ئەڭ يېڭى خەۋەر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
سىنتەبىرى ئايلىرىدا بولسا كېرەك تۈركىيەدىكى بىر مىنىستىرلىكتە ئىشلەيدىغان فەرىددۇن ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇ كىشىنىڭ ئېيتىشىچە ئىستانبۇلدا پۈتۈنلەي دىن ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ياش- ئۆسمۈسلەرنىڭ سانى كۈنسىرى كۆپەيگىلى تۇرۇپتۇ. ئىككى يىلدىن بېرى تۈركىيەگە كۆچمەن بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلىرىنى مەكتەپكە بەرمەستىن خاس دىن ئىلىملىرىلا ئوقۇتۇلىدىغان مەدرىسلەرگە بېرىشى دائىرىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن مەسىلىنىڭ ئىچ يۈزىنى بىلىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى ئوقۇغۇچىسى ئەڭ كۆپ بولغان بىر مەدىرىسنى زىيارەت قىلدىم ۋە شۇ يەردە ئىشلەيدىغان بىر ئىنىمىز بىلەن تەپسىلى سۆھبەتلەشتىم. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ 60 پېرسەنتى مەكتەپكە بارماستىن مەخسۇس دىن ئۆگىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار بولۇپ ئانا تىل ئۆتۈلمەيدىكەن. كېيىن مىسىردا بالىلىرىنى دىندا ئوقۇتۇپ قايتىپ كەلگەن كىشىلەر بىلەن ئۇچراشتىم ۋە ئۇلاردىن 3000دىن ئارتۇق ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ دىندا ئوقۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. ئەلۋەتتە ئۇلارغىمۇ ئۇيغۇرچە ئۆتۈلمەيدىكەن.
”مىسىردىمۇ تۈركىيەدىمۇ“ دېگەن يازمام تورغا قويۇلغاندىن كېيىن بىر رەددىيە يېزىلدى ۋە ۋاستىلىق خەتلەرنى تاپشۇرىۋالدىم. ھەتتا مىسىردىكى قىسمەنلەرنىڭ بىرلىكتە ھۇجۇمغا ھازىرلانغانلىقىدىنمۇ خەۋەر تاپتىم. يازمىغا ھەم پىكىر بولغان دوستۇمغىمۇ باتناش، دوق قىلىش، قىيداش مەزمۇنىدىكى خەتلەر كەپتۇ. خەتلەرنىڭ مەزمۇنى مېنى دىنى ئوقۇشقا چات كىرىۋالدى، بىلمەيدىغان ساھەلەردە سەمىمىيەتىسز جۆيلىدى…دېگەندەك جاۋاپ بېرىشكىمۇ ئەرزىمەيدىغان ھاقارەتلەر ئىكەن. يېزىلغان ئىككى رەددىيەنىڭ بىرىدە مېنىڭ ھۆرمەتلىك دوستۇم ھەبىبۇللاھ توختىنىڭ ئىسمى بىلەن يەنە بىر نەتىجىلىك قېرىندىشىمىزنىڭ ئىسمىنى ئالماشتۇرۇپ قويغىنىمنى تۈزۈتۈپ بېرىپتۇ ۋە ئەزھەرنى ئاقلاشقا تىرىشىپتۇ. مەن بۇ قىزغىن قېرىندىشىمىزغا رەھمەت ئېيتىمەن. ئەمما پاكىتسىزلىقلارغا رەددىيە بېرىشنى خالىمايمەن. يەنە بىر رەددىيەدە لوگىكا ئويۇنى ئويناپتۇ، رېتورىك خىتاب ۋە قايناق سۇئاللار بىلەن مېنى يېڭىپتۇ. نېمىلا يازسۇن، مېنى قايىل قىلغىدەك تالانتقا ئىگە بۇنداق بالىلارنى كۆرۈپ ئىچىمدە بارىكاللا ئېيتتىم، يارايسىلەر ئەزىمەتلەر.
