ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئافغانىستاننىڭ كابۇل ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبانلار ئوتتۇرىسىدىكى2- قېتىملىق تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ 30 -ئىيۇل ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
رېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئافغانىستان ئالىي تىنچلىق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئىسمائىل قاسىميار جۈمە كۈنى سۆھبەتكە خىتاينىڭ ساھىبخانىلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «2-قېتىملىق سۆھبەت زور ئېھتىماللىق بىلەن 30-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن» دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ «تېررورلۇق» تەھدىتىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قەيت قىلىشىچە، تالىبان ۋە باشقا قوراللىق گۇرۇھلار ئافغانىستان-پاكىستان چېگراسىدا ش ت ئى نىڭ ئەزالىرىنى پاناھلىق ماكان، ھەربىي تەلىم تەربىيە بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ، دەپ قارىلىۋاتقان ئەھۋالدا، خىتاينىڭ تالىبان بىلەن كابۇل ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتكە ساھىبخانىلىق قىلىشى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىكەن.
ئىسمائىل قاسىميار، سۆھبەتكە خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كابۇل ھۆكۈمىتى بىلەن بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى 1- قېتىملىق سۆھبەت بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن. سۆھبەت پاكىستان ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى
http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/taliban-07242015163012.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.