logo

trugen jacn

خىتاي سۆيگۈسىدىن قۇتۇلۇشنىڭ رېتسىپى

 

مەھمەتىمىن ھەزرەت

 

خىتاي سۆيگۈسىدىن قۇتۇلۇشنىڭ رېتسىپى

 

بۇنىڭدىن 8 يىل بۇرۇن. 2010.يىلى. يەر ئىستانبۇل

ئا. ئىسىملىك ئۇيغۇر ئايال بىلەن پ. ئىسىملىك ئۇيغۇر ئايال ئىستانبۇلنىڭ مەلۇم كوچىسىدا كېتىۋاتقاندا ئا، ”بۇ كوچىدا ز خانىمنىڭ ئۆيى بار. ز. خانىمنىڭ مەملىكەتتىن كەلگەن ئامانىتى بارتتى. يولۇقۇپ ئۆتەيلى“ دەيدۇ. ئىككىيلەن ئۆيگە كىرىدۇ، بەش مىنۇتمۇ ئولتۇرمايدۇ، چايمۇ ئىچمەيدۇ. چقىپ كىتىدۇ. كېيىن ئۆي ئىگىسى ئايال ز ، ئا،غا تەلپۈن قىلىپ، “سىز قانداق ئادەم؟ نىمىشكە بىزنى قەستلەيسىز؟ خىتاي “تېرورىست” دەپ ئېلان قىلغان ئادەمنىڭ خوتۇنىنى نىمىشكە مېنىڭ ئۆيۈمگە باشلاپ كىردىڭىز؟ بىزنىڭ تىجارىتىمىزنىڭ ھەممىسى ۋەتەندە تۇرسا. يولدىشىم ئۈرۈمچىدە دۇكان ئېچىۋاتىدۇ. بېشىغا بىر ئىش كەسلسۇنچۇ قېنى سىزدىن ھېساب ئالىمەن.” دەپ كايىپ كېتىدۇ. ئا، بۇ كۆڭۈلسىزلىكلەرنى پ،غا سۆزلەپ بېرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ز بىلەن ئا، نىڭ مۇناسىۋىتى بۇزىلىدۇ. كۆرۈشمەيدۇ

