ئەڭ يېڭى خەۋەر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
زىيا گۆكئالپ
تۈركچىدىن يۈسۈپجان ياسىن تەرجىمىسى
مىللىي كۈلتۈر بىلەن مەدەنىيەت ئوتتۇرىسدا ھەم بىرلىك نوقتىسى ھەم پەرقلىق نوقتىلار بار. مىللىي كۈلتۈر بىلەن مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدىكى بىرلىك نوقتىسى ھەر ئىككىلىسىنىڭ بارلىق ئىجتىمائىي ھاياتنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشىدۇر. ئىجتىمائىي ھايات دىن، ئەخلاق، ھوقۇق، ئەقىل، ئېستېتىكا، ئىقتىساد، تىل ۋە پەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھاياتتىن ئىبارەت. بۇ سەككىز تۈرلۈك ھاياتنىڭ تامامى مىللىي كۈلتۈر دەپ ئاتالغىنىدەك، يەنە مەدەنىيەت دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەمدى مىللىي كۈلتۈر بىلەن مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدىكى ئايرىمىلىق ۋە پەرقلەر ئۈستىدە توختىلىمىز. بىرىنچى، كۈلتۈر مىللىيلىككە ئىگە، مەدەنىيەت خەلقئارالىق (مىللەتلەر ئارا) بولىدۇ. كۈلتۈر پەقەت بىر مىللەتنىڭ دىن، ئەخلاق، ھوقۇق، ئەقىل، ئېستېتىكا، تىل، ئىقتىساد ۋە پەن ھاياتىنىڭ ماسلاشقان بىر پۈتۈنلۈكىدۇر. مەدەنىيەت بولسا ئوخشاش تەرەققىيات سەۋىيىسىگە ئىگە بىر قانچە مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىنىڭ ئورتاق بىر پۈتۈنلۈكىدۇر. مەسىلەن، ياۋروپا مىللەتلىرى ئارىسىدا ئورتاق بىر غەرپ مەدەنىيىتى بار.
بۇ مەدەنىيەتنىڭ ئىچىدە بىر بىرىدىن پەرقلىق ۋە مۇستەقىل بولغان گىرىك كۈلتۈرى، سىكاندىنوۋىيە كۈلتۈرى، ئىنگلىز كۈلتۈرى، فرانسۇز كۈلتۈرى ۋە گېرمان كۈلتۈرى قاتارلىقلار ئورۇن ئالغان. ئىككىنچى، مەدەنىيەت بىر خىل ئۇسۇل (مىتود-شەكىل) ۋاسىتىسى ۋە شەخسىي ئىرادە بىلەن شەكىللىنىدىغان ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنىڭ تامامىدۇر. مەسىلەن، دىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلار ۋە بىلىملەر ئۇسۇل ۋە ئىرادە بىلەن شەكىللەنگىنىدەك، ئەخلاققا، ھوقۇققا، گۈزەل سەنئەتكە، ھاسىل بولغان ئەقىلنىڭ فۇنكىسىيىلىرىگە، تىلغا ۋە پەنگە ئائىت بىلىم ۋە نەزەرىيىلەرمۇ پۈتۈنلەي شەخسلەر تەرىپىدىن ئۇسۇل ۋە ئىرادە بىلەن شەكىللەندۈرۈلگەن. شۇ سەۋەبلىك بىر خىل مەدەنىيەت دائىرىسى ئىچىدىكى بارلىق بۇ ئۇقۇملار، مەلۇماتلار ۋە بىلىملەرنىڭ توپلىمى مەدەنىيەت دەپ ئاتىلىدىغان نەرسىنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. مىللىي كۈلتۈرنى شەكىللەندۈرگەن نەرسىلەر بولسا ئۇسۇل ۋە شەخسنىڭ ئىرادىسى بىلەن بارلىققا كەلمەيدۇ. ئۇ سۈنئىي ئەمەس. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ، ھايۋانلارنىڭ ئورگانىك ھاياتى ئۆزلىگىدىن ۋە تەبىئىي ھالدا قانداق تەرەققىي قىلغان بولسا، مىللىي كۈلتۈرگە ئائىت نەرسىلەرنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىمۇ خۇددى شۇنىڭدەك بولىدۇ. مەسىلەن، تىل شەخسلەر تەرىپىدىن مەلۇم ئۇسۇل بىلەن يارىتىلغان نەرسە ئەمەس.
تىلنىڭ بىر سۆزىنىمۇ ئۆزگەرتەلمەيمىز، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر سۆزنى ئىجاد قىلىپ دەسسىتەلمەيمىز. تىلنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتىگە مەنسۇپ بولغان بىر قائىدىسىنىمۇ ئۆزگەرتەلمەيمىز. تىلنىڭ سۆز ۋە قائىدىلىرى پەقەت ئۆزلىكىدىن ئۆزگىرىدۇ. بىز بۇ ئۆزگىرىشكە تاماشىبىن بولۇپ قاراپ قالىمىز. شەخسلەر تەرىپىدىن پەقەت بىرمۇنچە ئاتالغۇلار، يەنى يېڭى سۆزلەر قوشۇلىدۇ. لېكىن بۇ سۆزلەر ئۆزى مەنسۇپ كەسپ تارماقلىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىغىچە سۆز- ئىبارە ھالىتىدە تۇرۇپ قېلىپ، سۆزلۈك بولۇش خاراكتېرىگە ئىرىشەلمەيدۇ. يېڭى بىر سۆز بىر كەسپىي گۇرۇھ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىنمۇ، جەمئىيەتنىڭ كاتىگورىيىلىك سۆزىگە ئايلىنىدۇ، پەقەت پۈتكۈل خەلق تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىنلا ئورتاق سۆزلەر ئارىسىغا كىرەلەيدۇ.
لېكىن، يېڭى سۆزلەرنىڭ بىر كەسپىي گۇرۇھ ياكى پۈتكۈل خەلق تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى ياكى قىلىنماسلىقى ئۇلارنى ئىجاد قىلغان شەخسلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئىش ئەمەس. قەدىمكى ئوسمانىيلارنىڭ تىلىدا شىناسى دەۋرىدىن بېرى مىليۇنلىغان يېڭى سۆزلەر ئىجاد قىلىنغان بولسىمۇ، بۇلاردىن ئاز بىر قىسمى كەسپىي گۇرۇھ سۆزلىرى ئارىسىغا كىرەلىدى، ئورتاق سۆزلەر ئارىسىغا كىرەلىگەنلەر بولسا يەتتە – سەككىز سۆز ئەتراپىدا بولدى. دېمەك، مىللىي كۈلتۈرنىڭ دەستلەپكى ئۆرنىكىنى تىلنىڭ سۆزلىرىدىن، مەدەنىيەتنىڭ دەستلەپكى ئۆرنىكىنىمۇ يېڭى سۆزلەر شەكلىدە ئىجاد قىلىنغان ئاتالغۇلاردىن كۆرىمىز. يېڭى سۆزلەر كىشىنىڭ ئۆز ئەسىرىدۇر. بەزىدە بىر كىشىنىڭ ئىجاد قىلغان بىر سۆزى بىردىنلا خەلق ئارىسىغا تارقىلىپ كېتىدۇ. لېكىن، ئاشۇ سۆزگە بۇ خىل تارقىلىش كۈچىنى بەرگىنى ئۇنى ئىجاد قىلغان ئادەم ئەمەس، بەلكى جەمئىيەتنىڭ كىشىلەرگە بىلىنمىگەن سىرلىق بىر ئېقىمىدۇر.
