logo

trugen jacn

زۇلپىقار بارات:ئۈستۈن ئوقۇرمەن قانداق بولىدۇ؟

20150506043535500.jpg.thumb

(2015-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى 20-قېتىملىق دۇنيا ئوقۇرمەنلەر خاتىرە كۈنىدە سۆزلەنگەن نۇتۇق)
زۇلپىقار بارات ئۆزباش

        ئىنساننىڭ ھەقىقىي ئىنسانىيلىق سۈپىتى ئۇنىڭ تاماق يېيەلىگەنكى، كىيىم كىيەلىگەنلىكى، نازاكىتى ياكى  سالاپىتى بىلەن ئەمەس، بەلكى پىكىر قىلالىغانلىقى، ئويلىنالىغانلىقى بىلەن خاراكتىرلىنىدۇ. بىز پىكىر قىلىۋاتقان ۋاقتىمىزدىلا ئۆزىمىزنىڭ ئىنسانىيلىق سۈپىتىنى چىن مەنىسى بىلەن يارىتىۋاتقان بولىمىز. ھازىرغىچە بىزدە ھەر خىل سورۇن تۈرلىرى بارلىققا كەلدى. ئەمما، مەن چۈشىنەلمەيدىغان مۇنداق بىر ئىش بار. مەنسەپ چېيىدا مەنسەپ ھەققىدە سۆزلەر بولسا بولىدۇ، تۇغۇلغان كۈنىدە تۇغۇلۇش ۋە ئۆلۈش ھەققىدە سۆزلەر بولسا بولىدۇ، ئەمما، نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ سورۇنلىرىمىزدا كىتاب ھەققىدە سۆزلەر بولسا زاڭلىق قىلىنىدۇ؟ نېمشىقا توي-تۆكۈنلەردە كىتاب سوۋغا قىلىنسا مەسخىرە ئوبيكېتىغا ئايلىنىپ قالىدۇ؟
بۇ مەسلە كاللامدىن ئۆتمەيتتى، ئاشۇ ئوينىڭ تۈرتكىسىدە «ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە» ناملىق كىتابىمنىڭ 205 – بېتىدە ئىلىم چېيى» ئۆتكۈزۈش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدىم. بۇ كىتابىمنى نۇرغۇن ئوقۇرمەن ياقتۇرۇپ ئوقۇدى، دوست-يارانلىرىگە سوۋغا قىلدى.   شۇ كىتابىمنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغان بىر قىسىم ئىزدىنىشچان ياشلارنىڭ تەشەببۇسۇمغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشى بىلەن ئىلىم چېيى يېڭىچە بىر خىل ئىلغار سورۇن مەدەنىيىتى سۈپىتىدە بارلىققا كېلىپ جەمئىيەتلەشتى. ئىلىم چېيىمىزغا ھازىرغىچە زىيالىيلار، مەمۇرلار، دېھىقانلار، ھۈنەرۋەنلەر، ئاسپرانتلار، ستودىنتلار بولۇپ ھەر قاتلامدىن نۇرغۇن ئادەم ئىشتىراك قىلدى. بىز ئىلىم چېييىدا تەبىقە، قاتلام، سالاھىيەت سۈرۈشتۈرمەي ئۇنى ھەقىقىي مەنىدە دېموكراتىك ئىلمىي سورۇنغا قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشتۇق ۋە «ئىلىمغىمۇ زاكات كېلىدۇ» دېگەن ئاڭ بىلەن ھەر سان ئىلىم چېيىنى يېنىمىزدىن پۇل چىقىرىپ سۈرەتكە ئالدۇرۇپ توردا ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆرۈشىگە سۇندۇق.نەتىجىدە ئىلىم چېيىمىزنىڭ تەسىرى ئاشتى، ھەر خىل شەكىلدىكى ۋارىيانتلىرى ئارقا-ئارقىدىن بارلىققا كەلدى، ئىلىم چېيىمىزنىڭ جەمئىيەتتە ئوقۇرمەنلەر سانىنى ئاشۇرۇشتىكى رولى زور بولدى.
بۈگۈنكىسىمۇ ئوقۇرمەنلەر ئىلىم چېيى. دۇنيا كىتاب ئوقۇش خاتىرە كۈنىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ ئىلىم چېيىدا مەن «ئۈستۈن ئوقۇرمەنلىك، روھ پەرۋىشى ۋە  ئاقارتىش جاراھىتى» دېگەن تېمىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بارماقچى. مۇھاكىمەگە كىرىشتىن بۇرۇن مەن ئاراڭلاردىكى رىشتىسى كىتابقا باغلانغان تۆۋەندىكى بىر تۈركۈم كىشىلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرىمەن.
ئۈندىدار ۋە باشقا ئېلېكتىرونلۇق تاراتقۇلارنىڭ ئېزىقتۇرۇشى بىلەن نۇرغۇن ئادەم كىتابقا بولغان قىزىقىشى ۋە كىتاب ئوقۇش ئىقتىدارىنى يوقاتتى. ماغزاپ بىلىم ، ئۆتكۈنچى ئۇچۇر، يالغان ئىلىمدار ھەممىلار يەرنى قاپلاپ كەتكەن بىر دەۋردە ئۆزلۈكىنى، ئۆز روھىنى ساتماي چۇڭقۇر كىتاب ئوقۇۋاتقانلارغا سالاملار بولسۇن!
موھتاجلىق، ياشاشنىڭ تەس بولۇشى،ئىشسىزلىق  تالاي ياشلىرىمىزنى ھالسىراتماقتا. مۇشۇ ئاي، مۇشۇ  كۈنلەردە موھتاجلىق، غېرىبلىق ۋە ئىشسىزلىق ئازابىغا چىداپ كىتاب ۋاراقلاۋاتقان ئىنى – سىڭىللىرىمىزغا سالاملار بولسۇن!
دەۋرىمىز ۋە مىللىي مەۋجۇدلىقىمىز نېمە ئۈچۈن كىتاب ئوقۇيدىغانلىقىنى چۈشەنگەن، سوئاللىرىنىڭ جاۋابىنى چۇڭقۇر كىتابلاردىن ئىزدەيدىغان ئۈستۈن ئوقۇرمەنلەرنى تەقەززا قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا ئاراڭلاردىكى ئەڭ چۇڭقۇر، بۈيۈك كىتابلارنى قېتىرقىنىپ ئوقۇۋاتقان ئۈستۈن ئوقۇرمەنلەرگە سالاملار بولسۇن!
بۈگۈنكى لېكسىيە مۇنداق بۆلەكلەردىن تەركىب تاپىدۇ: بىرىنچى بۆلەك، بىر كىتاب ھەۋەسكارىنىڭ چىقىش يولى ئىزدەش ھېكايىسى: كىتاب ئوقۇش ھاياتىمنى قانداق ئۆزگەرتتى؟ ئىككىنچى بۆلەك، نېمىنى ئوقۇش كېرەك؟قانداق ئوقۇش كېرەك؟ ئۈچىنچى بۆلەك، ئاقارتىش جاراھىتى ۋە ئوقۇرمەنلىك مەدەنىيىتىمىزدىكى مەسىلىلەرگە بىر نەزەر. تۆتىنچى بۆلەك، ئۈستۈن ئوقۇرمەنلىك مۇراجىتى. بەشىنچى بۆلەك،  خاتىمە ئورنىدا: كىتابنى سۆيگەنلەرگە دەيدىغانلىرىم. مەن بۈگۈنكى مۇھاكىمىدە ئەمەلىي مىساللارنى ۋە پاكىتلارنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق تۆۋەندىكى بىر قانچە قاراشنى ئىلگىرى سۈرمەكچى:
بىرىنچى، ھەقىقىي مەنىدىكى ئوقۇرمەنلىك روھنى پەرۋىش قىلىش ۋە ھاياتنىڭ يېتەرسىز تەرەپلىرىگە تولۇقلاش ئېلىپ بېرىشتۇر. يىتىم روھنىڭ نالە – پەريادىنى بېسىقتۇرۇشنىڭ، روھنى ئۆزىگە قاندۇرۇشنىڭ، روھنى ئۆزىگە چۆمۈلدۈرۈشنىڭ  ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئېسىل كىتابلارنى ئوقۇشتۇر.
ئىككىنچى، مەن گۆدەك، رىياكار ئوقۇرمەننى مەنسىتمەيمەن. مېنىڭ يېزىقچىلىق ئوبىيېكتىم ۋە ئىزدەيدىغىنىم ئۈستۈن ئوقۇرمەن. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ئۈستۈن ئوقۇرمەن نېمە ئۈچۈن، قانداق كىتاب ئوقۇش كېرەكلىكىنى چۈشەنگەن، سوئاللىرىنىڭ جاۋابىنى چۇڭقۇر يەردىن ئىزدەۋاتقان، ئىزدىنىشلىرىنى ئومۇمىي مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ تەقدىرى بىلەن باغلىيالايدىغان روھىي تېرەن ئوقۇرمەندۇر.
ئۈچىنچى، نۆۋەتتە، كىتاب ئوقۇش توغرىسىدا رىيا، شۆھرەت ئارىلاشقان چۇقانلار كۆپ بولۇۋاتىدۇ.كىتابەتچىلىك مەدەنىيىتىمىزنى ھەقىقىي مەنىدە يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن ئوقۇرمەنلىكىمىزدە رىيا، ساددىلىق كۆلەڭگىسى ئەمەس، ماھىيەتلىك ، مەزمۇنلۇق تەركىبلەر كۆپرەك بولۇشى كېرەك.
تۆتىنچى، نەچچە ئون يىللاپ ئاقارتىش قىلدۇق. بىراق، قىلغان  ئاقارتىشلىرىمىز چالا بولۇپ قالدى. دەۋرىمىزدە نەشرىياتچىلىقتىكى پىلانسىزلىق، كىتابچىلىقىمىزدىكى بىخۇدلۇقلار، بىپەرۋالىقلار تۈپەيلىدىن ئەخلەت كىتابلار تۆكمە بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن زامانىۋىي ساۋاتسىزلىق باش كۆتۈرۈۋاتىدۇ. ئەمدى مۇشۇ مەسلىلەرگە دىئاگنوز قويىدىغان ۋاقىت كەلدى.

