logo

trugen jacn

دۇنيادا بۇ يۇرتتەك قەپەس يوق ئانا

 

 

مەھمەتىمىن ھەزرەت

(ناخشا تېكىستى)

دادامنىڭ جەسىتى تۇرمىدىن چىقتى،
تۇل قالدىڭ،بىز يېتىم بۇپ قالدۇق ئانا.
مېنى ھەم باغلىدى، سۆرەپ مېڭىشتى،
ئۇگىسى چۇگۇلغان قۇش بولدۇق ئانا.
نەقىرات:
دۇنيادا بۇ يۇرتتەك قەپەس يوق ئانا،
بىز ئۈچۈن ھايات يوق، نەپەس يوق ئانا.

ۋاپاتىڭنى تاڭ ئاتماس كامىردا تۇيدۇم.
پەريادىم ئاسماننى زىمىنغا قاتتى.
مىليونلار قالدۇققۇ ئاتا- ئانىسىز،
كۆز ياشلار سەل بولدى، دەريادا ئاقتى.
نەقىرات:
يەكلەندۇق، ئىزىلدۇق، خارلاندۇق ئانا،
توشقاندەك بىرمۇ بىر ئوۋلاندۇق ئانا.

باش ئەگدۇق زالىمغا، مۈلايىم ئىدۇق،
تۇخۇمنى تاشقا بىز ئۇرمايلى دىدۇق.
نەسىلدىن نەسىلگە تۇخۇملا بولدۇق،
ئەسلى بىز كىم ئىدۇق، بۇگۈن كىم بولدۇق؟
نەقىرات:
ئازاپتىن تولغاندۇق، تاۋلاندۇق ئانا.
تۇخۇمدىن تاش بولدۇق، ئويغاندۇق ئانا.

