logo

trugen jacn

سۈرىيەدىكى قۇراللىق ئۇيغۇرلار بىلەن تاشقىردىكى قۇرالسىز ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە بىر نەزەر

سۈرىيەدىكى قۇراللىق ئۇيغۇرلار بىلەن تاشقىردىكى قۇرالسىز ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە بىر نەزەر

ھىكمەت يېڭىتاڭ

1. سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇگۈنكى ئەھۋالى؛
2023.يىلى 8.ئاينىڭ 2-كۈنى ئىسرائىلنىڭ“ The Times of Israel- ئىسرائىل ۋاقتى” گېزىتىدە، ئىدلىب ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدا ئەل قائىدە تەشكىلاتىنىڭ ئىتتىپاقدېشى بولغان ئەنسار ئەل تەۋھىد گۇرۇپپىسى ۋە تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى (تىپ) تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بىر ھۇجۇمدا 11 نەپەر سۈرىيە ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىگىنى ۋە 20 دىن ئارتۇق ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى يازدى. ھۇجۇم يەر ئاستى ئاكۇپ يولى كولاپ پوستا تۇرىۋاتقان سۈرىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئاستىغا قويۇلغان بومبىنى پارتلىتىش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغانلىقى يېزىلغان. بۇ خەۋەر بىرمۇنچە چەتئەل مەديالىرىدا ئېلان قىلىندى.
گەرچە چەتئەلدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلات ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ جانلىق كېتىۋاتقان پائالىيەتلىرى دۈنيا مەدياسىدا بەك يەر ئالمىسىمۇ، سۈرىيەدىكى جىھاتچى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاندا- ساندا ئېلىپ بارغان ئەسكىرى ھەركەتلىرى دۈنيا مەدياسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىشىگە تۆرتكە بولىدۇ. ئۇنداقتا، سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار كىملەر؟ نەدە، قانداق ياشايدۇ؟ بۇ ھەقتە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتەيلى؛
سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھرىگە قاراشلىق جىسىر ئەش-شۇغۇر ناھىيەسىدە ياشايدۇ.جىسىر ئەش-شۇغۇر تۈركىيەنىڭ ھاتاي ۋىلايىتىگە 20 كىلومىتىر ئۇزاقلىقتا. 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 25- كۈنىدىكى قانلىق بىر مەيدان جەڭدە ئۇيغۇر جىھاتچىلار سۈرىيە رىجىم ئارمىيەسىنى مەغلۇپ قىلغاندىن بىرى تۈركىستان ئىسلام پارتىسى بايرىقى ئاستىغا توپلانغان ئۇيغۇرلار بۇ ناھىيەدە ياشاپ كەلمەكتە.
ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا بۇ ناھىيەدە ھازىر 3000 ئائىلە ياشايدۇ. ئۇيغۇر نۇپۇسى تەخمىنەن 10 مىڭ ئەتىراپىدا بولۇپ، چەتئەلدە ئۇيغۇر ئەڭ كۆپ توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەردىن بىرى ھېساپلىنىدۇ. 2023-يىلدىكى نۇپۇس كۆپىيىشى يىلدا 1000 نەپەر ئەتىراپىدا بولماقتا.
جىسىر ئەش-شۇغۇر شەھرىنىڭ دۆلەت تىلى ئۇيغۇرچە. چۈنكى بۇ شەھەردە ھەممە كىشى ئۇيغۇرچە سۆزلىشىدۇ ياكى ئۇيغۇرچە تىلنى چۈشۈنەلەيدۇ. جىسىر ئەش-شۇغۇردىكى 300 دىن ئارتۇق بويتاق ئۇيغۇر ئەرلەر ئەرەپ ئاياللىرى بىلەن ئۆيلەنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بالىلىرى ئۇيغۇر. بۇ ئەرەپ ئاياللىرىمۇ ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئارىسىغا سىڭىپ كەتكەن. ئەرەپ ئاياللىرىمۇ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۆرپە – ئادەتلىرىنى مەمنۇنىيەت بىلەن ئۆزلىگىدىن ئۈگەنمەكتە.