بىرىنچى بۆلەك: بىر كىتاب ھەۋەسكارىنىڭ چىقىش يولى ئىزدەش ھېكايىسى: كىتاب ئوقۇش ھاياتىمنى قانداق ئۆزگەرتتى؟

«بىر كىتاب ئوقۇدۇم، شۇنىڭدىن باشلاپ ھاياتىم ئۆزگەردى.» مانا بۇ- مەشھۇر تۈرك يازغۇچىسى، 2006 – يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى ئورخان پامۇكنىڭ  «يېڭى ھايات» ناملىق رومانىنىڭ تۇنجى جۈملىسى. روماندا بىر كىتاب بىر پېرسوناژنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتىدۇ، ئەمما رومان تۈگىگۈچە «مەن» ئۇ كىتابنىڭ قايسى كىتاب ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرمەيدۇ. مەنمۇ ھاياتلىق بابىدىكى بىر ئوقۇرمەن، ئوخشاشلا ھاياتىمنىڭ بۇرۇلۇش پەيتلىرىدە بىرۋە بىر قانچە كىتاب ئوقۇدۇم. كىتاب  ئوقۇش ھاياتىمنى ئۆزگەرتتى. لېكىن ئورخان پامۇكنىڭ پېرسوناژىنىڭ ئەكسىچە، مەن بۈگۈن سىلەرگە قايسى كىتابلارنىڭ ھاياتىمنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى دەپ بېرىمەن.
مەن ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنىڭ پايدىسى، ئۈنۈمى، ئەھمىيىتى ھەققىدىكى تىرىك پاكىت. ھازىرغىچە ئۇيغۇر خەتتاتلىق نۇسخىلىرىنى ، ئىنگلىز تىلىنى ئۆزلۈكىمدىن ئۆگەندىم؛ ئەدەبىي تەرجىمىنى ئۆزلۈكۈمدىن ئۆگەندىم. ئىنگلىز تىلى ئوقۇ- ئوقۇتۇش ساھەسىدىكى ئۇتۇقلىرىم ئۆزلۈكۈمدىن ئۆگىنىش ئارقىلىق روياپقا چىقتى. شۇنداق دېيەلەيمەنكى، ھازىرغىچە ئۇچتۇرپان  ناھىيەلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەكتەپلەردە ئۆتۈلگەن دەرسلەرگىلا قاراپ قالغان بولسام، بۈگۈنگىچە ئۆزۈمدىن ھالقىيالمىغان بولاتتىم. شۇ تەسىراتلىرىمنى يىغىنچاقلاپ، بەگمەت يۈسۈپ ئاكا باش مۇھەررىرلىك قىلىۋاتقان «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا ياشاش ئۆزىمىزگە جەڭ ئېلان قىلىشتۇر»ناملىق بىر پارچە  سۆھبەت خاتىرىسى ئېلان قىلدىم. ماقالىدە« ياشاش دېگەن نېمە؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ كېلىپ، «ياشاش ئۆزىمىزگە جەڭ ئېلان قىلىشتۇر» دەپ ئېيتقاندىم .بۈگۈنكى دەۋردە بەزىلەر بەلكىم «كىتاب ئوقۇشنىڭ نېمە پايدىسى؟ ھەممە ئۇچۇر ئۈندىداردا بار تۇرسا» دېيىشى مۇمكىن. مەن «ياق، ئۇنداق ئەمەس» دەپ جاراب بېرىمەن. گېرمانىيە پەيلاسوپى فېردىرىخ نىتچشې بىر كىتابىدا «نېمە ئۈچۈن بىزنى باشقا كىتابلارنى ئوقۇماس قىلىۋېتىدىغان بىر كىتاب يوق» دەپ يازىدۇ. ئەپسۇس، ئىنسانىيلىق مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا نادانلىق بىلەن قوشكېزەك. ئىنسان نادانلىقنىڭ چېكى بولمىغانلىقى ئۈچۈن سوئاللىرىمىزنى بىرلا كىتابنىڭ قاندۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا ئۇنداق كىتابنىڭ بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.
ھازىرغىچە ئوقۇغان نۇرغۇنلىغان كىتابلار روھىمنى زىلزىلىگە سالدى، ئەنە شۇ زىل-زىلىلەرنىڭ تەسىرى بىلەن ھاياتنىڭ قىيىن پەيتلىرىدە جۈرئەت ۋە شىجائەت بىلەن ياشاپ  كەلدىم. لېكىن، بىلمەيدىغانلىرىم ناھايىتى كۆپ. بىلمەيدىغانلىقىمنى كىتاب ئوقۇش ماڭا ئۆگەتتى. ئۆگىنىشكە تېگىشلىك بىلىملەر كۆپ، ئۇنى ئوقۇرمەنلىك ماڭا ئۆگەتتى. ھاياتنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ياشاش ئۈچۈن نۇرغۇن ئىش قىلىشىم كېرەك. بۇنى ماڭا ئوقۇرمەنلىك ھوزۇرى ئۆگەتتى. مەشھۇر پىرو يازغۇچىسى بارگاس لوسا نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ئېلىش نۇتۇقىدا «ئوقۇرمەنلىك ھاياتنىڭ يېتەرسىز تەرەپلىرىگە قىلىنغان ئسىياندۇر» دېگەنىدى. بىز ھەقىقىي مەنىدىكى ئوقۇرمەنلىك باسقۇچىغا قەدەم قويغان چېغىمىزدا روھىيىمىزدىكى كەم قالغان بوشلۇقلار تولۇقلىنىدۇ. ھايات يولىدا تىرىشىپ-تىرمىشىپ ياشاپ، روھىمىز ۋە يۈرىكىمىز چارچايدۇ. قەلبىمىزدە بىسىەرەمچانلىق ۋە پاراكەندىچىلىك ھۆكۈم سۈرىدۇ. مۇشۇنداق ۋاقىتتا قەلبىمىزدىكى بوشلۇقلارنى تولۇقلاشنىڭ، قەلبىمىزدىن كېلىۋاتقان نالە – پەريادلارنى بېسىقتۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى مۇنەۋۋەر نادىر كىتابلارغا يۈرۈش قىلىشتۇر. بۇنى كىتاب ئوقۇش ھاياتىم ماڭا ھېس قىلدۇردى.
2013- يىلى11-ماي ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلىم مۇنبىرىدە دوكتورلۇق دېپلومىنى قولۇمغا ئېلىش ئالدىدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئويلىدىم. ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئامېرىكىدىن قايتىپ كېتىش ھەققىدە نۇرغۇن خىياللارنى سۈرگەنىدىم. ئامېرىكىدىن قايتىپ كېلىشىمدە 10 تۈرلۈك سەۋەب بار.بۈگۈن ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرىنچى سەۋەبنى ئاشكارىلاي. مەن ھەقىقىي مەنىدىكى ئۇيغۇر بولۇش ئۈچۈن ۋەتەندە ياشىشىم، قايغۇ – شادلىقلاردا ئۆز جامائىتىم بىلەن بىرگە بولۇشۇم كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم.  بۇنى ماڭا ياخشى كىتابلار ھېس قىلدۇردى. تۆۋەندە مەن ھازىرغىچە ئۆزۈمگە تەسىر قىلغان ھەم ھاياتىمنى ئۆزگەرتكەن كىتابلارنى چېكىنمە بايان شەكلىدە، يېقىندىن يىراققا ئەسلەش شەكلى بىلەن  تەكىتلەپ ئۆتمەكچىمەن
ماڭا ئامېرىكىدا ئوقۇش داۋامىدا ئەڭ قاتتىق تەسىر قىلغان رومانلارنىڭ بىرى ئامېرىكىلىق قارا تەنلىك مەشھۇر يازغۇچى، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى تونى مورىسوننىڭ «جان قوزام» ناملىق رومانى. بۇ روماننى ئىنگلىز تىلى ۋە خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلدىم. بۇ روماندا قارا تەنلىكلەرنىڭ نىجاتلىق ئىزدەش جەريانى ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ. سېس ئىسىملىك باش پېرسوناژ قۇلدارلارنىڭ ئېكىنزارلىقىدىن بوۋىقىنى ئېلىپ قاچىدۇ. قۇلدالار قوغلاپ كەلگەندە ئۇ يېڭى تۇغۇلغان بوۋىقىنى ئۆزىگە ئوخشاش تەقدىرگە قالمىسۇن دەپ ئۆلتۈرۈۋىتىدۇ ھەم بىر ئۆمۈر شۇ بوۋىقىنىڭ ئەرۋاھىنىڭ ئازابلىشىدىن قۇتۇلالمايدۇ. بۇ ئەسەر نەشر قىلىنغاندىن كېيىن ئىنگلىز تىللىق ئەدەبىيات ساھەسىنى زىل – زىلىگە سالغان. ئەڭ مۇھىمى، نيويورك ۋاقىت گېزىتى ئۆتكۈزگەن 25 يىلدىن بۇيان ئىنگىلىز تىلىدا بارلىققا كەلگەن ئەڭ نادىر رومانلارنى باھالاش پائالىيتىدە بىرىنچى بولۇپ باھالانغان. مەن بۇ روماننى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن ئىپتىخارلىنىمەن.
