logo

trugen jacn

مۇستەقىلىق كۈرىشىنىڭ مەنتىقلىق يولى

مۇستەقىلىق كۈرىشىنىڭ مەنتىقلىق يولى

مەمىتىن ھەزرەت

دۇنيا ئۇرۇش تارىخى تەتقىقاتچىلىرى، ئىنسانىيەتنىڭ 7 مىڭ يىللىق ئۇرۇش تارىخىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا ھەر 100 يىلنىڭ 87 يىلى ئۇرۇش ئىچىدە ئۆتكەن. 2. دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، بۇلۇپمۇ 1980-1990.يىللاردىن كېيىن دۆلەتلەر ئارا كەڭ كۈلەملىك ئۇرۇش بولمىغان بولسىمۇ، ئەركىنلىككە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغان يەرلىك مىللەتلەر بىلەن ئۇلارنى ھاكىمىيىتى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرغان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئۇرۇشلار بەزى كۈچىيىپ، بەزى ئازىيىپ دولقۇن سىمان داۋام قىلىپ كەلمەكتە.
ئازاتلىققا ئېرىشىش يولىدا كۈرەش قىلغان ۋە قىلىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ تاللىغان كۈرەش شەكلى،سىياسى ئىدىلوگىيەسى بىر بىرىگە ئوخشىمايدۇ. ئەركىنلىك كۈرىشى يولىدا غەلىبىگە ئېرىشكەن مىللەتلەر بار، مەغلۇپ بولغان مىللەتلەر بار. كۈرەشلىرىنى داۋام قىلىۋاتقان مىللەتلەر بار.بۇلارنىڭ تەجىربىلىرىنى ئۈگىنىش، تەتقىق قىلىش، تېخى گۈدەكلىك دەۋرىدە ئىلگىرلەۋاتقان، تېخىچە ئۆز ۋەتىنىدە قۇراللىق كۈرەش قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن شەرقى تۈركىستان ئازاتلىق ھەركىتىنىڭ توغرا يولدا ئىلگىرلىشىگە تۆرتكۈلۈك رول ئوينايدۇ، دەپ ئويلايمەن.

مىللى مۇستەقىللىق ھەركەتلىرىنىڭ غەلىبە ياكى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىشىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىللار

1. مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن مىللەتلەر
بوسنا ۋە كوسوۋا تۆلىگەن بەدەللىرىگە يارىشا مۇستەقىللىققا ئېرىشتى. سەۋەبى، ناتو ھەربى قىسىملىرىنىڭ بۇ مىللەتلەرىنى سرىپ قەتلىيامىدىن قوغداش ئۈچۈن ئۇرۇشقا قاتنىشىپ سىربىستاننى تىنىچلىق كىلىشىمىگە ئىمزا قويغۇزغانلىقىدىن بولدى.
بۇ يەردە ئىراق كۈرتلىرىنىڭ 100 يىلدىن ئارتۇق كۈرەش قىلىش نەتىجىسىدە ئېرىشكەن غەلىبىلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىققەت قىلىشىغا تېگىشلىك مۇھىم تەجىربە.
ئىراق كۈردىستانى گەرچە بۈگۈن (تۈركىيەنىڭ قارشى چىقىشى تۈپەيلى) مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ،ئەمىلىيەتتە مۇستەقىل بىر دۆلەتتە بولغان دۆلەت تەۋەلىكى ۋە دۆلەت تەشكىلاتى مەۋجۇت. كۈرسىتاننىڭ مىللى پۇلى بار،ئارمىيەسى بار.بۆلەت بارىقى، دۆلەت شىئىرى بار.دۆلەت چىگرىسىدا تاموجنا بار.دۆلەتلەر بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرى بار. كۈردىستاننىڭ مەركىزى ئەربىل 2. دۇبەي دىگەن نامغا ئىگە. ئىنتايىن گۈللەڭەن بىر شەھەر.

