ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇ يىل 463 كەنتكە تارقالغان 7692 ئائىلىدىكى 26 مىڭ ئاھالىنى باشقا جايغا كۆچۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلاھات -تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا ئاشكارىلىشىچە، ئۇلارنىڭ پىلانى 2020-يىلغا قەدەر 200 مىڭ ئاھالىنى كۆچۈرۈشكەن.
ئىسلاھات-تەرەققىيات كومىتېتى بۇ ئاھالىلەرنىڭ قايسى مىللەت، قايسى ناھىيەلەردىن، قەيەرگە، نېمە ئۈچۈن كۆچۈرۈلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن، ئەمما ئاھالىلەرنىڭ نامرات رايونلاردىن كۆچۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇيغۇر تەشكىلاتلار ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنى ئۇلارنىڭ يۇرت ماكانلىرىدىن باشقا جايلارغا كۆچۈرۈشكە ئىزچىل سەزگۈر مۇئامىلە قىلىپ، بۇ خىل كۆچۈرۈش پىلانلىرىنىڭ ئارقىسىدا خىتاينىڭ ئىقتىسادى، سىياسىي مۇددئىاسى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن ئىدى.
ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، قۇرغاقچىلىق، نامراتلىق ئاھالە كۆچۈرۈشتىكى بىر باھانە. خىتاينىڭ ھەقىقىي پىلانى ئۇيغۇرلارنى يا چېگرا بويلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇش ياكى ئۇلارنى يۇرت - ماكانلىرىنى نېفىت، تەبىئىي گاز شىركەتلىرىگە ئېلىپ بېرىش ۋە ياكى يېڭى شەھەر قۇرۇپ، كۆچمەن يۆتكەپ چىقىشتۇر.
ئەمما دائىرىلەر يۇقىرىقى پىلان نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش قۇرۇلۇشنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ كەلدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلاھات-تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 26 مىڭ ئاھالىنى كۆچۈرۈشكە 230 مىليون دوللاردىن ئارتۇق پۇل خەجلەيدىكەن.
مەزكۇر كومىتېت شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، يېقىنقى 5 يىلدا بىر مىليون 740 مىڭ ئادەمنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ پىلانى 2020-يىلىغا قەدەر يەنە 2 مىليون 610 ئادەمنى نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghurda-tarqaqlashturush-05302016143612.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.