يەر ئىستانبۇل. 2018.يىلى 2. ئاي
خىتاينىڭ يامان گىپى بولغان يەردە خۇددى ئۆزى ھاقارەتلەنگەندەكلا خىتاينى ماختاپ باشقىلار بىلەن جىدەك قىلىدىغان ز، خانىمنىڭ قېيىنئانىسى ئۆلۈپ كېتىدۇ. يۇرتلۇقى بولغان ئا، كونا ئاداۋەتنى تاشلاپ پەتىگە بارىدۇ. ز. خانىمىڭ بېشىغا كەلگەنلەرنى ئۆلۈم پەتىسىدە ئۆگىنىدۇ؛ ز. خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئېرىنى ئۈرۈمچىدىكى دۇكىنىدىن تۇيۇقسىز تۇتۇپ ئېلىپ كەتكىنىگە 6 ئاي بۇپتۇ. دۇكاننى، ماللىرىنى خىتايلار تارتىۋاپتۇ. قېيىنئاتىسى 4 ئاي ئالدىدا، ئوغلۇمنى سۈرۈشتە قىلىمەن. ئەمەلدار ئاغىنىلىرىمغا پارا شۇڭغۇتۇپ ئوغلۇمنى قۇتقۇزۇپ كېلىمەن،ئوغلۇم دېگەن تۈرك پۇخراسى. بىزنىڭ سىياسەت بىلەن ئىشىمىز يوقلىغىنى خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ياخشى بىلىدۇ،دەپ كىتىپتىكەن، ئۇنىڭمۇ ئىز- دىرىدىرىگى يوق. ئۇ خانىمنىڭ ئۆز دادىسى، ئانىسى يېزىدا “تەربىيىلەش كۇرىسى” دېگەن يەردە يىغىۋېلىشتا ئىكەن.ھېچقايسىدىن خەۋەر ئالالماي سەپىرا مىجەز بولۇپ قاپتۇ. ئا. خانىم ز. خانىم توغرۇلۇق شۇ ھېكايىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ؛ ”بىز پاراڭلىشىپ ئولتۇرساق 10 ياشلىق ئوغلى بىلەن 8 ياشلىق قىزى مەكتەپتىن قايتىپ ئۆيگە كىرىۋىدى، ئۇ خانىم ئىشكاپنىڭ ئارقىسىدىن بىر پارچە كىرلىشىپ كەتكەن خىتاينىڭ رەسىمنى چىقىرىپ ئاياق يېشىدىغان يەرگە تاشلاپ بەردى. ئۇ رەسىم خىتاينىڭ باشلىقى شىجىنپىڭ دېگەن خىتاينىڭ رەسىمى ئىكەن. بالىلار رەسىمنىڭ ئۈستىگە چىقىپ 3 قېتىم سەكرىدى. ئاپىسى ز.خانىم خانىم “بۇ كىم؟ “ دەپ ۋارقىرىۋىدى. بالىلار تەڭلا “ دۈشمەن“ دەپ جاۋاب بەردى ئەسكەرلەردەكلا ۋارقىراپ. ز. خانىم “بۇ كىم؟” دەپ 3 قېتىم تەكرارلاپ سوردى. بالىلار 3 قېتىم ئوخشاش ۋارقىراپ تۇرۇپ جاۋاب بەردى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىشكاپنىڭ ئارقىسىدىن يەنە بىر خىتاينىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ يەرگە تاشلىدى. ئۇ، بىزنىڭ ۋەتەننى باشقۇرىۋاتقان خىتاي ئىكەن (چىنچۇۋەنگونى دېمەكچى) بالىلار بىردىنلا ئۇ خىتاينىڭ رەسىمى ئۈستىگە ئاتلىدى. ز.خانىم ”داداڭلارنى كىم تۇتۇپ تۈرمىغا سۇلاپ قويدى؟“ دەپ ۋارقىرىۋىدى، بالىلار ”بۇ خىتاي“ دەپلا رەسىمگە نەپرەت بىلەن دەسسەشكە باشلىدى. “ چوڭ داداڭلارنى كىم تۇتۇپ سۇلاپ قويدى؟“، “بۇ خىتاي“. ز.خانىم 3 قېتىم ۋارقىراپ سورىدى. بالىلار 3 قېتىم ۋارقىراپ جاۋاب بەردى. ز. خانىم بالىلىرىغا ”ھە، قېنى ياتاق ئۆيگە!“ دېۋىدى. بالىلار مۈرىسىدىكى سومكىلارنى چىقىرىپ يەرگە قويۇپ ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتى. ئانا ز.خانىم، بالىلارنىڭ ئارقىسىدىن كىرىپ كەتتى. “بۇ كىم؟” دېگەن ئاۋازنى ئاڭلىدىم. بالىلارنىڭ “بۇ دادام” دېگەن ئاۋازى كەلدى. ياتاق ئۆينىڭ ئىشىكىگە بېرىپ قارىسام خانىم يۇرتلۇقۇم تامغا ئېسىلغان ئېرىنىڭ رامكىلىق رەسىمىنى بالىلارغا كۆرسىتىۋاتقان ئىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن رامكىدىكى قېيىئاتىسىنىڭ رەسىمىنى كۆرسىتىپ “ بۇ كىم؟” دەپ سورىدى. بالىلار تەڭلا “چوڭ دادام” دەپ جاۋاب بەردى. ئوينىڭ تېمىغا سابىت داموللام، غۇجانىياز ھاجىم، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، غېنى باتۇر، ئەخمەتجان قاسىمى، ئېلىخان تۆرەم.. لەرنىڭ رەسىملىرىنى قاتارى ئېسىۋېتىپتۇ. ئۇ رەسىملەرنى كۆرسىتىپ “ بۇلار كىم؟” دەپ ۋارقىرىۋىدى. بالىلار “بىزنىڭ چوڭ دادىلىرىمىز” دەپ جاۋاپلىدى. “ئۇلارنى كىم ئۆلتۇردى؟”. “خىتاي”. “دۈشمىنىمىز كىمكەن؟” “خىتايكەن”. “ھە، ئەمدى تامىقىڭلارنى يەڭلار!”. بالىلار سالونغا يۈگرەپ چىقىپ تاماق ئۈستىلىگە ئولتۇردى، تاماقلىرىنى يېيىشكە باشلىدى. مەن ھەيران ھەس قالدىم؛ ۋاي، خېنىم قومانداندەك بولۇپ كىتىپسىزغۇ، دېيىشىم بىلەن ،قانداق قىلاي، مەن قانداق قىلاي، دەپلا ھۈڭگىرەپ يىغلاپ كەتتى. “بىز خىتايغا نىمە قىلدۇق؟ بىزنى مۇشۇنداق بۇزەك قىلامدۇ بۇ خىتايلار؟ بىزنىڭ ئىگىمىز يوقمۇ؟” ز. خانىمنىڭ كۆزلىرىدىن ياش قاپاقتىن سۇ تۆكۈلگەندەك تۆكۈلۈۋاتىدۇ. مەنمۇ ئۆزۈمنى تۇتالماي يىغلاپ كەتتىم. “بىز تونىمىغان دۈشمەننى بالىلىرىم بولسىمۇ تونىسۇن، بىزنىڭ ئىنتىقامىمىزنى ئالار. باشقا نېمە چارەم بار؟” دەپ ئۆزىنى ئۆزى ئۇرۇپ يىغلاپ كەتتى. تەسەللى بېرىپ قايتىپ چىقتىم، دەپ سۆزلەپ بېرىپتۇ، ئا.خانىم پ.خانىمغا