كۈرتلەر بۇ غەلىبىگە قانداق ئېرىشتى؟ ئۇلار بېسىپ ئۆتكەن يولغا بىر نەزەر سېلىشنىڭ پايدىسى بار;
موللا مۇستافا بارزانىنىڭ ھاياتى ئەڭ ياخشى بىر ئۆرنەك؛ مۇستافا بارزانى 1903- يىلى ئىراق كۇرتىستاننىڭ بارزانىيە يېزىسىدا تۇغۇلغان. بارزانى ئەمدىلا 3 ياشقا كىرگەندە، ئۇ ئا’ئىلىسىدىكىلەر بىلەن دىيارباكىرغا سۈرگۈن قىلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. دادىسى، بوۋىسى ۋە چوڭ ئاكىسى ئابدۇلسالام كېيىنچە ئوسمانلى دا’ئىرىلىرى تەرىپىدىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن قوزغىلاڭلار سەۋەبىدىن ئۆلۈمگە ھۈكۈم قىلىنغان. 1919-يىلى ئەنگىلىيە ئىشغالچىلىرىغا قارشى قوزغىلاڭغا قاتناشقان. 1932. يىلىدىن باشلاپ كۈرتلەرنىڭ يىتەكچىسى بۆلدى. كۆپ قېتىم ئىسيان چىقاردى. 1945.يىلى ئىنگىلىز مۇستەملىكىسىگە قارشى كەڭ كۈلەملىك بىر ئىسياندا مەغلىبىيەتكە ئۇچىرىدى ۋە ئىراننىڭ سېۋىت ئىتتىپاقى ئىشخالىيىتى قىسمىغا ئىلتىجا قىلدى.
1946-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشى بىلەن ئىران چېگرىسى ئىچىدە كۈرت ماخاباد جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان. دەرھال ماخاباد جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلىنىپ، چوڭ گېنېراللىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ماخاباد جۇمھۇرىيىتى ئىران ئارمىيەسى تەرىپىدىن چېكىندۈرۈلگىنىدە (1946- يىلى 12- ئايدا) ئىراندىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، تۈركىيە-ئىران چېگراسى ئارقىلىق تەخمىنەن 500 دەك قوراللىق كىشى بىلەن بىرلىكتە موسكوۋاغا كەلدى. موسكوۋا ھەربى ئاكادىمىيەسىدە 7 يىل ئوقۇپ گېنىراللىق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. 1946.يىلى مۇستەقىل كۈرت جۇمھۇرىيىتىدە تۇغۇلغان ئوغلى مەسۇت بارزانىمۇ باشلانغۇچ، ئورتا مەكتەپكەرنى موسكوۋادا رۇسچە ئوقۇدى.ئۇ بۇ يەردە تۇرغان مەزگىلدە موسكۋادا ئوقۇغان.
كۈردىستاندىكى موللىلار، مۇستافا بارزانىغا قىزىل موللا دەپ لەقەم قويدى ۋە خەلقنى قىزىل موللىغا ئەگەشمەسلىككە چاقىردى.
ئىراقتا 1958.يىلى گېنىرال ئابدۈلكەرىم قاسىم ، سېۋت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشى بىلەن پادىشالىق تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. خىرۇششۇپ ھۈكۈمىتى، ئىراق ھۈكۈمىتى بىلەن كۈرتلەرنى ياراشتۇرۇپ قويدى.گېنىرال مۇستافا بارزانى باغداتقا قايتتى ۋە مىنىستىر بولدى.

1961.يىلى كۈردستاندا ئىراق ئارمىيەسىگە قارشى كەڭ كۈلەملىك ئىسيان باشلاتتى. ئىراق ئارمىيەسىنى بۇ رايوندىن قوغلاپ چىقىرىپ، پەشمەرگە ئىسمىدكى ئارمىيەسىنى قۇردى.
1967.يىلىدىكى ئەرەب-ئىسرائىل ئۇرۇشىدا ئىسرائىل غەلىبە قىلغاندىن كېيىن مۇستافا بارزانى ئىسرائىلنى زىيارەت قىلدى ۋە غەلىبىسىنى تەبىرىكلىدى.مۇسۇلمان كۈرتلەرنىڭ، مۇسۇلمان ئەرەپ زۇلىمىدىن قۇتۇلىشى ئۈچۈن ياردەم ئىستىدى.(ئۇ چاغدا بىر نەچچە مىڭ كۈرت يەھۇدىسى ئىسرائىلغا كۆچۈپ بولغان ئىدى. بۇگۈن ئىسرائىلدە 40 مىڭدىن ئارتۇق كۈرت يەھۇدىسى ياشايدۇ). ئىسرائىل، بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ئەرەب دۆلەتلىرىدىن غەنىمەت ئالغان بارلىق قۇرال- ياراقلارنى مۇستافا بارزانىغا ھەدىيە قىلىپ بېرىۋەتتى.ئىراق كۈتلىرى تارىختا كۈرۈپ باقمىغان زامانىۋى تانكا، قۇرال- ياراقلارغا ئېرىشتى.
1970. يىللاردىن كېيىن ئىراق بىلەن ئىستىراتىگىيەلىك دۇستلۇق كېلىشىمى ئىمزالىغان موسكوۋا، بارزانىغا بولغان ياردىمىنى تامامەن توختاتتى.
مۇستافا بارزانى، ئامېرىكىدىكى يەھۇدى لوبىسىنىڭ قوللىشى بىلەن ۋاشىڭگىتونغا بېرىپ ئامەرىكا دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ يەردەم ئىستىدى. ئامەرىكا ئۇ زامانقى قەدىناس دوستى ئىران ئارقىلىق ئىراق كۈرتلىرىگە قۇرال- ياراقتىن باشلاپ ھەر خىل ياردەملەرنى ئۈزۈلدۈرمەي بېرىپ تۇردى.
مۇستافا بارزانى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا داۋالىنىش ئۈچۈئۈن ئامېرىكىغا كەتتى ۋە 1979.يىلى 75 يېشىدا ۋاپات بولدى. قەبرىسى ۋاشىڭگىتوندا.