مۇشۇ بىر پارچە رومان مېنىڭ ئامېرىكىنىڭ  جەلپكار يۈزىنىڭ كەينىدە يەنە بىر قارا  يۈزى بارلىقى ھەققىدىكى قاراشلىرىمنى روشەنلەشتۈردى. مەن ھازىرغىچە مەلۇم بىر مەدەنىيەتنى قارىغۇلارچە تەنقىدلەشتىن ساقلىنىپ كەلدىم، ئامېرىكا مەدەنىيىتىنى زىيادە كۆككە كۆتۈرۈشتىنمۇ ساقلىنىپ كەلدىم. مەن ئىزدىنىش داۋامىدا مۇنداق ئۈچ خىل ئامېرىكىنى بايقىدىم. بىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئىككىنچىسى، ئامېرىكا خەلقى، ئۈچىنچىسى، ئامېرىكا زېمىنى. مېنى ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن تەمىنلىگەن ئامېرىكا خەلقىگە تەشەككۈر بىلدۈرىمەن. ئەمما، تالايلىغان تەڭسىزلىكلەرگە، ئادالەتسىزلىكلەرگە سەۋەبچى بولغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە پىكىرىم بار. «جان قوزام» ناملىق روماندا « بۇ دۆلەتتىكى ھەربىر لىم ۋە ھەربىر بوسۇغىنىڭ تۈۋىدە بىر قارا تەنلىكنىڭ ئەرۋاھى يوشۇرۇنۇپ ياتىدۇ» دېگەن بىر جۈملە سۆز بار. بىر قولىغا دېموكراتىيە ۋە ئادالەت بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان ئامېرىكىنىڭ ئەركىنلىك نىقابىنىڭ ئەڭ كەينىدە بىز بىلىشنى خالىمايدىغان، ھولللىۋود كىنولىرىدا كۆرەلمەيدىغان يەنە بىر قاراڭغۇ تەرىپى بار. مەن بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىمنى «تەپەككۇر» ژۇرنىلىنىڭ 2 – سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئامېرىكىنىڭ ئىككى يۈزى»ناملىق ماقالەمدە ئىلگىرى سۈردۈم.
ماڭا تەسىر قىلغان ئىككىنچى مەشھۇر كىتاب بوستون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق پروفېسسورى، داڭلىق تارىخچى، ئەركىنلىك جەڭچىسى خوۋارد زىننىڭ «ئامېرىكىنىڭ قاراڭغۇ تارىخى» ناملىق كىتابى. بۇ ئەسەردە ئامېرىكىنىڭ ئۈچ ئەسىردىن بېرى  ئاجىزلار توپىنى– قارا تەنلىكلەرنى، ئىندىئانلارنى، كۆچمەنلەرنى، ھاۋايلىقلارنى قانداق ئەزگەنلىكى ھەققىدە نۇرغۇن مىسال ۋە پاكىت بار. بۇ كىتاب بىزنىڭ ئامېرىكا ھەققدىكى خام خىيالىمىزنى بەربات قىلىدۇ. مەن بۇلارنى سۆزلەش ئارقىلىق  مۇنداق دېمەكچىمەن. ھەربىر پارچە  قالتىس ئەسەر بىزنىڭ نادانلىقىمىزنى ئېسىمىزگە سېلىپ، روھىمىزنى قايتا قۇرىدۇ. بۇنى مەن مۇنداق ئاددىي مىسال بىلەن ئىپادىلەي. ئون يىللاردىن بۇرۇن، يەنى 2005-يىلى مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ شۇ چاغدىكى قاراشلىرىمىزدىن گۇمان قىلمايتتۇق. ئەمدىلىكتە 10 يىلدىن كېيىن ئەينى چاغدىكى نۇرغۇن قاراشلىرىمىزدا ساددىلىق بارلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمىز. مېنى ئويلاندۇرىدىغان شۇنداق بىر سوئال بار.  بىز نېمە ئۈچۈن ھاياتىمىزنى، تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىزگە ياردىمى تېگىدىغان پايدىلىق پاكىتلارنى بالدۇراق ھېس قىلالمايمىز؟ ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل پاكىتلارنى بالدۇراق ھېس قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى سىستېمىلىق كىتاب ئوقۇشتۇر.
فىرانسىيەنىڭ داڭلىق پەيلاسوپى مىچىل فۇكوۋنىڭ «تۈزۈم ۋە جازا» ناملىق پەلسەپىۋىي ئەسىرى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى دەۋىر بۆلگۈچ ئەسەرلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئامېرىكىدا ۋۇجۇدۇمنى لەرزىگە سالدى. بۇ ئەسەردە بىيوروكراتلىق ۋە تۈزۈمنىڭ روھىمىزغا قانداق زەھەرلەرنى سالىدىغانلىقى،ئۆزلۈكىمىزنى قانداق زەخمىلەندۈرىدىغانلىقى ئەكس ئەتكەن. مىچېل فۇكونىڭ بۇ كىتابتا ئىلگىرى سۈرگەن تارىخ پەلسەپسىمۇ مېنى ئامېرىكىدىن ئۈزۈل-كېسىل قايتىپ كېتىشكە سەۋەپ بولغان ئامىللارنىڭ بىرى.
2000-يىلى بىر يىل ئۇيقۇسىزلىقنىڭ ئازابىنى تارتتىم، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى دوختۇرخانىسىدا بىر ئاي ياتتىم.  شۇ ۋاقىتتا دوختۇر ماڭا  : « سېنىڭ گىرىپتار بولغىنىڭ جاھىل خاراكتېرلىك ئۇيقۇىسىزلىق كېسىلى، بىر ئۆمۈر دورا يېيىشىڭ كېرەك» دېگەنىدى.  شۇ چاغدا ئۇخلىتىش دورىسىنى تۆت ئاي يېدىم، تۆت ئايدىن كېيىن دورىنىڭ ئەكىس تەسىرىدە ئۆگىنىپ بولغان ئىنگلىز تىلىمنى ئاساسەن ئۇنتۇپ كەتتىم.  كىتابنىڭ كېيىنكى بېتىنى ئوقۇسام ئالدىنقى بېتىنى ئۇنتۇپ قالاتتىم، مۇشۇنداق پاجىئەلىك تەقدىر مەندەك ئۆگىنىش ئىشتياقى بار بىر ئادەمنىڭ بېشىغا 25 يېشىدا كەلدى. شۇ قىيىن پەيتلەردە بىر تۈركۈم كىتابلار مېنىڭ ھاياتىمدا مۇھىم رول ئوينىدى.  مەسلەن، ئامېرىكىلىق پىسخولوگ ۋايىن ديېرنىڭ «سىزنىڭ سەۋەنلىكلىرىڭىز» ناملىق كىتابىنى مەن ئۇيقۇسىز بولۇپ قالغان چاغلىرىمدا ناھايىتى سىستېمىلىق ئوقۇدۇم، كېيىنچە، دالى كارنىگنىڭ «قايغۇرماڭ، باتۇرلارچە ياشاڭ» ناملىق كىتابىنىمۇ بېرىلىپ ئوقۇدۇم. بۇ كىتابتىكى ئۇيقۇىسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان نۇرغۇن كىشىنىڭ ساقايغانلىقىنى كۆرۈپ،ئۈمىدكە تولدۇم، ھەرىكەتكە ئۆتتۈم. ئىنگىلىز تىلىنى قايتىدىن ئۆگەندىم، كىتابلارنى قايتىدىن كۆردۈم. كېيىن بارلىققا كەلگەن «سەرخۇش ئىنگلىز تىلى»  يۈرۈشلۈك دەرسلىكلىرى ۋە «سەرخۇش ئېنگلىزتىلى گرامماتكىسى» شۇ چاغدىكى ئىزدىنشلىرىمنىڭ مەھسۇلى ئىدى. مەن بۇلارنى دېيىش ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە  شۇنى دېمەكچىمەنكى، ئېسىل بىر  پارچە كىتاب بىزگە  ئۈمىد بېغىشلايدۇ ۋە ياشاشنىڭ مىتودىنى ئۈگىتىدۇ،ھالقىلىق ئازاب پەيتلىرىدە قىيىنچىلىقلاردىن قانداق ھالقىش كېرەكلىكىنى دەپ بېرىدۇ.
شۇ تاپتا بالىلىق دەۋرىمدە قەلبىمنى زىلزىلىگە سالغان ۋە ۋۇجۇدۇمدا چوغ بولۇپ ساقلانغان  بىر قانچە  پارچە كىتاب ھەققىدە سۆزلەشنى لايىق تاپتىم. ئۇنىڭ بىرسى ئەختەم ئۆمەرنىڭ  «قىيامەتتە قالغان سەھرا» ناملىق پوۋسىت – ھىكايىلەر توپلىمى. مەن بۇ ئەسەرنىڭ  ماڭا بەرگەن ھوزۇرىنى ھازىرغىچە ئۇنتالمايمەن. ئۇ چاغدا يازغۇچىلار ئارىسىدا بىزنىڭ رېئاللىقىمىزنى ساختا يازدىغانلار كۆپ ئىدى.ئەختەم ئۆمەر ئاشۇ ۋاقىتتا ساختا يازارمەنلىككە قارشى ئەڭ بۇرۇن چۇقان كۆتۈرگەنلەرنىڭ بىرسى ئىدى.
بالىلىق دەۋرىمدە  مېنىڭ ۋۇجۇدۇمنى لەرزىگە سالغان ئىككىنجى ئەسەر  مەرھۇم  ئابدۇرىھىم ئۆتكۈرنىڭ« ئىز» ناملىق رومانى. مەن بۇ  روماننى 14 يېشىمدا ئوقۇدۇم. روماندىكى تۆمۈر خەلىپىنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرى ۋە باشقا تەپسىلاتلار ھازىرغىچە ئىسىمدىن چىقمايدۇ.ئۇنىڭدىن  كېيىن  مەرھۇم يازغۇچىمىزنىڭ قولىدا يەنە بىر پارچە  رومانىنىڭ يېزىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۆت يىل ساقلىدۇق. بۇ روماننىڭ داۋامى «ئويغانغان زېمىن» شەكلىدە مەيدانغا كەلدى.«ئىز» ۋە «ئويغانغان زېمىن» رومانى مەندىكى تارىخ ئېڭىنى، تارىخنى بىلىش ئىستىكىنى ئويغاتقان نادىر رومانلاردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا ئىنگىلىزتىلىنى چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىشىمگە  سەۋەبچى بولغان  بىر رومان ، خەنزۇتىلىنى چوڭقۇرلاپ ئۈگىنىشىمگە  سەۋەبچى بولغان   يەنە بىر رومان  بار.