مەن مىسىردىكى بالىلارنىڭ تۇشمۇ تۇشتىن قايناپ كېتىشلىرىنى تۈركىيەدىكىلەرنىڭ جىمىپ كېتىشى بىلەن سېلىشتۇرۇپ قالدىم. مىسىردىكىلەر، مىسىردا ئوقۇغانلار ۋە ئوقۇماقچى بولغانلار مىسىرنى دىنىي ئىلىمنىڭ قىبلىسىگە ئايلاندۇرۇپ تۈركىيەنى چۈشۈرسىمۇ، مىسىردا ئوقۇشنى خارۋاردتا ئوقۇشقا تۈركىيەدە ئوقۇشنى بېيجىڭدا ئوقۇشقا تەققاسلاپ كەمسىتسىمۇ، تۈركىيەدە قىسقا ۋاقىت ئوقۇشنى بىلىمنىڭ چولتىلىقىغا مىسىردا سوزۇپ ئوقۇشنى ئىلمىي قۇۋۋەتنىڭ كامالىتىگە تەڭ قىلىپ ناتىقلىق قىلسىمۇ تۈركىيەدىكى ئۆلىمالار ۋە ئوقۇغۇچىلارسەس-سادا چىقارمىدى. خۇددى تۈركىيەدە پەن ئوقۇۋاتقانلار مېنىڭ ”تۈركىيەگىمۇ-ئامېرىكىغىمۇ“ دېگەن يازمامغا جىددىيلىشىپ كەتمىگەندەك، تۈركىيەدە ئىلاھىيەت ئوقۇپ غەلىبە قىلغان ياكى غەلىبە ئىستىكىدە تىرىشىۋاتقانلارمۇ مىسىرنىڭ غايىۋىيلەشتۈرىلىشىگە سوغۇق قان بولىدى. مەنچە بۇ مائارىپ ئۇقۇغۇچىدا يېتىلدۈرىدىغان موھىم ساپالارنىڭ بىرى. بۇ ئۇلارغا ئىلىمنىڭ سىڭگەنلىكى، سالماق، كەسكىن، ئەستايىدىل لوگىكىلىق تەپەككۇرغا ئاللىقاچان كۆنگەنلىكىدۇر.
يازمام ئىلان بولغاندىن كېيىن ھەر يەرلەردىكى ئۆلىما دوستلىرىم يەنە بىرقىسىم يىرگىنىچلىك پاكىتلار بىلەن تەمىنلىدى. مەن ئىمام بۇخارى ھەدىسنى قانداق توپلىغان بولسا دىنىمىزغا ۋە ئەللامىلەرگە ئالاقىدار يازمام ئۈچۈن ماتېرىياللارنى شۇنداق توپلايمەن. بۇ ھەقتە ھىساپ بېرىپ كەلدىم ۋە ئىككىلا دۇنيادا ھىساپ بېرەلەيمەن. مەن ھەتتا ئەرەبىستاندىكى ئەردەم ئىسىملىك ئۆلىما تورداش تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەرەبىستان ھەققىدىكى يازمىلىرىمدا قايسى ئۇچۇرنى كىمدىن ئالغانلىقىمنى، قايسى قۇرنى نېمە ئۈچۈن يازغانلىقىمنى بىر بىرلەپ يېزىپ ئەۋەتىپ بەردىم. مىسىر ھەققىدىمۇ شۇ يەردە ئوقۇغان، ياشىغان، بالىلىرىنى ئوقۇتقانلاردىن بىر بىرلەپ مەلۇمات ئالدىم ۋە يازغانلىرىمنى كۆرسىتىپ پىكىر ئالدىم. يازمىنى باشتىن ئاخىر بىر ئۆلىما بىلەن مەسلەھەتلىشىپ بىرلىكتە قەلەم تەۋرەتتىم. شۇڭا رەددىيەلەرگە يەنە پاكىت كۆرسەتكۈم يوق. سېسىقنى كولىسا جاھان پۇرايدىغانلىقى ئەقىللەرگە خىرە ئەمەس. بۇ پۇرسەتتە بىلىنگەن تىرىشچان، قابىلىيەتلىك، ھىممەتلىك بۇ رەددىيەچىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن. مەن سىلەردەك ئۇيغۇرچە بىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىسىردا 34 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى ئانا تىل كۇرسى ۋە ئانا تىل يەسلىسى قۇرۇپ چىقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. مەنچە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا خىزمەت قىلىش ئۇلارنىڭ ئانا تىلىنى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش بىلەن باشلىنىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا بىر دىنبىر ئاشكارە ئىسىملىك رەددىيەنىڭ ئاپتۇرى ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئالىم مۇھەممەت يۈسۈپ بولۇپ كىتابلىرى بىر قەدەر كۆپ ۋە ئەمگەكلىرى بىلەن مېنىڭ ئىزچىل ھۆرمىتىمگە ئېرىشكەن، خەلقىمىزنىڭ دىنىي ئىلىم تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ كەلگەن بىر ئالىمدۇر. ئالىمىمىزنىڭ بۇ رەددىيەسىدىن سۆيۈندۈم. ھىچ بولمىسا شۇ ئەللامىنىڭ، ئەزھەردە ئوقۇغان بىر ئىلىم ئىگسىنىڭ نەزىرىگە ئىلىنغۇدەك بىر نەرسە يېزىپتىمەن. مەيلى تەنە قىلسۇن ياكى تەھدىت سالسۇن، مەيلى چۈشۈرسۇن ياكى چۈشەنسۇن مۇشۇنداق ئاشكارە ئىسىمدا يازغانلارغا دائىم ئالقىش ياڭرىتىمەن، بۇ ئالىمىمىزغىمۇ ئاپىرىن ئېيتتىم. مەن ئۆلىمالارنىڭ ئۇيغۇرچە يازغانلىقىنى ۋە يېزىلغانلارنى ئوقۇغانلىقىنى ئاڭلىساملا شاتلىنىمەن. ئەللامىلىرىمىز نېمە يازسا ئوقۇيمەن، ئوقۇمىغىنىم مۇتلەق يوق. شۇڭا ھۆرمەتسىزلىك بولمىسۇن ئۈچۈن ئۇستازنىڭ ماڭا قويۇلغان ئالدىراش سۇئاللارىغا جاۋاپ بېرەي دېدىم.
ھۆرمەتلىك ئۇستازىمىز يازمىسىدا ماڭا ”دىنى ئوقۇش دېگەننى بىلمەيدۇ، دىن ئىشىغا قارىتا سەۋىيەسى نۆل“ دەپ ھۆكۈم قىپتۇ. ئۇستازىمىز ھىچ بىر ئىسپات كەلتۈرمەي چىقارغان بۇ ھۆكۈمنى مەن دەلىل سورۇمايلا قوبۇل قىلدىم. چۈنكى ئىسپاتسىز ھۆكۈمگە دەلىل سوراش بىھاجەت. مەن بىلمەيدىغىنىمنى بىلگۈچى ھەم ئۆگەنگۈچى. ئالىمىمىزنىڭ باشقا سۇئاللىرى ئاساسەن ”دىنىي ئوقۇشنى ئاسان چاغلاپ قاپسىز، كوچىدىن ئۆگىنىۋالغىلى بولمايدۇ، قىسقا ۋاقىتتا پۈتكۈزسە چولتا بولىدۇ، ئاسان پۈتكۈزگىلى بولمايدۇ…“ دېگەننىڭ تەكرارلىنىپ سورىلىشى ئىكەن. يازمىدا دىندا يەنى ئىلاھىيەتتە مىسىردا ئەمەس تۈركىيەدە ئوقۇشنىڭ مۇۋاپىقلىقى ھەققىدە بىرمۇ بىر سان سىپىر، تەھلىل ۋە سېلىشتۇرما بار. مەزكۇر ئۇستازدىن شۇلارنى ئىنكار قىلىدىغان پاكىت ئوتتۇرىغا چىقمىغۇچە مەن يەنىلا ئۆلىما قېرىنداشلىرىمدىن ئاڭلىۋالغىنىم بويىچە ئىلاھىيەتتە تۈركىيەدە ئوقۇغان مۇۋاپىق دەپ تۇراي. ئەمما يەنىلا مىليۇنلىغان ئىخلاسمەن ئۇيغۇردەك ئىتىقادقا دائىر مەسىلەلەردە ئۆلىملارنىڭ ئاغزىغا قارايدىغانلىقىم ئېنىق. تەلىم سوراپ شۇ ئالىملارغا بارغىنىممۇ سىر ئەمەس.
ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئۆلىمالارنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى، رەھبەرلىك سالاھىيىتىنى ۋە چاقىرىق كۈچىنى بېسىپ چۈشكىدەك باشقا بىر قاتلامنىڭ بارلىقىغا بۇرۇنمۇ ئىشەنمەيتتىم، ھازىرمۇ ئىشەنمەيمەن. ئۇنىڭ ئۈسىتىگە بۇ ساھەدىكىلەرنىڭ ئىككى دۇنيادا ئىتىبارلىق بولىدىغانلىقىغا زوقلىنىمەن. شۇڭا ئۇلارغا بەكرەك مۇھەببىتىم سەۋەبلىك ئۈمىد باغلاپ، ئىستىقبالنى شۇلاردىن ئىزدىگىنىم ئۈچۈن تەلەپلەرىم، تەشۋىشلىرىم كۈچلۈكرەك ئىكەن. مەنچە ھەممىمىز شۇنداق.
ئۇستازنىڭ تەنقىدى توغرا، ئەمما تولۇق ئۇقۇمىدىمۇ قانداق چۈشىنىشى سەل غەلەت كېتىپتۇ. مەن يازمىنى يېزىشتا ئالتۇننى زەرگەر سوقسۇن دەپ تۈركىيەدە ئىلاھىيەتتە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان، دىنىي ئىلىملەر بويىچە ماگىستىرلىقنى تۈگىتىپ يىگىرمە يىلدىن بېرى مۇسۇلمان ئۇيغۇرغا خىزمەت قىلىۋاتقان، تۈركىيەدە دىنى ئىقتىدارىغا مۇناسىپ ئورۇندا ئىشلەۋاتقان ئاتاۋۇللا ئەپەندىنى بىللە يېزىشقا تەكلىپ قىلغان. ئۇستازىمىز تىلغا ئالغان ۋە چالا چۈشىنىپ قالغان قۇرلار شۇ دوستىمىزنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ. قايتا ئوقۇپ باقسام دوستىمىز ئەسلى يازمىدا ”دىنىي ئوقۇشنى كوچىدا ئۆگىنىۋالغىلى بولىدۇ…“ دېگەنلەرنى دىمەپتۇ. دېيىلگىنى “ دىننى ھەر قانداق ياشتا، ھەر قانداق يەردە ئۆگىنىۋالغىلى بولىدۇ، ئەمما ماتېتماتىكا، خېمىيە، ئنجىنىرلىق، مېدىتسىنا دېگەندەك ئىلىملەرنى كىچىلىدىن مۇكەممەل ئۆگىنىپ ماڭمىسا ھەر قاچان ۋە ھەر زامان تولۇقلاپ كەتكىلى بولمايدۇ.“ ئىكەن. دىننى ئۆگىنىش بىلەن دىندا كەسپىي سەۋىيەدە، يەنى ئۇستاز دەۋاتقان زەرگەرلىك سەۋىيەسىدە ئوقۇش بىر گەپ ئەمەس. ئەسلى بايانلاردا مەقسەد، دىننى يەنى مۇسۇلمانلىقتا زۆرۈر بولغان دىنىي بىلىملەرنى ھەر قانداق ياشتا، ھەر قانداق يەردە ئۆگىنىۋالغىلى بولىدۇ دېگەنلىكتۇر. تېخىمۇ ئاددى ئېيتساق، ئادەم مۇسۇلمانلىقنى ھەرقانداق ياشتا، ھەر قانداق يەردە ئۆگىنىۋالالايدۇ، دېگەنلىك. بۇنى ئاتاۋۇللا ئۇستاز دېگەچكە مەن جىق ئىسپاتلارنى كەلتۈرەلمەيمەن، پەقەت تۆرت خەلىپىنىڭ كىچىكىدىن ئىلاھىيەتتە ئوقۇمىغان بولسىمۇ، قارىقۇرئان بولمىسىمۇ، دىنىي ئىلىملەردە دوكتۇر بولمسىمۇ پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا ئۈلگە بولغىدەك مۇسۇلمان بولغانلىقىنى بىلىدىكەنمەن. مەن ئەرەبچە مائارىپتىن بۈگۈنكى ئۆمەر فارۇقنى ۋە شۇنىڭدەك مۇسۇلمان رەھبەرنى قاچانمۇ يېتىشتۈرەركىن دەپ ساقلاۋاتىمەن.
