ئەڭ يېڭى خەۋەر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
ېڭى چاغ گېزىتى (Yeniçağ Gazetesi)
ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن (Ahmet B. ERCİLASUN)
2018- يىلى 30- سىنتەبىر
تەرجىمىدە: ئارمان
ئاۋۋال پەيغەمبەرلەر تارىخىدا ئۆتكەن بىر قىسسەنى ئەسلەپ ئۆتەيلى.
فىرئەۋنلەر دەۋرىدە بەنى ئىسرائىل مىسىردا ئىدى. پىرامىدارلارنىڭ قۇرۇلۇشىدا ناچار شارائىتلاردا ئىشقا سېلىناتتى. تۈرلۈك قىيىن – قىستاقلارغا ئۇچراپ، ئازاب ۋە ئىزتىراپ چېكىۋاتاتتى.
شۇ دەۋردىكى پرئەۋن بىر چۈش كۆرىدۇ. قۇددۇستىن بىر يالقۇن چىقىپ، پۈتۈن مىسىر خەلقىنى كۆيدۈرىدۇ. پەقەت بەنى ئىسرائىللا ئامان قالىدۇ. فىرئەۋن ۋەھىمە ئىچىدە ئويغىنىدۇ ۋە چۈش تەبىرچىلىرىنى چاقىرتىدۇ. چۈشنىڭ تەبىرى ھېچ ياخشىلىقتىن دېرەك بەرمەيتتى. تەبىرچىلەر مۇنداق دەيدۇ:
”بۇ كۈنلەردە بەنى ئىسرائىلدىن بىر ئوغۇل توغۇلىدۇ ۋە سېنىڭ سەلتەنىتىڭگە خاتىمە بېرىدۇ.“
پەرئەۋن ئەسلىدىنلا زالىم بىر كىشى ئىدى. شۇ ھامان يارلىق چۈشۈرىدۇ: ”بۇ يىللاردا بەنى ئىسرائىلدا توغۇلغان بارلىق ئوغۇل بالىلار ئۆلتۈرۈلسۇن!“
بوۋاقلار ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلىدۇ. مۇسۇ ئەلەيھىسسالاممۇ ئۇ يىللاردا توغۇلىدۇ. بىچارە ئانا بوۋىقىنى ئۆلتۈرۈلمىسۇن دەپ بىر ساندۇققا قاچىلايدۇ ۋە نىل دەرياسىغا قويۇپ بېرىدۇ. سۇ بوۋاقنى پىرئەۋننىڭ سارىيىغا ئېلىپ كىرىدۇ. پىرئەۋننىڭ ئايالى ئاسىيە ساندۇقنى كۆرىدۇ ۋە سۈزۈپ ئالغۇزىدۇ. بالىنى بېقىۋالىدۇ.
ھېكايىنى ئۇزارتىشنىڭ ھاجىتى يوق. مۇسا پىرئەۋننىڭ سارىيىدا ئۆسىدۇ. مىسىردىن چىقىدۇ. تۇر تېغىدا ئۆزىگە پەيغەمبەرلىك بېرىلىدۇ. مىسىرغا قايتىدۇ. دىنىنى تارقىتىشقا باشلايدۇ. پىرئەۋن ۋە ئادەملىرى قەتئىي ئىمان ئېيتمايدۇ. مىسىرنىڭ بېشىغا بىر قاتار پالاكەتلەر كېلىدۇ. قۇرغاقلىق، چېكەتكە ئاپىتى، پاقا ئاپىتى…
نىھايەت پىرئەۋن مۇسانىڭ قەۋمىنى ئېلىپ مىسىردىن چىقىپ كېتىشىگە يول قويىدۇ. رۇخسەت قىلىدۇ-يۇ لېكىن ئارقىسىدىن قوشۇنلىرىنى باشلاپ كېلىدۇ. ھەزرىتى مۇسانىڭ مۆجىزىلىك ھاسىسى بىلەن نىل دەرياسى بۆلۈنىدۇ. بەنى ئىسرائىل دەريادىن ئۆتىدۇ. ئۇلارنى قوغلاپ كەلگەن پىرئەۋن ۋە ئادەملىرى دەريانىڭ توساتتىن قوشۇلۇپ كېتىشى بىلەن يوق بولىدۇ…
ۋەقە، قۇرئان كەرىمنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئايەتلىرىدىمۇ بار. تەپسىرلەر ۋە پەيغەمبەرلەر قىسسەلىرىگە ئائىت كىتابلاردا تۈرلۈك ۋارىيانتلىرى بار. ئەمما قىسسەنىڭ ئەسلىسى بۇ.
