logo

trugen jacn

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي مەڭگۈ ھايات 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي مەڭگۈ ھايات 
(پارچە)
ئامانيار

دىئاسپورادىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىسىدە خىتاي كومھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي مىللەتلەرگە جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىگە يۈرگۈزىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى — ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى خەلقئارالاشتى.
ئا ق ش باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلەر خىتاي كومھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكۈزىۋاتقان بۇ جىنايىتىگە قارشى كۆكرەك كېرىپ چىقىپ، ھەر خىل قارارلارنى ئېلىپ خىتاينى جازالىماقتا. مۇشۇنداق ياخشى بىر ۋەزىيەتتە دىئاسپورادىكى پوقنى ئىككىگە بۆلەلمەيدىغان بەزىبىر ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە شەخسلەر دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىدە كۆرۈلگەن بەزى مەسىلىلەرنى باھانە ۋە پۇرسەت قىلىپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي قاتارلىق ئەمەلىي ئىش قىلىۋاتقان تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ پېيىنى قىرقىش ئىشى بىلەن ئاۋارە بولۇپ يۈرمەكتە. بۇ پوقىنى چېلىپ ئىچىدىغانلارنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى دۇنيادا سېسىتىۋېتىشتىن ئىبارەت بۇ سۇيىقەستلىرى ئەبەدىي ئەمەلگە ئاشمايدۇ، چۈنكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي بىر قانچە ئون يىللىق نەتىجىلىك خىزمەتلىرى بىلەن غەرپ دېموكراتىك دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار تەرىپىدىن بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. بۇ تەشكىلات بۇندىن كېيىنمۇ خەلقئارادا ئۇيغۇر مەسىللىرى بۇيىچە داۋاملىق ھالدا ئۆزىنىڭ ئاۋانگاردلىق رولنى قىلدۇرۇدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينى دۇنيانىڭ سىياسىي سەھنىسىدىن يوق قىلىۋىتىشنى قەستلەپ يۈرگەن بۇ سۇيىقەستچىلەرنىڭ قارا نىيەتلىك قىلىمىشلىرى ئۇزۇن ئۆتمەي خەلقىئالام ئالدىدا ئاشكارلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاياقلىشىدۇ. ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ھەم جەڭچىسى ھەم يولباشچىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرى ۋە تۆھپىلىرى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ تارىخىدىن مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ. ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىدە ئۇنىڭ داۋاملىق ئاۋانگاردلىق رول ئوينىشىغا ئىمانىم كامىل !

2024- يىلى 6- ئىيۇن

Share
71 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.