logo

trugen jacn

سىدىق ھاجىغا ئىككى ئېغىز سۆز – جەۋلان

سىدىق ھاجىغا ئىككى ئېغىز سۆز

جەۋلان

سىدىق ھاجىنىڭ2024-يىل8-ئاينىڭ14-كۇنىدىكى كۆرەڭلىككە تۇلغان قوپال گەپلىرىنى ئاڭلاپ پەقەت قۇبۇل قىلالمىدىم، بۇ سۆزلەردە ئۆچمەنلىك ئاساس قىلىنغانلىقى ئۇچۇن پاكىت دەپ سۆزلىگەنلىرنىڭمۇ ئىلمى قىممىتى قالماپتۇ، ئائىلىۋى ئۆچمەنلىك ئاساسىدا خۇدىنى بىلمەي ھەيۋە قىلىش ، ھاقارەتلەشتىن باشقا ھېچقانداق قايىل قىلىش كۇچى بولمىغان بىر ئۇيون بۇپتۇ .
دىققەت قىلىپ باقسام سىدىق ھاجىنى سەكرەتكەن سەۋەپ، ئەركىن سىدىقنىڭ سۈزىدە دولقۇن ئەيسا بىلەن بولغان شەخسى مۇناسىۋىتى ۋە دۇلقۇن ئەيساغا بەرگەن ئىجابى باھاسى ئىكەن،
سىدىق ھاجى ئەركىن سىدىقنى يامانمۇ سەتلەپ كىتىپتۇ، ئۇنچىلىك قىلىپ كەتمەيمۇ پىكىرلەشكىلى بولاتتى ، ئەركىن سىدىقمۇ ئۇيغۇرنى دەپ پۇلىنى ، ۋاختىنى ، زىھنىنى سەرىپ قىلىپ بىر نەچچە ئادەمنى تەشكىللەپ توختىماي ئەجر قىلىۋاتقان تىرىشچان زىيالى .

رابىيە قادىر10 يىل دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا رەئىس بولدى ، رابىيە قادىرنى خەلىقئاراغا تۇنۇلۇشىدا بىرىنچىدىن ئۈزىنىڭ تىرىشچانلىقدىن بولسا ئىككىنچىدىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا قۇلىغا قول ، پۇتىغا پۇت بۇلۇپ قوللاپ كۆتۇرۇپ سەھنىگە چىقارغان بىر تۇركۇم زىيالى ياشلار يەنى: رابىيە قادىر 8 يىلدىن بۇيان ئۈزۈلدۈرمەي بوھتان چاپلاپ قاغاۋاتقان دەۋاچىلار ئىدى . شۇنداق بۇلىشىغا قارىماي ئۇلار ھازىرغىچە رابىيە قادىرنىڭ تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۇرۇپ، ھۆرمىتىنى قىلىۋاتىدۇ، ئەگەر مەقسىدىڭلار ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ۋەيران قىلىش بولۇپ ، قۇرۇلتاي يوق بولسا رابىيە قادىرنىڭ تۇھپىسىمۇ تەڭ يوقاپ پەقەت«سودىگەر خۇتۇن»سالاھىيتى بىلەنلا قالىدۇ .
كىچىككىنە مەنپەت، نام-ئابروي ئۇچۇن ئىش بېشىدىكىلەر بىلەن مۇنداقمۇ قېرىشقان بارمۇ . دولقۇن ئەيسانىلا قاغاپ قالماي ئۇنىڭ ئەگەشكۇچىلىرىگمۇ كۇچلۇك ئۆچمەنلىك ئىپادىلىنىۋاتىدۇ .
ئەركىن سىدىقنىڭ بىرىنچى گۇناھى ئۇ، ئۇيغۇرىستان دىيىشنى ياكى شەرقى تۇركىستان دىيىشنى ۋەتەن ئازات بولغاندا خەلىق بەلگۇلىسۇن دەپتۇ ، سىدىق ھاجى دەيدۇكى : «ئاق-قارىنى پەرىق قىلغۇچىلىكى بارلار خەلىق ، پەرىق قىلغۇچىلىكى يۇقلار پادا». ئۇنتۇپ قالما سىدىق ھاجى ئەپەندى «خەلىق»ئىبارىسى كوممۇنىسىتلار سىياسلاشتۇرغان ئۇقۇم بۇلۇپ دەل سەن دىگەن مەنىدە ئىشلىتىدۇ، ئۆزلىرنى قوللىغانلارنى «خەلىق»باشقىچە پىكىردىكىلەرنى «خەلىق دۇشمەنلىرى » دەپ زەربە بېرىش ئۇبىكتى قىلىپ كەلدى .
سىدىق ھاجى: «سەن2000-يىلى ئامىركىدا بولغان گەپلەرنى ئۆزگەرتىپ تۇنۇشلۇرۇم ئۇيغۇر دىگەن نىمە؟ ، قېتىق دىگەنلىكمۇ دىدى دەپ يالغانچىلىق قىلىپ گەپ ياسىدىڭ سەن يالغانچى ئىكەنسەن، ئۇغۇل بالا دىگەن سىنىڭدەك يالغانچى بولمايدۇ»

