نۇرى مۇساباي
ئۇيغۇرلارنى كىم ساتتى ؟
يېقىندا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتتايغا قىلغان زىيارىتىدە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇش ئوغلى “خىتتاينىڭبىخەتەرلىكى بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىز” دىگەندەك سوزلەرنى قىلىپ، خىتتاينىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۇچۇن ناھايىتى كۇچلىكۋەدىلەرنى بەردى. تۇركىيە زىمىنىدا خىتتايغا قارشى ھىچقانداق ھەركەتكە رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى سوزلىدى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ قىلغان سۆزلىرىنى خىتتاي ئاخبارات ئورۇنلىرى كوپتۇرۇپ تارقاتتى. ئۇيغۇرلارغا تەھدىت پەيدا قىلدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ھىتتايغا بەرگەن ۋەدىسى ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىنى رەنجىتتى. بۇنىڭ بىلەن ئاچچىغىمىزدا “تۇركىيە بىزنى ساتتى”-دەپ، تۇركىيەنى، تۇرك ھوكۇمىتىنى، ھوكۇمەت مەسۇللىرىنى ھاقارەتلەشلەر بولدى.
مەن تۇركىيە ئۇيغۇرلارنى خىتتايغا ساتتى دىگەن ئۇچۇرلارنى كورگۇنۇمدە بەك مەيۇسلەندىم، كوڭلىم بەك يەرىم بولد. چۇنكىتۇركىيە بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىمىزغا كۇن چۈشكەندە دەرھال پاناھلىنىدىغان دۇنيادىكى بىردىن-بىر يېرىمىز ئىدى. تايلاند، مىسىردا يۇز بەرگەندەك ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا بىر ھادىسە كەلگەندە ئۇنى غەرب ئەللىرىگە چۇشەندۇرۇش، ئۇلاردىن ياردەم ئېلىش، ئۇلاردىن دەرھال جاننى قۇتقازغۇدەك بىر پاناھلىق تىلەشنى ئاڭلىتىش بىر ئاز قېيىن ئىدى، ھەم ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ. ئەمما تۈركلەر بىزنىڭ دەردىمىزنى دەرھال ئاڭلايدۇ، چۈشىنىدۇ. شۇ ھامان ۋاقىتلىق ياكى مەڭغۇلىك بولسۇن بىزگە جان قۇتقاتغۇدەك بىر پاناھلىق بېرىدۇ. ھازىر ئاس دېگەندە 10 مىڭدەك ئۇيغۇر تۈركىيىدە پاناھلىنىۋاتىدۇ.
1997-يىلى مېنىڭ بېشىمغا كۇن چۈشتى، شۇ ۋاقىتتا دەرھال بېرىپ پاناھلىنالايدىغان ئىككى ئورۇن بار ئىدى. بىرى ئافغانىستان، يەنە بىرى تۈركىيە ئىدى. ئافغانىستان باشقا چارە قالمىغاندا، ئامال يوق بارىدىغان يەر ئىدى. مەن ئائىلەم بىلەن ئۇچ كۇنلىكترانزىت ۋىسا بىلەن تۈركىيىگە كىرىپ، بىر يېرىم يىل تۇردۇم. ئۆزەمنى ساقلاپ قالدىم. بىر يېرىم يىل ئىچىدە ھىچ بىر كىشى –“سەن قاچانغىچە تۇرىسەن”؟ دېمىدى.
راس تۈركىيە بىزنى ساتتىمۇ؟ بۇرۇن بولسۇن، بۇگۇن بولسۇن تۈركىيە زادى بىزنى ساتتىمۇ-يوق؟ دېگەننى ئويلاپ تور بەتلەرنىئارىلاپ باقتىم.
تۈركىيە بۇرۇن بولسۇن ۋە بۇگۇن بولسۇن بىزنى ساتمىغان ئىكەن. ئىنشائاللا بۇندىن كېيىنمۇ ساتماس. لېكىن تۈركىيە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۇچۇن ھېلى ئوبدانلا پايدىلاندى. باشقا دوۋلەتلەرمۇ پايدىلىنىۋاتىدۇ، لېكىن ئۇيغۇرلارتۈركىيىدىن بەك چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتۈپ كەتكەچكە، ۋە تۇركىيەنى ئوز قېرىندىشىمىز دەپ بىلگەچكە، تۇركىيەنىڭ بۇ دىپلوماتىك ئويۇنلىرىنى ئۇيغۇرلار قوبۇل قىلالمايۋاتىدۇ.
ئەسلىدە بىز سېتىلىپ بولغان. بىزنى تۈركىيە، ياپونىيە، گېرمانىيە ساتمىدى. بىزنى دەل يۇقىرىقى رەسىمدە ئولتۇرغان ئۇچ كىشى ۋە ئۇلار تەۋە بولغان دوۋلەتلەر ساتتى.