1992-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ جۇڭگۇ تىللىرى فاكۇلتىتىغا ئۆتتۈم.  شۇچاغلاردا كۈتۈپخانىدا مەرھۇم تەرجىمە ئۇستازى توختى باقى ئارتىشىنىڭ «تەرجىمە تەجرىبىسىدىن ئۆرنەكلەر» ناملىق كىتابىنى   ئۈچ ئاي قېتىرقىنىپ ئوقۇپ چىقتىم، كېيىن ئەدەبىي تەرجىمىگە ئىشتىياق باغلىدىم. 1993-يىلى مەرھۇم ئەدەبىي  تەرجىمان مۇساجان ئەزىزى ئاكا تەرجىمە قىلغان «ئاداۋەت» ناملىق روماننى 50 بەت سېلىشتۇرۇپ ئوقۇدۇم. مانا شۇنىڭدىن كىيىن تەرجىمىدە ئېچىلىپ كەتتىم. ماڭا ئەدەبىي تەرجىمىنىڭ نېمىلىكىنى ئۈگەتكەن تۇنجى ئۇستازىم مەرھۇم مۇساجان ئەزىزى ئەپەندى ئىدى. شۇڭا ئۇنى چوڭقۇر ئەسلەش بىلەن تىلغا ئالىمەن. بىزدە شۇنداق بىر گەپ بار، «ئەجىرىنى دەرياغا قىل، ساۋابىنى سايدىن سورا». مۇساجان ئەزىزى ئاكا ماڭا  بىر كۈنمۇ دەرس ئۆتكىنى يوق. ئەمما، ئۇ پىشقان قەلىمى ، يۇقىرى تەرجىمە ماھارىتى ئارقىلىق قەلبىمدە چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلغان مەشھۇر تەرجىمانلارنىڭ بىرى. «ئاداۋەت» رومانى  مەشھۇر روس يازغۇچىسى ئاناتولى    ئىۋانوفنىڭ  روسىيەدە زىلزىلە قوزغىغان ئەسىرى بولۇپ بۇ ئەسەرنى مەن شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى كۈتۈبخانىسىدىن ئارىيەتكە ئېلىپ ئۇيغۇرچىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئوقۇدۇم. كۈندە ئىككى بەتتىن پەقەتلا  50بەتلا  سېلىشتۇردۇم. نەتىجىدە ئۈچ ئايدىن كېيىن دەرسلىكتە مەن بىلمەيدىغان خام سۆزلەر ئاز قالدى،خەنزۇتىلىنىڭ جۈملە قۇرۇلمىسىنى ياخشى چۈشەندىم. شۇڭا مەن دەيمەنكى،  تىل ئۈگىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئىككى خىل تىللىق روماننى سېلىشتۇرۇپ ئوقۇش. مەن بۇنداق ئىلغار   مىتودنى ئىنگىلىزتىلىغىمۇ تەدبىقلىدىم. مەشھۇر ئەنگىلىيە يازغۇچىسى  جېين ئاستىننىڭ   «ھاكاۋۇرلۇق ۋە ئاداۋەت» رومانىنىڭ ئىنگىلىزچىسىنى خەنزۇچىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئوقۇدۇم. كۈندە ئىككى بەت ئوقۇيتتىم؛ كۈندە ئۇچرىغان  خام سۆزنى ، ھەر بىر قۇرۇلمىنى ناھايىتى ئىنچىكە تەھلىل قىلاتتىم. كېيىنچە بۇنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلۈشكە باشلىدى.  ئەمەلىيەتتە، كۆپىنچىمىز بىر نەرسىنى تېز سۈرئەتتە ئۆگەنمەكچى بولىمىز، ئەمما  بۇ بىر خام خىيال. چوڭقۇرلاپ ، تەستە ئۈگەنگەن نەرسە روھىمىزدا زىلزىلە پەيدا قىلىدۇ ۋە ئۇنى ئاسان ئۇنتۇمايمىز.جېيىن ئاستىننىڭ شۇ رومانى ماڭا ئىنگىلىزتىلىنى ئۈگەتكەن رومان،«ئاداۋەت» ماڭا خەنزۇتىلىنى ئۈگەتكەن رومان.ھازىرغىچە گارسىيە ماركوزنىڭ ، تۈرگىنېفنىڭ ، جامىس جويىسنىڭ ،تونى موررىسوننىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى مۇۋەپىپەققىيەتلىك ھالدا تەرجىمە قىلدىم.
ياشلىق دەۋرىمدە ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلغان رومانلاردىن يەنە بىرى «يۈز يىللىق غېرىبلىق».  بۇ رومان ئىنساننىڭ مەڭگۈلۈك  تەقدىرى بولغان غېرىبلىقنى ئەكىس ئەتتۈرگەنلىكى ئۈچۈن 1982-يىلى  نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئىنساننىڭ مەڭگۈلۈك تەقدىرىنىڭ ، مەڭگۈلۈك سۇئاللىرىنىڭ  بىرسى غېرىبلىقتۇر .  غېرىب تۇغۇلىمىز،غېرىپ ئۆلۈپ كىتىمىز. شاۋقۇنلۇق شەھەر ھاياتىدا ، ئادەملەر دېڭىزى     ئارىسىدا تۇرۇپ غېرىبلىق ھېس قىلىمىز. غېرىبلىق چىگرا ،سىنىپ ،مىللەت ھالقىغان مەڭگۈلۈك تېمىلارنىڭ بىرى.
ئامېرىكىغا چىققاندىن كېيىن ئېنگلىزچىسىنى ئوقۇغان«قەلئە»ناملىق روماننىمۇ ياخشى كۆرىمەن. بۇ مۇدېرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىدىن بىرى كافكانىڭ  رومانى بولۇپ، ئەسەردە   kئىسىملىك بىر پىرسۇناژ بىر قەلئەگە كېلىدۇ، ئەمما بۇ قەلئەنىڭ ئاخىرى چىقمايدۇ.  پۈتۈن ئەسەر شىۇ پىرسۇناژ قەلئەدىن چىقالماي ئاخىرلىشىدۇ. بۇ رومان بيوروكراتلىقنىڭ، تۈزۈلمىنىڭ ئىنسان ۋۇجۇدىغا سالىدىغان بالايىئاپەتلىك ئاقىۋىتى ھەققىدىكى كىنايىسى بىلەن مەشھۇردۇر. كافكانىڭ بۇر ئەسىرى ھازىرغىچە نەچچىلىگەن يازغۇچىغا    تەسىر كۆرسەتكەن. مەسىلەن، ئىلىمىزنىڭ  مەشھۇر يازغۇچىسى مويەن ئۆزىنىڭ گارسىيە ماركوز، كافكانىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى قەيت  قىلىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرتىلىدا چىققان داڭلىق ئەسەرلەردىن «جىنايەت ۋە جازا» رومانىمۇ بار. بۇ ئەسەرنىمۇ مەرھۇم مۇساجان ئەزىزى ئاكا تەرجىمە قىلغان. ئەسەر روس يازغۇچى دوستويېۋىسكى تەرىپىدىن يېزىلغان. دوستويۋېسكىنىڭ ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئورنى تولىستويدىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. سەۋەبى، ئۇنىڭ«جىنايەت ۋە جازا»، «ئەخمەق»قاتارلىق رومانلىرىدا پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە، ئىنساننىڭ ئازابلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى كۆتۈرۈپ چىققانلىقىدا. «جىنايەت ۋە جازا»ناملىق روماندا مەۋجۇدىيەتنىڭ قىيىنلىقى، ياشاشنىڭ تەسلىكى، ئىنسان خاراكېتىرىنىڭ مۇرەككەپلىكىدىن ئىبارەت بىر باش تېما ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن . روماننىڭ زىلزىلىسى بىلەن مەن1996-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان چاغدا «جىنايەت ۋە جازا» رومانىنىڭ تەرجىمىسى ھەققىدە ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسى يېزىپ باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەنىدىم. مەرھۇم مۇساجان ئەزىز ئاكا قانداق ئەسەرنى تونۇشتۇرۇشنى  بىلىدىغان، ئەسەر تونۇيدىغان مۇتەپپەككۇرسىمان  تەرجىمان ئىدى. ئېيتىش كېرەككى، تەرجىمانلار  بىر مىللەتنىڭ روھ قۇرىلىشىدا  ۋە  ئوقۇرمەنلىك مەدەنىيتىدە ھالقىلىق رول ئوينايدۇ . لېكىن بىزدە ھازىر يارامسىز تەرجىمانلار، پارتىزانىكسى تەرجىمانلار ئاۋۇپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ ھال مېنى تەشۋىشلەندۈرىدۇ.

