logo

trugen jacn

رابىيخان مۇسا ئانا پەرزەنتلىرىنى كۆرەلمەيۋاتقان ئانىلار نامىدىن خەلقئارا تەشكىلاتلارغا مۇراجىئەت ئېلان قىلدى

ffc5b515-d94c-42fb-8305-28cf4b32c9b7

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

بورتالادىكى رابىيخان مۇسا ئانا ئۆتكەن ھەپتە رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ چەتئەلدىكى ئوغلىنى كۆرۈش تىرىشچانلىقىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن چەكلىنىۋاتقان ۋە جازالىنىۋاتقانلىقىنى ئاخباراتقا ئاشكارىلىغان ئىدى.

ئارىدىن 10 كۈنچە ئۆتكەن بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن ئۇنىڭ دەرد-ھالىنى سورايدىغان ۋە ياكى بۇرۇنقىدەك ساقچىلار ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ سوئال-سوراق قىلىدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرمىگەن.

رابىيخان ئانا بۈگۈنكى سۆھبىتىمىز داۋامىدا، چەتئەللەردىكى پەرزەنتلىرىنى كۆرەلمەي ئازابلىنىۋاتقانلارنىڭ يالغۇز ئۆزى ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ، دۇنيادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن، بۇ تۈر مەسىلىلەرنى خىتاي ۋە خەلقئارانىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىغا يەتكۈزۈشىنى ۋە ئانىلارنىڭ بۇ خىل ئازابتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/rabiyxan-musa-ana-09222016123916.html

Share
1397 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.