logo

trugen jacn

مىللەت سۈكۈت ئىچىدە يوق بولىدۇ

مەشئەل ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى

 

 

يېقىنقى مەزگىلدە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى يۇرتىمىز شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر، قازاق مىللىتىگە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھىشىلىك بىلەن زۇلۇم قىلىپ مىللىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارماقتا.

ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا ھازىر 4 مىليۇنغا يېقىن ئۇيغۇر ۋە 500 مىڭ ئەتراپىدا قازاق ھەر خىل جىنايەتلەر بىلەن ناتسىت لاگىرلىرىغا قامالغان بولۇپ، جىسمانى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قىيىن – قىستاققا دۇچ كەلمەكتە. لاگىر سىرتىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالى بۇنىڭدىن قېلىشمىغۇدەك بولۇپ، ھەر كۈنى مىڭ ئۆلۈپ – تىرىلمەكتە، كۈنلىرى دەككە – دۈككە ئىچىدە ئۆتمەكتە. ئىززەت – ئابرويى، ئىنسانى قەدىر قىممتى دەپسەندە قىلىنماقتا.

مانا مۇشۇنداق ئېغىر كۈنلەر بېشىمىزدىن ئۆتىۋاتقان بولسىمۇ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلار ئىچىدىن ۋەتەندىكى ئۇرۇق – تۇققانلىرى دۇچ كېلىۋاتقان بۇ زۇلۇمغا قارشى چۇقان كۆتۈرىدىغانلار ئاساسەن دېگۈدەك چىقمىدى. مانا بۇ سۈكۈت سەۋەبىدىن خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاۋازىمىزنى ئاڭلىتالمىدۇق، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاھۇ – زارىنى، دات – پەريادىنى دەلىل – ئىسپات بىلەن كەڭ جاھانغا يەتكۈزەلمىدۇق. بۇ سەۋەپ مەشھۇر زاتلىرىمىز، پەخرىلىك ئوغلانلىرىمىز، ئۇستازلىرىمىز، ئاتا – ئانا، ئۇرۇق – تۇققانلىرىمىز ئۈن – تىنسىز ھالدا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ناتسىت جازا لاگىرلىرىدا كۆز يۇمدى. بىزنى بۇ زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىشقا ئۈندىگەن سەۋەپ نېمە ئىدى؟ دۈشمەندىن كۈتكەن « مەرھەمەت »، زالىمدىن تىلىگەن « ئىنساپ » ئىدى. مانا بۇ خاتا تۇيغۇ بىزنى قېرىنداشلارغا ئاڭقاۋسىزلارچە خىيانەت قىلىشقا ئېلىپ بارغانىدى.

قازاق قېرىنداشلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش، ئاسمىلاتسىيە، يوقۇتۇش باشلىنىشى بىلەنلا ئۇلارنىڭ چەتئەلدىكى ئۇرۇق – تۇققانلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، قېرىنداشلىرى دۇچ كەلگەن زۇلۇمنى جاھانغا ئاڭلىتىشى، قېرىنداشلىرىنى يالغۇز تاشلاپ سۈكۈت ئىچىدە تۇرماسلىقى نەتىجىسىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق دەرىجىسىدىكى يوقۇتۇش سىياسىتى، ناتسىت جازا لاگىرلىرى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىدى ۋە سەيرانگۇلنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن يۇقىرى پەللىگە چىقتى. نەتىجىدە خەلقئارالىق مەشھۇر گېزىت – ژورنالدا فاشسىت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ  شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتى ھەققىدە ماقالىلەر، دوكىلاتلار ئېلان قىلىنىشقا باشلاندى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر ۋەكىللەر گۇۋاھلىق يىغىنى ئۆتكۈزدى. 2018 – يىلى 8 – ئاينىڭ 10 – كۈنى مۇھاجىرەتتىكى خىتاي ئاكادېمىكلار، مەشھۇر زاتلار ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ دۇنيا جامائەتچىلىكىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى

( http://www.peacehall.com/news/gb/intl/2018/08/201808101217.shtml ).

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئوخشاش كۈندە ب د ت ئىرقى ئايرىمچىلىقنى يوقۇتۇش كومتېتىنىڭ 96 – قېتىملىق يىغىنىدا فاشىست خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، ناتسىت جازا لاگىرىغا قاماش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. نەخ مەيداندا جاۋاپ بېرىشكە ئاجىز كەلگەن فاشىست خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرى 13 – ئاۋغۇستتا جاۋاپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، نەخ مەيداندا جاۋاپ بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. خۇلاسىلىگەندە شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق مىللەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان ھايات – ماماتلىق مەسىلە خەلقئارا كۈنتەرتىپتىن ئورۇن ئالدى.

ھەممىگە مەلۇم، خەلقئارادا دەلىل – ئىسپاتلار مۇھىم رول ئوينايدۇ. گەرچە فاشست خىتاينىڭ  زۇلۇم ۋە يوقۇتۇش سىياسىتىنىڭ ئەڭ باشتىكى قۇربانلىرى بىز ئۇيغۇرلار بولغان بولساقمۇ، نەچچە يىلدىن بۇيان نامائىش ئېلىپ بېرىۋاتقان، قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بولساقمۇ، قازاق قېرىنداشلار ئېلىپ بارغان دەلىل – ئىسپاتلىق گۇۋاھلىق نەتىجە ياراتقاندەك نەتىجىگە ئېرىشەلمىدۇق. ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقى چوڭ رول ئوينىدى.

