logo

trugen jacn

نيۇ-يوركتا يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىپە ئۆتىگەن بىر خىتاي ئايال جاسۇسلۇق گۇماندارى بولۇپ تۇتۇلغان

 

نيۇ-يوركتا يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىپە ئۆتىگەن بىر خىتاي ئايال جاسۇسلۇق گۇماندارى بولۇپ تۇتۇلغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى

نيۇ-يورك ئىشتاتىنىڭ باشلىقى بولۇپ خىزمەت قىلغان 2 سابىق ئەمەلدارنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەن بىر خىتاي ئايال، خىزمىتىدىكى قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىشلىگەنلىكى ۋە نەچچە مىليون دوللار نەپ ئالغانلىقى ئۈچۈن، 9-ئاينىڭ 3-كۈنى سوتلانغان.

فېدېراتسىيە تەپتىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لىندا سۇن ئىسىملىك بۇ خىتاي ئايال نيۇ-يورك ئىشتاتىنىڭ سابىق باشلىقلىرىدىن كەتىي ھوكۇل (Kathy Hochul) بىلەن ئاندىرى كۇمو (Andrew Cuomo) نىڭ قول ئاستىدا مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن مەزگىلىدە، تەيۋەن ھۆكۈمىتى ۋەكىلىنىڭ نيۇ-يورك ئىشتاتى باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلغان، نيۇ-يورك ئىشتاتى ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆججىتىنى يالغاندىن ياساپ چىققان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن داۋاملىق بىردەكلىكنى ساقلىغان. بۇنىڭ مۇكاپاتى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئېرى خىتايدا كەڭرى سودا قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.

سوتچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لىندا سۇن ئەر-خوتۇن نيۇ-يوركنىڭ مانخاتتان رايونىدىن قىممىتى 1 مىليون 900 مىڭ دوللار قىممىتىدىكى بىر ئۆي، ھاۋايدا بىر ئۆي، فارارى ماركىلىق داڭلىق ئاپتوموبىلدىن بىرنى سېتىۋالغان.

ئەيىبنامىدە ئېيتىلىشىچە، لىندا سۇن يەنە ئامېرىكاغا كەلگەن خىتاي ئۆمەكلىرى ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەر خىل سوۋغاتلىرىنى قوبۇل قىلغان.

لىن سۇن 9-ئاينىڭ 2-كۈنى ئېرى بىلەن بىرلىكتە، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان ئۇزۇنچاق ئارال (long Island) دىكى 4 مىليون دوللارلىق ئۆيىدە تۇتۇلغان.

Share
141 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.