ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
شۆھرەت ھوشۇر
ۇلتۇر بىر يىل ئىچىدە تىنجىمىغان يەنى ئارقا – ئارقىدىن ۋەقە چىقىپ تۇرغان جايلاردىن بىرى قارىقاش ناھىيىسىنىڭ پۇچاقچى يېزىسى. بۇ يېزىدا بۇلتۇر، تاراۋىدا ئادەم تۇتۇش ۋەقەسى ۋە تاراۋىدا ئادەم تۇتقان سېكرىتارنىڭ ئايالىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى، 9 نەپەر پىدائىينىڭ كەپە ئۆيدە قورشاۋغا ئېلىنىش ۋەقەسى قاتارلىق بىر يۈرۈش ۋەقەلەر يۈز بەرگەن ئىدى؛ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن، مەزكۇر يېزىدا يەنە بىر قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەن.
ئاشكارىلىنىشىچە، تۈنۈگۈن پۇرچاقچىنىڭ باشقۇدۇقلا كەنتىدە يول چارلاۋاتقان ساقچى ۋە ھەربىيلەر، بىر ئۇيغۇر ياشقا زوراۋانلىق قىلغان، زوراۋانلىققا زوراۋانلىق بىلەن قارشى تۇرۇشقا ئۇرۇنغان بۇ ياش يېنىدىكى پىچاقنى قولىغا ئېلىپ ھەربىيلەرگە ئېتىلىۋاتقان چاغدا ئېتىۋېتىلگەن. بۇ ۋەقە ھەققىدىكى يىپ ئۇچى تۈنۈگۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تاراقالغاندىن كېيىن، مۇخبىرىمىز ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ساقچى ۋە كەنت باشلىقلىرىدىن مەلۇمات ئىگىلىدى
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/qariqash-weqesi-02172015214902.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.