logo

trugen jacn

مۇھەممەد يۈسۈپ: سۈننەت ۋە ئۇنىڭ ئىسلام مەنبەلىرىدىكى ئورنى

مۇھەممەد يۈسۈپ

 

سۈننەت _ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېيتقانلىرى، قىلغانلىرى، كۆرسەتكەنلىرى ۋە باشقىلارنىڭ ئىسلام روھىغا مۇۋاپىق ھالدا قىلغان ئىشلىرىنى تەستىقلىغانلىرى دېگەنلىكتۇر. سۈننەت بىلەن ھەدىس ئىككىسى بىر مەنىدە بولۇپ، ئۇ ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ قۇرئان كەرىمدىن كېيىنكى ئاساسلىق مەنبەسىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنى سۈننەتكە ئەگىشىشكە چاقىرىپ مۇنداق دەيدۇ: وَمَا آتَاكُمُ الرَّسُولُ فَخُذُوهُ وَمَا نَهَاكُمْ عَنْهُ فَانتَهُوا يەنى «پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار
ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىشنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلغانلىق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مَّنْ يُطِعِ الرَّسُولَ فَقَدْ أَطَاعَ اللَّهَ يەنى «كىمكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇ ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرى «قۇرئان كەرىم»دە كەلگەن ئومۇمىي ئەھكاملارنى ئۇچۇقلاش، ئۇنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈش، شەرھلەش ۋە تەپسىلى بايان قىلىشتەك ئالاھىدە مۇھىم خۇسۇسىيىتى بىلەن «‹قۇرئان كەرىم›نىڭ ھەقىقىي تەرجىمانى»دېيىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا «قۇرئان كەرىم»نى چۈشۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا «ھېكمەت» نامى بىلەن سۈننەتتىنمۇ ئاتا قىلغان. چۈنكى ئۆلىمالارنىڭ قارىشىچە، «قۇرئان كەرىم» لەۋزى ۋە مەنىسى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ سۆزىدۇر. ئەمما سۈننەت ياكى ھەدىس مەنىسى ئاللاھ تائالاغا، لەۋزى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئائىتتۇر.
«قۇرئان كەرىم»نىڭ مەقسەت ۋە غايىلىرىنى چۈشىنىشنىڭ بىردىنبىر يولى سۈننەتتۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا «قۇرئان كەرىم»نى چۈشۈرۈپ، ئۇنى «قۇرئان كەرىم»نىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە كىشىلەرنى توغرا يولغا يېتەكلەشكە ئەمىر قىلغان بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرگە «قۇرئان كەرىم»نىڭ كۆرسەتمىلىرىنى، بۇيرۇغانلىرىنى، توسقانلىرىنى ۋە جىمى ئەھكاملىرىنى گاھ ئەمەلىيىتى بىلەن، گاھ سۆزى بىلەن، گاھ باشقىلارنىڭ توغرا قىلغان ئىشلىرىغا سۇكۇت قىلىشى، خاتا قىلغانلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشى بىلەن يەتكۈزگەن. شۇڭا «قۇرئان كەرىم» سۈننەتتىن بىھاجەت بولالمايدۇ.
سۈننەتنىڭ ئىسلام فىقھىدىكى مەنىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەرز، ۋاجىب ئەمەللەرنىڭ سىرتىدا قىلغان ۋە بىزنىمۇ قىلىشقا تەۋسىيە قىلغان ئەمەل-ئىبادەتلەردۇر. مەسىلەن: بەش ۋاخ نامازنىڭ سۈننەتلىرىنى ئوقۇش، تاھارەت ئالغاندا مىسۋاك قوللىنىشقا ئوخشىغان ئەمەللەردۇر. بۇ مەنىدىكى سۈننەت ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: ئۇلارنىڭ بىرى، تەكىتلىك سۈننەت، يەنە بىرى، تەكىتسىز سۈننەتتۇر

تەكىتلىك سۈننەت – پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەمىشە ئورۇنداشقا ئادەتلەنگەن ۋە ئۆزۈرسىز قەتئىي تەرك ئەتمىگەن ئەمەللەر دېمەكتۇر. مەسىلەن: بەش ۋاخ نامازنىڭ سۈننەتلىرىنى ئوقۇش، تاھارەتتە مىسۋاك قوللىنىشقا ئوخشاش ئەمەللەردۇر. تەكىتلىك سۈننەت بولغان ئەمەللەرنى ئورۇندىغان كىشى ساۋابقا ئېرىشىدۇ. تەرك ئەتكەن كىشى گۇناھكار بولمايدۇ. بىراق ئاللاھنىڭ كايىشىغا ئۇچراش خەۋپى بار.
تەكىتسىز سۈننەت – پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئورۇنداشقا ئادەتلەنمىگەن بولۇپ، گاھىدا ئورۇندىغان، گاھىدا ئۆزۈرسىز تەرك ئەتكەن ئەمەللەر دېمەكتۇر. مەسىلەن: ئەسىر نامىزىنىڭ پەرزىدىن بۇرۇنقى تۆت رەكئەت سۈننەتنى ئوقۇشقا ئوخشاش ئەمەللەر. تەكىتسىز سۈننەت «مۇستەھەب» دەپ ئاتىلىدۇ. تەكىتسىز سۈننەت بولغان ئەمەللەرنى ئورۇندىغان كىشى ساۋابقا ئېرىشىدۇ، تەرك ئەتكەن كىشى گۇناھكار بولمايدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ كايىشىغىمۇ ئۇچرىمايدۇ

 

Share
1828 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.