   ئىككىنچى بۆلەك، نېمىنى ئوقۇش كېرەك؟ قانداق ئوقۇش كېرەك؟

ھازىرغىچە نۇرغۇن سىتۇدېنت دوسلار ، ياشلار مۇشۇ مەسىلىنى لېكسىيەلەردە مەندىن كۆپ قېتىم سورىدى. بۇ لېكسىيەنى سۆزلەشتىن بۇرۇن كىتاب ۋە ئوقۇرمەنلىك مەدەنىيتى ھەققىدە ، نېمىنى ئوقۇش ھەققىدە جەمئىيەت   تەكشۈرۈشى قىلدىم.  يېقىندىن بۇيان  ياخشى كىتابلارمۇ ئاز ساندا چىقىۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەخلەت كىتاب ياكى چىقماسلىققا   تېگىشلىك كىتابلارمۇ يەتكۈچە چىقىۋېتىپتۇ.ئالدىغا كەلگەن كىتابنى  نەشىر قىلىش،پىلانسىزلىق ، بىپەرۋالىق نەشرىياتچلىقىمىزدىكى بىر مەسىلە بولۇپ قالدى. كىتاب ھەۋەسكارلىرى ئارىسىدا ئالدىغا كەلگەننى ئوقۇيدىغان ، قىززىققانلىق بىلەن ئوقۇيدىغان گۆدەك ئوقۇرمەن ئاۋۇپ كەتتى. بۇنداق  گۆدەك ئوقۇرمەنلەر ، رىياكەش  ئوقۇرمەنلەر  بىر مىللەتنىڭ ئاڭ سەۋىيسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ئانچە چوڭ رول ئوينىيالمايدۇ. قانداق ئوقۇش ،نېمىنى ئوقۇش ئۆز نۆۋىتىدە يەنە  بىر خىل دىت،ىستىراتىگىيە تەلەپ قىلىدۇ.شۇڭا مەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ كىتابنى تونۇشىغا ۋە  ئوقۇشىغا پايدىسى بولسۇن ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك كىتابلارنى تەۋسىيە قىلماقچى:
ئەگەر سىز ئازابلىنىۋاتقان ، يوشۇرۇن كۈچىڭىزنى قىزىپ مەۋجۇتلۇق ھالىتىڭىزنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز  تۆۋەندىكى كىتابلار سىزگە ياردەم بىرىدۇ: « سىزنىڭ سەۋەنلىكىڭىز»، «ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە»، «قايغۇرماڭ، باتۇرلاچە ياشاڭ».  ئەگەر سىز بىر ئۇيغۇر ياش بولسىڭىز، تۆۋەندىكىدەك كىتابلارنى چوقۇم ئوقۇشىڭىز كېرەك. «ئانايۇرت»، «ئىز»، «ئويغانغان زىمىن»، «بالدۇر ئويغانغان ئادەم»، « ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە»،  «كەچمىش» ،«ھايات شاماللىرى»،   «قۇم باسقان شەھەر» ،  «تەۋپىق ئەپەندى». بۇ رومانلار ۋە  تارىخىي قىسسەلەر بىزگە  ئوقۇرمەنلىك لەززىتىنى ھىس قىلدۇرىدۇ، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىزدە تارىخىي ئاڭ ۋە تارىخنى بىلىش ئىستىكىنى يىتىلدۈرىدۇ. ئەگەر سىزدە ئىگىلىك تىكلەش ئىستىكى بولسا  ۋە پۇلنىڭ قەيەردىن كېلىدىغانلىقىنى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز،    ئۇيغۇر تىلىدا چىققان تۆۋەندىكى كىتابلار سىزگە ياردەم بىرىدۇ: كارخانچىلارنىڭ مەغلۇبىيەت ساۋاقلىرى، شىركەتنىڭ كۈچ قۇدرىتى، باي دادام، نامرات دادام.
ئەگەر سىز ئۆزىمىزنى ۋە مەۋجۇتلىقىمىزنى تېخىمۇ ئىلگرىلەپ چۈشەنمەكچى بولسىڭىز، مۇنۇ كىتابلارنى ئوقۇمىسڭىز بولمايدۇ: ئۆزىمىزنى ئېتراپ قىلايلى، يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت،ئۆزلۈك ۋە كىملىك.  يۇقىرىقىلاردىن باشقا ئىسلام  مەدەنىيتىمىزنى ۋە ئۆرپ-ئادىتىمىزنى  چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بىرىدىغان كىتابلاردىن    «شېرىن بۇلاق»،«ئىسلام دىنىنىڭ تارىخى»  ، «ئىسلام دىنىنىڭ  سۈبھى دەۋرى»  قاتارلىقلار بار. بۇ كىتابلار ياخشى يېزىلغان ئەسەرلەردۇر. ئەگەر سىز  پەلسەپىۋى پىكىرنى ئۆگەنمەكچى بولسىڭىز، تەپەككۇرىڭىزنى چوڭقۇرلاشتۇرماقچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى كىتابلار سىزگە ياردەم بىرەلەيد: ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى، ئەرەب تىلىدا يېزىلغان پەلسەپە، سوفىيەنىڭ  دۇنياسى،سوقراتنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى.
نادىر چەت ئەل رومانلىرىدىن كافكانىڭ   «قەلئە» ناملىق رومانى، تونى مورىسوننىڭ «جان قوزام »ناملىق رومانى  ،گارسىيە ماركوزنىڭ «يۈز يىل غېرىبلىق ناملىق» رومانى،ھىمىڭۋاينىڭ «ئەلۋىدا، قورالىم» ناملىق رومانى، ياشار كامالنىڭ  «مەمەت ئاۋاق» ناملىق رومانى ، ئورخان پامۇكنىڭ   «مېنىڭ ئېتىم قىزىل» ناملىق رومانى، دوستويۋېسكىنىڭ «جىنايەت ۋە جازا » ناملىق رومانى،   مۇستاپا ئەمىننىڭ «تۇنجى مۇھەببەت» ناملىق رومانلىرىنى ئوقۇش كېرەك.
كېيىنكى مەسىلە قانداق ئوقۇش كېرەك  مەسلىسى. ئۇنداقتا قانداق ئوقۇش كېرەك؟ مېنىڭ قوللانغان ئۇسۇلۇم كىتابنى پەپىلەپ ئوقۇش. كىتابنى قولغا ئالغاندىن  كېيىن ، مۇقاۋىسىنى، مۇندەرىجىسىنى،ئارقا بەتلىرىنى ، ئاپتۇرنىڭ تەرجىمھالىنى بىر قۇر كۆرۈپ چىقىمەن، لېكىن دەرھال ئوقۇشقا كىرىشمەيمەن. پەپىلەپ ئوقۇش كىتابقا نىسبەتەن زوقمەنلىك پەيدا قىلىدۇ. ئىككىنچى قەدەمدە كىتابقا كىرىشتىن ئاۋال ئىزدەنمەكچى بولغان سوئالنى ئايدىڭلاشتۇرىمەن، يەنى كىتابتىن زادى نېمىگە ئىرىشمەكچى بولغانلىقىمنى ئېىنىق چۈشىنىشكە تىرىشىمەن. ئۈچىنچى قەدەمدە كىتاب ئوقۇش خاتىرسى تۇتىمەن. بۇ ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ياخشى ئۇسۇل. ئەسلى ماقالە يېزىشنىڭ قائىدىسى توغرىسىدا كۆپ بىلىمگە ئىگە ئەمەس ئىدىم. كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى تۇتۇش، كىتابقا بولغان تەسىراتىنى ئىزچىل يېزش مەندە ماقالە يېزىقچىلىقىغا نىسبەتەن بىرخىل ئىستەك ئويغاتتى ۋە پىكىرلىرىمنى رەتلىشىمگە ياردەم بەردى. شۇڭا ئامېرىكىدىن جەمئىي 28 پارچە خاتىرىنى ئۆزۈم بىلەن بىرگە قايتۇرۇپ ئەكەلدىم. خاتىرىلىرىم مېنىڭ ئۆز روھىمنىڭ داۋامىدۇر.   تۆتىنچى قەدەم گۆدەك ئوقۇرمەنىلىكتىن ھالقىپ رەسمىي ھالدا تەتقىقات خاركتېرلىك ئوقۇشقا كىرىشىش باسقۇچى. تەتقىقات خاراكتېرلىك ئوقۇش دېگەن نېمە؟ بۇ دېگەنلىك ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ قىزىقىدىغان باش تېمىلىرىمىزنى رەتلىۋېلىپ، باش تېمىدىن چەتنىمىگەن ئاساستا شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ ياخشى ئەسەرلەرنى تاللاپ چىقىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قىزىقىشىمىز بويىچە ئىچكىرلەپ كىرىش دېگەنلىكتۇر.  مەسلەن مەۋجۇتلۇق، مەدەنىيەت ، كىملىك قاتارلىق تېمىلارغا قىزىقساق، شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ ياخشى ئەسەرلەرنى ئوقۇش،ئەسلەش ۋە ئۇ ھەقتە خاتىرە يېزىشتىنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. تەتقىقات خاراكتېرلىك ئوقۇشتا خاتىر قالدۇرۇش بىلەنلا قالماي، ئەڭ موھىمى باش تېمىدىن چەتنىمىگەن ھالدا ئوي-پىكىرلىرىمىزنى رەتلەيمىز. سوئال بىزنى يېتەكلەيدۇ. سوئال قويۇش نەتىجىسدە بىز قالايمىقان كىتاب ئوقۇشتىن ساقلىنالايمىز. ئەگەر بىز تەتقىقات خاراكتېرلىك ئوقۇشقا كۆنسەك، بۇرۇن تەس ھېسابلىغان نۇرغۇن كىتابلارنى  ئاسان ھەزىم قىلالايمىز.
يۇقىرىقى جەريانلار تاماملانغاندىن كېيىن بىز يەنە  بىر كىتاب ئوقۇش گۇرۇپپىسى تەشكىللىىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ بىر ئاجىزلىقىمىز شۇكى، بىر نەرسىنى ئازراق بىلىۋالغاندىن كېيىن ئۆزىمىزگە قاتتىق ئىشىندىغان بولىمىز. ئەمما،  شۇ ۋاقىتتا نۇرغۇن تونۇشلىرىمىز خاتا بولۇپ چىقىدۇ. بىز پەقەت دىيالوگ ۋە سۆھبەتكە كىرگەن ۋاقتىمىزدا ئۆزىمىزنىڭ تونۇشلىرىدىكى خاتالىقلارنى بايقايمىز. ئىلىمنىڭ ئۆزى يېرىم، يەنە بىر يېرىمى دىيالوگ. شۇڭا ئامېرىكىنىڭ ئاسپىرانىت مائارىپىدا مۇھاكىمە، مۇنازىرە شەكلىدە دەرس ئۆتۈلىدۇ. بۇنىڭ پايدىسى كۆپ، كىشى ئوخشىمىغان پىكىرلەردىن زەرەتلىنىدۇ. ئەمما بىز جەمئىيىتىمىزدە غەلىتە بىرخىل بىمەنلىكنى، يەنى ئوخشىمىغان پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويسا ئۇنىڭغا خاپا بولۇپ كېتىدىغان ، ئۆزئارا ئۆچ ئالىدىغان ئەھۋاللارنى بايقايمىز. مەنچە قارشى نۇقتىدىكى پىكىر ئۆچ كۆرۈلمەسلىكى مۇنازىرە روھى بىزنى تېخىمۇ چوڭقۇر بىلىشكە يېتەكلەيدۇ، شۇڭا بەلگىلىك دائىرىدە كىتاب ئوقۇش گۇرۇپپىسى قۇرۇش ئىنتايىن موھىم. بىزنىڭ ئىلىم چېيىمىزنىڭ بىر تەشەببۇسى دەل مۇشۇ يەردە.