بۇنىڭدىن ئون بەش يىل ئىلگىرى (1908 -يىلى— ت) ۋەتىنىمىزدە ئىككى خىل تىل تەڭ داۋاملاشقان. بۇنىڭ بىرىنچىسى، رەسمىي ئىناۋەتكە ئىگە بولۇپ، يېزىقنى مونۇپۇل قىلىۋالغاندەك قىلاتتى، بۇ «ئوسمانلىچە» دەپ ئاتىلاتتى. ئىككىنچىسى، پەقەت خەلق ئارىسىدا سۆزلىنىشكە مەجبۇر قىلىنغاندەك ئىدى، بۇ كەمسىتىلىپ «تۈركچە» دەپ ئاتىلاتتى ۋە تۈۋەنكى تەبىقىگە خاس بىر ئاتالغۇ ھېسابلىناتتى. ھالبۇكى، ئەسلى، تەبىئىي ۋە ھەقىقىي تىلىمىز مۇشۇ ئىدى. ئوسمانلىچە بولسا تۈركچە، ئەرەپچە ۋە پارسچىنىڭ گراماتىكىسى، سىنتاكسىىسى ۋە لېكىسىكىسىنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى بىلەن شەكىللەندۈرۈلگەن سۈنئىي بىر ئارىلاشمىدىن ئىبارەت ئىدى. بۇ ئىككى تىل ئىچىدە كېيىنكىسى تەبىئىي ھالدا تەشكىل تاپقان ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىش جەريانىدا ئۆزلىكىدىن ئوتتۇرىغا چىققانىدى. شۇڭا، بۇ مىللىي كۈلتۈرىمىزنىڭ تىلى ئىدى. ئالدىنقىسى بولسا شەخسلەر تەرىپىدىن ئۇسۇل ۋە ئىرادە بىلەن ياسالغان. ئۇ تىلنىڭ ئىچىگە پەقەت بەزى تۈركچە سۆزلەر ۋە قوشۇمچىلار ئارىلاشتۇرىلاتتى. دېمەك، ئوسمانلىچىنىڭ مىللىي كۈلتۈرىمىزدىكى ھەسسىسى ناھايىتى ئاز. شۇ سەۋەبلىك ئۇنى مەدەنىيىتىمىزنىڭ تىلى ئىدى، دەپ ئاتايمىز. ۋەتىنىمىزدە بۇ ئىككى خىل تىلغا ئوخشاش، ئىككى خىل ئۆلچەم (ۋەزىن) مۇ بىرگە قوللىنىلاتتى.
تۈرك خەلقى قوللانغان تۈرك ئۆلچىمى بىر خىل ئۇسۇلغا تايىنىپ ياسالمايتتى. خەلق شائىرلىرى ئۆلچەم دېگەننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ ناھايىتى لىرىك شېئىرلارنى يازاتتى. تەبىئىيكى، بۇ ئىلھام ۋە ئىجادىيلىك بىلەن بارلىققا كىلەتتى، ھەرگىزمۇ خاس بىر خىل شەكىل ۋە تەقلىد بىلەن ياسالمايتتى. ئۇ ھالدا بۇ ئۆلچەممۇ تۈرك كۈلتۈرىنىڭ ئىچىگە كىرەتتى. ئوسمانىيلار ئۆلچىمىگە كەلسەك، ئۇ ئىران شائىرلىرىدىن ئېلىنغان ئىدى. بۇ ئۆلچەمدە شېئىر يازغانلار تەقلىد بىلەن بەلگىلىك بىر شەكىلدە يازاتتى. شۇ سەۋەپلىك، «ئارۇز ۋەزنى» دەپ ئاتالغان بۇ ئۆلچەم خەلق ئارىسىغا كىرەلمىدى. بۇ ئۆلچەمدە شېئىر يازغانلار ئىران ئەدەبىياتىدىن دەرس ئېلىپ، ئارۇز ئۇسۇلىنى تەدبىقلايتتى. شۇڭا، ئارۇز ئۆلچىمى مىللىي كۈلتۈرىمىزگە كىرەلمىدى. پارسلاردا بولسا دېھقانلارمۇ ئارۇز ئۆلچىمىدىكى شېئىرلارنى توقىيالايدۇ. بۇ، ئارۇز ئۆلچىمى ئىراننىڭ مىللىي كۈلتۈرىگە مەنسۇپ دېگەنلىكتۇر. ۋەتىنىمىزدە بۇلاردىن باشقا تەڭ داۋاملىشىپ كەلگەن ئىككى خىل مۇزىكا بار ئىدى. بۇنىڭ بىرى خەلق ئارىسىدا ئۆزلىكىدىن بارلىققا كەلگەن تۈرك مۇزىكىسى، يەنە بىرى فارابى تەرىپىدىن ۋىزانتىيە (شەرقىي رىم) دىن تەرجىمە ۋە قوبۇل قىلىش يولى بىلەن ئېلىنغان ئوسمانىيلار مۇزىكىسى ئىدى.
تۈرك مۇزىكىسى تەقلىد ئارقىلىق سىرتتىن ئېلىنماستىن، بەلكى ئىلھامدىن شەكىللەنگەن ئىدى. ئوسمانىيلار مۇزىكىسى بولسا تەقلىد قىلىش ۋاسىتىسى بىلەن ئېلىنغان، لېكىن شەكىل ئارقىلىق داۋاملاشتۇرۇلغان. بۇلاردىن بىرىنچىسى كۈلتۈرىمىزنىڭ، ئىككىنجىسى بولسا مەدەنىيىتىمىزنىڭ مۇزىكىسىدۇر. مەدەنىيەت شەكىل- ئۇسۇل بىلەن ۋە تەقلىد ۋاسىتىسى ئارقىلىق بىر مىللەتتىن يەنە بىر مىللەتكە ئۆتكەن ئۇقۇم ۋە تېخنىكىلار (مىتود، ئۇسۇل، تېخنىكا، سەنئەت ۋە ھۈنەر قاتارلىقلار) نىڭ تامامىدۇر. مىللىي كۈلتۈر بولسا ھەم ئۇسۇل – شەكىلگە تايىنىپ قىلغىلى بولمايدىغان، ھەم تەقلىد قىلىش ئارقىلىق باشقا مىللەتلەردىن ئالغىلى بولمايدىغان تۇيغۇلاردۇر. شۇ ۋەجىدىن ئوسمانىيلارنىڭ مۇزىكىسى قائىدىلەردىن شەكىللەنگەن بىر پەن شەكلىدە بولغان بولسا، تۈرك مۇزىكىسى قائىدىسىز، شەكىلسىز ۋە پەنسىز مىلودىيىلەردىن، تۈركنىڭ باغرىدىن ئېتىلىپ چىققان سەمىمىي نەغمىلەردىن ئىبارەتتۇر.