ئەركىن سىدىق2000-يىلدىكى يىغىننى ئۆزگەرتىپ سۆزلىمىسىمۇ دۇنيادا ئۇيغۇرنى تۇنۇمايدىغان ئادەملەر مىللىيونلاپ چىقىدۇ ، ئۆتكەن يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۇنى ئامىرىكا مىئامى شەھەر باشلىقى جۈمھۇريەتچىلەر پىرىزدېنىت كاندىداتى فىرانكىس سۇئارىز، مۇخبىرنىڭ ئۇيغۇر مەسلىسى توغرۇلۇق سورىغان سۇئالىغا«ئۇيغۇر دىگەن نىمە»دەپ جاۋاپ بەردى ، ئامىرىكا دۆلىتىنىڭ پىرىزدېنلىقىنى تالىشىۋاتقان سىياسىيوننىڭ ئەھۋالى بۇ ، ئۈيۈڭدە ئولتۇرۋىلىپ سۆزلەۋەمەي جەمىيەتكە ئارلاشساڭ باشقا مىللەتلەر بىلەن ئارلىشىپ پىكىرلىشىپ باقساڭ ئۇيغۇرنى بىلمەيدىغانلارنى قەدەمدە بىر ئۇچىرتىسەن،
سىدىق ھاجى: «ئۇيغۇرىستان دىگەن ئىسىمنى ئۆزگەرتىشكە ئانا-ماناڭنىڭ ھەققى يوق »
ئۇيغۇرىستانمۇ ؟ شەرقى تۇركىستانمۇ ؟ دىگەن مەسىلە ئابدۇللا رۇزىباقىيۇپ ۋاختىدىلا غۇلغۇلا قوزغىغان مەسلە ئىكەن. مۇھاجىرەتتە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ90-ينللىردا قۇرۇلغان«شەرقى تۇركىستان مىللى كېڭىشىدىمۇ تالاش -تارتىش قىلىنىپ ئاخىرى شەرقى تۇركىستان(ئۇيغۇرىستان ) دەپ قۇبۇل قىلىنغان ئىكەن.سىدىق ھاجى، ئەركىن سىدىقنى ئۇغۇزخاننىڭ قۇرۇلتىيىغا ئىككى مىڭ يىل كىچىكىپسەن دەپ مازاق قىلىدۇ ، مىللى كېڭەش ئېچىلغاندا چاغلاردا مۇھاجىرەتتىكى سىدىق ھاجى نەدە قاپتىكەن ؟ ھازىرقى ھەيۋىسىنى شۇ چاغدا نىمىشكە قىلماپتىكەن .
بۇ مەسلە توغرىسىدىكى تالاش -تارتىش بىرەر ئادەمنىڭ قاتتىق-قوپاللىقى بىلەن ئوتتۇرغا ھۆكۇرەپ چىقىشى بىلەن ھەل بولىدىغان مەسلە ئەمەس ، ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا غۇلام ئوسمان، « ئۇغۇزخاندىن بۇيانقى ئىككى مىڭ يىلدىن كېيىن ئۇيغۇر دىگەن ئىسىم تارىختا كۇرۇلمىگەن ، ئۇيغۇر دىگەن ئىسىم روسلار ۋە خىتايلار قويغان ئىسىم ، ئۇيغۇرىستان دىيىش خىتايلار بىلەن بىر مۇقامدا توۋلىغانلىق ، شەرقى تۇركىستان نامىنى ئۆزگەرتىشكە ھېچقايسىڭنىڭ ئانا-ماناڭنىڭ ھەققى يوق » دىسە، تۇركىيەدىكى قارلۇق دىگەن دوكتۇر ئۇيغۇر دىگەن ئىسىمنى ئېتىراپ قىلىش خىتاينىڭ ئاپتۇنۇمىيەسىنى ئىتىراپ قىلىش بولىدۇ دەپ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خېلى غولغولا قوزغىغان ئىدى ، بۇنىڭغا رابىيە قادىر قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى مەنمۇ ئاۋاز قۇشۇپ قوللىدىم لىكىن سىدىق ھاجىدىن زۇۋان يوق . بۇنداق ياماندىن قورقۇپ ، يۇۋاشنى بوزەك قىلىش روھى زەيىپلىكنىڭ ئالامىتىدۇر . بەلكى رابىيە قادىرنىڭ ئىنكاسى ماڭىمۇ ۋەكىللىك قىلىدۇ دىيىشى مۇمكىن لىكىن خۇتۇننىڭ جۇۋىسىدا تەلىنىۋەرسەك بولمايدۇ .