ئۈچىنچى بۆلەك، ئاقارتىش جاراھىتى ۋە ئوقۇرمەن مەدەنىيىتىمىزدىكى مەسىلىلەر

يېقىندا بىرەيلەن  ماڭا سوئال قويدى، كىتاب ئوقۇغانغا ئادەم ئەقىللىق بولۇپ كېتەمدۇ؟ كىتاب ئوقۇغانغا ئادەم ئەخلاقلىق، ئالىجاناب بولۇپ كېتەمدۇ؟ مېنىڭچە بۇ دەۋرىمىزدە جايىنى تاپقان سوئال، ئىنتايىن ئۆتكۈر سوئال. شاپتۇل داموللاممۇ  كىتاب ئوقۇيىتتى، ئىنتايىن پاراسەتلىك ئادەم ئىدى، لېكىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى سېتىۋەتتى. نىياز ھېكىمبەگمۇ كىتاب ئوقۇيتتى، ئۇمۇ خەلقنىڭ بىر مۇنچە مەنپەتىنى سېتىۋەتتى. جەمئيىىتمىزدە  نۇرغۇن ئادەم كىتابنى يەتكۈچە ئوقۇدى، ئەمما رېئال دۇنيادا ياخشى ئادەم بولالمىدى. بىزمۇ ھەم نۇرغۇن تەرەپلەردە كەتكۈزۈپ قويۇۋاتقانلىقىمىزنى كىتاب ئوقوش ئارقىلىق ھېس قىلىۋاتىمىز. ئۇنداقتا بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان  نۇقتا نېمە؟ بىلىشىمىز كېرەككى، كىتاب ئۇ جانسىز نەرسە، ئۇ دۇنيانى ئۆزگەرتمەيدۇ. ئەمما كىتاب بەرگەن روھىي ئېنېرگىيە بىلەن ئىنسان رېئاللىقىنى ئۆزگەرتىدۇ، ئۆز نۆۋىتىدە كىتابمۇ ئىنسانغا كۈچ- قۇدرەت ئاتا قىلىدۇ. بۇنىڭ شەرتى ئەلۋەتتە كىتاب ئاتا قىلغان تونۇش ھەرىكەتكە ئايلانغان بولىشى كېرەك. ئامېرىكا مائارىپچىسى جون دۇۋېي بىر مەشھۇر ئەسىرىدە مۇنداق يازىدۇ: «ھەرىكەتكە ئايلانمىغان تونۇش ئەھمىيەتسىزدۇر». نۇرغۇن كىشىلەر كىتابلارنى ئوقۇدى؛ ئەمما توخو يۈرەك ، قورقۇنچاق بولۇپ كېتىشتى. بۇ يەردىكى گەپ دەل تونۇشنىڭ ھەرىكەتكە ئايلانمىغانلىقىدا، سۈكۈتنىڭ زىيادە ئىشىپ كەتكەنلىكىدە.
ھازىر خەلق ئىچىدە مۇنداق بىر ئاچچىق كىنايە بار. زىيالى دېگەن نېمە؟ كىتاب ئوقۇيدىغان ئادەم  قانداق بولىدۇ؟ ئۇلار گالاستۇك تاقاپ يوتقانغا كىرىدىغان ئادەملەردۇر. بۇنچە ئاچچىق كىنايە خەلق ئىچىدە نېمە ئۈچۈن چىقتى؟ بۇ ئاددى مىسال ئوقۇرمەن مەدەنىيىتىمىزدىكى بىر كىرزىسنى، مەسىلىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. كىتاب ئوقۇغانغا ئەقىللىق بولۇپ كەتتۇقمۇ؟ كىتاب ئوقۇغانغا ئالىجاناب بولۇپ كەتتۇقمۇ؟ ناتايىن. ھالقىلىق پەيتلەردە كىتاب ئوقۇغانلار كەتكۈزۈپ قويۇۋاتىدۇ. ئاۋامنىڭ زىياليىلار ھەققىدىكى ساداسىغا قۇلاق سالىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى. ئەگەر بىلگەنلىرىمىزنى، تۇنۇشلىرىمىزنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرمىساق، ئوقۇغاننى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتمىسەك، ئۇنداقتا ئۆزىمىزنىڭ ئوقۇرمەنلىك ، ئىنسانلىق سۈپىتىمىزگە يۈز كېلەلمەيمىز.
دەۋرىمىزدە يەنە ئاقارتىش جاراھىتى ئىغىرلاپ بارماقتا. ئاقارتىش جاراھىتى دېگەن نېمە؟  بىر خىل تونۇشنى، بىرخىل چۈشەنچىنى، بىر خىل پىكىر ئەندىزىسىنى مۇبالىغە قىلىۋېتىپ، سۈكۈت ئىچىدە ياشاشتىن ياكى زىيالىيلارنىڭ كوللىكتىپ ئاڭسىزلىقىدىكى تەپەككۇر ئەخلەتلىرى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن پەيدا بولغان سەلبىي ئاقىۋەتتۇر. مەن بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىمنى يېقىندا تەپەككۇر ژورنىلىنىڭ 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئاقارتىش جاراھىتى ۋە ئاددىي ئەقىل» ناملىق ماقالەمدە ئەكس ئەتتۈردۈم. بىزگە نىسبەتەن ئاقارتىش بولسىلا، بىر خىل تونۇش شەكلى بولسىلا كۇپايە قىلمايدۇ.  غەرب نەچچە ئەسىر ئاقارتىش ئېلىپ باردى. ئۇلار ئەقىلنى،ئىلىمنى زىيادە مۇبالىغە قىلىۋېتىپ،  ئەمدىكىلتە ئەقىلنىڭمۇ نۇرغۇن نەرسىگە يەتمەيدىغانلىقىنى چۈشەندى. شەرق دەل بۇنىڭ ئەكىسىچە ئىماننى كۈچلۈك تەكىتلەپ ئەقىلگە ، ئىلىمگە سەل قارىدى ۋە بۇنىڭ زىينىنى يەتكۈچە تارتتى. ئىلىم ۋە ئەقىدە ئىنسان روھىنىڭ ئىككى شېىخى، ئىنسان ئىككىلىسىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئەمما بۈگۈنكى كۈندىمۇ بىز   بەزىلەرنىڭ بىرىنى كۆككە كۆتۈرۈپ يەنە بىرنى بېسىۋاتقانلىقىنى ھەيرانلىق ئىچىدە بايقايمىز.
ھازىرغىچە بولغان ئۇيغۇر ئاقارتىش تارىخىمۇ ئاقارتىش جاراھىىتدىن مۇستەسنا ئەمەس. مەسلەن، گۇڭگا شېئىر ھەرىكىتى ئۇيغۇر شېئىرىيەت تارىخىدىكى بىر ئەدەبىيات ھەرىكىتى. بۇنىڭ تۆھپىسىنى مەلۇم دەرىجىدە مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەك. ئەمما، گۇڭگا شېئىر ھەرىكىتى بايراقدارلىرى 1986-يىلىدىن ھازىرغىچە ئۆزلىرىنىڭ نەزىرىيە سىستېمىسىنى رەتلەپ چىقالمىدى، سىستملاشتۇرالمىدى. ئۇلاردىن بىزگە قالغىنى پارچە پۇرات، گۇڭگا تەپەككۇر شەكلى بولدى. شۇنىڭغا ئوخشاش مۇشۇ خىل ئاقارتىش جاراھىتىنىڭ تەسىرى بىلەن مۇھاكىمىدىمۇ تۈز سىزىقلىق، لوگىكىلىق تەپەككۇر شەكلىگە كۆنۈپ بولالمىدۇق، شۇڭا مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىشىمىزدا تەپەككۇر زەخمىسىنىڭ ئىپادىسى كۆرۈنۈپلا تۇرىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا بىزدە زامانىۋىي ساۋاتسىزلىق باش كۆتۈرمەكتە. شۇنى ئېچىنىش بىلەن تىلغا ئېلىشم كېرەككى، بىزدە ئارستوتىلنىڭ « پوئېتىكا»، كانىتنىڭ «نوقۇل ئەقىلگە تەنقىد»دىمۇ چىقمىدى. بۇلارنى غەربنىڭ دەپ باھانە كۆرسىتەيلى دېسەك، بۇۋىمىز فارابىنىڭمۇ ئەسەرلىرى تولۇق نەشىر قىلىنمىدى. ئوتتۇز يىللىق ئاقارتىش ئۇيغۇرلاردا چالا-بۇلا ھالەتتە كەتتى. ھەتتا شۇنچە ئەدەبىياتچىلار نان يەۋاتقان ئەدەبىياتشۇناسلىق ساھەسىدە تۈزۈكرەك «ئەدەبياتشۇناسلىق لۇغىتى» مۇ يوق.  چىقمايدىغان ئەخلەت كىتابلار تازا چىقىۋاتىدۇ. 4-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى ئىمزالىق كىتاب سېتىش پائالىيىتىدە نىر نەرسىنى بايقاپ قالدىم، ئالدىمغا ئىمزا قويدۇرغىلى كەلگەن بەش پارچە كىتابنىڭ ئۈچى پاخ-پاخ كىتابلار ئىكەن. ئىچىم شۇنداق ئىچىشتى. ھازىر كىتابخانىلىرىمىزدا دادا-ئاپىسىنىڭ تايىنى يوق، قوراشتۇرۇلغان كىتابلار كۆپىيىپ كەتتى. ئاپتۇرى يوق، ياماقلانغان تەرجىمە كىتابلار دەل مۇشۇنداق كىتابلاردۇر. كىتاب تاللىغاندا پىشقان ئاپتۇرنىڭ، كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ نادىر كىتابلىرىنى تاللاپ تۇرۇپ ئوقۇش كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا ئوقۇرمەنلىك مەدەنىيىتىمىزدە كۆرۈلۈۋاتقان يەنە بىر مەسىلە شۇكى، بازار ئىگىلىكى، سودا مەدەنىيىتى ئوقۇرمەنلىك مەدەنىيىتىمىزگە خىرس ئېلىپ كەلدى. ئۆي، تاۋار، ماددى كاپالەتنى چوڭ بىلىش نۇرغۇن زىيالىيلىرىمىزنى  ئۆزىنىڭ ياشلىق دەۋرىدىكى ئەقىدىسىدىن ياندۇردى. ئەمەلىيەتتە بۇ بىرخىل ئاسىيلىق. بىر تۈركۈم زىيالىيلىرىمىز ئۆزى بۇرۇن