ئىراقنىڭ 1990 – يىلى 8 – ئاينىڭ 2 – كۈنى كۇۋەيتنى ئىشغال قىلىشى بىلەن باشلانغان كىرىزىس نەتىجىسىدە، 37 دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكا, ئەنگلىيە، فىرانسىيە، سە’ئۇدى ئەرەبىستان، سۈرىيە ۋە مىسىر قاتارلىق ئىتتىپاقداش كۈچلەر باشچىلىقىدىكى ئىراققا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلدى. ئامېرىكا دەرھال كۈرت رايوننى ھىمايىسى ئاستىغا ئالدى.ئىراق كۈردىستان ھاۋا ساھاسىنى ئۇچۇش مەنئى قىلىنغان رايون ئېلان قىلدى.بۇ رايونغا يېقىنلاشقان ئىراق ئايرۇپىلانلىرى ئامېرىكا تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلدى.
2003.يىلى 20. مارت كۈنى  ئامېرىكا, ئەنگىلىيە قاتارلىق ئىتتىپقداشلار ئارمىيەسى 2. قېتىم ئىراققا ھۇجۇم قىلدى. ئىراق ئارمىيەسى تارقىتىۋەتتى. ساددامنى تۇتۇپ كۈرت سوتىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ساددام ھۈسەيىننى كۈرت سۇتچى ئۆلۈمگە ھۈكۈم قىلدى. بۇ ئارادا ئامېرىكا، ئىراق كۈرتلىرىنىڭ ئارمىيەسى بولغان پەشمەرگىلەرنى مۇنتىزىم ئارمىيە قىلىپ تەربىيەلەپ بەردى.ئىراق كۈرتلىرى دۆلەت سىستىمىسىنى قۇرۇۋالدى. ئەربىلگە تۇنجى كونسۇل ئاچقان دۆلەتلەرنىڭ بىرسى خىتاي. خىتاي مەسۇت بارزانى، جەلال تالابانى لارنى بېيجىڭگە تەكلىپ قىلىپ ئاستىغا قىزىل گىلەم سېلىپ كۈتۈۋالدى. 2010. يىلىغا قەدەر خىتاينىڭ ئىراق كۈرت رايونىڭ پەقەتلا نىفىت ئۈچۈن سالغان مەبلىغى 2 مىليارت دوللاردىن ئاشىدۇ.
ئىراق كۈرتلىرىنىڭ غەلىبىگە ئېرىشىشىدە 1. مىللى مەنپەتكە قايسى يول پايدىلىق بولسا، ئۇ يولنى تاللاشتىن تەرەددۇت قىلمىدى.2. ئەڭ مۇھىم ئامىل،ئىراقنىڭ مۇنتىزىم ئارمىيەسگە قارشى ئامېرىكىنىڭ مۇنتىزىم ئارمىيەسىنىڭ جەڭگە ئاتلىنىشى ۋە ئىراق ئارمىيەسىنى تامامەن تارىمار قىلىشى بولدى.
ئىراق كۈرتلىرى ئەركىنلىك ئۈچۈن 100 يىلدىن ئارتۇق قان تۆكتى،ئەمما تەل-تۈكۈس غەلىبىگە ئېرىشەلمىدى.ئامېرىكىنىڭ مۇنتىزىم ئارمىيەسى ئىراققا كىرمىسە ئىدى. كۈرتلەر بۇگۈنكى ئەركىنلىككە ئېرىشەلمىگەن ۋە ئەركىنلىگىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالمىغان بۇلاتتى. ئامېرىكىنىڭ دوستلىغىنى قازانغان ئىراق كۈرتلىرى ئاخىرى مىللى ھۈرىيىتىگە ئېرىشتى.
ئىراق كۈرتلىرىنىڭ يەنە بىر ئۆزەللىكى، كۈچلۈك دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئەھىمىيەت بەرگەنلىگىدۇر. ئامېرىكا باشچىلىغىدىكى غەرىب دۆلەتلىرىنىڭ ياردىمىدىن ئەپچىل پايدىلىنىشتىن ئىبارەت دىپلۇماتىك ئۇستىلىققا ئىگە بولغانلىقىدۇر.