سىدىق ھاجى: «سەن بۇ يەردە يۇرىتۋازلىق قىلدىڭمۇ ، دوسىتۋازلىق قىلدىڭمۇ مەھەللىۋازلىق قىلدىڭمۇئ ئۇيغۇر ئەخلاق تارىخىنى پاشىۋازلار تارىخىغا ئايلاندۇرۇپ قويماقچى بولۇپسەن »
«سىنىڭدەك ئادەملەردىن مىڭى بولسا مىڭىنىڭ مىليونى بولسا مىلىيونىنى قارشى ئالىدىغان ئۇغۇل بالىمەن .»
«سىنىڭ ئەخلاق، سىياسەت ساھەسىدە سۆزلەش سالاھىتىڭمۇ يوق ، چۇنكى سەن بىر ساقچىنىڭ ئائىلىسىدە چوڭ بولغان.

ئەركىن سىدىقنىڭ يەنە بىر گۇناھى ئەخلاق مەسىلىسىدە سۆزلىگىنى بولدى، سىدىق ھاجىنىڭ چۇشەندۇرۇشىچە : ئەخلاق مەسىلىسىدە بىزدە ئەخلاق توغرۇلۇق يېزىلغان سېستىمىلىق نەزىريە بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرنىڭ ئۈزىگە خاس ئەخلاق نىزامى يوق ئىكەن ،
ئۇنىڭ سۆزىچە ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن ئۇيغۇرلاردا ئەخلاق ئۇقۇمى يوق بۇلۇپلا قالماي ھازىرغىچە ئەخلاق تەربىيەسى يوق ئىكەن ، ئەخلاقنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمىز . ئەجىبا شۇنداق ئىكەن بۇ ئەخلاقنى بىلمەيدىغان خاقانلىرىمىز قانداقمۇ نەچچە يۈز يىللاپ يۇرىت سورىغاندۇ؟ ،
ئامىرىكىدىكى خىتاي باش ئەلچىسى ۋە بەزى ئۇيغۇرلار پۇرسەت كەلدى دەپ دولقۇن ئەيسا خۇددى ئۇلارنىڭ خۇتۇنىغا باسقۇنچىلىق قىلغاندەك ۋايساپ كەتكەن ئىدى ،ھازىرغىچە دولقۇن ئەيسانىڭ شۇ بىر ئېغىز سۆزىدىن باشقا ھىچقانداق بىر پاكىت ئوتتۇرغا تاشلانغىنى يوق ، پاھىشە قىلدى دىگەن گەپنى سەن كۆتۇرۇپ چىقىپسەن، دولقۇن ئەيسانى قارلايمەن دەپ ئاشۇ قىزغىمۇ قارا چاپلاپسەن، ئۇ قىزغا جاۋابىنى ئۈزەڭ بىرەرسەن، سەكسەندىن ئاشقان بىر ئادەمنىڭ بۇنداق شاتراقلىق قىلىپ يۇرۇشى ياراشمايدۇ
ئەمىلىيەتتە قۇرۇلتايغا ئەڭ ئۆچمەنلىك ساقلايدىغانلار، قۇرۇلتاينىڭ نام -ئابرويىنى ساقلاش نامىدا پەريات كۆتۇرۇۋاتقانلاردۇر، بىلىشىمچە بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۈزىنىڭ ئۈيىنى بۇزۇپ، باشقىلارنىڭ ئۈيىنى بۇزۇپ يۇرگەن ھەقىقى پاشۋازلار ئىكەن .