بۇ ھىكايىنى ئاڭلاپ ئويلىنىپ قالدىم؛ ئۇيغۇرلاردا 1920. يىللاردىن بۇيان بىر قانچە قېتىملىق مىللىي ئويغۇتۇش ھەركىتى قانات يايدى. بۇ ھەركەتلەرگە ئۇيغۇر دىنى ۋە پەننى ئالىملار، زىيالىلار يىتەكچىلىك قىلدى. بۇ ھەركەتلەردە تەشكىللىنىش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆزىنى تونۇپ يېتىش جەريانىدىكى ئىىستىخىيىلىك مىللىي ئويغۇنۇش ھەركىتى دېيىشكە بولىدۇ.بۇ ئويغۇنۇشلارنىڭ سۇر ئتى بەك ئاستا، كولىمى بەك تار،خەلققە بولغان تەسىرى بەك چەكلىك بولغان. بىراق بۇ قېتىمقى مىللىي ئويغۇنۇش ھەركىتى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئەمەس، خىتاي مۇستەملىكىچى ھاكىمىيىتى تەرىپدىن تەشكىللىك ۋە شىددەتلىك، سۇر ئېتى تىز، كولىمى كەڭ، تەسىرى چوڭقۇر ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇر مىللىتىدىكى مىللى ئويغۇنۇش ھەركىتى مىسلىسىز قانات يېيىۋاتىدۇ. ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان بۇ ئۇيغۇر خانىمدىكى خىتاي سۆيگۈسى قانداقچە خىتايغا بولغان نەپرەتكە ئايلانغانلىقىدىن ئىبارەت رېئال پاكىت بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ روھى دۇنياسىنى ئەكس ئەتتۈرۈشتە تىپىك بىر ئەينەك ئەمەسمۇ؟ شۇڭا ھەر زامان تەكىتلەيمەن؛ ئۇخلىغان روھنىڭ قامچىسى زۇلۇمدۇر

خىتاي ھاكىمىيىتىگە ئۈمىت ۋە مۇھەببەت باغلاپ كەلگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا خىتاي سۆيگۈسىدىن قۇتۇلۇشنىڭ رېتسىپىنى خىتاينىڭ ئۆزى بەرگەنلىكى, يېزىلغۇسى ئۇيغۇر تارىخىدا كېلەچەك ئەۋلاتلىرىمىز ئۈچۈن ئۇنتۇلماس ساۋاق بولۇپ قالغۇسى

Share
1867 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.