logo

trugen jacn

شەرقى تۈركىستاندا دىنى ئەركىنلىكنى باستۇرۇش قانۇنلاشتۇرۇلغان

image

ئەركىن

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يېقىندا ماقۇللىغان قانۇن نىزامىدا، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ قانداق دىنىي كىيىملەرنى كىيىشى، قانداق ياسىنىشىغا بولمايدىغانلىقى بېكىتىپ بېرىلگەن. قانۇن نىزامدا، ھەرقانداق كىشىنىڭ «دىنىي ئاشقۇنلۇق تۈسىدىكى كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىشى، شۇ خىل سىمۋوللۇق نەرسىلەرنى ئېسىشى-تاقىشى ياكى ياسىنىشى مەنئى قىلىنغان.»

ھەر قانداق كىشىنىڭ باشقىلارنى شۇ خىل كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىشكە، شۇ خىل پاسوندا ياسىنىشقا، شۇ خىل دىنىي سىمۋوللۇق نەرسىلەرنى ئېسىشقا ياكى تاقاشقا مەجبۇرلىيالمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا ئەھۋالغا قاراپ 30 مىڭ سومغا قەدەر جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقى، ئەھۋالى ئېغىرلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

قانۇن نىزامدا، ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىگە يۇقىرىقى نىزامغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەن. مەزكۇر قانۇن نىزامى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28‏-نويابىر چاقىرىلغان يىغىنىدا، بارلىق ئاۋازنىڭ بىردەك قوشۇلۇشى بىلەن ماقۇللانغان.

كىشىلەرنىڭ دىنىي كىيىم-كېچەك، دىنىي قىياپىتىگە قانۇنى ئۆلچەم بېكىتىپ بېرىشتەك بۇنداق بىر قانۇن نىزامنىڭ خىتايدا تۇنجى قېتىم چىقىرىشىدۇر. دائىرىلەر، مەزكۇر نىزام تېررورلۇق ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇققا تاقابىل تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشقا پايدىلىق، دەپ كۆرسەتسىمۇ، بىراق بەزى ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، كىشىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ئۇلار خالىغان ئۇسۇلدا ئىپادىلەشكە قانۇن ئارقىلىق چەكلىمە قويۇش زور خاتالىق.

ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ۋەزىيەت ئانالىزچىسى مەمەت توختى ئەپەندى، مەزكۇر نىزام دىنىي ئەركىنلىككە ئوچۇق-ئاشكارا خىلاپلىق قىلغانلىق، ئىپادە ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى باستۇرۇشنى قانۇنلاشتۇرغانلىق، دەپ تەنقىد قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: كىتاب بېرىلگەن دىنلارنىڭ ھەممىسىدە يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشنىلا بەلگىلىمىگەن. دىن ئائىلە قانۇنى مەسىلەن، نىكاھ قانۇنى، مىراسنى قانداق بۆلۈشۈش، ئائىلە ئىچىدە چوڭلار كىچىكلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىش، قولۇم قوشنىلار بىلەن قانداق مۇناسىۋەت قىلىش، ئاتا-ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىسلامى ھايات دېگەندە مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئانى كەرىمدە بەلگىلەنگەن دىنىي بەلگىلىمىلەرگە بويسۇنۇپ، ياشاش ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇلارنىڭ ھېچبىرىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىجرا قىلالمىغان شارائىت ئاستىدا، بۇ قانۇن ئىجرا قىلىنسا، ئۇ يەردە پەقەت مۇسۇلمانلىق، دېگەن سۆز ساقلىنىپ قالىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئىنسانلارنىڭ دىنىي ھاياتى ئېغىر دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرايدۇ. بىر قانۇن چىققان بولسا ئۇنىڭ جازاسى بىرگە كېلىدۇ.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، قۇرۇلتاي قانۇن كومىتېتىنىڭ باشلىقى ما مىڭچېڭ، «بۇنىڭدىن 20 يىل ئاۋۋال چىقىرىلغان كونا نىزام تېررورلۇق ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇقنىڭ تور، ئىجتىمائىي تارتقۇلار ئارقىلىق تارقىلىشىغا، دىننى سۇيىئىستېمال قىلىنىپ، كىشىلىك تۇرمۇشقا ئارىلىشى تاقابىل تۇرالمىدى» دېگەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، يېڭى قانۇن نىزام بۇ خىل ئېھتىياجنى كۆزدە تۇتۇپ چىقىرىلغان.