سىدق ھاجى ئەركىن سىدىقنىڭ ئەخلاق تىمىسغا كىرىشىنى چەكلەپتۇ، سىدىق ھاجى ئەخلاقنىڭ نىمىلىگىنى ئۈزى بىلەمدۇ ؟ غولام ئوسمان ۋە زۇمرەت تۇرسۇن خېلى ئۇزۇنغىچە رابىيە قادىرنى تىللاپ مۇھاجىرەتنى تەۋرىتىۋەتتى، مىڭغا -مىليونغا تېتىيمەن دىگەن ئۇغۇل بالىدىن بۇلارغا بىر ئىنكاس يوق، بۇ جەرياندا تۇركىيە مۇئارىپ تەشكىلاتىدىن ھىدايتۇللا ئۇغۇزخان ، ئەلى ئەكبەر داموللا ۋە باشقىلار نارازىلىقنى بىلدۇردى مەنمۇ قاتتىق ئىنكاس قايتۇردۇم، لىكىن سىدىق ھاجىدىن ئىنكاس يوق ، ئايالى ۋە بالىلىرى ئۇچۇن بىر ئېغىز ھەق گەپ قىلالمىغان مۇشۇنداق يارىماس ئەرنىڭ كاساپىتىدىن يەتمىشتىن ئاشقان ، ھەممە ئادەم ھۆرمەتلەۋاتقان بىر ئانا ، ئەخلاقسىزلار تەرىپىدىن ئەڭ پاسكىنا تىللار بىلەن بىر يىلدىن ئۇشۇق ۋاقىت خورلاندى . سىدىق ھاجىدىكى ئەرلىك غۇرۇر نەگە كەتتى ، ئايالىغا ۋە ئائىلىسىگە بولغان مەسئۇلىيەت نەگە كەتتى ؟ .بۇلار ئەخلاق كاتاگورىيەسىگە كىرمەمدۇ؟ بۇ جەرياندا ئايالىنىڭ يۇزىگە قانداق قارىغىنىنى، نۇمۇس قىلماي جامائەت ئالدىدا قانداق يۇرگىنىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ، سىدىق ھاجى قۇبۇل قىلغان ئەخلاق مۇشۇمۇ ؟ ماتىريالىزىمچىلار .ئىنسانلارنى ئېڭى يۇكسەك تەرەققى قىلغان جانلىق دەيدىكەن لىكىن بەزى ئىنسانلىرىمىزنىڭ ئاشۇ تۆۋەن دەرىجىلىك مەخلۇقلاردىنمۇ ئۆگۈنۈدىغان يەرلىرى بارئىكەن ، «قاغا، قاغىنىڭ كۆزىنى چۇقۇمايدۇ»دىگەن گەپ بار. نۇرغۇن ھايۋانلارمۇ ئۆز تىپىدىكىلەرگە ھۇجۇم قىلمايدۇ، بىر -بىرىنىڭ گۇشىنى يىمەيدۇ، ئائىلىسىنى جان تىكىپ قوغدايدۇ ، بۇمۇ ئۇلارنىڭ ئەخلاق -مىزانى بولسا كېرەك . ئەخلاق دىگەن كىتاپقا يېزىلسىلا ، دەرىس قىلىپ ئۈتۈلسىلا ئەخلاق بۇلۇپ قالمايدۇ ،
رابىيە قادىر قۇرۇلتايدا 10 يىل ئىشلىدى، خىزمەت كۆرسەتتى، بۇ جەرياندا سىدىق ھاجى رابىيە قادىرنىڭ كۇتىدىن ئەگىشىپ يۇرۇپ دەنداپ قاپتىكەن، ئۇنىڭدا ئەرلەرگە خاس كەڭ قورساقلىق، سىياسەتچىگە لايىق نەزەر يوق ئىكەن . بۇنچىلىك قىلمىسىمۇ دولقۇن ئەيسا ئۆتكەن يىلدىلا«ئۈزەم تۈزگەن تۈزۈمنى ئۈزەم بۇزسام بولمايدۇ»دەپ كەسكىن ئىپادە بىلدۇرۇپ بولغان ئىكەن. قۇرۇلتاينىڭ ئىشلىرىنى ئۇرۇنلاشتۇرۇشتا يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دەۋاسى ئۇچۇن، قۇرۇلتاينىڭ خىزمەتلىرىنى قوللاپ بەدەل تۆلىگەنلەر ئەڭ ھۇقۇقلۇق، قۇرۇلتاينىڭ ھۇلىنى كولاپ كەلگەنلەرنىڭ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ ئىگىدارچىلىق قىلشغا ھەققى يوق.