يازمىنىڭ ئاساسلىق دېمەكچى بولغىنى ئادەتتە ماۋزۇدا دېيىلىدۇ، قوشۇمچە ئىپادىلىنىدىغىنى مەزمۇنلاردا قىستۇرۇلۇپ ماڭىدۇ. ماۋزۇ بويىچە چۈشەنسەك يازمىدا دىنىي ئىلىملەرنى يەنى ئىلاھىيەتنى تۈركىيەدە ئوقۇش زامان، شارائىت ۋە نەتىجە ئىتىبارى بىلەن مۇۋاپىق دېگەن مەنە چىقىدۇ. قوشۇمچە مەزمۇن، ”بالىلىرىمىزغا دىن ئۆگىتەيلى ئەمما ھەممىنى تاشلاپ دىننىلا ئۆگەتمەيلى، ھاياتتا كېرەكلىك بولغان، ئاللاھ ھارام قىلمىغان بارلىق ئىلىملەرنى مەكتەپلەردە سىستېمىلىق ئۆگىتەيلى. تۈركىيەدىكى مەكتەپلەردە دىن دەرسى بار، دىن ئىلىملىرىنى پەن بىلەن قوشۇپ كىچىكىدىن ئوقۇتىدىغان ئىمام خاتىپ مەكتەپلىرى بار، دىنىي روھ بىلەن ئوقۇتىدىغان داڭلىق خۇسۇسى مەكتەپلەر بار…مۇشۇنچىلىك كەڭرى شارائىتتا بالىلار ئوقۇشسىز قالمىسۇن، ۋەتەندە خەنسۇچە مائارىپتا ساۋادسىز قېلىۋاتقان بالىلىرىمىزنى تۈركىيە ۋە مىسىردىكى ئەرەبچە مائارىپتا يەنە ساۋادسىز قويمايلى “ دېگەندىن ئىبارەت. بۇ بىر پىكىر، پەتىۋا ئەمەس. ئاۋامنىڭ ئەگىشىدىغىنى پەتىۋا. مەن پەقەت كۈزەتكۈچى، ئويلانغۇچى ۋە ئويلىرىمنى سەمىمىيلىك بىلەن يازغۇچى. مەن خاتالاشقۇچى ۋە خاتالىقلاردىن ئۆگىنىشكە جۈرئەت قىلغۇچى.
مەن خەلقىمىزنىڭ دىن ئۆگىنىشىدىن سۆيۈنىمەن، ئەمما دىنى ھىسسىياتىنىڭ قۇربان قىلىنىشىنى، سۈيئىستىمال قىلىنىشىنى ۋە خاتا يېتەكلىنىشىنى خالىمايمەن. مېنىڭ ئىلاھىيەت ئوقۇشقا قانچە قېتىم تەمشەلگىنىمنى، تەلىم سوراپ قايەرلەرگە بارغىنىمنى، ھازىرمۇ بۇ ئويۇمدىن ۋاز كەچمىگىنىمنى دىننى پەقەتلا روھى ئوزۇق قىلىپ ياشاۋاتقان ئۆلىما دوستلىرىم ئوبدان بىلىدۇ. مەن دىن دەرسى ئوقۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىمەن، ئەمما دىن ئابدۇقادىر داموللام، سابىت داموللام تەشەببۇس قىلغان جەدىتچىلىك يولى بىلەن مەمتىلى ئەپەندى ئەمەلگە ئاشۇرغان مائارىپ بويىچە ئانا تىلدا ئوقۇتۇلىشى كېرەك. چۈنكى باشقا يوللاردا داۋام قىلىۋاتقان، مەقسىدى ئۇيغۇرغا مەخپىي بولغان مائارىپنىڭ قانلىق بەدىلىنى خەلقىمىز كۆندە تۆلەۋاتىدۇ. پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى شۇ خاتا مائارىپنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى پاجىيەلىك ئاقىۋىتىگە نائىلاج قاراپ تۇرماقتا. قاماقتىكى چاغلىرىمدا ساۋۇت داموللام ۋە ئابدۇقادىر داموللامنى بىلمەيدىغان، مەخسۇملىرىمىز ۋە ھەزرەتلەرىمىزنى ئىتىراپ قىلمايدىغان تالىپ ئىنىلەردىن قانچىلىك مەيۈسلەنگەن بولسام، تۈركىيەدىكى قارىخانىدا مەمتىلى تەۋپىقنى تونىمايدىغان ۋە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ مۇسۇلمانلىقىدىن گۇمان قىلىدىغان تالىبەلەرگە شۇنچىلىك ئىچىم ئاغرىدى.
