logo

trugen jacn

يىگىرمە بىرىنچى ئەسىردىمۇ قۇرئاننىڭ روھىنى چۈشۈنەلمەسلىك بىزنىڭ مىللىي قىسمىتىمىزمۇ؟

 

مەھمەتىمىن ھەزرەت
بۇ ئۇلۇغ رامىزان كۈنلىرىدە بىر دوستۇم بىر ئۇيغۇرنىڭ ئاممىۋىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا چىققان “ ساقال قويمىغانلارنىڭ ئۆزى كاپىر، خوتۇنى تالاق” دەپ يازغان بىر گىپىنى ماڭا يوللاپ قويۇپتۇ. ئويلاپ قالدىم ؛ دىن بۇنچىۋالامۇئاددىيمۇ؟” تۇڭگانلارنىڭ كۆپۈنچىسىگە ساقال چىقمايدۇ. بۇ ئىرىتسىيەلىك بىر ئەھۋال. مالاشىيا، ھىندىنوزىيەدىكى كۆپ سانلىق مۇسۇلمانلارغىمۇ ساقال چىقمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى “ ئۆزى كاپىر، خوتۇنى تالاق” مۇ؟ ئۇلارنى ساقالسىز ياراتقان ئاللاھ ئەمەسمۇ؟

مەن ئۈرۈمچىدىن تۈركىيەگە كەتمەك ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقان كۈنلرنىڭ بىرىدە، يۇرتۇمدىن بىر تونۇشۇم ئۆيگە كىرىپ كەلدى. ئو، تونۇشۇم يۇرتتا قۇرۇلۇش ماتىرياللىرى سېتىپ باي بولغان بىرسى ئىدى. بۇ كىشى بىر ئىھتىياج بىلەن ماڭا كەپتۇ. بۇ ئاق كۆڭۈل ئادەم ماڭا مۇنداق بىر ھىكەيە سۆزلەپ بەردى؛ “ 60 ياشتىن ئاشقان ھاجىم بىر يېقىنى باركەن.ھاجىممۇ باي ئىكەن. ئۈرۈمچىدە خىتايلار ئاچقان پاشىخانىلاردا كۆڭۈل ئېچىپ بارغان بايۋەتچىلەر،ھاجىمغا ياش خىتاي قىزلىرىدىن ئالغان جىنسى زوقى توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرگەنمىش. ھاجىم ئۈرۈمچىنى بىلمىگەچكە، بۇ كىشىنىڭ چىقىملىرىنى تۈلەيدىغان بولۇپ ئۈرۈمچىگە بىللە بېرىپ كىلىشكە قايىل قىلىپتۇ. بۇ كىشى، ھاجىمنى دىگەن يىرىگە ئاپىرىپ قۇيۇپتۇ. ئەتىسى ئەتتىگەن ھاجىمنى ئالغىلى بارسا،ھاجىمنىڭ پۇتى سۇنۇق ۋايجان توۋلاپ يېتىپتۇ. پاشىخانىنىڭ خىتاي خۇجايىنى “بۇ ئادەمنى دەرھال ئېلىپ كەتمىسەڭ ساقچى چاقىرىمەن” دەپ پوپۇزا قىلىپتۇ. ھاجىمىنىڭ دىيىشىچە، ئەتتىگەندە پاشىخانىدىن چقىش ئالدىدا، ھاجىم غۇسلى قىلىپ چىقىمەن، دەپ تۇرىۋاپتۇ. خىتايلار، سەن بىزگە مۇنچا پۇلى تۈلىمىدىڭ، باشقا يەردە يۇيۇن” دەپتۇ. شۇنداق قىلىپ خىتاي تىلى بىلمىگەن ھاجىم بىلەن، ئۇيغۇر تىلى بىلمىگەن خىتاي خۇجايىن جىدەللىشىپ قاپتۇ. جۇنۇپ تالاغا چىقىرىلىشتىن قاتتىق غەزەپلەنگەن ھاجىم، خىتاينىڭ ياقىسىغا ئەسىلىپتۇ، خىتاي بىر سىلكىپ ھاجىمنى يەرگە يىقىتىپتۇ. ھاجىمنىڭ پۇتى سۇنۇپ كىتىپتۇ. خەخكە رەزىل بۇلۇشتىن قورققان ھاجىم، شىكەيەتچى بولماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ تونىشىمىز، ھاجىمنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ بالىنىستا ياتقۇزۇپ بۇتىنى تاڭدۇرۇپ قۇيۇپتۇ. ئامما،ھاجىم پۇتى ساقايغۇچە بالنىستا يېتىشقا مەجبۇر بولغاچقا بىزنىڭ بۇ تونۇشىمىز “مىنىڭ يۇتتا ئىشىم كۆپ. ئۈرۈمچىدە قالالمايمەن. ھاجىمنى دوختۇرخانىدا باقىدىغان بىر ئادەم تېپىشقا ياردەملەشكەن بولسىلا.” دەپ كەلگەن ئىكەن. ھاجىمنى باقىدىغان ئادەممۇ تەپىلدى. ئامما بىللە ھەج قىلغان ئايالى ۋە بۇ ئايالىدىن 3 قىز، 2 ئوغلى بولغان، نەۋرىلىرى بولغان، ھاتتا يۇرتتا خېلى يۈز- ئابرويى بولغان بۇ ھاجىمنىڭ پاشىخانىغا كىرىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلگەنىگىمۇ مىنى ھەيران قالدۇرمىدى. مىنى ھەيران قالدۇرغىنى، “غۇسلى قىلماستىن جۇنۇپ ھالدا تالاغا چىقسام بولمايدۇ” دەپ تۇرىۋالغانلىغى بولدى. گۇياكى، پاھىشىلىك گۇناھ ئەمەس، زىنادىن كېيىن غۇسلى قىلماسلىق چوڭ گۇنا