ھالبۇكى، ۋىزانتىيە مۇزىكىسىنىڭ مەنبەسىنى ئىزدەپ باقساق، بۇنىمۇ قەدىمكى يۇنان كۈلتۈرىنىڭ ئىچىدە كۆرىمىز. ئەدەبىياتىمىزدىمۇ يەنە ئىككىلىك بار ئىدى. تۈرك ئەدەبىياتى خەلقنىڭ ماقال – تەمسىللىرى بىلەن تېپىشماقلىرىدىن، خەلق چۆچەكلىرى، مەسەللىرى بىلەن قوشاقلىرىدىن، داستانلىرىدىن، خەلق جەڭنامىلىرى بىلەن مەنقىبەلىرىدىن، خانىقا مۇناجاتلىرى بىلەن نەفەسلىرىدىن③، خەلقنىڭ كۈلكىلىك لەتىپىلىرىدىن ۋە خەلق تىياتىرلىرىدىن ئىبارەتتۇر. ماقال – تەمسىللەر بىۋاسىتە خەلقنىڭ ئىلمىي سۆزلىرى ھېسابلىدۇ. تېپىشماقلارنى ياراتقانلارمۇ خەلقتۇر. خەلق مەسەللىرىمۇ شەخسلەر تەرىپىدىن توقۇلغان ئەمەس. بۇلار تۈركلەرنىڭ ئەپسانە دەۋرىدىن باشلاپ ئەنئەنە يولى بىلەن زامانىمىزغا قەدەر يىتىپ كەلگەن جىن-ئالۋاستىلارغا ۋە دىۋىلەرگە ئائىت چۆچەكلىرى ئىدى. «دەدە قورقۇت كىتابى» دىكى ھېكايىلارمۇ بىر شائىردىن يەنە بىر شائىرغا جانلىق شەكىلدە يېزىپ قالدۇرۇلغان خەلق چۆچەكلىرى ئىدى. تۈرك تارىخىدىكى ۋە ئېتنوگرافىيىسىدىكى ئەپسانە ۋە رىۋايەتلەرمۇ تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ تەركىبلىرى ئىدى. جەڭنامە ۋە مەنقىبەلەرگە كەلسەك، بۇلار خەلق ئەدەبىياتىنىڭ ئىسلامىي دەۋرگە ئائىت مەھسۇلاتلىرى ھېسابلىنىدۇ. خەلق شائىرلىرىنىڭ قوشاقلىرى بىلەن داستانلىرىمۇ يۇقىرىدا ساناپ ئۆتۈلگەن ئەسەرلەرگە ئوخشاش تۈرك خەلقىنىڭ سەمىمىي ئەسەرلىرى ئىدى. بۇلارمۇ شەكىل ۋە تەقلىد بىلەن يارىتىلغان ئەمەس.
ئاشىق ئۆمەر، دەرتلى ۋە قاراجا ئوغلان قاتارلىق شائىرلار خەلقنىڭ سۆيۈملۈك شائىرلىرى ئىدى. خانىقالارمۇ خەلقنىڭ بىر خىل ئىبادەت سورۇنى بولغاچقا، بۇ يەرلەردە بارلىققا كەلگەن مۇناجات ۋە نەفەسلەرمۇ خەلق ئەدەبىياتىغا، شۇ سەۋەبلىك تۈرك ئەدەبىياتىغا ئائىت ئىدى. يۇنۇس ئەمرە ۋە قايغۇسىز بىلەن بەكتاش ئېقىمىدىكى شائىرلار مۇشۇ گۇرۇپپىغا كىرىدۇ. ئوسمانىيلار ئەدەبىياتى بولسا چۆچەكنىڭ ئورنىغا شەخس ھەققىدىكى ھېكايىلار بىلەن رومانلاردىن، قوشاق ۋە داستاننىڭ ئورنىغا تەقلىد قىلىش ئارقىلىق توقۇلغان غەزەللەر بىلەن فرانسۇز شەكلىدىكى شېئىرلاردىن تەشكىل تاپقان ئىدى. ئوسمانىيلار شائىرلىرىنىڭ ھەر بىرى مۇتلەق ھالدا ئىران دەۋرىدىكى بىر پارس شائىرىغا، فرانسۇز دەۋرىدىكى بىر فرانسۇز شائىرىغا ئوخشايدۇ. فۇزۇلى بىلەن نەدىممۇ بۇ تېمىدا پەرقسىز ئەمەس ئىدى. بۇ جەھەتتىن قارىغاندا ئوسمانىيلارنىڭ يازغۇچىلىرى بىلەن شائىرلىرىنىڭ ھېچبىرى ھەقىقىي ئەمەس ئىدى. ھەممىسى تەقلىدچى بولۇپ، ئەسەرلىرى ئېستېتىك ئىلھامدىن پەيدا بولمىغان. مەسىلەن، نۆكتەچىلىك (مەنىلىك ۋە پاساھەتلىك سۆز قىلىش) جەھەتتىن بۇ ئىككى گۇرۇپپىنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى، خوجا نەسرىددىن، ئىنجىلى چاۋۇش بەكرى مۇستاپا ۋە بەكتاشى ئاتىلىرى خەلق قىزىقچىلىرى ئىدى. قانى بىلەن سۇرۇرى بولسا ئوسمانىيلار ئوردىسىنىڭ ھەزىلكەشلىرى ئىدى. تەبىئىي نۆكتەچىلىك بىلەن سۈنئىي ھەزىل ئوتتۇرىسىدىكى پەرق بۇ سېلىشتۇرما ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
قاراگۆز بىلەن مەيدان ئويۇنى⑤غا كەلسەك، بۇلارمۇ خەلق ئويۇنى، يەنى تۈرك ئەنئەنىۋىي تىياتىرى ئىدى .قاراگۆز بىلەن ھاجىۋاتنىڭ ئۇرۇشى تۈركلەر بىلەن ئوسمانىيلارنىڭ، يەنى ئاشۇ دەۋردىكى كۈلتۈرىمىز بىلەن مەدەنىيىتىمىزنىڭ كۈرەشلىرىدىن بىرى ئىدى. ئەخلاقتىمۇ ئەينى ئىككىلىكنى ئۇچرىتىمىز. تۈرك ئەخلاقى بىلەن ئوسمانىيلار ئەخلاقى بىر بىرىگە زىتتەك قىلاتتى. مەھمۇد قەشقەرى «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» نىڭ «تۈرك» ماددىسىدا تۈركلەرنى قىسقىچە تەرىپلەپ مۇنداق دەيدۇ: «تۈركلەردە ھاكاۋۇرلۇق ۋە ماختانچاقلىق يوق، تۈركلەر بۈيۈك قەھرىمانلىق ۋە پىداكارلىق كۆرسەتكەن چاغدىمۇ پەۋقۇلئاددە ئىش قىلغانلىقىدىن خەۋەرسىز كۆرىنىدۇ.» جاھىزىمۇ⑥ تۈركلەرنى ئەينەن مۇشۇ شەكىلدە چۈشەندۈرىدۇ. ئوسمانىيلار تىپىغا نەزەر سالساق، قەدىمكى شائىرلىرىدا ئۆزىنى مەدھىيلەش تىزمىلىرىنىڭ، يېڭى ئەدەبىياتچىلىرىدا بولسا كۆرەڭلىك ۋە ماختانچاقلىقنىڭ ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغانلىقىنى كۆرىمىز. سەرۋەتى فۈنۇن ئېقىمى ئوسمانىيلار ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ پارلاق دەۋرى ئىدى. بۇ ئېقىمنى بويلاپ ماڭغان شائىرلارنىڭ كۆپۈنچىسى گۇمانخور، ئۈمىدسىز ۋە روھىي كېسەل شەكلىدە كۆرىنەتتى. ھەقىقىي تۈركلەر بولسا ئېتىقادلىق، ئۈمىدۋار ۋە بىجىرىم ئىدى.
ھەتتا ئالىملىرىمىز ئارىسىدىمۇ ئىككىلىكنى ئۇچرىتىمىز. ئوسمانىيلار ئالىملىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي ئىسمى «ئۈلۈمائىي رۇسۇم» (رەسمىي ئالىملار) دەپ ئاتىلاتتى. ئانادولۇدىكى ئالىملار خەلق ئالىملىرى ئىدى. بىرىنچى تۈردىكىلەر مەرتىۋىلىك، لېكىن بىلىمسىز ئىدى. ئىككىنچى تۈردىكىلەر بىلىملىك، لېكىن مەرتىۋىسىز ئىدى. سىياسىي ۋە ھەربىي ساھەدىكى بۈيۈك دانىشمەن ئافشار ئۇرۇغىدىكى نادىر شاھ پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنى سۈنئىي مەزھىپى دائىرىسىدە بىرلەشتۈرۈش ۋە بارلىق سۇلتانلارنى ئوسمانىيلار پادىشاھىنىڭ بۇيرىقى ئاستىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش مەقسىتىدە ئىستانبۇلغا دىنىي ۋە سىياسىي بىر ھەيئەت ئەۋەتكەن. ئىستانبۇلدا بۇ ھەيئەت بىلەن كۆرۈشۈش ۋەزىپىسى رەسمىي ئالىملارغا تاپشۇرۇلغان. ئىرانلىق ئالىملار بۇلارغا گەپ چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىز قالغاندا، سەدرى ئەئزەم (باش ۋەزىر) گە مۇراجىئەت قىلىپ شۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ بىلىمدىن باشقا سىياسىي بىر مەرتىۋىمىز يوق. ھالبۇكى، سۆھبەتتە بىز كۆرۈشكەن كىشىلەر يۇقىرى مەرتىۋىلىك كىشىلەر بولغانلىقتىن، ئۇلار بىلەن ئارىلاشقاندا ئەركىن گەپ قىلالمايۋاتىمىز. بىزنى پايتەختتىن باشقا يەردىكى مەرتىۋىسىز ئالىملار بىلەن كۆرۈشتۈرسىڭىز ناھايىتى مەمنۇن بولاتتۇق.» راگىپ پاشانىڭ «تەھقىق ۋە تەۋپىق» دېگەن كىتابىدا نەقىل كەلتۈرۈلگەن بۇ ھەقىقىي ۋەقە شۇنى كۆرسىتىپ بىرىدۇكى، نادىر شاھنىڭ بىلىم ھەيئىتى ئوسمانىيلار ئالىملىرىغا ئەمەس، بەلكى تۈرك ئالىملىرىغا ھۆرمەت بىلەن قارىغان.
قەدىمكى دەۋرنىڭ ھەتتا سىياسىي ۋە ھەربىي ئۇتۇقلىرىمۇ خەلق ئارىسىدىن چىققان بىلىمسىز ۋە ئوقۇش-يېزىشنى بىلمەيدىغان قوماندانلارغا مەنسۇپ ئىدى. كېيىنچە راگىپ پاشا ۋە سەفىخ ئىبراھىم پاشا قاتارلىق ئوسمانىيلار تەربىيىسىدە يۇقىرى ئورۇنغا ئىرىشكەنلەر ھۆكۈمەتنىڭ بېشىغا چىقا – چىقمايلا ئىشلار بوزۇلۇشقا باشلىغان. دېمەك، بۇ ئىجتىمائىي ئىككىلىك پەقەت تەپەككۇر پائالىيىتىگىلا خاس ئىدى. ئۇ چاغلاردا قول ئىشى تۈۋەنكى تەبىقىگە ئائىت دەپ قارالغانلىقتىن، يۇقىرى تەبىقە تېخنىكا (ھۈنەر- كەسىپ) نىڭ ھەر تۈرىدىن يىراق تۇراتتى. شۇ سەۋەبلىك مىمارچىلىق، خەتتاتلىق، تاش ئويمىچىلىق، مۇقاۋىچىلىق، ئالتۇن ھەلچىلىك، ياغاچچىلىق، تۆمۈرچىلىك، بوياقچىلىق، گىلەمچىلىك، رەختچىلىك، رەسساملىق ۋە نەققاشلىققا ئوخشاش ئەمەلىي تېخنىكىلارنىڭ پەقەت بىر خىللا شەكلى بار ئىدى. ئۇمۇ خەلق تېخنىكىسى ئىدى. دېمەك، ئومۇمەن يۈكسەك گۈزەللىككە ئىگە بۇ سەنئەتلەرنى پەقەت تۈرك سەنئىتى دەپ ئاتايمىز. بۇلار ئوسمانىيلار مەدەنىيىتىگە ئەمەس، تۈرك كۈلتۈرىگە ئائىت ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە ياۋروپا بۇ قەدىمكى سەنئىتىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى مىليۇنلاپ پۇل خەجلەپ تۈرلىرى بويىچە توپلاۋاتىدۇ. ياۋروپانىڭ ۋە ئامېرىكىنىڭ موزىيلىرى، زاللىرى پۈتۈنلەي تۈرك ئەسەرلىرى بىلەن تولماقتا. ياۋروپادا بۇ تۈرك ھەيرانلىقى «Turqueri» دەپ ئاتىلىدۇ.
ياۋروپانىڭ ھەقىقىي مۇتەپەككۇر ۋە سەنئەتكارلىرى، مەسىلەن، لامارتىنې، ئاۋگۇست كومت، پېئىر لافىت، مىسمېر، پېئىر لوتى ۋە فاررې قاتارلىقلار تۈركلەرنىڭ سەمىمىي سەنئىتىگە، كەمتەر، داغدۇغىسىز ئەخلاقىغا، چوڭقۇر ۋە مۇتەئەسسىپ بولمىغان دىندارلىقىغا، قىسقىسى بارغا قانائەت قىلىش ۋە تەقدىرگە بويۇن ئېگىش بىلەن بىرگە، ئۈمىدۋار ۋە ئىدىئالىزمدىن ئىبارەت بولغان، نامرات، ئەمما بەختلىك ھاياتىغا ھەيران بولغانىدى. لېكىن، بۇلارنىڭ ئاشىق بولغان نەرسىلىرى ئوسمانىيلار مەدەنىيىتىگە كىرگەن، شەكىل ۋە تەقلىد قىلىش بىلەن يارىتىلغان ئەسەرلەر بولماستىن، بەلكى تۈرك كۈلتۈرىنىڭ ئىلھامى بىلەن شەكىللەنگەن ئورگىنال (ھەقىقىي) ئەسەرلەر ئىدى. پەقەت مىللىتىمىزگىلا خاس بولغان بۇ غەيرى ئەھۋالنىڭ سەۋەبى نېمە؟ نېمە ئۈچۈن بۇ مەملىكەتتە كۆرۈلگەن بۇ ئىككى تىپ، يەنى تۈرك تىپى بىلەن ئوسمانىيلار تىپى بىر بىرىگە بۇ قەدەر زىت؟ نېمە ئۈچۈن تۈرك تىپىنىڭ ھەر بىر نەرسىسى گۈزەل، ئوسمانىيلار تىپىنىڭ ھەر بىر نەرسىسى يېقىمسىز؟ چۈنكى ئوسمانىيلار تىپى تۈرك كۈلتۈرىگە ۋە ھاياتىغا زىيانلىق بولغان ئېمپىرىيالىزىم ساھەسىگە ئۆزىنى ئېتىپ كوزموپولت (جاھانپەرەس-ت) قا ئايلاندى .سىنىپىي مەنپەئەتنى دەپ ئوسمانىيلار ئىمپېرىيسى كېڭىيىپ يۈزدەك مىللەتنى ھۆكۈمرانلىق ئاستىغا ئالغاندا، ئىدارە قىلغۇچىلار بىلەن كوزموپولتلار – جاھانپەرەسلەر ئوسمانىيلار سىنىپىنى، ئىدارە قىلىنغان تۈركلەرمۇ تۈرك سىنىپىنى شەكىللەندۈرگەن.
