ئەڭ يېڭى خەۋەر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
شىۋېتسىيەدىكى شەرقى تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنغان كۇچا ئالاقاغالىق مال دوختۇر مەمەت ئىبراھىمنىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىكى ئۇچۇرى ھەققىدە ئالاقاغا ساقچى خادىملىرى مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان ئىدى.
بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالاقاغانىڭ قاناس ۋە قىتات كەنتلىرىدىكى ئىككى مەھەللە باشلىقى مەمەت ئىبراھىمنىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىكىنى دەلىللىدى. ئۇلار مەمەت ئىبراھىمنىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىكى ئۇچۇرىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، مال دوختۇر مەمەت ئىبراھىمنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بارلىقىنى، ئاتا-ئانىسىنىڭ تېخى ھايات ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئالاقاغا ساقچى خادىملىرى مال دوختۇر مەمەت ئىبراھىمنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغاندىن كېيىن، بىز مەمەت ئىبراھىم تەۋە بولغان قىتات كەنتى ۋە خىزمەت ئورنى تەۋە بولغان قاناس كەنتلىرىدىن مەلۇمات ئېلىشقا ئۇرۇندۇق.
بۇ ئىككى كەنتتىكى مەھەللە باشلىقلىرىدىن بىرى مەمەت ئىبراھىمنىڭ ئۆلۈمىدىن يەنى ئۇنىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىكىدىن خەۋىرى بارلىقىنى ئېيتتى، ئۇ يەنە مەمەت ئىبراھىم بىلەن تونۇشلۇقى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئائىلىسىگە نەزىر ياكى ئۆلۈم پەتىسىگە بارالمىغانلىقىنى، بۇنىڭغا ئۆزىنىڭ خىزمەتتىكى ئالدىراشلىقىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئەمما شەرقى تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دائىرىلەرنىڭ مەزكۇر ئائىلىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىپ ئەل-جامائەتنىڭ بۇ ئائىلىنى زىيارەت قىلىشىنى چەكلىگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
مەمەت ئىبراھىم بىلەن ئائىلە بويىچە باردى-كەلدى مۇناسىۋىتى بار بولغان يەنە بىر مەھەللە باشلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، مەمەت ئىبراھىمنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بار بولۇپ، مەمەت ئىبراھىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئايالى تىرىكچىلىك ئېھتىياجى بىلەن كەنتتىن يۆتكىلىپ ناھىيە بازىرىغا كۆچكەن.
بۇ ئىككى مەھەللە باشلىقى مەمەت ئىبراھىمنىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تۇتۇلۇش، قولغا ئېلىنىش ۋە سوتلىنىش جەريانى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.
شەرقى تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، مال دوختۇر مەمەت ئىبراھىم قول تېلېفونىدا تەبلىغ ئاڭلىغانلىقى ۋە تەبلىغنى ساقلىغانلىقى ئۈچۈن قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللاندى دەپ ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان ۋە تۈرمىدە قېيىن-قىستاقتا ھاياتىدىن ئايرىلغان
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/turmide-olgen-05242016141501.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.