بىزدىكى بەزى دىن چۈشەنچىسىنىڭ يىتەرسىزلىگىنى ئىستانبۇلغا كىلىپمۇ كۆردۈم

تۈركىيەدە مەكتەپلەر يازلىق تەتىلگە كىرىشى بىلەن، دىيانەت ئىشلىرى (دىنى ئىشلار) ئىدارىسى يازلىق قۇرئان كۇرسلىرى ئۈچۈن 120 مىڭ دىن ئوقۇتقۇچىسىنى ۋەزىپىلەندۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.ئۇنىڭدىن باشقا تۈركىيەدىكى 85 مىڭ جامىنىڭ ھەممىسىدە يازلىق قۇرئان كۇرسلىرى بار. ھەر قېتىملىق يازلىق تەتىلدە 1.5 مىليون ئەتىراپىدا باشلانغۇچ ۋە ئورتا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قۇرئان كۇرسىدا دىنىي تەلىم- تەربىيە دەرسى ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. تۈركىيەدە دىندار،تەقۋادار ئىنسانلار بەك كۆپ. ئامما، ھەممەيلەن بالىلىرىنى پەننى مەكتەپتە ئوقۇتىدۇ. يازلىق تەتىلدە قۇرئان كۇرسلىرىغا ئەۋەتىپ، دىنى تەربىيە ئېلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. تۈركىيەدە “ئىمام خاتىپ مەكتەپلىرى” دەيدىغان تولۇق ئورتا مەكتەپلىرى بار. بۇ مەكتەپلەردە يەنىلا پەننى دەرس ئاساس، دىنى دەرس قۇشۇمچە ئوقۇتۇلىدۇ

مەن تۈركلەر ئارىسىدا “بالامنى پەننى مەكتەپكە بەرمەيمەن” دېگەن ئادەمنى ئۇچۇرتۇپ باقمىدىم. ئامما، دۇنيانىڭ ئەڭ مۇھىم مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرسى بولغان ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىچىدە “مەن بالامنى دىنى مەكتەپتە ئوقۇتىمەن، كاپىرلارنىڭ پەننى مەكتىپىگە بەرمەيمەن” دېگەن كىشىلەرنى ئۇچۇراتتىم

