logo

trugen jacn

يىگىرمەدۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى ھارپىسىدا ئۈرۈمچىدىن ئۇيغۇر ساقچىلارنىڭ خاڭجۇغا ئەۋەتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

 

بۇ يىل 4-،5 – سېنتەبىر كۈنلىرى خىتاينىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە ئېچىلىش قارار قىلىنغان 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھىرىدىن بىر تۈركۈم ساقچىلار ۋە دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش خادىملىرىنى خاڭجۇ شەھىرىگە ئەۋەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم خاڭجۇغا ئەۋەتىلگەن ساقچى ۋە دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش خادىملىرى تەرجىمانلىق قىلىش ۋە 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى مەزگىلىدە خاڭجۇدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەسىلىلەرنى نەق مەيداندا بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولىدىغان بولۇپ، بۇ يىل 30- ئىيۇلدىن باشلاپلا ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم ساقچىخانىلار ئادەم ئاجرىتىپ، ئۇلارنى خىزمەت سەپىرى نامىدا خاڭجۇغا ئەۋەتكەن. مەلۇم بولۇشىچە، خاڭجۇغا ئەۋەتىلگەن ساقچى خادىملىرى تاكى 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى ئاخىرلاشقانغا قەدەر خاڭجۇدا تۇرۇپ ئىشلەيدىكەن.

ئۇندىن باشقا بۈگۈن يەنە، رادىيومىز خىتاي بۆلۈمى ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خاڭجۇدا ئاشپۇزۇل -رېستورانلارنى ئاشقان ئۇيغۇرلارغا يىغىن مەزگىلىدە ئاشخانىلارنى تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈرۈرۈلگەن. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سۈن فامىلىلىك بىر خىتاي پۇقراسى 23- ئاۋغۇست ئەتىگەن بىر توپ قوراللىق ساقچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆيى يېنىدىكى ئۇيغۇر لەغمەنخانىسىغا بېسىپ كېلىپ، ئۇيغۇر ئاشخانىسىنىڭ ئىچىدە ئادەم بار ‏- يوقلۇقىنى ئىنچىكە تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئىشىكىنى تاقاپ پېچەتلىگەنلىكىنى بىلدۈردى. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خاڭجۇ پۇقرالىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يەنە خاڭجۇدا يىغىن مەزگىلىدە 8 كۈنلۈك دەم ئېلىش ئېلان قىلىپ، يىغىن مەزگىلىدە يەككە تىجارەتچىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان خاڭجۇ ئاھالىسىنىڭ باشقا شەھەرلەرگە بېرىپ ساياھەت قىلىشىنى تەشەببۇس قىلغان

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xitay-weziyiti-08232016160100.html

Share
961 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.