2.ئازاتلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، بۈيۈك بەدەل تۈلەپ ئاخىرى مەغۇپ بولغان مىللەتلەر

بۇ خىلدىكى بىر قانچە مىللەتنىڭ تەقدىرىنى تەتقىق قىلىدىم. بۇ يەردە بىرلا مىللەتنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىمەن؛
سرى لانكادىكى تامىل مىللتىنىنىڭ يولباشچىلىرى، تامىل مىللىتىنىڭ ھەق- ھۇقۇقىنى قولغا كەلتۈئۈرش ئۈچۈن 1976.يىلى ”تامىل ئازاتلىق يولۋاسلىرى“ ئىسمىدا بىر تەشكىلات قۇردى. قىزىل بايرىقىنىڭ ئورتىسىغا يوۋاسنىڭ رەسىمى چۈسسۈرۈلگەن. 21 مىيون نۇپۇسلۇق سرىلانك دۆلتىدە 3 مىليون ئەتىراپىدا تامىل مىللتى ياشايدىغان بولۇپ، تامىللار سرىلانكىنىڭ 2. چوڭ مىللىتى ھىساپلىناتتى.“تامىل يولۋاسلىرى“ سىياسى ۋە دېموكىراتىك كۈرەشتىن بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن 1983.يىلى قۇراللىق كۈئۈرەشنى باشلىدى. تامىل پارتىزانلىرى بالا-چاقا، چارۋا ماللىرىنى بىللە ئېلىپ مېڭىپ ھەركەت قىلىدىغان بولۇپ، ئازاتلىق ھەركىتىگە قارشى ھۈكمەتكە خىزمەت قىلغان، ياكى تامىل پارتىزانلىرىغا ياردەم قىلمىغان تامىللارنى شىددەتلىك جازالاندۇرۇپ كەلگەچكە، تەشكىلات كۈندىن- كۈنگە كۈچەيدى. ئۆسمۈرلەرنى قۇراللاندۇرۇپ ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇش، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتىردىكى ھۇجۇملار تامىل پارتىزانلارنىڭ ئىجادى ئىدى.(ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ئائىلە، بالا-چقىنى بارابەر سۆرەپ يۈرۈش ئۇسۇلىنى ”ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى“ تامىللاردىن ئىلھام ئالدى.) ھىندىستاندا 62 مىليون تامىل مىللتى بار بولۇپ، تامىل پارتىزانلىرى ھىندىستان ۋە ياۋرۇپادىكى تامللاردىن ئىقتىسادى ۋە مەنىۋى ياردەمگە ئېرىشىپ تۇردى. ”تامىل يولۋاسلىرى“ ھىندىستان، ئامېرىكا، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى تەرىپدىن ”تېرورىست تەشكىلات“ تىزىملىكىگە ئېلىندى. 40 يىللىك كۈرەش جەريانىدا سرىلانكىدا 40 مىڭدىن ئارتۇق پۇخرا ئۆلدى.
2009.يىلى سرىلانكا دۆلەت ئارمىيەسى بۈيۈك بىر ئەسكىرى ھەركەت بىلەن تامىل پارتىزانلىرىنى قىرىپ تاشلىدى. 2009.يىلى 5.ئايدا تامىل يولۋاسلىرىنىڭ لىدەرى ۋە باش قۇماندانى ۋەلۇپىللائى پرابھاكاران ئۆلتۈرۈلدى. ھايات قالغان پارتىزانلار تۈرمىلەرگە قامالدى. ھازىر سرىلانكىدا ”تامىل يولۋاسلىرى“ دەيدىغان بىر تەشكىلات يوق. ئۇلارنىڭ مەغلۇبىيىتىنىڭ تۈپ سەۋەبى، خەلقارادا ئۆزلىرىنى قوللايدىغان كۈچلەرنى ئىزدەشكە ئېتىبار قىلماسلىقى، دېموكراتىك غەرىب دۆلەتلىرىگىمۇ دۈشمەن كۆز بىلەن قارىغانلىقى.
ئاجىز كۈچ، كۈچلۈك دۈشمەن بىلەن كۈرەش قىلىش جەريانىدا، دۈشمىنىنىڭ كۈچلۈك دۈشمىنى بىلەن دوستلۇق ئورنىتىشقا ئەھمىيەت بېرمەسلىك ئەڭ زور سىياسى كۇرلۇقتۇر.