تۈركىيەدە 14 يىلدىن بىرى ھاكىمىيەت تۇتۇپ كەلگەن “ئادالەت،تەرەققىيات پارتىسى” دىندار كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان بىر پارتىيە. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بالىلىرىنى پەننى مەكتەپتە ئوقۇتىدۇ. تۈركىيەدىكى مەكتەپلەر كاپىرنىڭ مەكتىپى ئەمەس. يېقىندا ، ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ مىسىر ۋە تۈركىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار ئەھۋالى توغرۇلۇق يازغان بىر قانچە ماقالىسىنى ئوقۇپ چوڭقۇر ئويغا چۆمۈپ قالدىم. ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ “باغداش تورى” دا ئېلان قىلىنغان “ شانلىق يول ۋە خارلىق يولى” دېگەن ماقالىسىنىڭ تۇنجى ئابزاسى مۇنداق باشلىنىدۇ؛ “سېنتەبىر ئايلىرىدا بولسا كېرەك تۈركىيەدىكى بىر مىنىستىرلىقتا ئىشلەيدىغان فەرىددۇن ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇ كىشىنىڭ ئېيتىشىچە ئىستانبۇلدا پۈتۈنلەي دىن ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ سانى كۈنسىرى كۆپەيگىلى تۇرۇپتۇ. ئىككى يىلدىن بېرى تۈركىيەگە كۆچمەن بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلىرىنى مەكتەپكە بەرمەستىن خاس دىن ئىلىملىرىلا ئوقۇتۇلىدىغان مەدرىسىلەرگە بېرىشى دا’ئىرىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن مەسىلىنىڭ ئىچ يۈزىنى بىلىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى ئوقۇغۇچىسى ئەڭ كۆپ بولغان بىر مەدرىسنى زىيارەت قىلدىم ۋە شۇ يەردە ئىشلەيدىغان بىر ئىنىمىز بىلەن تەپسىلى سۆھبەتلەشتىم. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ 60 پىرسەنتى مەكتەپكە بارماستىن مەخسۇس دىن ئۆگىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار بولۇپ ئانا تىل ئۆتۈلمەيدىكەن. كېيىن مىسىردا بالىلىرىنى دىندا ئوقۇتۇپ قايتىپ كەلگەن كىشىلەر بىلەن ئۇچراشتىم ۋە ئۇلاردىن 3000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر پەرزەنتنىڭ دىندا ئوقۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. ئەلۋەتتە ئۇلارغىمۇ ئۇيغۇرچە ئۆتۈلمەيدىكەن.” بۇ مەلۇماتلار، ئىسلام دىنى بىلەن بۇ دۇنيانىڭ، قۇرانى- كەرىم ئىلمى بىلەن پەننى بىلىملەرنىڭ مۇناسىتىتىنى قارمۇ- قارشى قىلىپ تۇرۇپ چۈشىنىشنىڭ نەتىجىسى بولىشى مۇمكىن. بۇ توغرۇلۇق مىنىڭمۇ بەزى تەسىراتلىرىم ئىسىمگە كەلدى

