logo

trugen jacn

دولقۇن ئەيسا: خىتايپەرەس يازغۇچىلار خۇسۇسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى قارىلىماقتا

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

پائالىيەتچىلەر «د ئۇ ق نىڭ كەلگۈسى ئىستراتېگىيەسى» ناملىق ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇچۇرلارنىڭ خاتالىقىنى مىساللار بىلەن كۆرسىتىش ئارقىلىق بىر قىسىم خىتايپەرەسلەرنىڭ خۇسۇسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى قارىلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

«مودېرن دىپلوماتىيە» تور بېتىدە 6-ئىيۇن كۈنى ئىتالىيەلىك گىئانكارلو ئەلىئا ۋالورى ئىسىملىك بىرىنىڭ «د ئۇ ق نىڭ كەلگۈسى ئىستراتېگىيەسى» ناملىق ئانالىز ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ماقالىدا د ئۇ ق ۋە ئۇيغۇر ئىسلامىي گۇرۇپپىلارنىڭ خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» سىياسىتىگە قارشى چىقىۋاتقانلىقى، شى جىنپىڭنىڭ «يېڭى يىپەك يولى» قۇرۇلۇشىغا توسالغۇلار پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ماقالىدە يەنە، ئالدىنقى ئاي ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تەرىپىدىن بېرلىندا چاقىرىلغان 2-نۆۋەتلىك ئىستراتېگىيە مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ مەقسىتىمۇ بۇرمىلاپ تەشۋىق قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ قوراللىق قارشىلىقلارغا ھازىرلىق قىلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان ئىدى.

گىئانكارلو ئەلىئا ۋالورىنىڭ «د ئۇ ق نىڭ كەلگۈسى ئىستراتېگىيەسى» ناملىق ئانالىز ماقالىسىنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ 2-نۆۋەتلىك ئىستراتېگىيە مۇھاكىمە يىغىنى ھەققىدە توختالغان ئاخىرقى بۆلىكىدە مۇنداق ئىبارىلەرگە يەر بېرىلگەن: «ئۇنىڭدىن سىرت، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەمدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا مىللىي، ئىسلامىي تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى رەتكە سېلىش ئۈچۈن 2017-يىلى 29-ماي ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە كەسپىي خادىملار بېرلىنغا جەم بولدى. ئەمەلىيەتتە بۇ يەردىكى ھەقىقىي مەقسەت بولسا خىتاينىڭ يېڭى گىئو-سىياسىي رولىغا قارشى چىقىش ھەمدە شىنجاڭدىكى ‹باستۇرۇش› نى خەۋەر قىلىدىغان غەرب مەتبۇئاتلىرىغا دەستەك بولۇش، شۇنداقلا خىتاينىڭ يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشىغا نۆۋەتتە ئۇچۇر بىلەن، كەلگۈسىدە رەسمىي ھەرىكەت بىلەن تاقابىل تۇرۇش ئىدى» دېيىلگەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە، گىئانكارلو ئەلىئا ۋالورىنىڭ مەقسىتىنىڭ د ئۇ ق نى ۋە بېرلىندا چاقىرىلغان ئىستراتېگىيە مۇھاكىمە يىغىنىنى قارىلاش ئارقىلىق، خەلقئارادا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە قارا چاپلاش، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى دۇنيا جامائىتىنىڭ ھېسداشلىقىدىن ئايرىپ تاشلاشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

د ئۇ ق پروگرامما يېتەكچىسى پىتىر ئىرۋېن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئىتالىيەلىك گىئانكارلو ئەلىئا ۋالورىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ «يېڭى يىپەك يولى» سىياسىتىگە ھەمدە «بىر بەلۋاغ، بىر يول» دەپ ئاتالغان ئىقتىسادىي، سىياسىي قۇرۇلۇشىغا غەربتىن خېرىدار تېپىش ئۈچۈن خىتايغا ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئالدىنقى ئايلار خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› يىغىنىغا بەزى دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى قاتناشقان بولسىمۇ، كۆپلىگەن غەرب ئەللىرىنىڭ پرېزىدېنتلىرى قاتناشمىدى. ئامېرىكا، گېرمانىيە قاتارلىق نۇرغۇنلىغان غەرب دۆلەتلىرى خىتاينىڭ بۇ قۇرۇلۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە ھېلىمۇ گۇمان بىلەن قارايدۇ. چۈنكى، بۇ قۇرۇلۇش ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ زېمىن ھوقۇقى ۋە كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىغا بېرىپ چېتىلىدۇ.

ئۇيغۇرلار، بالۇچىلار، سىندىلار قاتارلىق مىللەتلەر ب د ت ھەمدە ياۋروپا بىرلىكىدە خىتاينىڭ بۇ قۇرۇلۇشلىرىغا قارشى دىپلوماتىك پائالىيەتلىرىنى بارغانسېرى كۈچلۈك قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ. بۇ يىل 3-ئايدا ئۇيغۇرلار پاكىستان تەۋەلىكىدىكى بالۇچىلار، سىندىلار بىلەن ب د ت دا بىرلەشمە مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇپ زور تەسىر قوزغىدى. غەربلىكلەر مۇستەملىكە تۈزۈمى ئاستىدا خارلىنىۋاتقان بۇ مىللەتلەرنىڭ كېلەچەكتە رادىكال قارشىلىقلارنى پەيدا قىلىشىنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. بىراق، د ئۇ ق نىڭ بۇنداق ئىشلار بىلەن ئالاقىسى يوق ھەمدە ھەرقانداق شەكىلدىكى رادىكال قارشىلىقنى تەشەببۇس قىلمايدۇ. گىئانكارلو ئەلىئا ۋالورى بولسا، كېلەچەكتە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئىشلارنى رېئالنى مەسىلە قاتارىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، د ئۇ ق غا ھەمدە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇھاكىمە يىغىنىغا تۆھمەت ئارتىشتىن ئۇيالمىغان.»

د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گىئانكارلو ئەلىئا ۋالورىنىڭ ئاساسىي مۇددىئاسى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

ئىتالىيەلىك گىئانكارلو ئەلىئا ۋالورى دېگەن ئادەم «مودەرن دىپلوماكي» تور بېتىدە بۇندىن ئىلگىرىمۇ د ئۇ ق غا ۋە دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەرگە قارشى ماقالىلەر ئېلان قىلىپ رەددىيىگە ئۇچرىغان ئىدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۇنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى قارىلاشتىكى غەرىزىنىڭ خىتاينى خۇش قىلىپ، ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىنىڭ خاتىمىسىدە يەنە، ئۆزىنىڭ كىشىلىك ئەخلاقىي ۋە مەدەنىي سۈپىتىگە ھاقارەت قىلغان بۇ ئادەمگە قارىتا قانۇنىي بىر چەكلىمە قويۇشنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/dolqun-eysa-06072017172240.html

Share
1099 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.