ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
شۆھرەت ھوشۇر
مۇخبىرىمىز ئۇچتۇرپان پىدائىيلىرىدىن قېچىپ يۈرۈپ قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان سۇلايمان توختى بىلەن ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە ئاقىۋىتىنى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ئۇلارنىڭ 4-ئاۋغۇست كۈنى ياۋكۆرۈك يېزىسىدا مەھەللە باشلىقى تۇرسۇن ئەمەتنى ئۆلتۈرۈشتىن بىر كۈن ئاۋۋال، ئاقتوقايدا ئىككى نەپەر ۋە ياكۆۋرۈكتە بىر نەپەر خىتاي كۆچمەننى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بايقىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى پىدائىي ئاقتوقايدىن ياكۆۋرۈككە ئۆتۈش سەپىرىدە ئالدىغا ئۇچرىغان ئىككى نەپەر خىتاي كۆچمەننى ئۆلتۈرگەن ۋە ئۇلاردىن بۇلاپ ئالغان موتسىكلىت بىلەن ياكۆۋرۇك يېزىسىغا كېلىپ، ۋاڭ فامىلىلىك بىر خۇمدان باشلىقىنى ئۆلتۈرگەن.
ياكۆۋرۈك يېزىسىدىكى بىر كەنت باشلىقى ۋە ئاقسۇدىكى بىر ساقچى خادىمىنىڭ مۇخبىرىمىزغا بايان قىلىشىچە، ئىماملىرىمدا 4 ئائىلىلىك خىتاي يەر خوجايىنلىرىنى ئۆلتۈرگەن بۇ پىدائىيلار، ھازىرغا قەدەر بولغان 1 ئايغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ئاز دېگەندە 5 قېتىم ھۇجۇم ئېلىپ بارغان ۋە ئاز دېگەندە 16 كىشىنى ئۆلتۈرگەن
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/uyghurda-qarshiliq-08112014213935.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.