مەن تۈركىيەگە كېلىپ يەرلەشكىلى 28 يىل بولدى. بالىلىرىم باشلانغۇچ مەكتەپنى تۈركىيەدە باشلىدى. ئوغلۇم مەكتەپكە بارغان تۇنجى ھەپتىسىلا، ئوقۇشتىن زېرىككەندەك ئىدى. “دادا ئاغىنىلىرىمنىڭ ھىچ بىرى مەكتەپكە كەلمەپتۇ. ئۇلارنىڭ دادىلىرىغا دېگىن، دوستلىرىم مەكتەپكە كەلسۇن” دەپ يالۋاردى. بىز ئىستانبۇلغا كېلىپ 4 ئايدىن كېيىن مەكتەپلەردە دەرس باشلانغان ئىدى. مەھەللىدىكى ئۇيغۇر خوشنىلىرىمىزدىن 3 بالا بىلەن دوست بولۇپ قالغان ئىكەن. بىرسى بىزنىڭ بىنادا ئولتۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ دادىسى بىلەن سۆزلەشتىم. دادىسى “ئەپەندىم، مەن مەكتەپ ئوقۇمىغان. بۇ بالىنىڭ 2 ئاكىسىمۇ ئوقۇمىدى. بۇمۇ ئوقۇمايمەن،دەيدۇ.” دېدى. ئۇ ھەمشەرىمىزنىڭ ئايالى ئۆلۈپ كەتتى، كېيىن ئۆزى ئۆيلەندى. بالىلىرى ئۆيىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىپتۇ. مەنمۇ ئۇ مەھەللىدىن بۇرۇنلا كۆچۈپ كەتكەنتىم. ئۇ 3 بالىنىڭ ئەڭ چوڭى مافياغا ئەگىشىپ قالغان ئىكەن.تۇرمىغا كىرىپ قاپتۇ، ئىككىنجىسى بىر ئادەمنى ئېتىپ تاشلاپ ئۇمۇ تۇرمىغا كىرىپ قاپتۇ. كىچىگىمۇ كېيىن بىر جىنايەت بىلەن تۇرمىغا كىرىپتۇ. چوڭ ئاكىسى كېيىن تۇرمىدىن چىقىپ،مافيادىن قۇل ئۈزۈپ ،تەقۋا يولغا ماڭغانمىش، ئورتا ئوغۇل تۈرمىدا بىرسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپتۇ. كىچىگىنى تۇرمىدا دەپ ئاڭلىغان ئىدىم.يېقىنقى ئەھۋالىدىن خەۋىرىم يوق.
ئوغلۇمنىڭ يەنە بىر دوستىنىڭ ئۆيىگە باردىم. دادىسى “ مەن بالامنى كاپىرلارنىڭ مەتىۋىدە ئوقۇتمايمەن. شۇڭا قۇرئان كۇرسىغا بەردىم. دىندا ئوقۇيدۇ” دىدى. كېيىن ئاڭلىسام، قۇران كۇرسىدا ياتاق،تاماق، كىيىم- كىچەكنى ھەقسىز بىرىدىكەن. شۇڭا “چىقىمسىز يەردە ئوقۇتقان ياخشى ئەمەسمۇ.” دەپ يۇرۇپتۇ. ھازىر ئۇ بالا، بىرسىنىڭ ئىش يىرىدە ھامماللىققا ئوخشاش ئېغىر جىسمانى ئىشلارنى قىلىپ يالغۇز قالغان ئانىسىنى بېقىۋېتىپتۇ
يەنە بىر دوستىنىڭ دادىسى بىلەن كۆرۈشتۈم. بۇ كىشى سەمىمى،دوست جانلى، مېھماندوست ياخشى بىر كىشى ئىدى.ئۇ، “مەن پەننى مەكتەپتە ھىچ ئوقۇمىغان. قارىلىقتا بىر قانچە يىل ئوقۇغان. شۇڭا خەق مىنى قارى دەيدۇ. مەن ئوقۇتاي دېدىم،ئامما بالا ئوقۇمايمەن،دەپ تۇرىۋالدى. شۇڭا قۇرئان كۇرسىغا بەردىم. دىندا ئوقۇپ ياخشى ئادەم بولسۇن.” دېدى. يېقىندا ئاڭلىسام، ئۇ بالا چوڭ بولۇپ،ئۆيلىنىپ، ئايالىنى 2 بالىسى بىلەن قويۇۋېتىپتۇ. ئۆزى بىر جامىنىڭ كىچە كۈزەتكۈچىلىگىنى قىلىدىكەن. تۇرىدىغان يىرى بولمىغاچقا جامىدا قالىدىكەن. داسىسى بۇرۇنلا ۋافات بولدى. ئانىسى يەنە ئىككى قىزىنى باقىدۇ. بۇ بالا، پات- پات بىچارە ئانىسىنى تېپىپ “دادامدىن قالغان پۇللارنى بەر.” دەپ ئازارلايدىكەن. ئانىسىنىڭ كۆزلىرىدىن يامغۇردەك ياش تۆكۈلىدۇ.