سەئىد قۇتۇپنىڭ ھاياتىنى سائەتلەپ سۆزلىيەلەيدىغانلارنىڭ ئابدۇلئەزىزخان مەخسۇمنىڭ ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىغانلىقىغا شاھىد بولدۇم. ئۇيغۇرچە سۆزلەپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلۇقنى ئىتىراپ قىلمايدىغان شۇ قېرىنداشلىرىمنىڭ تىلىنى ئۆرۈپ ھاجىتىنى راۋا قىدىم. تۈركىيەدە رامازاندا تۈرك جەمئىيەتلىرى ئورانغان قېرىنداشلىرىمىزنى ئىپتارغا چاقىرسا ساھىپخاننى بېشى ئوچۇق دىنسىزغا چىقارغاننى ئاڭلىدىم. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستانبۇلدا يۇسۇپ خاس ھاجىپ قىرغىزلاردا قۇتلانسا كارى بولمىغىنىدىن ۋاقىپلاندىم. ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر خاتىرىلەنگەندە زالنى تولدۇرغان تۈركلەرنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇردىن تولۇق بىر قاتارنىمۇ كۆرەلمەي ئېزىلدىم. مۇشۇ پاكىتلار ئۇيغۇرلۇقتىن غۇرۇرلانمايدىغان، ئۇيغۇرلۇق ئاڭ سىڭدۈرۈلمەيدىغان، ئۇيغۇرنىڭ ئەمەلىي مەسىلىسىدىن، مەنپەتىدىن چەتنەپ ئۇيغۇرلۇق مۇساپىسىدىن تانغان پەننى ۋە دىنى مائارىپنىڭ ئاقىۋېتىنى تەسەۋۋۇر قىلىشىمغا يېتىدۇ. بۇ زۇلمەت يولى- ئابدۇقادىر داموللامنى ئۆلتۈرۈپ، ياڭزىڭشىننى ياشناتقان يولدۇر. بۇ ئەۋلادلىرىمىزنى كىشىلىك تەرەققىياتتىن، دۇنياۋىي پۇرسەتتىن، قەدىردان ئەجداتلىرىنىڭ شانۇ شەۋكىتى ۋە دەرد ھەسرەتلىرىدىن بىخەۋەر قويۇپ قەلبىگە يولسىزلىق، تۇغسىزلىق، ۋەتەنسىزلىك، تەرەققىياتسىزلىق ۋە مەرىپەتسىزلىك ئۇرۇقلىرىنى ئۈندۈرىدىغان خاراپلىق يولىدۇر.
خەلقىمىز دىنىغا تەشنا، پەرزەنتلىرىمىز ئىمانغا ئىنتىزار، ئەمما ھىچ كىم ئاسايىشلىق ھاياتقا، ئىززەتلىك مۇسۇلمانلىققا، پەنگە قارشى ئەمەس. ئىجتىمائى ۋە تەبىئى پەنلەردىن ئايرىلغان، تەرەپتار، مەزھەپپەرەس، ئاشقۇن دىنىي مائارىپنىڭ ئاقىۋىتىنى سەئۇدى، يەمەن، پاكىستان، ئافغانىستان، ئىراق ۋە سۈرىيەلەردە كۆرۈۋاتىمىز. مۇكەممەل پەننىي مائارىپ كۆرمىگەن مۇسۇلمان ئۆلىمالىرىنىڭ خەلقنى قانچىلىك يېتەكلەپ، قانچىلىك نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىنى مۇسۇلمانلارنىڭ بۈگۈنكى نامرات، كۈچسىز، خار ھالىتى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.