يېقىندا يەنە مىللىي چۈشەنچە مەركىزىدە بولۇپ قالدىم. ئۇيغۇر تۈركلىرىدىن دوتسېنت، دوكتۇر ئەركىن ئەمەت شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەۋاتاتتى. يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ، تۈرمىگە تاشلانغان زىيالىيلارنىڭ، يازغۇچى ۋە سەنئەتچىلەرنىڭ رەسىملىرى بىلەن.
خىتايدىكى يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرائاتلىرىنى ھەيرانلىق ئىچىدە ئاڭلاۋاتاتتۇق. باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپ ئۇيغۇرچە مائارىپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. بۇ دۇنياغا قوش تىللىق مائارىپ دەپ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان. قوشماق تۇغقان سىياسىتى ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدە بىر خىتاي ئەر بولۇشى كېرەك ئىدى. كېچە-كۈندۈز ئائىلىدە تۇرۇشى لازىم ئىدى. بىر باھالاش كارتىسى ئىجاد قىلىنغان بولۇپ، ھەممە ئادەمگە نومۇر قويۇلاتتى. پالان دۆلەتلەرگە بارغانلاردىن 10 نومۇر تارتىلىدۇ، پالان ئىشنى قىلغانلاردىن 10 نومۇر تارتىلىدۇ، پۇكۇن ئىشنى قىلغانلاردىن 10 نومۇر تارتىلىدۇ. ئەركىن ئەمەت ھەم ئېكراندا كۆرسىتەتتى ھەم سانايتتى. 1980 ۋە 1990- يىللاردا توغۇلغانلاردىن 10 نومۇر تارتىلاتتى.
ئۆزەمنى تۇتالمىدىم، ئۈنلۈك ئاۋازدا شۇنداق دەپ سالدىم: ”دېمەككى، خىتاي پىرئەۋنىنىڭ سەلتەنىتىگە خاتىمە بېرىدىغان مۇسا مۇشۇ بالىلار ئارىسىدىن چىقىدۇ!“
لاگېرلارغا دەسلەپتە قامالغانلار 1980 ۋە 1990- يىللاردا توغۇلغانلاردۇر. بىر ئازدىن كېيىن ئەركىن ئەمەت بۇ مەزگىللەردە توغۇلۇشنىڭ نېمە ئۈچۈن 10 نومۇر تارتىلىشقا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى.
ماۋدىن كېيىنكى قسىمەن ئەركىن بولغان يىللاردا، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز بالىلىرى بىر ئاز بولسىمۇ ئۆز مىللىي ۋە دىنىي قىممەت قاراشلىرىنى ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. مەسچىتلەر ئېچىلىدۇ. مەھمۇد قەشقەرىنىڭ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ، نەۋائىنىڭ ئەسەرلىرى نەشىر قىلىنىدۇ. بالىلار تارىخىنى ۋە مىللىي ئەدەبىياتىنى ئۆگىنىدۇ. 1980 ۋە 1990- يىللىرى توغۇلغان بالىلارنىڭ ئۆسۈپ – يېتىلگەن دەۋرى بۇ ئەركىن زامانلارغا توغرا كېلىدۇ.
ئۆيگە قايتىپ قارىدىم. ھەقىقەتەن ئۇيغۇرلار نەشىر قىلغان قۇتادغۇبىلىك ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى مۇشۇ يىللاردا بېسىلغان ئىدى.
ئۆمۈر بويى دۆلەت رەئىسى بولۇشىغا يول ئېچىلغان شى جىنپىڭنىڭ ھەممە يەردە رەسىملىرى بار ئىكەن. رەسىملەرنىڭ يېنىدىن ئۆتكەنلەر ”تۈمەن مىڭ يىل ياشا شى جىنپىڭ!“ دەپ ۋارقىرىشى كېرەكمىش. بىر ئۆمۈر رەئىسلىك، يەنە كېلىپ تۈمەن مىڭ يىل… گەرچە ئون مىڭ يىل خىتاي ئەنئەنىسىدە سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە بولسىمۇ. شۇنداقتىمۇ ناھايتى ئۇزۇن ئۆمۈرنى ۋە ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ئۇنۇتۇلماسلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
شى جىنپىڭنىڭ چۈش كۆرگەن ياكى كۆرمىگەنلىكىنى بىلمەيمەن، لېكىن مېنىڭچە ئۆز مۇسارىنى تەييارلىغىنى مۇھەققەق.
http://turkistantimes.com/uy/news-3513.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.