logo

trugen jacn

نەننىڭ-ئۈرۈمچى تۆمۈريول لىنىيىسىدە «شىنجاڭلىقلارنى مەلۇم قىلىش» ئۇقتۇرۇشى تارقالغان

cin-demiryollari-8-milyon-yolcu-ile-rekor-kirdi-1

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى 2016-يىل 10-يانۋاردىن باشلاپ نەننىڭ-ئۈرۈمچى لىنىيىسىدە بىۋاسىتە تېز پويىز قاتنىشى باشلىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىۋاتقان مەزگىلدە، ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا تارقالغان «شىنجاڭلىقلارنى مەلۇم قىلىش» ئۇقتۇرۇشى مۇنازىرە قوزغىدى

0f60e1c1-98c5-4f0f-963e-a658844b63bf

12-يانۋار سەيشەنبە كۈنى ئوۋ بياۋفىڭ ئىسىملىك بىر تورداش مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنىڭ فوتو كوپىيىسى بىلەن «كىم مىللىي ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىۋاتىدۇ؟» دېگەن سۆزلەرنى «تۋىتتېر» تورىغا يوللىغان. قىسقىغىنە نەچچە سائەت ئىچىدىلا تورداشلار ئىنكاس يوللاپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ «ئاشكارا ئىرقچىلىق خاھىشىنى ئىپادىلەپ، مىللەتلەر ئارىسىدا ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىۋاتقانلىقى» نى ئەيىبلىگەن.

ئۇقتۇرۇشنىڭ قايسى ئورگان تەرىپىدىن تارقىتىلغانلىقى ئېنىق كۆرسىتىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇقتۇرۇشقا گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى نەننىڭ شەھىرى بىڭياڭ ناھىيىسى لىتاڭ بازىرى خەلق ھۆكۈمىتى، لىتاڭ بازارلىق ساقچىخانا قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئالاقە نومۇرى يېزىلغان.

«نۆۋەتتىكى تېررورلۇققا قارشى ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكى نەزەردە تۇتۇلۇپ» چىقىرىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن بۇ ئۇقتۇرۇشتا: «شىنجاڭلىقلارغا ئۆي ئىجارە بېرىشكە بولمايدۇ، شىنجاڭلىقلارغا يېمەكلىك ۋە كىيىم سېتىشقىلا بولىدۇ، پىچاق، بېنزىن، پارتلاتقۇچ دورا، كىسلاتا قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا خەتەر ئېلىپ كېلىدىغان مەھسۇلاتلارنى سېتىشقا بولمايدۇ، ئەگەر شىنجاڭلىقلارنى كۆرسەڭلار دەرھال بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى، بازارلىق ساقچىخانىغا مەلۇم قىلىڭلار» دېگەن سۆزلەر يېزىلغان

رادىئومىز ئۇقتۇرۇشقا يېزىلغان نومۇرلارغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، تېلېفون ئېلىنمىدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن چېن پوكۇڭ ئەپەندى، بۇ خىل ئۇقتۇرۇشلارنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى كۆپەيتىپلا قالماستىن، بەلكى پۈتكۈل خىتايدا مىللىي ئۆچمەنلىك ۋەزىيىتى يارىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/milliy-kemsitish-01122016165133.html

Share
1666 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.