بۇ ئىككى سىنىپ بىر بىرىگە ئۆچ ئىدى. ئوسمانىيلار سىنىپى ئۆزىنى ھۆكۈمران مىللەت سۈپىتىدە كۆرۈپ، ئىدارە قىلىۋاتقان تۈركلەرگە مەھكۇم مىللەت نەزىرى بىلەن قارايتتى. ئوسمانىيلار ھەر قاچان تۈركلەرنى «ئىشەك تۈركلەر» دەپ ئاتايتتى. تۈرك يېزىلىرىغا رەسمىي بىر كىشى كەلگەندە «ئوسمانىيلار كەلدى» دەپ ھەر قانداق كىشى قاچاتتى. تۈركلەر ئارىسىدا قىزىل باشلارنىڭ مەيدانغا چىقىشىنىمۇ مۇشۇنداق پەرقلىق ئەھۋال ئارقىلىق چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە دىن جەھەتتىن ئوسمانىيلاردىن ئايرىلمىغان سۈنئىي مەزھىپىدىكى تۈركلەرمۇ مىللىي كۈلتۈر جەھەتتىن ئوسمانىيلار ئىمپېرىيسىگە باغلانغان. بۇلارمۇ ئۆز ئالدىغا بىر مىللىي كۈلتۈر يارىتىپ، ئوسمانىيلار مەدەنىيىتىگە قارىتا تامامەن ئالاقىسىز ئورۇنغا ئۆتكەن. ئوسمانىيلار مەدەنىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى «ئۈستۈن تەبىقىدىكىلەر» دەپ ئاتالغىنىدەك، تۈرك كۈلتۈرىنىڭمۇ شائىرلىرى، ئاشىقلىرى، ئاتىلىرى ۋە ئۇستىلىرى بار ئىدى. دېمەك، مەملىكىتىمىزدە ئىككى خىل ۋەكىللەر بار ئىدى. بۇلارنىڭ بىرى سارايغا ۋەكىللىك قىلاتتى. بۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىمۇ ساراي قامدايتتى.
مەسىلەن، ئوسمانىيلار شائىرلىرى سارايدىن جائىزە⑦ ئېلىش ئارقىلىق ياشىغىنىدەك، ئوسمانىيلار مۇزىكانتلىرىمۇ ساراينىڭ بەرگەن ھەدىيىسى ۋە مۇئاشى بىلەن تۇرمۇش ئۆتكۈزەتتى. نامى چىققان ئوسمانىيلار ئالىملىرى قازى ئەسكەرخانا ۋە قازىخانىلاردىن يۇقىرى مۇئاش ۋە پۇل ئالاتتى. خەلقنىڭ سازەندە ۋە شائىرلىرى، خەلقنىڭ مۇئەللىملىرى ۋە شەيىخلىرىدىن ئىبارەت بولغان تۈرك ئۆلۈمالىرىنىڭ تۇرمۇشىنى بولسا پەقەت خەلق قامدايتتى. شۇڭلاشقا، گۈزەل سەنئەتتە ۋە باشقا ساھەلەردە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئۇستىلار، يىگىتبېشى⑧ ۋە ئاخى ئاتىلىرى پەقەت خەلق سىنىپىدىن يېتىشىپ چىقاتتى. بۇلار دائىم خەلق ۋە تۈرك سۈپىتىنى ساقلايتتى. كۆرۈلۈپ تۇرۇپتىكى، مىللىي كۈلتۈر بىلەن مەدەنىيەتنى بىر بىرىدىن ئايرىيدىغان نەرسە كۈلتۈرنىڭ تۇيغۇدىن، مەدەنىيەتنىڭ بىلىمدىن شەكىللەنگەن بولۇشىدىن ئىبارەت. ئىنساندىكى تۇيغۇ ئۇسۇل- شەكىل ۋە ئىرادىگە باغلىق ئەمەس. بىر مىللەت باشقا بىر مىللەتنىڭ دىنىي، ئەخلاقىي ۋە ئىستېتىك تۇيغۇلىرىنى تەقلىد قىلالمايدۇ. مەسىلەن، تۈركلەرنىڭ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى دىنىدا كۆك تەڭرى مۇكاپات تەڭرىسى ئىدى. ئۇ جازالاشقا ئارىلاشمايتتى. جازا تەڭرىسى ئەرلىكخان دېگەن ئىسىمدىكى باشقا بىر ئەپسانىۋىي ئوبراز ئىدى. تەڭرى يالغۇز گۈزەللىك سۈپىتى بىلەن تۇنۇلغانلىقى ئۈچۈن، قەدىمكى تۈركلەر پەقەت ئۇنىڭغا مۇھەببەت باغلىغان ئىدى. تەڭرىگە قارىتا قورقۇش ھېس قىلمايتتى. ئىسلامىيەتتىن كېيىن تۈركلەردە «مۇھەببەتۇللاھ» (تەڭرى مۇھەببىتى) نىڭ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇشى بۇ قەدىمكى ئەنئەنىنىڭ داۋامىدىن ئىبارەت ئىدى. تۈركلەردە «مەنھافەتۇللاھ» (تەڭرىدىن قورقۇش) ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ. ئىستانبۇلدا ۋە ئانادولۇدا ئېيتىلغان ۋەئىزلەرنىڭ تەجرىبىلىرى كۆرسىتىپ بەردىكى، گۈزەللىككە ۋە ياخشىلىققا دائىر ۋەئىز ئېيتقانلارنىڭ ئاڭلىغۇچىلىرى بارغانسېرى كۆپەيگەن، جەھەننەمدىن ۋە ئۇنىڭدىكى قىينىغۇچىلاردىن سۆز ئاچىدىغان ۋەئىزنىڭ ئاڭلىغۇچىلىرى بولسا بارغانسېرى ئازىيىپ كەتكەن. تۈركلەرنىڭ قەدىمكى دىنىدا قاتتىق سوپىلىق ئىبادەتلەر يوق بولۇپ، ئىستېتىك ۋە ئەخلاقىي مۇراسىملار كۆپ ئىدى. بۇنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ئىسلامىيەتتىن كېيىنمۇ تۈركلەر ئەڭ كۈچلۈك بىر ئىمانغا، ئەڭ سەمىمىي بىر دىن تۇيغۇسىغا ئىرىشىپ قۇرۇق سوپىلىق ۋە مۇتەئەسسىپلىكتىن يىراق تۇردى. بۇ تېمىدا يۇنۇس ئەمرەنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇپ ئۆتۈش يىتەرلىكتۇر.