1997 – يىلى 5 – فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى بولغىنىغا 21 يىل، 2009 – يىلى 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى بولغىنىغا 9 يىل بولدى. مانا بۇ قىرغىنچىلىقلاردىن نەچچە ئون مىڭلىغان قىز – ئوغۇللىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالغان بولساقمۇ، ئۇلار ھەققىدە بۈگۈنگىچە بىرەر سانلىق سىتاستىكا ئېلىپ بېرىپ دەلىل – ئىسپات تۇرغۇزۇپ چىقالمىدۇق. تا بۈگۈنگىچە ئەركىن ئاسيا رادىيوسى ئېنىقلاپ چىققان ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا غايىپ بولغانلارنىڭ سانى 50 ئەتراپىدا. خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ھازىرمۇ ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانىنى 184 ( 46 نەپىرى خىتاي، 138 نەپىرى ئۇيغۇر ) دەپ ئىشلىتىۋاتىدۇ. مۇھاجىرەتتىكى خىتاي فالۇنگۇڭچىلار بولسۇن ياكى تىبەتلەر بولسۇن، خىتاي زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار ھەققىدە مەخسۇس ئارخىپ تۇرغۇزۇپ ئۇلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلماقتا، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا يەتكۈزۈپ بەرمەكتە ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىزدىرىكىنى قىلماقتا.

قېرىندىشىم، ئەگەر ۋەتەندىكى ئۇرۇق – تۇققانلىرىڭىزغا ئىگە چىقاي دېسىڭىز بۇ قېرىنداشلىرىڭىز ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئاشكارلاڭ. بۈگۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئۇلارنىڭ نىداسىنى كەڭ جاھانغا ئاڭلىتىشىمىز كېرەك. ئەگەر سىز يەنە سۈكۈت قىلسىڭىز قېرىندىشىڭىز پايدا ئەمەس، ئەكسىچە زىيان يەتكۈزگەن بولىسىز، قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ ئۈن – تىنسىز يوقۇلۇشىغا، خىتاي يالماۋۇزلىرىنىڭ يۇتۇۋېتىشىگە رازى بولغان بولىسىز. ئەگەر ئۇلارغا ياردەم قىلاي دېسىڭىز، تۇتۇپ كېتىلگەن قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ ئىسم – فامىلىسى، يۇرتى ( مەھەللە )، كىملىك نۇمۇرى، يېشى، تۇغۇلغان ۋاقتى، كەسپى، قاچان تۇتۇلغان، قەيەرگە قامالغان قاتارلىق ئۇچۇرلاردىن نېمىنى قانچىلىك بىلسىڭىز شۇنى ئاشكارىلاڭ، رەسىمى بولسا ئۇنىمۇ چىقىرىپ كۆرسىتىڭ. خىتايلار تاجاۋۇزچىلىرى ئىز قالدۇرماسلىق ئۈچۈن مىيىت كۆيدۈرۈش ئورگانلىرىنى كۆپلەپ قۇرۇپ چىقتى ۋە تېخىمۇ كېڭەيتىۋاتىدۇ. مانا بۇلار دەلىل – ئىسپات قالدۇرماسلىقنىڭ بىشارىتى. بۈگۈنگىچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ رەسمىي نوپۇس سانىنى ئېلان قىلىپ باقمىدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت ئىز – دىرەكسىز يوقۇتىۋەتكەنلەر ئۈستىدىكى مەسئۇلىيەتتىن قېچىش ئۈچۈن.

2018 – يىلى 8 – ئاينىڭ 12 – كۈنى فاشىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇۋانى بولغان يەرشارى ۋاقىت گېزىتىدە « شىنجاڭنىڭ تىنچ – مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇقتۇر » سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىپ، مۇقىملىقنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى يوقۇتۇشنى ۋە بۇ ۋەزىيەتنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇڭا ۋەزىيەت ئوڭشىلىپ قالار دېگەن تەمە بىلەن دۈشمەندىن شەپقەت كۈتۈشنى تاشلاپ، قېرىنداشلىرىڭىزغا ئىگە چىقىڭ. بۈگۈنگىچە لاگىرلارغا قامىلىپ ئامان – ئىسەن چىققان كىشى يوق دېيەرلىك. قېرىندىشىڭىزغا سىز ئىگە چىقمىسىڭىز، ئۇلارغا كىم ئىگە چىقىدۇ؟ ئۇلارنىڭ ھەققىنى كىم ھىمايە قىلىدۇ؟

بۈگۈنكى پوزىتسىيەرىمىز كېلەچىكىمىزنى بەلگىلەيدۇ.

ئۇنۇتماڭ، سۈكۈت ئىچىدىكى مىللەت يوقىلىدۇ.

Share
1803 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.