3.غەلىبە قىلىشى ئىمكانسىز، ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ يوقۇلىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشىدىغان ئازاتلىق ھەركەتلىرى

”ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى“(ئىشىد) تەشكىلاتى بۇنىڭ بىر مىسالىدۇر. ئەينى ۋاقىتتا ئىراقلىق سۈننى ئەرەپلەر، ھاكىمىيەت بېشىدىكى شىيى ئەرەپلەر تەرىپىدىن ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچۇراۋاتاتتى.2008.يىلقى بىرلەشكەن مىللەتلەئەر مۇلتىجى كومىتەسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا سۈرىيەدە ”1 مىليون 852 مىڭ 300 نەپەر مۇلتىجى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ 1 مىليون 300 مىڭ نەپەرى ئىراقتىن قېچىپ كەلگەن مۇلتىجىلەر ئىدى. 600 مىڭ نەپىرى پەلەستىنلىكلەر ئىدى“. سۈرىيەدە سۈننى مۇسۇلمانلار 60% نى ئىگەللىسىمۇ تارىختىن بېرى 13% نۇپۇسقا ئىگە ئەلەۋىلەر تەرىپىدىن باشقۇرۇلاتتى ۋە كەمسىتىلەتتى، زۇلۇم كۈرەتتى. ئەسلىدە ”ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى“ ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى سۈننى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەركىن- ئازات ياشاش غايىسى بىلەن قۇرۇلغان تەشكىلات ئىدى. ”ئىشىد“ دەسلەپ ئورتىغا چىققاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى، قاتار قاتارلىق سۈننى باي دۆلەتلەر قوللىدى ۋە ماددى ياردەملەردە بولۇندى.تۈركىيەمۇ ئەساد ھۈكۈمىتىگە قارشى قەتئى پۇزۇتسىيە بىلدۈردى. ”ئىشىد“ تىز سۈرئەت بىلەن ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ كۆپ قىسىم زىمىنلىرىنى ئىگەللىدى. ”ئىشىد“ بىردىنلا، ئەسىر ئېلىۋالغان گۇناسىز غەرىب دۆلەت پۇخرالىنىنىڭ بېشىنى كېسىپ، بۇ دەھشەتلىك كۆرۈنۈشلەرنىڭ ۋىدىيولىرىنى خەلقى ئالەمگە يايدى.پۈتۈن ”كاپىر دۇنياسىغا ئۇرۇش ئېلان“ قىلدى.