مىنىڭ يۇقۇردىكىلەرنى يېزىشىم پەقەتلا ئۈزەمنىڭ ئەقىدەمنى قوغداش ئۇچۇندۇر ، يىللاردىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى يۈزلىگەن مىڭلىغان ئۇيغۇرلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا، ئوخشىمىغان دەرىجىدە ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن قوللاپ بەدەل تۆلەپ كەلدى ، ئۆز ۋاقتىدا رابىيە قادىر ۋە سىدىق ھاجىمۇ بۇ قوللاشلاردىن نىسىۋىسىنى ئالغان ئىدى، ھالا بۇگۇنكى كۇندە ئۈزىنى قوللىغان بۇ قوللىغۇچىلىرنىڭ قارشى تەرەپىدە تۇرۇۋىلىپ ئۇلارنىڭ ئەجرىگە ھۆرمەت قىلماسلىق ، ئىدىيەۋى قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىش بۇلۇۋا تىدۇ، مەنمۇ يۇقۇردىكى مىڭلىغان جامائەتنىڭ ئىچىدىكى بىرسى بۇلۇشۇم تۇپەيلى، يىللاردىن بۇيانقى قۇرۇلتاينى قوللاش ئۇچۇن قىلغان ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىكى كىچىككىنە تىرىشچانلىقلىرىمنى قوغداش مەسئۇلىيتىم بار بولغانلىقى ئۇچۇن سۆزلەۋاتىمەن ، قۇرۇلتاينىڭ نەتىجىلىرىنى كۆرگەنلىگىم ئۇچۇن سۆزلەۋاتىمەن ، ئۇيغۇر دەۋاسىگە بەدەل تۆلەۋاتقان پىداكارلارغا ھىسداشلىقىم، ھۆرمىتىم بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىززەت -ئابرويىنى قوغداش ئۇچۇن سۆزلەۋاتىمەن، سەنلەردەك قۇرۇلتايدىن نەپ چىقسا«ئابدۇلباي، نەپ چىقمىسا ئابدۇلتاز دىمەيمەن،ئۇلارنىڭ مېڭىۋاتقان يۇلىغا، قىلىۋاتقان ئىشىغا قاراپ سەپ تۇزۇمەن. سەپداش دىگەننىڭ مەنىسىنى چۇشەنگۇچىلىكىڭ باردۇر ،سىدىق ھاجىنىڭمۇ ئۈزى سۇ ئىچكەن قۇدۇققا تۇكۇرمەسلىگىنى تەلەپ قىلىمەن.
سىياسەت ئەسلىدە چوڭقۇر ۋە مۇرەككەپ ئىلىم ئىدى ، ۋەتەندىكى زۇلۇم دەستىدىن يۇرۇگى ئېچىشقانلار بۇرۇن نىمە ئۆگەنگەن، نىمە ئىش قىلغانلىقىغا قارىماي سىياسەتچى بۇلۇپ كەتتى بەزى مەسىلىلەردە پىكىر ئوخشىماسلىق نورمال ئەھۋال، مەنمۇ ئەركىن سىدىققا، ئابدۇۋەلى ئايۇپقا ، ۋە ئەركىن ئەكرەملەرگە قاراتمىلىقى بولغان ئۇخشىمىغان پىكرىمنى ئېلان قىلغان ، بۇندىن كىيىنمۇ داۋاملىشىدۇ لىكىن يامان نىيەتتە ھۇجۇم بولمايدۇ .
سىدىق ھاجى يەنە دەيدىغان گەپلىرىم بار دەيدۇ ئۇنىمۇ ئاڭلاپ باقايلى ، لىكىن بىر مويسىپىت ئادەمنىڭ بەك خۇدىنى بىلمەي قېلىشىمۇ ياخشى ئەمەس ، ھازىرغىچە كىرمىگەن ئەقىل قاچان كىرىدۇ .

Share
472 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.