ئەڭ يېڭى خەۋەر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
غالىپ ئىلى
شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ئىنقىلابى دەۋردە شۇ دەۋردىكى ئىنقىلابنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىدىن بىر قانچە سىياسىي تەشكىلات ۋە سىياسىي پارتىيەلەر قۇرۇلىدۇ.
ئازادلىق تەشكىلاتى
1944- يىلى 9- ئاپرېل سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ ياردىمى بىلەن ئازادلىق تەشكىلاتى قۇرۇلىدۇ. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى 12 كىشى بولۇپ مەزكۇر تەشكىلاتقا ئېلىخان تۆرە، رەھىمجان سابىر ھاجىيوۋ، ئابدۇرائوپ مەخسۇم ئىبراھىمى، زۇنۇن تىيىپوۋ، قاسىمجان قەمبىرى ۋە ئابدۇكېرىم ئابباسوف قاتارلىق كىشىلەر ئەزا بولىدۇ. تەشكىلاتنىڭ رەئىسلىكىگە ئېلىخان تۆرە سايلىنىدۇ. ئازادلىق تەشكىلاتى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ئىنقىلابى ھارپىسىدا ئىنقىلابنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەيدۇ. جۈملىدىن تەشۋىقات- تەرغىبات خىزمەتلىرىنى كۈچلۈك ئېلىپ بارىدۇ. ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئېلىخان تۆرە ۋە تەشكىلات ئەزالىرى تۈرلۈك سورۇنلار ۋە بەيتۇللا مەسچىتىنىڭ مۇنبىرىدىن پايدىلىنىپ مۇستەقىللىق، مىللىي ئازادلىق ۋە ئەركىنلىك تەشۋىقاتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ خەلق ئاممىسىنى سەپەرۋەر قىلىشقا باشلايدۇ. ئابدۇكېرىم ئابباسوف قاتارلىقلار ياشلار ۋە زىيالىيلار ئارىسىدا تەشۋىقات ۋە تەرغىبات ئېلىپ بارىدۇ. ئازادلىق تەشكىلاتى 1944- يىلى 7- نويابىردىكى غۇلجا قوزغىلىڭىنى تەشكىللەيدۇ ھەمدە رەھبەرلىك قىلىدۇ. قوزغىلاڭ غەلىبە قازانغاندىن كېيىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىكىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلىدۇ. جۇمھۇرىيەتنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپچىلىك ئەزالىرى ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئېلىخان تۆرە جۇمھۇر رەئىس بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىنغاندىن كېيىن ئازادلىق تەشكىلاتى ئۆز پائالىيىتىنى توختىتىدۇ.
شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى
1945 – يىلى 15- نويابىر كۈنى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى غۇلجىدا تەسىس قىلىنىدۇ. مەركىزىي كومىتېت رەئىسى ئابدۇكېرىم ئابباسوف، مۇئاۋىن رەئىسى سەيدۇللا سەيپۇللايوۋ، ئەزالىرى سەيپىدىن ئەزىزى، مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوۋ، ئەنۋەر خانبابا، بۇقارا تىشقانبايوۋ، ئابدۇللا زاكىروۋلاردىن تەركىب تاپىدۇ. تەشكىلات نىزامنامىسى تۈزۈلۈپ مەركىزىي كومىتېت تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. ياشلار تەشكىلاتىنىڭ مەركىزىي ئاپپاراتلىرى تەشكىللىنىدۇ. ئابدۇللا زاكىروۋ باش كاتىپلىققا، زىيا سەمىدى تەشكىلات بۆلۈم باشلىقلىقىغا، ئوسمان زىيا تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقلىقىغا ، داۋۇت ئاخۇن مالىيە بۆلۈم باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىدۇ . شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتىنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى قۇرۇلىدۇ. تارباغاتاي ۋىلايەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئابلىمىت ھاجىيوۋ، ئالتاي ۋىلايەتلىك كومىتېتنىڭ رەئىسى مۇقاش جەكەلەر تەيىنلىنىدۇ. ئىلى ۋىلايىتىنىڭ خىزمەتلىرىنى مەركىزىي كومىتېت بىۋاسىتە تۇتىدۇ. ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتىنىڭ مىللىي ئارمىيەدىكى كومىتېت رەئىسلىكىگە توختى ئىبراھىموۋ تەيىنلىنىدۇ . ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى مەركىزىي كومىتېتى ئۈرۈمچىدە ئۆز تەشكىلىنى قۇرۇش توغرۇلۇق قارار قوبۇل قىلىپ، بۇ ۋەزىپىنى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىللە ئۈرۈمچىگە بېرىپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەتتە خىزمەت قىلىدىغان ئەنۋەر خانباباغا تاپشۇرىدۇ. لېكىن، ئەنۋەر خانبابا ئۈرۈمچىگە كېلىپ پائالىيەت باشلىغاندىن كېيىن، مەلۇم كىشىنىڭ بۇ ئىش ھەققىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىغا خەۋەر يەتكۈزگەنلىكى تۈپەيلى كونسۇلخانىنىڭ توسالغۇلۇق قىلىشى بىلەن ئىنىقلابچىل ياشلار تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ تەشكىلىنى ئۈرۈمچىدە قۇرالماي قالىدۇ.
شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتىنى تەسىس قىلىنىشىدىكى تۈپكى مەقسەت ھەر قايسى يەرلىك مىللەت ياشلىرىنى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ئىنقىلابىنىڭ نىشانى تاجاۋۇزچى جۇڭخۇا مىنگونىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشتىن ئىبارەت بولغان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا سەپەرۋەرلىك قىلىشتىن ئىبارەت بولىدۇ.
ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى خەلق ئاممىسى ناھايىتى قىزغىن قارشى ئالدى. ياشلار بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولۇشنى جىددىي تەلەپ قىلىدۇ ۋە ئاكتىپلىق بىلەن ئەزا بولىدۇ. ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتىنىڭ ئامما ئىچىدە ئىناۋىتى يۇقىرى بولغانلىقى ۋە ياشلار قىزغىن قوللىغانلىقى ئۈچۈن ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى تېزلىكتە كۆپىيىدۇ. قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە 14 مىڭدىن ئاشىدۇ . ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى ياشلار ئارىسىدا ئىشغالىيەتچى جۇڭخۇا مىنگونىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش تەشۋىقاتنى چىڭ تۇتىدۇ. ئىنقىلابىي ۋەزىيەتنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ياشلار خەلق ئىگىلىكى، مەدەنىيەت- مائارىپ ۋە ھەربىي ئىشلار قاتارلىق خىزمەتلەرگە سەپەرۋەرلىك قىلىنىدۇ.
ئالتاي قازاق مىللىتى قايتا گۈللىنىش ھەيئىتى
1943- يىلى دېكابىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئالتاي ۋىلايىتىدە ئوسمان ئىسلام چىڭگىل ناھىيەسى بۇلغۇن دەرياسى بويىدىكى قارارگاھىدا « ئالتاي قازاق مىللىتى قايتا گۈللىنىش ھەيئىتى » نى قۇرىدۇ. بۇ ھەيئەت قۇرۇلغاندىن كېيىن پۈتۈن ئالتاي ۋىلايىتى بويىچە قازاق خەلقىنى قوزغاپ، جۇڭخۇا مىنگو ھاكىمىيىتىگە قارشى قوراللىق كۈرەشنى كەڭ قانات يايدۇرىدۇ ھەمدە بۇ كۈرەش بارغانسېرى ئۇلغىيىدۇ.