تۈركلەرنىڭ جامىئەلەردە مۇناجات ۋە مەۋلۇد ئۇقۇشقا، خانىقالاردا شېئىر ۋە مۇزىكىغا يۇقىرى ئورۇن بېرىشى ئىستېتىك دىندارلىق ئۆرنىكىگە ماسلاشقانلىق سەۋەبىدىن ئىدى. قەدىمكى تۈرك دىنىدا تۈرك تەڭرىسى تىنچلىق تەڭرىسى ئىدى. تۈرك دىنىنىڭ ماھىيىتىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان «ئىل» سۆزى «تىنچلىق» مەنىسىنى بىلدۈرەتتى. «ئىلچى» سۆزى «تىنچلىقپەرۋەر» دېگەن مەنىدە بولغىنىدەك، «ئىلخان» مۇ «تىنچلىق خاقانى» دېگەنلىك ئىدى. تۈرك ئىلخانلىرى مانجۇرىيىدىن ماجارىستان (ھۇنگرىيە- ۋېنگرىيە) غا قەدەر دائىملىق تىنچلىق ۋەزىيىتىنى ياراتقان تىنچلىق سۆيەر ئاۋانگارتلاردىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. ئەڭ قەدىمكى تۈرك دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان مەتە (باتۇر تەڭرىقۇت-ت) نىڭ يۈكسەك ئەخلاقىنى تىنچلىق سۆيەرلىكىنى ۋە ئىمپېرىيالىزمدىن يىراق تۇرۇشىنى «يېڭى مەجمۇئە» دە يازغانىدىم. تۈرك تىنچلىق سۆيەرلىكىنىڭ قۇرغۇچىسى مەتە ھېسابلىنىدۇ. تۈركلەرنىڭ بۇ قەدىمىي تىنچلىق ئەنئەنىسىنىڭ سايىسىدە تۈرك ھۆكۈمدارلىرى ئىسلام دەۋرىدىمۇ ھەر ۋاقىت يېڭىلگەنلەرگە شەپقەت بىلەن مۇئامىلە قىلدى. ھەر ۋاقىت ئۆزلىرىنى تىنچلىقنىڭ مەھسۇلى دەپ قارىدى. تۈرك تارىخى باشتىن تارتىپلا بۇ ھالەتكە ئىسپات بولىدۇ .ياۋروپالىقلار تەرىپىدىن شۇ قەدەر ئەيىپلەنگەن ئاتتىلامۇ يەنە ئۇلارنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە كۆرە يېڭىلگەن مىللەتلەر قانداق ۋاقىتتا تىنچلىق تەلەپ قىلسا دەرھال قوبۇل قىلغان. ئۇلار ئاتتىلانىڭ «تەڭرىنىڭ قۇتى» دېگەن ئۈنۋانىنى «تەڭرىنىڭ بالا قازاسى» شەكلىدە تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق تارىخىي بىر جىنايەت پەيدا قىلغان. تۈركلەرنىڭ پۈتكۈل سەنئەت تارماقلىرىدا ئېنىق كۆرۈلگەن ئىستېتىك خۇسۇسىيەتلىرى، تەبىئىي ھالدا پار-پۇر خىشلاردا، مىمارچىلىق ۋە يېزىق سەنئىتىدە نامايەن قىلغانلىرىمۇ پۈتۈنلەي مۇشۇ ئالاھىدىلىكتىن ئىبارەت ئىدى.
تۈركلەرنىڭ گۈزەل سەنئىتىدىكىگە ئوخشاش، دىنىي ھاياتىدا ۋە ئەخلاقىدىمۇ پۈتۈنلەي مۇشۇ ئالاھىدىلىكلەرنىڭ يىتەكچى ئورۇندا تۇرغانلىقى كۆرىلىدۇ. بۇ مىسالدىن چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇكى، بىر كۈلتۈرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن تۈرلۈك ئىجتىمائىي ھاياتلار ئارىسىدا ھەقىقىي بىر باغلىنىش ۋە ھەقىقىي بىر ئويۇشۇش بار. تۈركلەرنىڭ تىلى قانداق ساپ بولسا، دىن، ئەخلاق، گۈزەللىك، سىياسىي، ئىقتىساد ۋە ئائىلە ھاياتىمۇ شۇنداق ساپ ۋە سەمىمىيدۇر. تۈركلەرنىڭ ھاياتىدىكى زوقمەنلىك، جەلپكارلىق ۋە ھەقىقىيلىك بۇ يېتەكچى خاراكتېرنىڭ بىر خىل ئىنكاسىدىن ئىبارەت. لېكىن، مىللىي كۈلتۈرنىڭ تەركىبلىرى ئارىسىدىكى بۇ بىرىكىشكە قاراپلا مەدەنىيەتنىمۇ بىر بىرىگە ماسلىشىدىغان تەركىبلەردىن مەيدانغا كېلىدۇ، دەپ قاراش توغرا ئەمەس. ئوسمانىيلار مەدەنىيىتى تۈرك، ئىران، ئەرەب كۈلتۈرلىرى بىلەن ئىسلام دىنىدىن، شەرق مەدەنىيىتى بىلەن كېيىنچە غەرب مەدەنىيىتى مۇئەسسەسەلىرىدىن مەيدانغا كەلگەن بىر ئارىلاشمىدىن ئىبارەت ئىدى. بۇ مۇئەسسەسەلەر ھېچقاچان بىر بىرىگە ماسلىشىپ چىڭ بىرىككەن بىر پۈتۈن ھالەتكە كىرەلمىدى. بىر مەدەنىيەت پەقەت بىر مىللىي كۈلتۈرگە قوبۇل قىلىنالىسا ياكى سىڭالىسا جىپسىلەشكەن بىر پۈتۈنلۈككە ئېرىشىدۇ. مەسىلەن، ئىنگلىز مەدەنىيىتى ئىنگلىز كۈلتۈرىگە قوبۇل قىلىنالىغان. شۇ سەۋەبلىك، ئىنگلىز كۈلتۈرىگە ئوخشاش ئىنگلىز مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبلىرى ئارىسىدىمۇ ئويۇشۇش بار. مىللىي كۈلتۈر بىلەن مەدەنىيەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت شۇكى، ھەر بىر مىللەتنىڭ ئەڭ ئالدى بىلەن بىر مىللىي كۈلتۈرى بولىدۇ. بىر مىللەت كۈلتۈر جەھەتتىن يۈكسەلگەنسېرى سىياسىي تەرەپتىنمۇ يۈكسىلىپ كۈچلۈك بىر دۆلەت شەكىللەندۈرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن كۈلتۈرنىڭ يۈكسىلىشىدىن مەدەنىيەت تۇغۇلۇشقا باشلايدۇ. مەدەنىيەت دەستلەپتە مىللىي كۈلتۈردىن تۇغۇلغان بولسا، كېيىنچە قوشنا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىدىنمۇ بىر مۇنچە مۇئەسسەسەلەرنى ئالىدۇ. ئەمما، مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىدە زىيادە بىر تەرەققىياتنىڭ مەيدانغا كېلىشى زىيانلىقتۇر. رىبوت مۇنداق دەيدۇ: «ئىدىيىنىڭ زىيادە تەرەققىي قىلىشى خاراكتېرنى بوزىدۇ.» كىشىنىڭ ئىدىيىسى قانداق بولسا، مىللەتتىمۇ مەدەنىيەت شۇنداق بولىدۇ. كىشىنىڭ خاراكتېرى قانداق بولسا، جەمئىيەتنىڭ زىيادە تەرەققىياتىمۇ مىللىي كۈلتۈرنى ۋەيران قىلىدۇ. مىللىي كۈلتۈرى ۋەيران بولغان مىللەتلەر «گۇمران بولغان مىللەتلەر» دەپ ئاتىلىدۇ.