كوچىغا چىقسىڭىز ئۇيغۇر ئاشخانىلىرى، ناۋايخانىلىرى، ئۇيغۇر قاسساپ دۇكانلىرى، ھەرخىل مال ۋە مىيۋە چىۋە ساتىدىغان دۇككانلارنى كۆرۈپ ماڭىسىز.
جىسىر ئەش-شۇغۇردا باشلانغۇچ مەكتەپلەر تامامەن ئۇيغۇرچە، ئورتا مەكتەپ ئەرەپچە- ئۇيغۇرچە، تولۇق ئورتا ئەرەپچە ئوقۇتۇلماقتا.
ئىدلىب شەھرى ئەسلىدە 55 مىڭ نۇپۇسلۇق بىر شەھەر ئىدى. ھازىر بۇ شەھەردە 3،5 مىليون نۇپۇس ياشايدۇ. شەرھەر ئەتىراپىدىكى ناھىيەلەرنى قوشقاندا نۇپۇس 5 مىليون. ئاچلىق، كېسەللىك، تۇيۇقسىز چۈشكەن رۇس ۋە رىجىم بومبىلىرى ھاياتنى كۈندىن كۈنگە ھاياتنى قىيىنلاشتۇرماقتا. گەرچە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى بۇ ۋەزىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر رەھبەرلەرنىڭ كىرزىسقا قارشى تەشكىلاتچىلىق قابىلىيىتى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى بىر قەدەر ياخشى.
ئۇيغۇرلارنىڭ تىجارى شىركىتى ئىدلىپدە ئەڭ ياخشى ئىشلەۋاتقان ۋە پايدا ئېلىش نىسپىتى جەھەتتە مۇۋاپىقىيەتلىك بىر شىركەت بولۇپ تونۇلماقتا. ئۇيغۇرلار بىر قانچە بىنزىن ئىستاسيونى ئىشلىتىپلا قالماي، 800 دۆنۈم زەيۇنلۇق باغ، كەڭ كەتكەن پايانسىز مۇنبەت ئېتىز –ئېرىقلارنى پەرۋىش قىلىپ ھالال ئەمگىكى بىلەن 10 مىڭ ئۇيغۇر نۇپۇسنىڭ يىمەك- ئىچمىكىنى تەمىنلەپ كېلىۋاتىدۇ.
خىتايدا ۋە ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاندا مېدىسسىنا ئۇنۋىرسىتلىرىنى پۈتتۈرۈپ، ھىجرەت قىلىپ سۈرىيەگە بېرىپ قالغان ۋە يۈزلىگەن قانلىق جەڭلەردىن ساق قالغان 35 ئەتىراپىدىكى ئۇيغۇر دوختۇر، ئىدلىبدىكى ھەر كۈن تاڭ قاراڭغۇسىدا كېلىپ ئۇچىرەتتە تۇرىۋاتقان ئون مىڭلىغان كېسەللەرگە شىپا بولۇپلا قالماي، كېچىلىرى ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى چوڭ دوختۇرخانىلاردا ئوپىراسسىيە ئىشلىرى بىلەن مەشخۇل بولماقتا. ئۇيغۇر دوختۇرلار ئىدلىبتا شەرقى تۈركىستانلىقلارغا شۆھرەت قازاندۇرۇپلا قالماي، قازانغان پۇللىرىنىدىن ئۆزى ئىھتىياچلىق قىسمىنى ئېلىپ قېلىپلا، قالغان پۇلنى ئۇمۇم ئۈچۈن بېغىشلاپ كەلمەكتە.
جىسىر ئەش-شۇغۇردا ھەر بىر ئۇيغۇرغا 50 دوللاردىن مائاش بىرىلىدۇ. بۇ پۇل تىجارەت ۋە دوختۇرلارنىڭ ئەمگىكىدىن كېلىدۇ. ئۆزلىرىدىن چىقمىغان مەھسۇلاتلارنى بولسا، ھەر مەھەللىگە مەسئۇل بولغان كىشىلەر ھەر ئائىلىنىڭ ئىھتىياجلىق نەرسىلىرىنى تىزىملايدۇ، تىزىملىكلەر توپلىنىدۇ ۋە شەھەردىن كاميون بىلەن ئېلىپ كېلىنىپ ئائىلىلەرگە تارقىتىپ بېرىلىدۇ.
