logo

trugen jacn

نە مەناسى بار

نە مەناسى بار
ئەزەربەيجان شائىرى: بەھرۇز ماكسىم
ئۇيغۇرچىغا ئۆزلەشتۈرگۈچى: ئابدۇرەھىم پاراچ
مەرھەمەت تۇيغۇسى سەندە يۇق تۇرسا،
تۇتقان ئۇ روزاڭنىڭ نە مەناسى بار.
سەن سالغان دوسقاندا پېقىر يوق تۇرسا،
بىر ئاي ئاچ قېلىشىڭنىڭ نە مەناسى بار.
تارازاڭ چىكىتى توغرا بولمىسا،
زەھەرلىك تىلىڭ دىل ئازارلىسا،
قولۇڭ ۋە قەلبىڭ پارىخور تۇرسا
سەن قىلغان نامازنىڭ نە مەناسى بار.
يالغان قەسەم بىلەن ئېلىپ-ساتقانلار،
جۇپتىدىن خەۋەرسىز ئەگرى ماڭغانلار،
ھارام پۇل-مالنى ھالال بىلگەنلەر،
ھەرەمگە بارغاننىڭ نە مەناسى بار.
ھارام پۇل بىلەن داچا سالغانلار،
يىتىمنىڭ ھەققىنى قورقماي ئالغانلار
ياخشىنى يامان دەپ ئورا قازغانلار،
ئۆلگەندە ياسىننىڭ نە مەناسى بار.
ناماز ۋە روزا ئاسان، قېرىنداش!
ھەممىدىن موھىمى _ ۋىجدان، قېرىنداش!
بول ئەۋۋەل بىر ئادەم-ئىنسان، قېرىنداش!
ئەمەلسىز قۇرئاننىڭ نە مەناسى بار؟
Share
868 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.