ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئۇيغۇر قانۇن ھەركىتىنىڭ يولباشچىسى،ئۇيغۇرلارنىڭ يىگانە ئاۋازى پروفىسسور ئىلھام توختىنىڭ ئاۋدۇكاتى لى فاڭپىڭ 26.ئىيۇن كەچ سائەت 4 تىن 47 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈندىدار ئارقىلىق تونۇش-بىلىشلىرىگە يوللىغان خەۋەردە؛ ئىلھام توختى تورمىدا ئىككى قىتىم 10 كۈندىن جەمئى 20 كۈن ئاچلىق ئىلان قىلغان.بىرىنجى قىتىم 1.ئاينىڭ 16.كۈنىدىن 26.كۈنىگىچە،ئىككىنجى قىتىم 3.ئاينىڭ 1.كۈنىدىن 10.كۈنىگىچە ئاچلىق ئىلان قىلغان.قارىماققا ئىلھام توختىنىڭ سالامەتلىكى ياخشىدەك كۆرۈنسىمۇ 16 كىلو ئۇرۇقلاپ كەتكەن،دىيىلگەن
لى فاڭپىڭنىڭ دىيىشىچە؛ ئىلھام توختى مەن گۇناسىز.مىنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىم جۇڭگو،ئۇيغۇر،خەنزۇلارنىڭ ئورتاق مەنپەتىگە پايدىلىق دىگەن كۆز قارىشىدا چىڭ تۇرۇپتۇ
ئىلھام توختى ھەر قانداق بۆلگۈنچىلىك سۆز-ھەركتىنىڭ بولغانلىقىنى قەتئى رەت قىلغان
بىيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇر قانۇن ھەركىتىنىڭ يولباشچىسى،ئۇيغۇرلارنىڭ يىگانە ئاۋازى پروفىسسور ئىلھام توختى 2014.يىلى 1.ئاينىڭ 15.كۈنى بىجىڭدىكى ئۆيىددە ئىككى نارىسىدە بالىسىنىڭ كۆز ئالدىدا قولىغا كويزا سەلىنىپ تۇتۇپ كىتىلگەن
مەنبە
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.