سىنىپتا ئۇيغۇر دوستى بولمىغان ئوغلۇم ئاستا- ئاستا مەكتەپكە ئۈگۈنۈپ قالدى. ھەر يازلىق تەتىلدە قىز ۋە ئوغلۇمنى مەھەللىدىكى جامىنىڭ قۇرئان كۇرسىغا ئاپىرىپ بەردىم. قىزىم ھەر يىلى تەقدىرنامە ئالدى ۋە ئىمامنىڭ ئىمزالىق قۇرئان ھەدىيەسىگە ئېرىشىپ كەلدى. باشلانغۇچنىڭ 4 . سىنىپىغا كەلگەندە، قۇرئاننى راۋان قىرائەت قىلىپ بىزنى بەك سۆيۈندۈردى. ئوغلۇم ناماز سۈرەلىرىنى ئۆگەنگەن بولسىمۇ، قۇرئان ئوقۇشتا قىز قېرىندىشىدەك مۇۋپپەقىيەتلىك ئەمەستى. چوڭ بۇلۇپ تۇلۇق ئورتىغا چىققاندىن كىيىن تەتىللەردە ئۆزلىگىدىن قۇرئان كۇرسلىرىغا كەتتى ۋە ئائىلىدە ھەممىمىزدىن بەك تەقۋادار مۇسۇلمان بولدى. 2 يىل بۇرۇن ئانىسىنى ئېلىپ ھەج قىلىپ كەلدى. كىچىكىدىن باشلاپ ھېچبىر رامزاندا بىر كۈنمۇ (ھەتتا ئېغىر كىسەل بولسىمۇ) روزىنى قازا قىلماي كەلمەكتە. پەندە بولسا قىزىم تۈركىيەدە ئۇنىۋىئەرسىتىت پۈتتۈردى. ئوغلۇم ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرۈپ ئامېرىكىدا ماستىرلىق ئوقۇدى. ئوغلۇم، ئىستانبۇلدا ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇۋاتقاندا ئېلىكتىرونىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر دۇكان ئېچىپ ھەم ئوقىدى،ھەم تىجارەت بىلەن ئائىلىمىزگە بۈيۈك ماددى ياردەم قىلدى. ئامېرىكىغا ئۆز پۇلى بىلەن كېتىپ، ئۇ يەردىمۇ ھەم ئىشلىدى،ھەم ئوقۇدى. ئايپۇن (ئالما) تېلىپون يىڭى چىقىشى بىلەن ئايپىل شىركىتى بىلەن كۆرۈشۈپ، تەلىپۇنلارنى توپتىن ئېلىپ، تۈركىيەگە دۇبەيگە ۋە باشقا ئەركىن تىكارەت رايونلىرىغا كۆپ مىقداردا تېلېفون سېتىپ، ئارقا- ئارقىدىن بىزگە پۇل ئەۋەتىپ تۇردى. “ئانام بازارلاردا مال ساتىدىغان ئىشنى تۇختاتسۇن.قىز قېرىندىشىم ئۇنىۋېرسىتېتنى تۈگەتكەنگە قەدەر ئوقۇسۇن. ئۆي ئېلىڭلار.ئاللا بىزنى خار قىلمايدۇ” دەپ كۆڭلىمىزنى كۆتۈرۈپ تۇردى

ئامېرىكىدىن قايتىپ كېلىپ قىز قېرىندىشى بىلەن بىللە شىركەت قۇرۇدى، فابرىكا ئاچتى. بۈگۈن يالغۇز تۈرك شىركەتلىرى بىلەنلا ئەمەس، تۈركىيەدىكى چەتئەللىك شىركەتلەر بىلەنمۇ رىقابەت قىلىپ ئىلگىرىلەپ كېتىۋاتىدۇ.ئىستانوكلارنىڭ، روبوت ( ماشىنا ئادەم)لەرنىڭ قۇرۇلمىسى، تېخنىكىلىق بىلگىلىرى توغرۇلۇق تېخنىك ئىشچىلارنى ئۆزى تەربىيلەپ ،يېتىشتۈرىدۇ. ئىستانوك، روبوتلارنىڭ ئىلىكتىرلىك مېڭىسىدىن چاتاق چىقسا، چەتئەللىك تېخنىك چاقىرمايدۇ، بەلكى ئۆزى تۈزەيدۇ، تۈزىيەلمىگەندە ياپونىيە، گېرمانىيىدىكى شىركەتلەر بىلەن تەلىپوندا كۆرۈشۈپ تۇرۇپ،ئۇلاردىن بىلگە ئېلىپ تۇرۇپ تۈزەيدۇ. سپانىيەنىڭ بارسەلونا شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقارالىق تەخنىلوگىيە فۇئارى (يەرمەنكە) دە باش باقان بىنالى يىلدىرىمنىڭ ئوغلۇمنىڭ سىتاندىغا بىر توپ ئادەم بىلەن كىلىپ ئوغلۇم بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرىشىۋاتقان رەسىمىنى بىر تىلىۋىزور قانالىنىڭ تور بېتىدە كۆرۈپ، ئۇنى ئارىدىم ۋە “ نىمىشكە بۇ خەۋرنى بىزگە ئەيتمىدىڭ؟“ دەپ سوردۇم. ”مەن فۇئاردا ماللىرىمىنى تۇنۇتۇش بىلەن مەشخۇل ئىدىم. بىنالى يىلدىرىم ئۆزى كەلدى،كۆرۈشتى، ئەھۋال سوردى.“ دىدى. مەن ”بۇ خەۋەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ تورلىرىدا قويۇپ قويايمۇ؟ ”دىسەم، ”ياق،دادا. بىزنىڭ باشلىقلارنىڭ ئابرۇيىدىن بايدىلىنىپ ئابروي تېپىشقا ئىھتىياجىمىز يوق“ دىدى.ئوغلۇمنىڭ شۆھرەت خۇمار بىرسى بولمىغانلىقىدىن پەخىرلىنىمەن.چۈنكى،دىن ۋە بىلىم ئەخلاقنىڭ ئۇزۇغىدۇر

ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن قۇرماقچى بولغان ئائىلە ۋەخپىنىڭ ماددى بىرىكمىنى توپلاش يولىدا كىچە- كۈندۈز تىرىشىپ ئىشلەۋاتىدۇ. “ئۇيغۇر ئىسمىدا بىر تېخنولوگىيە ئۇنىۋىرسىتىنى چوقۇم قۇرىمەن،دادا.” دەپ كۆڭلۈمنى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.

ئىشى ئالدىراش بولغاچقا كۈندۈزى قىلالمىغان نامازلىرىنى ئاخشامدا ئۆيگە كېلىپ قازا نامازلىرىنى قىلىپ ئاندىن دەم ئالىدۇ. ياتاق ئودىسىدىكى ئۈستىلىدە ئىڭىلىزچە، تۈركچە، ئۇيغۇرچە تەرجىمىلىرى بولغان قۇرئانلار بار. بەزى ئاخشاملىرى بىز يېتىپ بولغاندىن كېيىنمۇ، كېچە سائەتلەرگىچە ئوغلۇمنىڭ ئودىسىدا چىراق ئۆچمىگەنلىكىنى كۆرىمەن. ئانىسىدىن سورايمەن. ئەتە بەك ئەتتىگەن ئىشقا مېڭىشى لازىم. نىمىشقا ئۇخلىمىدى؟” ئانىسى ئاستا بېرىپ ئىشىكىنى ئېچىپ قاراپ كېلىدۇ. “مۇستاپا جاينامازدا ئولتۇرۇپ قۇرئان ئوقۇۋېتىپتۇ” دەپ كۆزلىرىدىن تارام- تارام ھاياجان يېشى تۆكىدۇ. سىرتتىن قارىغان كىشلەر، بۇ بالىنىڭ تۇرقىغا قاراپ، ئۇنىڭ ئىچىدە بۇنداق كۈچلۈك ئىمان بارلىقىنى پەرەز قىلمايدۇ. ئوغلۇم ھەر زامان “ئىبادەت ئاللا بىلەن بەندە ئارىسىدىكى ئالاقە ۋاستىسى.ئۆزىمىزنى دىندار قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەمەس.” دەيدۇ.

ئوغلۇمنىڭ يازىلىم (يۇمشاق دېتال) شىركىتىمۇ بار. ئۆزى يازىلىم يازىدۇ.يازىلىم مۇتىخەسسىسلىرى بولغان خىزمەتچىلىرىگە ئىش تەخسىم قىلىپ، ئىشلىرىنى كونترول قىلىدۇ. ئامېرىكىدا بىر قانچە تېخنولوگىيە شىركەتلىرىگە يازىلىم يازدى. يېزىۋاتىدۇ. بىر ئادەمنىڭ مېڭىسىنى بىلىم،قەلبىنى ئىمان بىلەن قۇراللاندۇرىشى ھەرگىزمۇ زىددىيەتلىك ئەھۋال ئەمەس