ئىسرا’ئىلىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئېھۇد ئولمېرت مۇنداق دېگەن: «بەششار ئەسەد بىز بىلەن بىللە بولۇش تەكلىپىمىزنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن سۈرىيەنى ئىچكى ئۇرۇشقا باشلىدۇق. سۈرىيەدىكى بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئەسەدكە قارشى تەشكىللەندى، بەزى دۆلەتلەر بۇ ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش دەپ قارىماقتا.»(مىللى گەزەتە 2023.10.17). دىمەك، ”ئىشىد“ تەشكىلاتىنىڭ ئىچىگە ئىسرائىل جاسۇسلارنى كىرگۈزۈۋەتكەن، بۇ جاسۇسلار قارار قىلغۇچى رەھبەرلىك قاتلىمىدا يەر ئالغان. خىتاي ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ بۇ پىلانغا ماسلىشىپ ئۆز چىگىرىسى ئىچىدىكى  مۇسۇلمانلارنىڭ سۈرىيەگە بېرىشىنى رەغبەتلەندۈرگەن ۋە ئۇرۇنلاشتۇرغان. ”ئىشىد“نىڭ سۈننى ئەرەپلەرنىڭ خاتىرجەم ياشىشى ئۈچۈن دۆلەت قۇرۇش پىلان ئۆزگۈرۈپ،غەرىب دۆلەتلىرىگە قارشى ”جىھاد“قا ئايلانغان. ”ئىشىد“نىڭ ئاقىۋىتىنى ھەممىمىز بىلىمىز. بۇگۈن ”ئىشىد“نىڭ سۈرىيەدە، ياكى ئىراقتا ھىچقانداق بازىسى يوق. پەقەتلا سۈرىيەدىكى ھول ئەسىر لاگىرىدا 65 مىڭ تۇل ئايال ۋە يېتىم بالىلار بار. ئۇلار ”ئىشىد“ جىھاتچىلىرىنىڭ ئائىلە-تاباۋاتى. سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى كامپلاردا 100 مىڭدىن ئارتۇق يېتىم بالا ۋە تۇل ئاياللار دۇزاق ئازاۋىنى تارتىۋاتىدۇ. بۇ كامپلاردا 400 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۇل ئايال، 1200دىن ئارتۇق يېتىم ئۇيغۇر بالا بار.
”ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى“ تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلىشى ۋە زورىيىشىدا خىتاينىڭ بىۋاستە ۋە ۋاستىلىق ھەسسىسى بار.2016.يىلى يازغان تۈركچە بىر ماقالەمدە، بۇ توغرۇلۇق پاكىتلارنى ئورتىغا قويغان ئىدىم. خىتاي، تانكىغا قارىشى مۆرىگە قويۇپ ئاتىدىغان راكىتالارنى كۆپ مىقتاردا پاكىستان ۋە كامبودجاغا ساتقان بولۇپ، پاكىستان بىلەن كامبودجا بۇ راكىتالارنى نېفىت قارشىلىغىدا ”ئىشىد“قا ساتقان. بىر قانچە يىل داۋام قىلغان بۇ قۇرال سودىسى، 2016.يىلى خىتاينىڭ چەتئەلدە بىر قۇرال-ياراق فۇئارى (كۆرگەزمە)دە دىققەت تارتقان. خىتايلار بۇ كۆرگەزمىدە “ سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ 400 دىن ئارتۇق تانكىسىنىڭ يېرىمى بۇ راكىتا بىلەن ئۇرۇپ پاچاقلاندى“ دەپ تۇنۇتىشى نەتىجىسىدە غەرىب مەدياسىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە بۇ خىتاي راكىتالىرىنىڭ قانداق يول بىلەن ئىشىدنىڭ قولىغا ئۆتكەنلىكى ئىنىقلانغان.

خۇلاسە
1. رادىكال شۇئارلار بىلەن ئورتىغا چىقىپ،“دۇنيانى فەتىھ قىلىش“ تىن ئىبارەت مەنتىقسىز غايە بىلەن ئورتىغا چىققان ھەرقانداق رادىكال تەشكىلاتلار يوق بولدى، يوق بولۇشقا مەھكۇم.
2. مىللى ئازاتلىق كۈرىشىنى ”دۇنيا مۇسۇلمانلىرى قۇتقۇزۇش ئۈئۈچۈن جىھات“ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش، ئۆزىنى يوق قىلىش يولىغا قارغۇلارچە مېڭىش دىمەكتۇر.
3.ئامېرىكا باشچىلىغىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنى ”خىتايغا ئوخشاش كاپىر دۈشمەن“ دەپ ھەركەت قىلىش، ياكى شۇنداق دىگۈچىلەرنىڭ تۇزاقلىرىغا چۈشۈپ قىلىش، مىللى ئازاتلىق ھەركىتىنى يوقۇتۇشتا خىتايغا ئاشكارە ماسلىشىش دىمەكتۇر.
شەرقى تۈركىستان مۇستەقىلىق كۈرىشىنىڭ مەنتىقلىق يولىنى تاللاشتا يوقارقى پاكىتلار پەيدىلىق دەپ قارايمەن.

2024. 1.ئاي

Share
136 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.