شۇنداقتىمۇ تۇرمۇش ئېغىر ۋە ئەنسىز. ھامىلە ئاياللار، بۇۋاقلار، سەبى بالىلاردا ئۇزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ھەقىقەتەن جىددى بىر مەسىلە. ياماق ۋە كونا كېيىم كېيىشتىن، يوقسۇللۇقتىن ھېچكىم شىكايەتچى ئەمەس. ۋەتەندە خىتاي تەھدىتىدىن خاتىرجەم ناماز قىلالمايدىغان بۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز، بۇ يەردە تۇيۇقسىز چۈشۈدىغان بومبا تەھدىتىدىن نامازلىرىنى خاتىرجەم قىلالمايدۇ. مەسچىتلەردە ياشانغان ئەرلەر، ئۆيلەردە ياشانغان ئاياللار نامازدىن كېيىن قوللىرىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ ئاللاغا دۇئا قىلىدۇ “ئاللاھىم، بىزنى يۇرتىمىزنى كۆرۈشكە نىسىپ قىل، ئاللاھىم…” ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ئاققان ئىسسىق ياشلارنى بىر كۆرسىڭىز. بۇ مەنزىرىگە يۈرەك چىدامدۇ؟
بەزىدە قولاقنى يارغۇدەك دەششەتلىك ئايرۇپىلان ئاۋازى بىلەن بىرلىكتە مەھەللىلەرگە بومبىلار يېغىشقا باشلايدۇ. قۇرال كۆتۈرەلىگۈچىلىك كۇچى بار ئەرلەر قۇراللىرىنى ئېلىپ ئىشخانىلاردىن، دۇككانلاردىن، مەسچىتلەردىن، ئۆيلەردىن، ئېتىزلاردىن، باغلاردىن يۈگۈرەپ ئوق چىققان تەرەپكە ئوقتەك يۈگۈرەيدۇ. ئاياللار بالىلىرىنى گەمىگە چۈشۈرۈش بىلەن ئاۋارە. ئۇرۇشتىن كېيىن شېھىت بولغانلارنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈپ، تۈركىستان شېھىتلىكىگە دەپنە قىلىدۇ ۋە ھايات قالغانلار يەنە ھاياتنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
ئۇيغۇرلار ئىچىدە 200 قېتىمدىن ئارتۇق جەڭگە كىرگەنلەر بار، ئەڭ ئاز جەڭگە كىرگەنلەرمۇ 15-20 قېتىمدۇر. شۇڭا، بومبىدىن، ئوقتىن، ئۇرۇش ئايرۇپىلانىدىن، ھۇجۇمچى تانكىلاردىن قورقمايدۇ ۋە قورقماي يېتىشكەن ئۇيغۇر توپلۇمى پەقەت سۈرىيەدىلا بار.
جىسىر ئەش-شۇغۇرنىڭ كونا ئاھالىلىرى 2011-يىلىدى ئەسەد قەتلىيامىدا ۋە كېيىنكى ئۇرۇشلاردا ئاساسەن كۆچۈپ كەتكەن بولۇپ، ئاز ساندا قالغان يەرلىك ئاھالىلەر بار. ئۇلار ئەرمەنىلەر، ئورتودوكس خىرىستىيان ئەرەپلەر ۋە كاتولىك ئەرەپلەردۇر. چەتئەلنىڭ ئىڭىلىزچە خەۋەرلىرىدىن ئوقۇشۇمچە، يەرلىك خەلىقلەر مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جەۋاپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىھرىبان، شەپقەتلىك ئىنسانلار ئىكەنلىگىنى، چىركولىرىغا دەخلى تەرۇز قىلمىغانلىقىنى، ئۆزلىرىگە ياخشى مۇئامىلە قىلغانلىقلىرىنى ئېيتىپ بەرگەن. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ساددا، ئاقكۆڭۈل خاراكتىرى سۈرىيەدىمۇ نامايەن بولغانلىغىدىن سۈيۈندۈم. ساددا ۋە ئاقكۆڭۈللۈكنى، “ئاخماقلىق، دۆتلۈك” دەپ مەسخىرە قىلىدىغان ۋە بۇزەك قىلىدىغان خىتايدىن باشقا مىللەت دۈنيادا يوق.
سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھاياتتا قېلىش يولىدا قانچىلىك زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، تۇرۇۋاتقان يەرنىڭ شارايىتى تۈپەيلى ھەددىدىن ئارتۇق قىيىنچىلىق ئاستىدا ياشاشقا مەجبۇر قالماقتا.
تۈركىيە، ياۋرۇپا، ئامېرىكا ۋە باشقا غەرىپ دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇرلار باياشات ۋە خاتىرجەم ياشاۋاتىدۇ. تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار سەدىقىگە مۇھتاج ياشىسىمۇ، تۇرمۇش سەۋىيەسى يەنىلا سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ياخشى. چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ توي- مەرىكىلىرى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يېغىن – مۇراسىملرى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈلىۋاتىدۇ. بىر ياندا ۋەتەن داۋاسى بايرىقى ئاستىدا نام ئۈچۈن، شۆھرەت ئۈچۈن سۇدەك ئېقىپ ئىسراپ قىلىنىۋاتقان ئىقتىسات ۋە بۇ ئىقتىسادنى قولنىڭ كىرى قاتارىدا كۆرىۋاتقان ئۇيغۇرلار. بىر ياندا يوقسۇللۇق ۋە يېتىم قېلىشنىڭ ئازاۋى سۈڭەكلىرىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان، ئىقتىسادقا، قېرىنداش شەپقىتىگە مۇھتاج ئۇيغۇرلار.
باشقا مىساللارنى قويۇپ تۇرساقمۇ، 2023-09-13-كۈنى 2-ئايدا تۈركىيەنىڭ قەھرىمان ماراش ۋە ھاتاي ۋىلايەتلىرىدە ئېغىر يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندە دۇنيادىكى بارلىق ئۇيغۇرلار سەپەرۋەر بولدى. ئەلبەتتە قېرىنداش تۈرك خەلقىنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈن كەلگەندە ئۇيغۇرلارنىڭ ياردەم سەپەرۋەرلىگىدە بولشى ھەقىقەتەن تەقدىرلەشكە تىگىشلىك ئەخلاقى بىر ۋەزىپە. ھاتايدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى، ھاتايغا خوشنا بولغان ئىدلىبتىمۇ ئوخشاش يۈز بەردى. جىسىر ئەش-شۇغۇردىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئېغىر ئاپەتكە ئۇچىرىدى. گەرچە ئۇيغۇرلاردىن ئادەم ئۆلمىگەن بولسىمۇ، ئۆيلەر يىقىلدى، يارىدار بولغانلار بولدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە قىلغان ياردىمى 1500000 (بىر يەرىم مىليون) دولاردىن ئاشىدۇ، دىسەم بەزىلەر، ياق 3 مىليون دوللار ياردەم قىلغان بولدۇق، دەيدۇ. تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ياردىمىگە ئىھتىياجى بارمىدى؟ 85 مىليون نۇپۇسلۇق، يىللىق 850 مىليارت دوللارلىق مىللى كىرىمگە ئىگە كۈچلۈك بىر تۈركىيە. بىز ئۇيغۇرلار يەر تەۋرەش ئاپىتىگە توپلانغان پۇلنىڭ يېرىمىنى نىمىشكە سۈرىيەدىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ئەۋەتىشنى ئويلاشمىدۇق؟ سەۋەبىنى كۆپ ئويلاندىم. نىمە ئۈچۈن؟ سەۋەپ شۇ، 2012-يىلىدىن باشلاپ جىھات ئۈچۈن سۈرىيەگە سەپەر قىلغان ئۇيغۇرلار بىلەن چەتئەلدە ياشاۋاتقان كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ “ ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىيەگە كىرىشى خاتا” دىگەن پىكىر ئىختىلابى ئاستا-ئاستا سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلار بىلەن باشقا دۆلەتلەردە ياشۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلار ئارىسىدا كۆزگە كۆرۈنمەس بىر تام، ھەتتا سىپىل پەيدا قىلدى. سۈرىيەدىكى قېرىنداشلار، سىپىلنىڭ بۇ تەرىپىدىكى قېرىنداشلىرىغا ئۆزلىرىنى چۈشەندۈرۈش ئىھتىياجىنى ھىس قىلمىدى. سىپىلنىڭ بۇ تەرىپىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلار بولسا، ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىش، پىكىر ئالماشتۇشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇردى.