ۋەتىنىمىزدە خىتايلار دىنىمىزغا قارشى پۈتمەس- تۈگىمەس نەپرەت بىلەن قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىن ئىسلامنى، ئىسلامنىڭ ئىچىدىن ئۇيغۇرلارنى سۆكۈپ چىقىرىش ئۈچۈن دۆلەتنىڭ تەشكىلى،تەشۋىقات، سىياسى ۋە ئەسكىرى كۇچىنى سەپەرۋەر قىلماقتا. ئامما، تۈركىيەدە دىنىمىزنى ئۈگۈنىش ئۈچۈن ھەر دايىم ھەممە دەرۋازىلار ئۇچۇق، ھەممە ئىمكانلار مەۋجۇت

خېمىيە نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن تۈرك ئالىم ئېزىز سانجار، ئامېرىكىدا يازلىق تەتىللەردە ئۆز ئۆيىدە قۇرئان كۇرسى ئېچىپ تۈرك، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ قۇرئان ساۋاتىنى چىقارغان بىر ئالىم. ئۇ، بىر قانچە ئاي بۇرۇن تۈركىيەگە كېلىپ ئۇنىۋىرسىتىتلاردا نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ، “ بىز مۇسۇلمانلار 500 يىلدىن بىرى بىلىمگە ھەسسە قوشالمىدۇق” دېدى. بۇ بىز مۇسۇلمانلارنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدىغان سۈزدۈر.

بالىلىرىمىزنى دىندا ئوقۇتۇش ئەلۋەتتە ساۋابلىق ئىش، بىراق پەندە ئوقۇشمۇ گۇناھ ئەمەس. دىندا ئوقۇش، ئۇ دۇنيالىق ئۈچۈن، بۇ دۈنيادا بىر كەسىپكە ئىگە بولۇش ئۈچۈن پەندە ئوقۇش مۇھىم. بولۇپمۇ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، ھەم ۋەتەنسىز، ھەم پۇلسىز قېلىش، كوچىدىكى ئىگىسىز مۈشۈك، ئىتتىن خار قېلىش دېمەكتۇر

ئۇزۇن ۋەدىدە بىزنى قۇتقۇزىدىغان ئىككى مۈھىم ئامىل بار؛ بىرسى دىن ۋە تىلىمىز، يەنە بىرسى بىلىم. رىم ئىمپىريەسى تەرىپىدىن ئىككى مىڭ يىل بۇرۇن ۋەتىنىدىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىلگەن يەھۇدىلار، ئىككى مىڭ يىل كېيىن دۆلەت قۇردى. سەۋەبى، بىرىنجىدىن دىنىغا مەھكەم ئېسىلدى.دىن ئارقىلىق تىلىنى ساقلاپ قالدى. يەنە بىرسى بارغانلا دۆلەتتە تىرىشىپ بىلىم ئالدى، بالىلىرىنى بىلىم بىلەن قۇراللاندۇرۇپ، بىلىم ئارقىلىق ئىختىسادى ئاساسقا ئىگە بولدى. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بۇگۈنكى ئەھۋالى، ئۆز ۋاختىدىكى يەھۇدىلاردىن بەتتەر ئەمەس. بىزنىڭ ئەڭ چوڭ بەخىتسىزلىكىمىز كۆزىمىزدىكى جاھالەت پەردىسىنىڭ ھازىرمۇ مىللىتىمىزنىڭ خېلى بىر قىسىم ئەزالىرىنىڭ كۆزىنى پەردىلەپ تۇرۇۋاتقانلىغىدۇر.بىلمەسلىك خەتەرلىك ئەمەس. ئەڭ خەتەرلىگى، بىلمەيدىغانلىغىمىزنى بىلمەسلىك

يىگىرمە بىرىنچى ئەسىردىمۇ قۇرئاننىڭ روھىنى چۈشۈنەلمەسلىك بىزنىڭ مىللىي قىسمىتىمىزمۇ؟

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر دىنى ئالىملارنىڭ دىن بىلەن پەننىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە يۇرتداشلىرىمىزنى تېخىمۇ كەڭ مەلۇماتقا ئىگە قىلسا، دېگەن ئۈمۈتتە مەن

Share
2155 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.