مىللىي كۈلتۈر بىلەن مەدەنىيەتنىڭ ئاخىرقى بىر مۇناسىۋىتى شۇكى، مىللىي كۈلتۈرى كۈچلۈك، لېكىن مەدەنىيىتى ئاجىز بىر مىللەت بىلەن مىللىي كۈلتۈرى بۇزۇلغان، لېكىن مەدەنىيىتى يۇقىرى بولغان باشقا بىر مىللەت سىياسىي كۈرەشكە كىرگەندە مىللىي كۈلتۈرى كۈچلۈك مىللەت ھەر ۋاقىت غەلىبە قىلغان. مەسىلەن، قەدىمكى مىسىرلىقلارنىڭ مەدەنىيىتى يۈكسەلگەندە مىللىي كۈلتۈرى بۇزۇلۇشقا باشلىغان. ئۇ چاغدا يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن پارس دۆلىتى بولسا مەدەنىيەتتە تېخىچىلا ئارقىدا قالغان بولسىمۇ، كۈچلۈك بىر مىللىي كۈلتۈرگە ئىگە ئىدى. مۇشۇ شەكىلدە ئىراندىمۇ مەدەنىيەت يۈكسەلدى. بۇنىڭغا مۇقابىل مىللىي كۈلتۈرى زەئىپلىشىشكە يۈزلەندى. بۇ قېتىم ئاۋۋال مىللىي كۈلتۈرى بۇزۇلمىغان يۇنانلىقلاردىن يېڭىلىپ قالدى. بىر مەزگىلدىن كېيىن يۇنان كۈلتۈرىمۇ بۇزۇلۇشقا باشلىغانلىقتىن، مەيلى يۇنانلىقلار بولسۇن ياكى ئىرانلىقلار بولسۇن، كۈچلۈك مىللىي كۈلتۈرى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان مەدەنىيەتسىز ماكېدونىيىلىكلەرگە يېڭىلدى. شەرقتە ئەشقانى ۋە ساسانىي ئائىلىرىنىڭ، غەرپتە رىملىقلارنىڭ مىللىي كۈلتۈرى بۇزۇلۇشقا باشلىغان ماكېدونىيىلىكلەردىن ئۈستۈن كېلىشىنىمۇ ئەينى شەكىلدە چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ. نىھايەت مەدەنىيەتتە ھېچقانداق نىسىۋىسى (ھەسسىسى) بولمىغان، لېكىن مىللىي كۈلتۈردە ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ئەرەبلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ، ھەم ساسانىيلارنى ھەم رىملىقلارنى يەڭدى.
ئەمما ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمەيلا ئەرەب مىللىتىمۇ مەدەنىيلىشىشكە باشلىغانلىقتىن، مىللىي كۈلتۈرىنى يوقىتىپ، سىياسىي ھۆكۈمرانلىقى تۈركىستان (ئوتتۇرا ئاسىيا-ت) دىن يېڭى كەلگەن ئەخلاقلىق ۋە قائىدە – يوسۇنلۇق سەلجۇق تۈركلىرىگە تەسلىم بولدى. ئەخلاق ۋە قائىدە – يوسۇن تۈركلەرنىڭ مىللىي كۈلتۈرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. تۈركلەرنىڭ (ئاپتور بۇ يەردە ئانادولۇ تۈركلىرىنى دېمەكچى- ت) ھازىرغا قەدەر مۇستەقىل تۇرۇشى، چاناققەلئەدىن ئىنگلىزلار بىلەن فرانسۇزلارنى قوغلاپ چىقىرىشى ۋە ئۇرۇش توختىغاندىن كېيىن ئىنگلىزلارنىڭ قوراللىرى ۋە مەبلىغى بىلەن قوراللانغان يۇنانلىقلار بىلەن ئەرمەنلەرنى يېڭىپ، بۇ ئارقىلىق مەنىۋىي جەھەتتىن ئىنگلىزلارنى مەغلۇب قىلىشىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ مىللىي كۈلتۈرنىڭ كۈچلۈك ھېمايىسىدىن بولغان. مىللىي كۈلتۈر بىلەن مەدەنىيەت ئارىسىدىكى بۇ خىل مۇناسىۋەت ئايدىڭلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەمدى تۈركچىلىك⑨ نىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ مەملىكەتتە قانداق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشنىڭ زرۈرلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ ئۆتىمىز.
ئوسمانىيلار مەدەنىيىتى ئىككى سەۋەبتىن يوقىلىشقا مەجبۇر بولدى .بىرىنچىسى، ئوسمانىيلار ئىمپېرىيىسىنىڭ بارلىق ئىمپېرىيىلەرگە ئوخشاش ئۆتكۈنچى گۇرۇھتىن ئىبارەت بولۇشى ئىدى. ئاخىرىغىچە ياشايدىغانلىرى بولسا ئۆتكۈنچە گۇرۇھ ئەمەس، بەلكى توپلۇق (خەلق) تۇر. جەمئىيەتكە كەلسەك، بۇ يالغۇز مىللەتتىن ئىبارەتتۇر. ئەسىر مىللەتلەر مىللىي خاسلىقىنى ئىمپېرىيىلەرنىڭ كوزموپولت ئىدارىسى ئاستىدا پەقەت بىر مەزگىل ئۇنتۇيدۇ. بىر كۈنىگە كەلگەندە قانداقلا بولمىسۇن مىللەتتىن ئىبارەت بولغان ھەقىقىي توپلۇق پادىغا ئايلىنىش ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ، مەدەنىي مۇستەقىللىقىنى ۋە سىياسىي ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىدۇ. ياۋروپادا بەش يۈز يىلدىن بېرى بۇ ھەرىكەت داۋاملىشىپ كەلمەكتە. شۇڭا، بۇ تەرەققىياتتىن خالى ياشىغان ئاۋسترىيە، روسسىيە ۋە ئوسمانىيلار ئىمپېرىيىلىرىمۇ ئىلگىرىكى ئۆز خىللىرىغا ئوخشاش تارقىلىپ كېتىشكە يۈزلىنەتتى. ئىككىنچى سەۋەب، غەرب مەدەنىيىتىنىڭ يۈكسىلىپ شەرق مەدەنىيىتىنى تامامەن ھالدا يوقىتىۋېتىش كۈچىگە ئېرىشىشى ئىدى. روسسىيىدە ۋە بالقان دۆلەتلىرىدە غەرپ مەدەنىيىتى شەرق مەدەنىيىتىنىڭ ئورنىنى ئالغىنىدەك، ئوسمانىيلار ئىمپېرىيسىدىمۇ ئەينى ئەھۋال باش كۆتۈرەتتى. شەرق مەدەنىيىتى بەزىلەرنىڭ قارىغانىدەك، ھەقىقىي ئىسلام مەدەنىيىتى ئەمەس. ئۇنىڭ مەنبەسى شەرقىي رىم مەدەنىيىتى ئىدى. شۇنىڭدەك غەرب مەدەنىيىتىمۇ خرىستىئان مەدەنىيىتى ئەمەس، ئۇ غەربىي رىم مەدەنىيىتىنىڭ بىر داۋامىدىن ئىبارەت .ئوسمانىيلار شەرقىي رىم مەدەنىيىتىنى بىۋاسىتە ۋىزانتىيە – شەرقىي رىمدىن ئالمىدى. ئۆزلىرىدىن بۇرۇن مۇسۇلمان بولغان ئەرەبلەر بىلەن پارسلار بۇ مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلغانلىقتىن، ئوسمانىيلار ئۇنى بۇ دىنداش مىللەتلەردىن ئالغانىدى. شۇ سەۋەبلىك، بۇ مەدەنىيەتنى بەزى مۇتەپەككۇرلار ئىسلام مەدەنىيىتى دەپ ئاتىدى. غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ھەر يەردە شەرق مەدەنىيىتىنىڭ ئورنىنى ئېلىشى تەبىئىي بىر قانۇنىيەتكە ئايلانغاندا، تۈركىيىدىمۇ مۇشۇنداق بولۇشى زۆرۈر ئىدى. ئۇ ھالدا شەرق مەدەنىيىتى دائىرىسىدىكى ئوسمانىيلار مەدەنىيىتى خالىسۇن ياكى خالىمىسۇن بەرىبىر يوقىلىپ، ئونىڭ ئورنىنى بىر تەرەپتىن ئىسلام دىنى بىلەن بىرلىكتە تۈرك كۈلتۈرى، يەنە بىر تەرەپتىن غەرب مەدەنىيىتى ئىگىلەيتتى. تۈركچىلىكنىڭ ۋەزىپىسى دەل بىر تەرەپتىن خەلق ئارىسىدا ساقلىنىپ قالغان تۈرك كۈلتۈرىنى ئىزدەپ تېپىش، يەنە بىر تەرەپتىن غەرب مەدەنىيىتىنى تولۇق ۋە جانلىق شەكىلدە ئېلىپ مىللىي كۈلتۈرگە قوبۇل قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت.