سۈرىيەدىكى قېرىنداشلار بىلەن ئالاقە قىلىپ كەلگەن تەشكىلات ۋە كىشىلەر ئەلبەتتە بار ئىدى. ئۇلار، باشقىلارنىڭ سۈرىيەدىكى قېرىنداشلار بىلەن ئۇچۇرىشىشىدىن قىزغاندى. خۇددى سۈرىيەدىكىلەر ئۆزلىرىڭ ئەسكەلىرىمىش قىلىپ كۆرسىتىشتىن خوشلاندى. ئامما، سۈرىيەدىكى قېرىنداشلارغا تاشقىردىكى قېرىنداشلارنىڭ ئۇمۇيۈزلۈك شەپقەت قولىنى ئۇزارتىشى ئۈچۈن ھېچقانداق ھەركەت قىلمىدى.
سۈرىيەدىكى تىنىچسىزلىقنىڭ ئەۋىج ئېلىش ئىھتىمالى بار. ئىدلىبتا تۇرىۋاتقان قۇراللىق گۇرۇپلارنىڭ ھەممسى (پەقەتلار ئۇيغۇرلاردىن باشقا) ئامېرىكا، رۇسسىيە، بىرلەشكەن مىللەتلەرنىڭ تېرور قارا تىزىملىكىدە يەر ئالماقتا. ھازىر ئىدلىب قاتمۇ قات ئوت چەمبىرى ئىچىدە. بۇگۈن سۈرىيەدىكى قۇراللىق جىھاتچى ئۇيغۇرلاردىن پايدىلىنىشنى ئويلاۋاتقانلار بار. ئامما ئۇلارنىڭ تەقدىرى ۋە كىلىجىكى ھەققىدە باش قاتۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار يوق دىيەرلىك. سۈرىيەنىڭ ئىچىدىكىلەرمۇ قايمۇقۇش ۋە قايمۇقتۇرۇلۇش ئىچىدە. ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار بىر قاراڭغۇ قۇدۇق ئىچىدە بولغىنىڭا ئوخشاش، سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارمۇ بىر قاراڭغۇ قۇدۇق ئىچىدە. قۇدۇقنىڭ ئاغزى يېپىلغاندا بىز تەسەۋۇر قىلمىغان تارىخى پاجىيە يۈز بېرىپ قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى، ئىدلىبتىكى قۇراللىق جىھاتچىلارنى قۇرالسىزلاندۇرۇش، قۇرال تاشلىمىسا قانداق يوقۇتۇش توغرۇلۇق دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىم ماددىلىرىنى ئوقۇغۇنۇمدا يۈرۈگۈم گۈپۈلدەپ سېلىپ كېتىدۇ. ( بۇ توغرۇلۇق كېيىنكى قىسىملاردا تەپسىلى توختىلىمەن)
سۈرىيە توغرۇلۇق سۆزلەيدىغانلىرىمىز، ئانالىز قىلىدىغانلىرىمىز تېخى كۆپ. ئەڭ مۈھىم مەسىلە ھىسسىيات جەھەتتە بىر بىرىمىزنى ئايرىپ تۇرغان سىپىلنى قانداق يىقىتىش مەسىلىسى. بۇمۇ ئاسان ئەمەس. چۈنكى، كۆزگە كۆرۈنمەس كۈچلۈك دۈشمەن كۈچلەرنىڭ بىر بىرىمىزنى قۇچاقلىشىمىزغا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقى گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇرىدۇ.
يەنىلا ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىلىرىنى ئۇيغۇرلار ئۆزى ھەل قىلىشنى ئۈگۈنىشىمىز لازىم. تارىختا ئۇيغۇر مىللىتى بەك كۆپ تۇزاققا چۈشۈرۈلدى. بۇ قېتىم تۇزاققا چۈشمەسلىك ئۈچۈن نىمىلەرگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك؟

داۋامىنى كۈتۈڭ!

Share
3118 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.