نەپىرەتلىنىدىغان، ياراتمايدىغان كىشىلەرگە ئايلىنىپ قالدى. نۇرغۇن گېزىت-ژورنال ئىسراپ بولۇپ كەتتى. بىر مۇنچە مەتبوئاتلاردا، تاراتقۇلاردا چىقىۋاتقىنى ساپلا «ئاتام ئېيتىقان بايىقى» گەپلەر. بىر مىللەت 80-يىللاردا ئېيتىلغان گەپلەرنى 2010-يىللاردا يەنە تەكرارلاپ ياشاشتىن ھارمىسا بۇنداق مىللەتكە ئېچىنىش كېرەك. رادىئو-تېلېۋىزورلاردا  قىلىپقا چۈشۈپ قالغان سۆزلەر تەكرار-تەكرار ئېيتىلىدۇ. شاتۇتىدەك گەپلەرنى قىلىپ ھارمايدىغان بىر قىسىم رىياسەتچىلەر قولىدىكى ئورگىنال بولمىسا ھېچنېمە دېيەلمەيدۇ. يەنە بىر تۈركۈم مۇھەرىرلەر بولسا قولىدىكى مۇھەرىرلىكتىن ئىبارەت يۈكسەك مەسئولىيەتنى ئىسراپ قىلماقتا. ئاۋامنىڭ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇنىڭغا قارىتا پىكىرى بار. بۇ پىكىرلەرگە قۇلاق سېلىش كېرەك. مەركەزدىن كېلىۋاتقان ئىلغار مەدەنىيەت بەرپا قىلىش، كىتابخۇمارلار جەمئيىتى قۇرۇش تەشەببۇسلىرىدىن ياخشى پايدىلىنالمىدۇق. نەشر ئىشلىرى ئۈچۈن نۇرغۇ مەبلەغلەر بېرىلدى، بۇلارنىڭ بىر قىسىمى نادىر كىتابلارغا ئەمەس، ئەخلەت كىتابلارغا سېلىنپ كەتتى. مەن بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆكۈنىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن.
سورۇن مەدەنىىيىتىمىزدىمۇ چاكىنىلىق، پۇچەكلىكلەر ئوبدانلا ئەۋج ئالدى. ئامېرىكىدىن  قايتىپ كەلگەندىن كېيىن سورۇنلارغا چاقىرىلدىم. مېنى ئۆكۈندۈرىدىغان شۇنداق  بىر ئىش بار. كىچىككىنە ئون كىشلىك ئايرىمخانىلاردا  بىر قولىدۇ چوكا، بىر قولىدا تاماكا تۇتۇپ ئولتۇرىدىغان ئەرلەر مېنى سەسكەندۈرىدۇ. ئىسقا چۈمۈلۈپ تۇرۇپ يېيىلۋاتقان تاماقلاردا قانداقمۇ لەززەت بولسۇن. مەن بۇنداق كىشلەرنى مەڭگۈ چۈشىنەلمەيمەن. ئامېرىكىدا رېستوراندا ئەمەس، ئوقۇتۇش بىناسىغا يۈز مېتىر كېلىدىغان جايلاردىمۇ تاماكا چىكىش چەكلەنگەن. بۇ ئەھۋال بىزنىڭكى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما، ئەلۋەتتە. ھازىر بۇ خىل ئەھۋال ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كېڭىيىپ ھار ئېلىنمايدىغان بولۇپ كېتىپتۇ. بۇ بىر داغ، ئۇيغۇر مەدەنىىيەت تارىخىدىكى شەرمەندە داغ. بۇنداق ئىشلارغا جەڭ ئېلان قىلىدىغان ۋاقىت كەلدى.
ئۇنىدىڭدىن باشقا نەشىرىياتچىلقىمىزدا پىلانسىزلىق،چىرىكلىك مەسىلىسى گەۋدىلىك بولماقتا .  كىتاب نەشىر قىلىدىغان، كىتابنىڭ نىنىنى يەۋاتقان بەزىلەر كىتاب ئۇقۇمايدۇ. بۇ بىر ئەپسۇسلىنارلىق ئەھۋال. بىز شۇ تاپتا قايتىدىن ئويلىنىش بىلەن خاراكېترلەنگەن يەنە بىر قېتملىق ئاقارتىش دەۋرىگە قەدەم قويۇۋاتىمىز.ئەمدى بىز سوراپ باقايلى، بىزنىڭ نەشىرىياتچىلىرىمىز، مۇھەرىرلىرىمىز قولىدىكى بوشلۇق ۋە ئىمكانىيەتنى ئىسراپ قىلىۋېتىپ بارامدۇ يوق؟ مۇھەرىرلىرىمىز ئۆز قولىدىكى مۇھەرىرلىك پىچىقىنى نەپسانىيەتچىلىكنىڭ ۋاستىسى قىلىۋېتىپ بارامدۇ يوق؟ ئويلىنىشىمىز كېرەك . بىزنىڭ ئېسىل نەشىرىياتچىلاردىن، ئېسىل مەھەرىرلەردىن ئۈگىنىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى. كىتابخانىلارنىڭ ۋاقتى، زېھنى، روھىغا خىيانەت قىلىش ئەمدى توختىشى كېرەك. قۇراشتۇرۇلغان، مۇناسىۋەت بىلەن چىقىرىلغان كىتابلاردىن ھەزەر ئەيلىشىمىز كېرەك. مەن بەلكىم ئۇزاق ئۆتمەي نەشىرىياتلىرىمىزدىن چىققان يۈز پارچە ناچار كىتابنىڭ (قوراشتۇرما كىتابمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) تېزىملىكىنى ئېلان قىلىپ قىلىشىم مۇمكىن. بۇنى مەن مەسئولىيەتچانلىق دەپ چۈشىنىمەن. بۇنىڭدىن باشقا  ئوقۇپ تەكشۈرۈش باسقۇچىدىكى زىيادە زىللىقلار، سەزگۈرلۈكلەر ئاپتۇرلارنى ھالسىراتماقتا. ئامېرىكىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن كۆپىنچىلەر ماڭا يېزىشنى ئەسكەرتتى،  بەزى كىتابلاردا ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغىتدە چىقىدىغان «خۇدا» دېگەن سۆزمۇ قىسقىراپ كېتىدىكەن. ئەھۋال بۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىدا كىتاب يېزىشنىڭ مۇمكىنچلىك شارائىتى ھەققىدە ئويلىنىپ قالىدىغان بولدۇم. زىيادە زىللىق، چېكىدىن ئاشقان خۇدۇكسىرەش – بىزنىڭ كاللىمىزدىكى كوللىكتىپ ئاڭسىزلىقتىن چىقىۋاتقان مەسىلە. بىزگە بېرىلگەن پۇرسەتتىن پايدىلانماي تۇرۇپ سەۋەب كۆرسىتىش ئاقمايدىغان ئىش. بىر بوشلۇق ئېتىلسە يەنە بىر بوشلۇق ئېچىلىدۇ. مۇھەرىرلەر ، نەشىرىياتچىلارنىڭ قاتتىق ئويلىنىدىغان ۋاقتى كەلدى.
ئەمدىكى گەپ، ئۈندىدار بىز ئۈچۈن نېمەتمۇ ياكى ئاپەتمۇ؟ دېگەن مەزمۇن ئۈستىدە بولىدۇ. ئۈندىدار ئاۋال بىزگە قولايلىق ئالاقە شارائىتى ياراتتى؛ بىزگە ئىچ پۇشىقىنى چىقىرىش، يەڭگىللەش پۇرسىتى ئاتا قىلدى.ئەمما،  يامان بولغىنى روھىمىزنىڭ بىر قىسمىنى بىزدىن تارتىۋالدى. ھازىر دۇنيا خاراكتېرلىك بىر پىسخكىلىق كېسەل يامىرىماقتا. ئۇ بولسىمۇ دىققەت چىچىلىش كېسلىدۇر. بۇ كېسەلگە گىرىپتا بولغۇچىلار دىققىتىنى بەش مىنۇتتىن ئارتۇق مەركەزلەشتۈرەلمەيدۇ. ئامېرىكا تەنقىدچىلىرى ئامېرىكىنىڭ بۈگۈنكى ياشلىرىنى تەنقىدلەپ، «پارلاق ئامېرىكا مەدەنىيتى 90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان، دىققىتى ئېلېكترونلۇق تاراتقۇرلاردا چېچىلۋاتقان  يارىماس بالىلارنىڭ قولىدا ۋەيران بولىدۇ» دېيىشمەكتە. تور، تەشۋىقات، ئۈندىدار بىلەن زىيادە كۆپ ھەپىلىشىدىغانلارنىڭ دىققىتى بىر يەردە ئەمەس. بۇلارنىڭ قولىدىن چوڭ ئىش چىقمايدۇ.  مەن دىققىتى چىچىلمىغان ، فوكۇس نۇقتىسىنى يوقاتمىغان، تەپەككۇرىنى يىغالايدىغان ياشلارغا ھۆرمەت بىلدۈرىمەن.  ھازىرقى ئىلىم كۈرىشى دەل زېھىن كۈرىشى بولۇپ قالدى، زېھىن چىچىلغانچە ياخشى ئوقۇرمەن بولغىلى بولمايدۇ. ئۈندىدار بىزدە يەنە ياتلىشش، روھى گادايلىقنى بەرپا قىلىپ ئۈلگۈردى. تۇغقانلار ،دوستلار بىلەن پاراڭلىشىشنىڭ ئورنىغا مەۋھۇم بوشلۇقتىن تەسەللى ئىزدەيدىغان بولۇپ قالدۇق. بۇمۇ بىر خىل پىسخكىلىق كېسەل. ئۈندىدار بىلەن ھەپىلىشىشنى تۇرمۇش شەكلىنىڭ ئالاھىدە بىر قىسىمىغا ئايلاندۇرۇۋاتقانلار كىتاب ئوقۇيالماس بولۇپ قىلىشتى. كىتاب ئوقۇش ئىقتىدارىنى يوقىتىش ئېغىر بىر مەسىلە. مەن ئۈندىدار ئىشلەتمەيمەن، تېلېۋىزور كۆرمەيمەن. مەن ئىزدىمەكچى بولغان ئۇچۇرلار كىتابلارنىڭ قېتىدا، چوڭقۇر مۇھاكىمىلەر ئارىسىغا يۇشۇرۇنغان، ئۇلار مېنىڭ ئىزدىشىمنى كۈتىدۇ. كىتابتىن كېلىۋاتقان بىر ھوزۇر بار. شۇنداق بىر لەززەت بار، ئۇ پەقەت چوڭقۇر ئوقۇرمەنلىكتىن كېلىدۇ. مۇشۇنداق لەززەت بىلەن ئوقۇۋاتقان، كۈرەش قىلىۋاتقانلارغا سالاملار بولسۇن!