مىللىي ئازادلىق ئۈچۈن كۈرەش تەشكىلاتى
1944- يىلى مايدا تارباغاتاي ۋىلايىتى چۆچەكتە ئابلىمىت ھاجىيوۋ، مەتنىياز قارى ئەيسابايوۋ، ئابلىز راخمانلارنىڭ ئايرىم- ئايرىم رەھبەرلىكىدە ئۈچ جەڭگىۋار گۇرۇپپا قۇرۇلۇپ مۇستەملىكىچى جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ. شۇ يىلى 10- ئىيۇل ئابدۇللا رامازانوۋ نىڭ ( ئەسلى ئىسمى مەنسۇر روزىيوف، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خادىمى) ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تارباغاتايدىكى ئۈچ جەڭگىۋار گۇرۇپپا بىرلەشتۈرۈلۈپ « مىللىي ئازادلىق ئۈچۈن كۈرەش» تەشكىلاتى قۇرۇلىدۇ. بۇ تەشكىلاتنىڭ ۋەزىپىسى تارباغاتايدىكى ھەر مىللەت خەلقى ۋە زىيالىيلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ جۇڭخۇا مىنگو دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش، رىپوۋ پارتىزانلىرىنىڭ قوشۇننى زورايتىشىغا ياردەم بېرىش ۋە ئېمىل قوماندانلىق ئىشتابىغا ئاخبارات يىغىپ بېرىشتىن ئىبارەت بولىدۇ. ( ئېمىل قوماندانلىق ئىشتابى 1944- يىلى ئىيۇلدا چۆچەك ئەتراپىدىكى مەخپىي پائالىيەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىش ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقى چېگراسى ئىچىدە قورۇلغان بىر تەشكىلات بولۇپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خادىمى ئابدۇللا رامازانوۋ مەسئۇل بولغان. )
1944- يىلى دېكابىرنىڭ باشلىرىدا « مىللىي ئازادلىق ئۈچۈن كۈرەش » تەشكىلاتنىڭ ئابلىمىت ھاجىيوۋ باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم ئەزالىرى ئابدۇللا رامازانوۋنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا سوۋېت ئىتتىپاقى چېگراسى ئىچىدىكى قاراباستاۋدا قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇپ تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى يەر ئاستى پائالىيەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىدۇ.
1944- يىلى مايدا دۇبېك چالغىنبايوۋ، بالقاش ئالىمغازى قاتارلىق قازاق زىيالىيلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چۆچەكتە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ ياردىمى بىلەن چۆچەك ناھىيە بازىرىدا قازاق ياشلىرى ئاساس قىلىنغان جەڭگىۋار گۇرۇپپا قۇرۇپ جۇڭخۇا مىنگو دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ .
ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى
1945- يىلى ئاپرېلدا شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئاقسۇدىكى بىر قىسىم ياشلار بىلەن بىرلىكتە « ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى » نامىدا تەشكىلات قۇرۇپ جۇڭخۇا مىنگو دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى بىر مەزگىل پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ئىنقىلابىغا ئاۋاز قوشىدۇ. 1945- يىلى ئىيۇلدا خائىننىڭ ساتقىنلىقى بىلەن لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋە « ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» نىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى ئاقسۇدىكى جۇڭخۇا مىنگو دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلىدۇ.
لۇتپۇللا مۇتەللىپ يېقىنقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ بىر يارقىن يۇلتۇزى بولۇپ ئۇ بەدىئىيلىكى يۇقىرى بولغان نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان.
خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى
ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى مەركىزىي كومىتېتىدىكى كىشىلەر ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدا ئىنقىلاب قىلىش ئۈچۈن ئىنقىلابقا رەھبەرلىك قىلىدىغان پارتىيەنىڭ بولۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاخىرى ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ تەشەببۇسى ۋە تەشكىللىشى بىلەن ئابدۇكېرىم ئابباسوف، ئەسئەت ئىسھاقوۋ، سەيدۇللا سەيپۇللايوۋ، سەيپىدىن ئەزىزى، مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوۋ، ئەنۋەر خانبابا ۋە ئابدۇللا زاكىرۇۋدىن ئىبارەت يەتتە كىشى مەسلىھەتلىشىپ پارتىيە قۇرۇشنى قارار قىلىپ 1946 – يىل – ماي كۈنى غۇلجىدا خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسىنى مەخپىي ھالدا تەسىس قىلىدۇ. بۇ پارتىيەنىڭ ئىسمى قىسقارتىلىپ ئادەتتە « خ . ئى. پ » دەپ ئاتىلىدۇ. مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى ئابدۇكېرىم ئابباسوف (رەئىس)، ئەسئەت ئىسھاقوۋ، سەيدۇللا سەيپۇللايوۋ، سەيپىدىن ئەزىزى، مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوۋ، ئەنۋەر خانبابا ۋە ئابدۇللا زاكىرۇۋدىن ئىبارەت يەتتە كىشىدىن تەركىب تاپىدۇ. پارتىيە پىروگراممىسى ۋە نىزامنامىسى تۈزۈلۈپ چىقىلىدۇ. مەركىزىي كومىتېت پارتىيە ئەزالىرىنىڭ كۆپىيىشىگە قاراپ ياچېيكىلارنى تەشكىللەيدۇ. ئەھۋالغا قاراپ تەدرىجىي ھالدا پارتىيەنىڭ ناھىيەلىك ، ۋىلايەتلىك كومىتېتلىرى قۇرۇلىدۇ. بۇ پارتىيە ئۆز پىروگراممىسىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى شەرقىي تۈركىستان ئازاد بولغاندىن كېيىن خەلقنىڭ رايى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ،دېگەن مەزمۇندا ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
1948- يىلى « شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى» نى تەسىس قىلىنىشتىن ئىلگىرى خەلقچىل ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1948- يىلى 29- ئىيۇلدا ئاچقان 6- نۆۋەتلىك مەجلىسىدە ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ « ھەممىمىز بىر تەشكىلدە بولايلى » دېگەن تەكلىپى قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، قارار قوبۇل قىلىنىپ خەلقچىل ئىنقىلابىي پارتىيەسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.(خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى ۋە خەلقچىل ئىنقىلابىي پارتىيەسى ئەخمەتجان قاسىمىدىن مەخپىي تۇتۇلغان. ).
(بىرلەشمە ھۆكۈمەت مەزگىلىدە قۇرۇلغان خەلقچىل ئىنقىلابىي پارتىيەسى ھەققىدە مەلۇمات : 1947 – يىل 3 – فېۋرال كۈنى ئۈرۈمچىدە ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ تەشەببۇسى بىلەن خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئەزالىرى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى خىتاي زىيالىيلىرى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقى مەسئۇللىرىنىڭ بىرلەشمە مەجلىسى ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلىدۇ ھەمدە ئىككى تەشكىلاتنى بىرلەشتۈرۈش توغرۇلۇق قارار قوبۇل قىلىنىپ خەلقچىل ئىنقىلابىي پارتىيەسى قۇرۇلىدۇ. پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە ئابدۇكېرىم ئابباسوف، مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە لى تەييۇ، ئەسئەت ئىسھاقوۋلار، ئەزالىرىغا سەيپىدىن ئەزىزى، سەيدۇللا سەيپۇللايوۋ، مۇھەممەت ئىمىن ئىمىنوۋ، ئەنۋەر خانبابا، ئابدۇللا زاكىروۋ، چېن شىخۇا، لۇجژ، يۇجەنلىن، يۇچاڭجژلار سايلىنىدۇ. 1948- يىلى «شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى » قۇرۇلغاندىن كېيىن خەلقچىل ئىنقىلابىي پارتىيەسى ئۆز پائالىيىتىنى توختىتىدۇ. لېكىن ئۈرۈمچىدىكى كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقى قايتىدىن ئەسلىگە كېلىپ ئۆز پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.)
شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى
جۇمھۇر رەئىس ئەخمەتجان قاسىمى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئازاد ئۈچ ۋىلايىتىدىكى بارلىق پارتىيە، تەشكىلاتلارنى بىرلەشتۈرۈپ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر مىللەت خەلقلىرىنىڭ كۈرەش قىلىشىغا رەھبەرلىك قىلىدىغان بىر ئاممىۋى تەشكىلات قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن 1948- يىلى – ئاۋغۇست كۈنى غۇلجىدا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە « شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى» نى تەسىس قىلىش يىغىنى ئېچىلىدۇ، يىغىن ئىشتىراكچىلىرى «ئىتتىپاق» نى قۇرۇش بىلەن بىرگە « ئىتتىپاق » نىڭ مەركىزىي ھەيئىتى ۋە تەشكىلىي ھەيئىتىنى تەسىس قىلىدۇ. ئىتتىپاقنىڭ رەئىسلىكىگە ئەخمەتجان قاسىمى سايلىنىدۇ. « ئىتتىپاق» نىڭ مەركىزىي ھەيئەت ھەر ساھە كىشىلىرىدىن تەشكىل قىلىنىدۇ. « ئىتتىپاق » نىڭ تەشكىلىي ھەيئەت ئەزالىرى: ئەخمەتجان قاسىمى، ئىسھاقبېك مونونوۋ، سەيپىدىن ئەزىزى، ئەسقەت ئىسھاقوۋ، ئەنۋەر خانبابا، ئابلىمىت ھاجىيوۋ، ئابدۇلمۇ تائالى خەلپەم، شەمشى مامىيوۋ، ئۇيغۇر سەيرانىلاردىن تەركىب تاپىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئازاد ئۈچ ۋىلايەت دائىرىسىدە « ئىتتىپاق » نىڭ ھەر دەرىجىلىك ئورگانلىرى يەرلىك ۋە مىللىي ئارمىيەدە ئارقىمۇئارقا قۇرۇلىدۇ. ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى « ئىتتىپاق» نىڭ ياشلار بۆلۈمى قىلىپ تەشكىل قىلىنىدۇ. ئەخمەتجان قاسىمى « شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى » نى قۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدىمۇ ئۆزىنىڭ كۈچلۈك تەشكىلاتچى ۋە تالانتلىق بىر رەھبەر ئىكەنلىكىنى تەكرار نامايان قىلىدۇ. ئۇ رەھبەرلىك قىلغان « ئىتتىپاق » ناھايىتى تېزلىك بىلەن ئۆز تەشكىلىنى كېڭەيتىدۇ، ئەزالىرىنى كۆپەيتىدۇ، پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرىدۇ. « ئىتتىپاق » شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىياسەت ۋە ئىقتىساد قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىدىغان سىياسىي تەشكىلاتىقا ئايلىنىدۇ.
_____________________________________________
پايدىلانغان كىتابلار ۋە ماقالىلەر :
كىتابلار :
« ئەخمەتجان ئەپەندىنى ئەسلەيمەن » ( 1- ۋە 2- كىتابلار )، ماھىنۇر قاسىم ، مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ 2014 – يىل 8 – ئاي 1- نەشرى
« شانلىق مىللىي ئارمىيە » ( خەنزۇچە، «军族民的荣光»(ۋېى جۋاڭ، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئەدەبىيات– سەنئەت نەشرىياتىنىڭ 2015 – يىل 1 – ئاي نەشرى
« شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى » ، شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخىنى يېزىش- تەھرىرلەش كومىتېتى ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ 1995- يىل 8 – ئاي 1- نەشرى
« مەن شاھىت بولغان ئىشلار »، سەيدۇللا سەيپۇللا ، شىنجاڭ ياشلار– ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىنىڭ 2005 – يىل 6- ئاي نەشرى
« ئۆمۈر داستانى » ( ئەسلىمە 2 ) ، سەيپىدىن ئەزىزى ، مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ 1990- يىل 12- ئاي 1- نەشرى
ماقالىلەر ؛
« ھاياتىمدىن خاتىرىلەر » ، ئەنۋەر خانبابا، « شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى » ( 40) دىن ، 228 – 375 – بەتلەر، ج خ س م كېڭىشى ش ئو ئا ر كومىتېتى تارىخ ماتېرىياللىرى ھەيئىتى ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ 1996 – يىلى 5- ئاي 1- نەشرى
« ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي دەۋرىدىكى پارتىيە- تەشكىلاتلار »، ئەنۋەر خانبابا، « شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى » (42)، 10 — 80- بەتلەر، ، ج خ س م كېڭىشى ش ئو ئا ر كومىتېتى تارىخ ماتېرىياللىرى ھەيئىتى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ 1999 – يىلى 7- ئاي 1- نەشرى
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.