logo

trugen jacn

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رامىزان ھارپىسىدا ئىككى ئۇيغۇر كادىرنى جازالىشى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى

 

ب ب س نىڭ 1-ئىيۇندىكى خىتايچە خەۋىرىدە ۋە رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ شۇ كۈنكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ۋە سودىيەسى پولات چاۋار «تېررور گۇماندارلىرىغا يېنىك جازا ھۆكۈم قىلغان»، «سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت ھۆكۈمىنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتكەن» دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان ھەمدە پارتىيىدىن چىقىرىلغان.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشىدا «پولات چاۋار كومپارتىيە ئەزاسى ۋە سوت خادىمى تۇرۇپ ‹ئۈچ خىل كۈچلەر› ۋە تېررورچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىش مەسىلىسىدە سىياسىي مەيدانى مۇستەھكەم بولمىغان، پوزىتسىيەدە قاتتىق بولمىغان» دېيىلگەن.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ ئىگىلىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى كۆكەرتىش ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ئۆمەرجان ھەسەن «ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش» سەۋەبىدىن پارتىيىدىن چىقىرىلغان ۋە خىزمەتتىن ھەيدەلگەن. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا «ئۆمەرجان ھەسەن پارتىيە ئەزاسى تۇرۇپ ھەرقايسى مەتبۇئات ئورۇنلىرىدا شىنجاڭنىڭ تارىخىنى بۇرمىلاش، جەمئىيەتكە زىيانلىق ئۇچۇرلارنى تارقىتىش، پارتىيىنىڭ ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا زىيان سېلىش مەزمۇنىدىكى كۆپلىگەن يازمىلارنى ئېلان قىلغانلىقى ھەمدە ئۆزىنىڭ پارتىيىۋىلىكىنى يوقاتقانلىقى » ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك جازا بېرىلگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت 1-ئىيۇن كۈنى رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ ئىككى كىشىگە جازا بېرىشى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارغا ھەيۋە كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ «پولات چاۋارنىڭ سوت تەرتىپىدە قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈشتىن باشقا ھېچقانداق خاتالىقى يوق، ئۆمەرجان بولسا ئاساسىي قانۇندىكى پۇقرالارغا بېرىلگەن ھوقۇقلار بويىچە ئۆز پىكرىنى ئىپادىلەپ، خىتاينىڭ ‹شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى› دەيدىغان سەپسەتىسىگە قارشى ماقالىلەر يازغان. خىتاي بولسا بۇلارنى ئۆز نوپۇزىغا خىرىس قىلغانلىق دەپ قارايدۇ » دېگەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghurda-ramizan-06012016170418.html

Share
1521 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.