تۆتىنچى بۆلەك، ئۈستۈن ئوقۇرمەنلىك مۇراجىتى

ئۈستۈن ئوقۇرمەن دېگەن نېمە؟ بۇ مەن يېقىندا نەزەرىيلەشتۈرمەكچى ھەم رېئاللاشتۇرماقچى بولغان يېڭى ئۇقۇم.  ئۈستۈن ئوقۇرمە ئۆزىنىڭ غايىسىدىن، ئىدىيال دۇنياسىدىن ۋاز كەچمەيدىغان ئادەمدۇر؛ ئۆزىنىڭ ئوقۇرمەنلىك غايىسى ۋە ئىستىكىنى ھېچنەرسىگە تېگىشمەيدىغان، سوئاللىرىغا چوڭقۇر كىتابلاردىن جاۋاب ئىزدەيدىغان، ئوقۇغانلىرىنى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلىيالايدىغان ئادەمدۇر. دەۋرىمىز دەل مۇشۇنداق ئۈستۈن ئوقۇرمەنلەرنى تەقەززا قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا كىتابچىلىقىمىز، ئوقۇرمەنلىك مەدەنىيىتىمىز ئىسلاھاتقا مۇھتاج.
ئۈستۈن ئوقۇرمەن يەنە نېمىنى ئوقۇش، نېمە ئۈچۈن ئوقۇش، قانداق ئوقۇش كېرەكلىكىنى چۈشەنگەن، ئىزدىنىشلىرىنى ئومۇمنىڭ ئىستىقبالى بىلەن باغلىيالايدىغان ئوقۇرمەندۇر. مەسلەن ئابدۇقادىر داموللا ،ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرلەر ماھىيەتتە ئۈستۈن ئوقۇرمەنلەردۇر. شۇنىڭدەك ھەربىر ئۈستۈن ئوقۇرمەن ئۆز موھىتى، ئۆز دەۋرىدە پىكىردە بىر بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىدۇ. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ھاياتىنى جىمجىت كۆزەتسەك،ئۇنىڭ چۈشەنمەسلىك، مەسخىرە، غىرىبلىق، ھەسەتخورلۇق، قىيىنچىلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتىپ تۇرۇپمۇ  جىمجىت ئىزدەنگەنلىكىنى كۆرىمىز. ئۇنىڭدىن قالغىنى«ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى»،«قەدىمكى مەركىزى ئاسيا»، «قۇتادغۇ بىلىگ خەزىنىسى»قاتارلىق توم-توم نادىر كىتابلار بولدى. يۈز يىللىق ئۇيغۇر ئاقارتىش تارىخىنى ئابدۇقادىر داموللامسىز، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرسىز، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرسىز، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنسىز تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز دەۋرىدە ئۈستۈن ئوقۇرمەنلىكنىڭ لەززىتىنى تىتىغان. بۇ يەردە ئۇلارنى ياد ئەتمەي تۇرالمايمىز. ھەربىر ئۈستۈن ئوقۇرمەن ئۆز دەۋرىنىڭ ئاۋانگارتى، ئۆز مەدەنىيىتىدە بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغۇچى، شۇنداقلا مىللىي روھنىڭ ئادۋۇكاتىدۇر. نېمە ئالدىغا ئۇچرىسا شۇنى ئوقۇش، كاللىغا كەلگەننى ئوقۇش بىلەن ئۈستۈن ئوقۇرمەنلىك مۇقامىغا  يەتكىلى بولمايدۇ.
خاتىمە ئورنىدا
ئەتراپىمغا قارىسام، ھەممە يەردە ناخشا-ئۇسۇلنىڭ ساداسى. ھەممە يەردە سەنئەت چۇقانى. شۇ چۇقان جەۋھەر سەنئەتنىڭ چۇقانى بولسا كاشكى! ئۆزىنى مەدەنىيەتلىك ھېسابلايدىغان ئون مىليۇن ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ھاياتىدا كىتاب، مەدەنىيەت-مائارىپ ھەققىدە بىرمۇ پىروگراممىسى يوق. شۇنداق بىر ئارزۇيۇم بار،ئۇيغۇرلاردىنمۇ كىتابنى قېتىقىنىپ ئوقۇيدىغانلار،ئۈستۈن ئوقۇرمەنلەر مۇكاپاتلىنىدىغان كۈنلەر كەلسە. خۇددى ھەممىلا يەردە ئۇسۇلچىلار، ناخشىچىلار مۇكاپاتلانغاندەك.
دىلىدىن ئىنسانىيلىق ئوتى كەتمىگەن ئەي سۆيۈملۈك قېرىندشىم! قانداق قىلسام مىللىتىمگە تۆھپە قوشالايمەن، دەپ سوراۋاتامسىز؟ بۇنىڭ ئۇسۇلى ئىنتايىن ئاددى، ئۇنداق بولسا قىتىرقىتىنىپ، باش چۆكۈرۈپ كىتاب ئوقۇڭ. بۇ مىللەتكە تۆھپە قوشۇشنىڭ ئەڭ ئاددى، ئەڭ ياخشى، ئەڭ كونكىرىت ئۇسۇلى.
ئەي سۆيۈملۈك قىز ! قانداق قىلسىام ياخشى ئوغۇللارغا ياتلىق بولالايمەن دەپ سوراۋاتامسىز؟ ئەمسە دەيمەنكى، كىتابنى سۆيگەن ، كىتابنى قەدىرلىگەن ئوغۇللارغا ياتلىق بولۇڭ. چۈنكى، كىتاب ئوغۇللارنىڭ قەلبىدىكى قاباھەتنى، مۇدىھىشنى، قورقۇنچنى پەسەيتىدۇ. ئۇ سىزنى كىتابنى ئاسىرىغاندەك ئاسىرايدۇ. كىتاب ئوقۇغان ئادەمنىڭ قەلبىدىكى مۇز توڭلار ئېرىۋاتقان بولىدۇ.
مودىكەش قىزنىڭ كەينىدىن كېتىۋاتقان ئەي يىگىت! قايتىڭ، كەينىڭىزگە قايتىڭ! كىتاب ئوقۇۋاتقان قىزلارنىڭ ئارىسىغا قايتىڭ، سىز ئىزدەۋاتقان قىز كىتاب ئوقۇۋاتقان قىزلار ئارىسىدا.
تەھرىرلىك ئۈستىلىدە مۈگدەۋاتقان ئەي مۇھەررىر، كەچكىچە كونا گەپلەرنى شاتۇتىدەك تەكرارلاۋاتقان ئەي رىياسەتچى! كاللىڭىزنى سىلكىۋېتىڭ، كىتاب ئوقۇڭ. چۈنكى سىزنىڭ مەسئول بولىۋاتقىنىڭىز خەلقنىڭ روھ قۇرۇلۇشى!
ئاخىرىدا ئۈمىدىم شۇكى، كىتاب ۋاراقلاۋاتقان قوللارغا دەرت كەلمىسۇن، كىتابقا تىكىلگەن كۆزلەر روشەن بولسۇن، كىتاب ھەققىدە ئويلىنىۋاتقان مېڭىلەر ساغلام بولسۇن. كىتاب نۇرى كىرگەن قەلىبلەر نۇرسىز قەلىبلەرگە ئەنداز ۋە ئەينەك بولسۇن. ئەڭ موھىمى كىتابنى سۆيگەنلەر ھەر يەردە بولسا ئامان بولسۇن!

       2015-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۈرۈمچى، پارلاق رېستورانى

 

http://bbs.bagdax.cn/thread-29766-1-1.html

Share
4848 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.