مەن ئىلاھىيەتتە ئوقۇمىغان، بىلمەيدىغىنىم راست. لېكىن تۈركلەرنىڭ مەككىدە دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا ئۈلگە بولغىدەك مەرتلىكتە، يارىدەم سۆيەرلىكتە، ساپادا، ھۆرمەتتە تاۋاپ قىلغانلىقىنى كۆردۈم. مەن تۈرك مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئامېرىكىدا ئەڭ غەلبىلىك دىن تارقىتىۋاتقانلىقىغا شاھىد بولدۇم. مەن تۈرك مۇسۇلمانلىرىنىڭ ياپۇنىيەلىك، كورىيەلىكلەرنى مۇسۇلمان قىلىش، ئاسىيا – ئافرىقىدىكى دىنىي مائارىپتىن مەھرۇم مۇسۇلمانلارغا مەكتەپ ئېچىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن مەرھەمىتىدىن سۆيۈندۈم. ئەنگىلىيەدىكى پاكىستانلىق ۋە فرانسىيەدىكى شىمالى ئافرىقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ زوراۋانلىقلىرىدىن، ئوت قويۇشلىرىدىن پەرىقلىق ھالدا گېرمانىيەدىكى ئۈچ مىليۇندىن ئارتۇق ۋە باشقا ياۋۇرپا ئەللىرىدىكى مىليۇندىن ئارتۇق تۈرك مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھوقۇقلاردىن باراۋەر بەھىرلىنىپ تىنچ، باياشات ياشاۋاتقانلىقىدىن پەخىرلەندىم. مەن تۈرك مۇسۇلمانلىرىنىڭ لەنىتى تېرورىزىمدا ئەمەس شەرەپلىك دەۋەتچىلىكتە ئالقىشلىنىۋاتقانلىقىدىن سۆيىنىمەن. مانا بۇ تۈركىيەدىكى دىنىي مائارىپنىڭ غەلبىسى، مانا بۇ تۈركلەردىكى مۇسۇلمانلىقنىڭ سىماسى. كۆزىمزنى يۇمۇۋالمىساقلا تۈرك مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەككىدىلا ئەمەس پۈتكۈل مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى غالىپ سىماسى بىزنىڭ ئەگىشىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.
مەن تۈركىيەنىڭ دىنى مائارىپىنى بىلمەيمەن، ئەمما ئەردوغاننىڭ شۇ مائارىپتا تۈربىيەلىنىپ غەلىبە قىلغانلىقىغا شاھىد بولدۇم. مەن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئۆلىمالارنىڭ سەۋىيەسىنى بىلمەيمەن، ئەمما ئۇلارنىڭ كىچىكىدىن تۈركىيەدە ئومۇملاشقا، ھەقسىز قۇرئان كۇرۇسلىرىدا ئوقۇپ، مەخسۇس ئىمام خاتىپ مەكتەپلىرىدە تەربىيەلەنگەن ۋە مەملىكەت بويىچە ئورتاق ئىمتىھانغا قاتنىشىپ تاللانغان تۈرك ئوقۇغۇچىلارنى ۋە تۈرك جامائېتىنى ئاغزىغا قارىتىپ، تۈرك ئۆلىمالار بىلەن رىقابەتتە ئۈزۈپ ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلىمەن. مەن كۆرگىنىمنى، سوراپ بىلگىنىمنى دېدىم ۋە ئەۋلادلىرىمىزنى مەن كۆرگەن تۈركلەر ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭكىدەك ئۇتۇقلۇق ھاياتى بولسۇن دەپ يازدىم. قوشۇلمايدىغانلارنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن، ئەمما قوشۇلماسلىقتىكى سەۋەپلەرنىڭ پاكىتلىق، سەمىمىيلىك، ئىلمىيلىك ۋە تەرەپسىزلىك بىلەن ئەستايىدىل يېزىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن
http://bbs.bagdax.cn/thread-45219-1-1.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.