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى غەلىبە قىلغان ئامېرىكا، ئەڭىلىيە ۋە سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ئىككىقېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن دۇنيانىڭ سىياسىي خەرىتىسىنى ئۆزلىرى خالىغانچە سىزىپ چىقتى. نۇرغۇن دوۋلەتلەر يېڭىدىنپەيدا بولدى. لەكىن ئەسلىدە بار بولغان دوۋلەتلەر يوق بولۇپ كەتتى. يوقالغان دوۋلەتلەر ئىچىدە بىزنىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىيتۇركىستانمۇ بار ئىدى.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن مۇستەقىل بولۇش، يېڭى دوۋلەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشى داۋام قىلىپ تۇردى، تاكى 2004-يىلىكوسىۋانىڭ مۇستەقىل بولغىنىغا قەدەر داۋام قىلدى. يەنە داۋام قىلىۋاتىدۇ. بۇ يېڭىدىن مۇستەقىل بولىۋاتقان دوۋلەتلەرگە يەنەيۇقىرىقى ئۇچ دوۋلەتنىڭ ئاز دېگەندە بىرسى بولسىمۇ ياردەم قىلىۋاتىدۇ ياكى قوللاۋاتىدۇ. لەكىن قانداقتۇر ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىنى يالتا، تېھران سۆھبەتلىرىدە تەگىشتۇرىۋەتكەن، سېتىۋەتكەن تۇرۇپ، ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىرەر ئەغىز بولسىمۇ ياخشى گەپ قىلمايۋاتىدۇ، ھىچ بىر پىلان ۋە ھەركەت تەخى يوق.
ئىراق كۇرتلىرى ئوزلىرىنىڭ ئەركىنلىك ھەرىكىتىنى يۇقىرىقى ئۇچ دوۋلەتنىڭ قوللىشى بىلەن 1980-يىللارنىڭ باشلىرىدا باشلىغان ئىدى. مانا 30 نەچچە يىلدا مۇستەقىل بولۇشنىڭ ئۇللىرىنى سالدى. ئالدىمىزدىكى ئاي سەپتەمبەردە مۇستەقىل بولۇش رەفەرەندۇمئەلىپ بارىدۇ. لېكىن بىزچۇ؟، بىزنىڭ بار بولغان دوۋلىتىمىز يۇقارقى ئۇچ كىشى تەرىپىدىن يوق قىلىۋەتىلگەن ئىدى. مانا 70 يىل بولاي دېدى، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھالى كۆندىن–كۇڭە يامانلىشىپ كەتىپ بارىدۇ. بۇ ئۇچ دوۋلەتنىڭ رەھبەرلىرى بۇ توغرىلىق بىرەرئەغىز بولسىمۇ راس گەپتىن بىرنى قىلمايۋاتىدۇ.
كۇرتلارغا قىلغان شۇ ياردەمنىڭ 10% نى بىزگە قىلغان بولسا بىزنىڭ ھالىمىز بۈگۈنكىدەك ئېچىنىشلىق ھالغا قالمايتتى. بۇ ئۇچدوۋلەتنىڭ بىزگە ياردەم قىلىش مەجبۇرىيىتى بار. بىزنىڭ ئۇلارنى ياردەم بەرمىدى، ياردەم قىلمىدى دەپ ئەيىبلەش ھەققىمىز بار،چۈنكى بۇ ئۇچ دوۋلەت بىزنىڭ مۇستەقىل دوۋلىتىمىزنى قۇربان قىلغان، بىزنى خىتتايغا ساتقانلار.
بۇ تارىخنى كوتىرەپ چىقىپ ھەلقارا قانۇنلار بويىچە ئەرىز قىلىش ئۇچۇن بۇرۇن شارائىتىمىز، ئادەم كۈچىمىز ۋە باشقا جەھەتلەردىنمۇمكىنچىلىكىمىز يوق ئىدى. ئەمدى بولسا يېتىشكەن بىلىم ئادەملىرىمىز بار. بۇ سىرلىق ئاڭلاشمىنىڭ بىر قىسىم ئۇچۇرلىرى ئاشكارىلاندى. مۇھىم ماددىلىرى بۇ ئۇچ دوۋلەتنىڭ ئارخىپلىرىدا ساقلىنىۋاتىدۇ. شارائىتىمىز بار. ئەمدى بولسىمۇ يۇقىرىقى ئۇچدوۋلەتنىڭ بىزنىڭ تەقدىرىمىز ھەققىدە چىقارغان خاتا قارارلىرىنى قايتىدىن كورۇپ چىقىشى ئۇچۇن، خەلق- ئارا قانۇن ئولچەملەربويىچە نىمىشقا بۇ ئۇچ دوۋلەتكە يازما تەلەپ تاپشۇرمايمىز ؟
تۇركىيەنى ساتتى دىگەندەك ، نىمىشقا بۇ ئۇچ دوۋلەتنىڭ بىزنى ساتقانلىقىنى تەنقىدلىمەيمىز؟ دېمەيمىز؟
بىزنى ساتقانلارمۇ، بىزنىڭ مەسىلىمىزنى قايتىدىن ھەل قىلالايدىغانلارمۇ دەل مۇشۇ ئۇچ دوۋلەت.
ئامەرىكا، ئەڭىلىيە ۋە سابىق سوۋېتلەر بىرلىگى بۇگۈنكى روسسىيەنىڭ بىزنىڭ مەسىلىمىزنى جىددى ھەل قىلىش، بىزنى قوغداشمەجبۇرىيىتى بار.
بۇ ئۇچ دوۋلەتنىڭ خىتتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە سېلىۋاتقان زۇلمىنى توختا دېيىش مەجبۇرىيىتى، قەرزى بار.
بۇ ئۇچ دوۋلەت مۇشۇ 70 يىل ئىچىدە ھىتتاينىڭ زۇلمىدا ئولتۇرۇلگەن، ئازابلانغان، خانى-ۋەيران بولغان ئۇيغۇرلار ئالدىداگۇناھكار، مەسۇليەتچىدۇر.