logo

trugen jacn

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت

ھىكمەت يېڭىتاڭ

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى رەئىسى دولقۇن ئەيسانى ئاغدۇرىۋېتىش، ئاغدۇرالمىسا قۇرۇلتاينى ۋەيران قىلىۋېتىش ئۈچۈن، خىتاي جاسۇسلىرى، خائىنلار،قۇرۇلتاي دۈشمەنلىرى، ئىككى يۈزلىمە مۇناپىقلار،قويمىچى داشقاللار…ئورتاق ھەركەت قىلىش يولىدا قەسەم ئىچكەندەك ئەلپازى بار. ئامما ئۇلار، گۈلدۈرى بار، يامغۇرى يوق پىچەك كىشىلەر.كۆزگە ئىلگۈچىلىكى يوق. بىراق بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرىنىڭ پىكىرى قەبىھ ۋە زەھەرلىك. ”دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ تېمىنى يېقىش كىرەك“ دەيدۇ. يۈكسىلىۋاتقان بىر بىنانى يېقىش، بۇ بىنانى قۇرغۇچى ئىنجىنىردىن ئىشچىغىچە ھەممەيلەننىڭ ئەمگىكىنى ۋەيران قىلىش دىمەكتۇر. ئۇيغۇر مىللىتى پەخەس بولىشى لازىم. تامنى يىقىمىز دىگۈچىلەر، شەرتلەر ئېغىر، تام يىقىلسا، شەرتلەريوق بولسا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىغا ھەممە ئۇيغۇر كىرسە، دىمەكچى. بۇ كۆرۈنىشتە ياخشى پىكىردەك تۇرسىمۇ، ماھىيەتتە ئىچىگە زەھەر يۇشۇرۇنغان پىكىر. دۇنيادىكى ھەر بىر پارتىيە، تەشكىلاتلارنىڭ نىزامنامىسى، قائىدە- پىرىنسىپلىرى بولىدۇ.كىرىشنى ئارزۇ قىلغانلار تاسقىلىدۇ، ئەگلەكتىن ئۆتكەن كىرەلەيدۇ.

ئاددىسى بىزنىڭ ئەشەددى دۈشمىنىمىز خىتاي كومىنىستىك پارتىيەسىنىڭ كادىر يېتىشتۈرۈش، تاللاش، ئۆستۈرۈش پىرىنسىپلىرىنى بىلىش ئۈچۈن ھازىرقى پارتى سېكرەتارى جاللات شىجىنپېڭگە قاراپ باقايلى؛ شىجىنپېڭ 1969.يىلى 1. ئايدا يەنئەننىڭ لىئۇ جىئا خې دىگەن يېزىسىغا چۈشرۈۋېتىلدى. يېزىدا جىن-شەيتان مۇئامىلىسى كۆرۈلىشىگە قارىماي كومىنىستىك پارتىيەگە ئەزا بولۇش ئۈچۈن 4 يىلدا 13 قېتىم ئىلتىماس يازدى. ئىلتىماسلار يۇقىرىغا يوللاپ تۇرىلدى. 13. ئىلتىماسقا يۇقىرىدىن ئىجابى تەلىمات  كەلدى. شىنىڭ دادىسى شىجۇڭشۇن گەرچە تۈۋەنگە چۈشۈرۈۋېتىلگەن بولسىمۇ، خەلق ئىچىدىكى زىددىيەت دەپ مۇئامىلە قىلىنغاچقا، شىجىنپىڭنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولسىلا پارتىيەگە ئەزالىق ئىلتىماسىنى تەستىقلاشقا بولاتتى. شى، پارتىيەگە قوبۇل قىلىنىپ بىر يىلدىن كېيىن رەسمى پارتىيە ئەزاسى بولدى ۋە 1974.يىلى لىئۇجىئاخې دادۈي پارتى ياچىكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولدى. 1975.يىلى ئىمتىھانسىز چىنخۇۋا ئۇنىۋېرسىتىتقا ئوقۇشقا كېرىۋالدى. 1979. يىلى ئۇنىۋېرسىتىتنى پۈتتۈرگەندە بولسا، دادىسى شىجۇڭشۇن گۇۋاڭدۇڭ ئۆلكىسى پارتىكومنىڭ بىرىنجى شۇجىسى ئىدى. شۇنداقتىمۇ شى، ئەسكەرگە ئېلىندى 1982. يىلغىچە ئەسكەردە ئاددى خىزمەتلەردە چېنىقتۇرۇلدى.كېيىن گۇڭشېنىڭ مۇئاۋى شۇجىسلىقىغا تەيىنلەندى. شىجىنپىڭ 30 ياشقا كىرگەندە ناھىيەگە شۇجى قىلىپ تەيىنلەندى. ئارىدىن يەنە 30 يىل ئۆتكەندىن يەنى 60 ياشقا كىرگەندىن كېيىن مەكىزى كومىتىتنىڭ باش سېكىرتارى بولدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىغا رەئىسلىك نامىزاتى بولغۇچى كىشى قۇرۇلتايدا 7 يىل خىزمەت قىلغان بۇلۇش شەرتى ئېغىر دىگۈچىلەر، دۈشمىنىمىز خىتاي كومىنىستىك پارتىيەسىنىڭ شەرتلىرىنى كۆرۈپ باقسۇن. بىز خىتاينى ۋەتىنىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ۋەتىنىمىزنى ئازات قىلىپ دۆلەت قۇرىمىز دەۋاتىمىز، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى چەتئەلدىكى غوللۇق ۋە ئىتىبارلىق بىر تەشكىلات. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى ئىچىدە قاتمۇ-قات ئۆتكەللەردىن ئۆتمىگەن بىرلىرىنى باشلىق قىلىپ كۆتۈرۈپ قويۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ كىلەچەگىنى قاراڭغۇلۇققا ئىتتىرىۋېتىمىزمۇ؟ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ سايلام شەرتلىرى، خىتاي كومپارتىيەسىدىنمۇ قاتتىق ۋە كۈچلۈك بولىشى شەرت. دۈشمەنلەر بۇ تەشكىلاتقا سىزىپ كىرەلمىسۇن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى 2004.يىلى قۇرۇلدى. 2004.يىلدىن بۇگۈنگىچە قۇرۇلتايغا ئەزا بۇلۇپ، قۇرۇلتايدا ئىشلەشنى ئارزۇ قىلغان قايسى ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر (قارا نىيەتلىك بولمىسىلا) چەتكە قېقىلدى؟ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى شەخسى مەنپەتى ئۈچۈن ئىشلەتكەنلەر ئەلبەتتە سايلاملاردا چۈشۈپ قالدى.دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىغا قۇشۇلۇش ئورنىغا، ئۆز ئالدىغا ۋەقىپ، دەرنەك قۇرۇپ ئىشلەپ كەلگەنلەر ئارىسىدا بۇگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ بېشىغا كېچىش ھەۋىسىدە بولغانلارنىڭ مەۋجۇت شەرتلەردىن نارازى بولىشى مەنتىققە ئۇيغۇنمۇ؟

كېرىش دەرۋازىسى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىدىن ئىبارەت بىر بىناغا، كىشىلەرنى تامنى چېقىپ كېرىشكە قۇتۇرىتىش، تومۇرىدا ئۇيغۇر قېنى ئېقىۋاتقالارنىڭ ئاغزىدىن چىقىدىغان سۆز ئەمەس. كىمنىڭ نىمە مەقسەتتە سۆزلەۋاتقانلىقىغا، كىملەرنىڭ سۆزلىتىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىشىمىز لازىم.

 

2024.يىلى 9.ئاينىڭ 1.كۈنى

Share
388 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.