇمىي نوپۇسى 3 مىليون بولۇپ، ئۇنىڭ 6.25 پىرسەنتىنى ئۇيغۇرلار، 1.21 پىرسەنتىنى قازاقلار، 36% نى خىتاي كۆچمەنلەر تەشكىل قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئىلى ئوبلاستىدا ئۇيغۇرلارغا پاسپورت بېجىرىشىنى قاتتىق كونترول قىلىپ كەلگەن. ئۇ 2014-يىلى ئاران 20 مىڭ پاسپورت بېجىرگەن. ئەمما 2015-يىلى 8-ئايدا پاسپورت بېجىرىش رەسمىيىتى قىسقارتىلغاچقا، ئۆتكەن يىلى 100 مىڭ ئادەم پاسپورت ئالغان. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىلى ئوبلاستى بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 4 ئېيىدا 67 مىڭ پاسپورت بېجىرگەن
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/dna-pasport-06082016144358.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.