logo

trugen jacn

ساقچىخانا باشلىقى: تاراۋى نامىزىغا قاتناشقان كادىرلارنىڭ ئىدىيەسى تەكشۈرۈلىدۇ

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مۇخبىرىمىزنىڭ خىتاينىڭ رامىزان مەزگىلىدىكى مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى ئېنىقلىشى داۋامىدا، ئۇيغۇر رايونىدا تاراۋى نامىزىنىڭ ئالاھىدە نازارەت قىلىنىۋاتقانلىقى، تاراۋى نامىزى مەزگىلىدە مەسچىت ئەتراپىدا ساقچى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ نۆۋەتتە تۇرۇپ كۆزىتىۋاتقانلىقى، ھەتتا بەزى ساقچىلارنىڭ پۇقراچە كىيىنىپ پايلاقچىلىق قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئاقسۇدىكى بىر ساقچىخانا باشلىقى ئەگەر كادىرلارنىڭ تاراۋى نامىزىغا قاتناشقانلىقى بايقىلىپ قالسا، ئۇنىڭ ئىدىيەسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن يۇقىرىغا مەلۇمات يوللىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

بۈگۈن يەنە گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان دىنىي زىيالىي ئەيسا ساۋۇت ئەپەندى بۇ تېمىدا مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ تاراۋى نامىزىنى ئالاھىدە كونترول قىلىشىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە پىكىر بايان قىلدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/uyghurda-ramizan-06232016151913.html

Share
1245 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.