مونولوگ

[مۇزىكا داۋاملىشىدۇ:  ئاھ، جانى جان ئانا. قەۋرەڭنىڭ، مەرھۇم دادامنىڭ قەۋرىسىگە يانمۇ يان ئىكەنلىكىنى ئاڭلىدىم. ماڭا سۆيگۈڭ، مۇھەببىتىڭ دەريا- دېڭىز ئىدى. كۆزلىرىڭدىن “بۇ دەريا- دېڭىزدا چۈمۈل، ئۇزاققا كەتمە” دىگەن مەنالارنى ئوقۇيتتىم ھەر زامان. ھېچ يەرگە كەتمىدىم. دايىم سېنىڭ يېنىڭدا يۈردۈم. “جەننەت ئانىلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا” دەپ ئۈگۈتەتتى دادام. باشقا يەردە جەننەت ئىزدەپ يۈرمىدىم. چوڭ بۇلۇپ، ھەق، ناھاق توغرۇلۇق گەپ قىلسام، “بالام تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغىلى بولمايدۇ” دېگەن سۆزنى تەكرارلايتتىڭ، ئانا.
كېيىنكى كۈنلەردە مېنى جۈمە نامىزىغىمۇ بارغۇزماس بولدۇڭلار. “جاھان نازۇك، تۇخۇمنى تاشقا ئۇرمايلى” دەپ نەسىھەت قىلدىڭ. دادام جۈمە كۈنلىرى جۈمە نامىزىنى مەسچىتتە ئوقۇپ كېلەتتى. شەنبە كۈنى ئاخشام “كاتتا مىھمانلار“ ئۆيىمىزگە كېلەتتى. ئۇ كاتتا دىگەن مىھمانلار كاپىر باشلىقلار ئىدى. دادام ئۆزى ئىچمىسىمۇ توختىماي كاپىرلارغا ھاراق قۇيۇپ سۇنۇپ تۇراتتى. سەن پايپىدەك بۇلۇپ خىزمەت قىلاتتىڭ ئانا. مەن بىر كۈنى دادامغا “سەن مەسچىتكە كىرىپ ئاللاغا، تالاغا چىقىپ زالىمغا تازىم قىلىسەن. بۇ قانداق گەپ؟” دەپ سورسام. دادام “بالام، جان بېقىشنىڭ باشقا يولى يوق.” دېدى. سەن ماڭا نەسىھەت قىلىپ “داداڭ شۇ كاپىرلارنىڭ ساسيىسىدا قۇرۇلۇش ئىشى ئالىدۇ. ئاشۇلارنىڭ سايسىسىدا باي بولدۇق. داداڭدىن ئۇنداق قۇپال سۇئاللارنى سۇرما بالام.” دېدىڭ ئانا. دادامنى “مەسچىتكە زاكات بەرگەن” دەپ تۇتۇپ كەتتى. پۇل، مال – بىساتلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى تارتىۋالدى. سېنىڭ قولۇڭدىكى بىلەيزۈك، قۇلۇقىڭدىكى زىرىلەرنىمۇ يۇلۇپ ئەكىتىشتى ئانا. يىغلاپ، يىغلاپ قالدىڭ. “ئانا، بۇ كاپىرلار بىزنى نىمىشقا بۇزەك قىلىدۇ؟” دەپ غەزەپلەنسەم، “تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغىلى بولمايدۇ بالام” دەپ ھۈڭگۈرەپ يىغلاپ مېنى باغرىڭغا باساتتىڭ. سېنىڭ ۋۇجۇدىڭدىن كەلگەن ئىپپار ھىدىڭ بىلەن ئۆزەمگە تەسەللى تاپاتتىم ئانا. دادامنى نىمىشكە ئولتۇردى؟ مېنى نىمىشكە تۇتۇپ تۇرمىغا سولىدى؟ سەۋەبىنى بىلەلمىدىم.
ئىككى يىل قاراڭغۇ كامىردا ئۇرۇپ- قىينىدى. تۆت يىلدىن بىرى مىڭ مىتىر يەرنىڭ تىگىدىكى كاندا كۆمۈر قازىمەن.پۇتۇمدا يەتتە كىلولۇق كىشەن، قولۇمدا كويزا. گۇناسىز نى، نى ئوغۇل بالىلارنىڭ ئۆلۈگى كان ئاستىدا قلدى،ئانا. بىر كۈنى قاتتىق ئاغرىپ كەتتىم. ئىستمام 40 گىرادوسقا چىقتى. مېنى تۇرما دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىشتى. ياش بىر ئۇيغۇر دوختۇر مېنى تەكشۈردى. دوختۇر مەندىن “يېشىڭ قانچە؟” دەپ سورىدى ئانا. مەن “ سىزچە مەن قانچە ياشتەك كۆرىنىمەن؟” دەپ سوردۇم. “ يېشىڭ 65 تە بار مۇ؟” دەپ سورىدى. “26 ياش مەن” دىدىم. دوختۇر ھەيران- ھەس بولۇپ ماڭا قاراپلا قالدى. چاچلىرىم ئاپپاق، پىشانەمنى قورۇق باسقان، ئاغزىمدا بىرمۇ چىشىم يوق… مەن دوختۇرغا “ئاغزىمدىكى چىشلىرىمنى بىرمۇ بىر ئامبۇردا سۆكۈپ تاشلىدى” دىيەلمىدىم، ئانا. پەقەتلا جاسارىتىمنى توپلاپ “سىزنىڭمۇ ئاتا- ئانىڭىز “تۇخۇمنى تاشقا ئۇرما بالام” دەپ نەسىھەت قىلامتى؟ دەپ سوردۇم. دوختۇر جاۋاپ بەرمىدى، ئامما كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلگەنلىكىنى كۆردۈم ئانا. 20 ياشتا تۇرمىغا كىردىم 6 يىلدا يېشىم 65 بۇپتۇ ئانا. مەن ئادەم بولدۇم ئانا، بىز ئادەم بولدۇق ئانا. تۇخۇم ئىدۇق ئەمدى تاش بولدۇق ئانا. ئۇرۇلۇپ، سۇقۇلۇپ ئاخىرى ئويغاندۇق ئانا، ئويغاندۇق…]

Share
2776 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.