تانزىماتچىلار ئوسمانىيلار مەدەنىيىتىنى بىلەن غەرب مەدەنىيىتىنى ماسلاشتۇرۇشقا تىرىشقان ئىدى. ھالبۇكى، ئىككى خىل مەدەنىيەت تەڭ داۋاملىشالمايدۇ. سىستېمىسى بىر بىرىگە زىت بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىككىلىسى بىر بىرىنى بۇزۇشقا سەۋەب بولىدۇ. مەسىلەن غەربنىڭ مۇزىكا سەنئىتى بىلەن شەرقنىڭ مۇزىكا سەنئىتى بىر بىرىگە ماسلاشمايدۇ. غەربنىڭ تەجرىبىچىل مەنتىقىسى بىلەن شەرقنىڭ مەدرىسە مەنتىقىسى بىر بىرى بىلەن چىقىشالمايدۇ. بىر مىللەت يا شەرققە تەۋە بولىدۇ يا غەربكە تەۋە بولىدۇ. ئىككى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان بىر ئادەم بولمىغىنىدەك، ئىككى مەدەنىيەتكە تەۋە بىر مىللەتمۇ بولمايدۇ. تانزىماتچىلار بۇ نوقتىنى چۈشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئېلىپ بارغان يېڭىلىق ھەرىكەتلىرىدە غەلىبىگە ئىرىشەلمىدى. تۈركچىلەر(11) گە كەلسەك بۇلار ئاساسەن ۋىزانتىيە – شەرقىي رىمدىن كەلگەن شەرق مەدەنىيىتىنى پۈتۈنلەي بىكار قىلىپ، غەرب مەدەنىيىتىنى تولۇق شەكىل بىلەن ئېلىشنى ئارزۇ قىلغانلىقتىن تەشەببۇسلىرىدا ئۇتۇق قازىناتتى. تۈركچىلەر تامامەن تۈرك ۋە مۇسۇلمانلىق خاراكتېرىنى ساقلاش شەرتى بىلەن، غەرب مەدەنىيىتىگە تولۇق ۋە كەسكىن شەكىلدە كىرىشنى خالايدىغانلاردۇر. ئەمما، غەرب مەدەنىيىتىگە كىرىشتىن بۇرۇن، مىللىي كۈلتۈرىمىزنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشىمىز كىرەك.
ئىزاھلار:
(1) مىللىي كۈلتۈر — ئۇيغۇرلار «مىللىي مەدەنىيەت»، خەنزۇلار 文化 دەپ ئاتاۋاتقان ئۇقۇم — ت.
(2) مەدەنىيەت — خەنزۇلار 文明 دەپ ئاتاۋاتقان، لېكىن ئۇيغۇرلار خاتا ھالدا مەدەنىيلىك دەپ ئاتاۋاتقان ئۇقۇم — ت.
(3) نەفەس — ئەلەۋى ۋە بەكتاش ئېتىقادلىرىغا مەدھىيە ئوقۇش ئۈچۈن يېزىلغان بىر خىل نەزمە شەكلى — ت.
(4) قاراگۆز — تۆگىنىڭ تېرىسى ياكى كارتون قەغەزدىن كېسىپ بويالغان ئىنسان شەكىللىرىنى ئاق بىر پەردە ئۈستىگە كەينى تەرىپىدىن نۇر چۈشۈرۈپ كۆرسىتىش ئارقىلىق ئوينىلىدىغان ئويۇن- ت
(5) مەيدان ئويۇنى — بۇ سەھنە، پەردە، دېكوراتسىيە، سۇفلور (ئارتىسللارغا رولنىڭ سۆزلىرىنى ئېيتىپ بەرگۈچى ئادەم) ئىشلەتمەي خەلق ئارىسدا ئوينايدىغان تۈرك خەلق تىياتىرى — ت
(6) جاھىزى — ئەرەپلەردىن چىققان مەشھۇر ئەدىب. ئۇنىڭ «تۈركلەرنىڭ پەزىلىتى» دېگەن ئەسىرى بەك مەشھۇر.
(7) جائىزە — قەدىمكى زاماندا شائىرلارغا چوڭلار تەرىپىدىن بىرىلگەن نەرسە — ت.
(8) يىگىتبېشى — ئوسمانىيلار دەۋرىدە كاسىپلار- ھۈنەرۋەنلەر جەمئىيىتىنىڭ بۇيرىقىنى ئىجرا قىلغۇچى ئادەم، ئاقساقال — ت.
(9) تۈركچىلىك — ئوسمانىيلار ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىكى ئوسمانىيلارغا ۋە ئىسلامچىلىققا مۇقابىل ھالدا تۈركلۈك ھېسسياتىنى تەشەببۇس قىلىش ئېقىمى — ت.
(10) تانزىماتچىلار — سۇلتان ئابدۇلمەجىد دەۋرىدە، يەنى 1839-يىلى «گۈلخانە خەتتى ھۇمايۇنۇ» ئىسمى بىلەن ئاتالغان بىر بۇيرۇق بىلەن ئىلان قىلىنغان ھۆكۈمدارلار گۇرۇھىنى رەتكە سېلىش لاھىيىسىنىڭ ھېمايىچىلىرى—ت.
(11) تۈركچىلەر — تۈركلۈك ھېسسىياتىنىڭ تەشەببۇسچىلىرى — ت.
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.