لېكىن ئانالىزچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، 1994‏-يىلى چىقىرىلغان كونا قانۇن نىزامغا بۇ قېتىم 18 تۈرلۈك يېڭى ماددا قوشۇلۇپ، قانداق كىيىنىش، قانداق ئىبادەت قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىنىي پائالىيەت بوشلۇقى زور دەرىجىدە تارايتىلغان.

مەزكۇر قانۇن نىزامدا، دىننىڭ ئەدلىيە، توي-تۆكۈن ۋە نەزىر چىراغ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى چەكلەنگەن. ئۇنىڭدا قانداق ھەرىكەتنىڭ دىنىي ئاشقۇنلۇققا كىرىدىغانلىقىغا چۈشەنچە بېرىلمىگەن بولسىمۇ، بىراق ھەر قانداق كىشىلەرنىڭ دىنىي ئاشقۇنلۇقنى مەزمۇن قىلغان ئۈن، سىن بۇيۇملىرىنى تارقىتىشى مەنئى قىلىنغان.

ما مىڭچېڭ، مەزكۇر نىزامنىڭ ئەمەلىيەتچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «بىز خەلقنىڭ قانداق دىنىي پائالىيەتلەر قوغدىلىدىغانلىقى، قانداق دىنىي پائالىيەتلەرنى دەرھال توختىتىشى كېرەكلىكىنى بىلىشىنى ئىستىدۇق» دېگەن.

لېكىن ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، يېڭى قانۇن نىزامدا زور مۈجمەللىك بار. ئۇنىڭدا، قانداق دىنىي قىياپەتلەرنىڭ «قانۇنلۇق دىنىي قىياپەت»، قانداق دىنىي قىياپەتلەرنىڭ «ئاشقۇنلۇق» ئىكەنلىكىگە ئېنىق چۈشەنچە بېرىلمىگەن. نۇرغۇن مەسىلە سوت، تەپتىش ۋە ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ ئىختىيارىغا تاشلاپ قويۇلغان.

مەمەت توختى ئەپەندى، مەزكۇر قانۇن نىزام ئىجرا قىلىنسا، بۇنىڭ زور ئادالەتسىزلىككە يول ئاچىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: خىتايلارنىڭ ھازىرغا قەدەر چىقارغان قانۇنلىرىدا قوللانغان سۆزلەر ناھايىتى يۇمىلاق، ئۇنى بۇيانغا تارتسىمۇ بولىدۇ، ئۇيانغا تارتسىمۇ بولىدۇ. خىتاينىڭ ۋەتەنداشلىق قانۇنىمۇ شۇنداق. ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە «ئۇ كانادا پۇقراسىمۇ-ئەمەسمۇ؟» دېگەن مەسىلىدە، خىتاي ۋەتەنداشلىق قانۇنى بويىچە ئۇ كانادا پۇقراسى. چۈنكى، باشقا دۆلەت پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ھەرقانداق كىشى ئاپتوماتىك ۋەتەنداشلىقتىن قالىدۇ. لېكىن، خىتايلار ئۇنى باشقىچە چۈشەندۈردى. شۇڭا، بىزنىڭ ۋەتەندە چىقىۋاتقان قانۇنلارنىڭمۇ، بىرى، نىشانلىق، سۆزلەر ئېنىق، جىنايەت ئېنىق ئۇقۇملار بىلەن ئىپادىلەنمەي، يۇمىلاق، نەگە تارتسا بولىدىغان ئېلاستىكلىق سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەنگەچكە، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگان قانۇننى خالىغانچە ئىزاھلايدۇ. ئۇلارنىڭ قولىدا قانۇن بۇزۇپ، دەپسەندە قىلىنسىمۇ، نورمال ئىش قىلغاندەك، قانۇنلۇق ئىش قىلغاندەك كۆرسىتىلىدۇ. ئەگەر ئۇ كوچىدا كېتىۋاتقان نورمال بىر كىشىنىڭ ساقىلى ئۆسۈپ قالغان بولسا، ئۇنى شۇ قانۇنغا كىرگۈزىمەن دېسە، كىرگۈزگۈدەك قىلىپ چىقىرىۋاتىدۇ قانۇنلارنى.

ما مىڭچېڭ مەزكۇر قانۇننىڭ 2 يېرىم يىل مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق جەمئىيەتنىڭ قانچىلىك پىكرىنى ئالغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئانالىزچىلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر قانۇن نىزام خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان «تېررورلۇق» ۋە «دىنىي ئاشقۇنلۇق» قا قارشى قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇنىڭ مەقسىتى خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا قانۇنىي قالقان ھازىرلاپ بېرىشتۇر

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/diniy-siyaset-12032014144433.html

Share
1997 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.