logo

trugen jacn

خىتاي زۇلۇمىغا ئۇچراش ھېكايىلىرىمىزنى چەت ئەل تىلىدا سۆزلەش ئىنتايىن مۇھىم

 

 

 

ئاپتورى: گۈلخان

 

 

ئەسسالامۇئەلەيكۇم  قەدىرلىك دوستلار، قېرىنداشلار

 

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادالەتسىز ۋە چەكتىن ئاشقان رەھىمسىز سىياسەتلىرىنىڭ دەردىنى خەلقىمىز ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يەتكۈچە تارتىپ كەلدى. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن  بۇيان ۋەتەن ئىچىدىن كېلىۋاتقان ئادەم ئىشەنگۈسىز بۇزغۇنچىلىقلار ۋە خورلىنىشلار ھەممە ئۇيغۇرغا بۇنداق بىر ئىنسانىيلىقتىن يىراق كىشىلەر توپى بىلەن بىللە ياشاشنىڭ ئەسلا مۇمكىن ئەمەسلىكىنى شۇلارنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنىڭ غالجىرلىقى ۋە ئىنسان تەبىئىتىگە تۈپتىن قارمۇ-قارشى سىياسەت ۋە يول-يورۇقلارنى ئوز مەنپەئەتى ئۈچۈنلا تۈزۈشى ۋە ئىجرا قىلىشى ئارقىلىق ئايان بولۇۋاتىدۇ

 

شۇڭا بىز بۇ ئىنسانىيەتكە قارشى كەمنومۇس ھاكىمىيەتنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلىنىپ قالدۇق. بىز بۇلارنىڭ نومۇسسىز ۋە شەخسىيەتچىلىكلىرىنى ھەر خىل يوللار بىلەن تاشقى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن داۋاملىق ئىزدىنىپ ۋە ئۇسۇللارنى ئۆگىنىپ كېلىۋاتىمىز. بولۇپمۇ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزىگە پۇقرا سانالغان مىللەت خەلقلىرىگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەھشىيلىكلىرىنى نامايىشلار ۋە تاراتقۇلار ئارقىلىق بىلدۈرۈپ كەلدۇق

 

ئەمما بۇ يەردە يەنە بىر مەسىلىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەككى، ئىنسان مەيلى قەيەردە ياشىسۇن ئاۋۋال ئۆزىگە، ئەتراپىدىكىلەرگە ئاندىن باشقىلارغا قىزىقىدۇ. يات بىر ئىنسان ياكى ئىنسانلار توپىغا قىزىقىش ئاۋۋال شۇ ئادەم ياكى ئادەملەرنىڭ نورمال ئەھۋالىنى بىلىشتىن باشلىنىدۇ. شۇڭا بىز نېمىشقا غەربلىكلەر ياكى مۇسۇلمانلار ۋە ياكى بىزگە ئوخشاش تۈركى قوۋمدىكىلەر، ھەتتا ئۆزىمىزگە ئەڭ تونۇشلۇق ئاسىيالىقلار بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى بىلمەيدۇ ھەم بىزنىڭ زۇلۇمغا قارشى كۈرەشلىرىمىزنى قوللىمايدۇ دەپ ئاغرىنىمىز. بەزىدە ئۈمىدسىزلىنىمىز. يۇقىرىقى دۆلەتلەرنىڭ كۆپچىلىكىدە دېموكراتىك تۇزۇم بار ياكى شۇ يولغا قاراپ كېتىۋاتىدۇ دەپ تۇرايلى، لېكىن شۇ ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىزدەك يەر شارىنىڭ يەنە بىر بۇرجىكىدە ياشاپ، كوممۇنىستلارنىڭ چېكىدىن ئاشقان باستۇرۇش ۋە تاشقى دۇنيادىن يىراقلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ ئىسكەنجىسىدە قاتمۇ-قات ئېزىلىۋاتقان خەلق ئىكەنلىكىمىزنى بۇ ھۆكۈمەتلەرنىڭ كۆپچىلىكى بىلىدۇ، ئاڭلايدۇ. ئەمما ئۇلار ئوز خەلقى تەرىپىدىن بۇ ئۇچۇرلار بىر كۈچلۈك جاما’ئەت پىكىرىگە ئايلانمىسا گېزىت-ژۇرناللاردىن كۆرۈپلا بولدى قىلىدۇ

 

شۇڭا بىز ئاۋۋال ئوز دەردىمىزنى، يەنى ئىنسانىيەتكە قارشى ھاكىمىيەت باشقۇرىدىغان خىتاينىڭ رەزىللىكلىرىنى ئۇلارنىڭ ھەر بىرىمىزگە، ئائىلە، خىزمەت، ئوقۇش، تىجارەت ئىشلىرىمىزغا قانچىلىك بۇزغۇنچىلىقلارنى ئەكەلگىنىنى ئوز بېشىمىزدىن ئۆتكىنىنى، ئابستراكت شوئار-چاقىرىقلاردىن پەرقلىق ھالدا، قەغەزگە تەسىرلىك قىلىپ ھېكايە شەكىلدە يېزىپ چىقىپ، بۇنداق بىر ھاكىمىيەت دۇنياغا كېڭەيسە كېيىن ئۇنىڭ شۇ ئەللەردىكى خەلقلەرنىمۇ دەل ئاشۇنداق ئەخلاقتىن يىراق،  ئادەم تەبىئىتىگە قارشى ئۇسۇللارنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. ھەم شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى بۇنىڭ ئاۋام خەلقنى قايىل قىلىش كۈچى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىقتۇرۇش ئۈنۈمى سىياسىي شوئارلاردىن چوڭقۇرراق بولىدۇ. چۈنكى بۇنداق ئۇسۇل بىلەن بىز شۇ كونكرېت ئادەملەرنى سەمىمىي پاكىتلىق كەچمىشلەر بىلەن ئەگەر مەن بۇ تۈزۈمدە ياشاپ قالسام قەتئىي بولمايدىكەن دېگەن تۇيغۇغا كەلتۈرەلەيمىز. ئۇلارنىڭ يۈرىكىدىن چىقىرىپ بىزگە ھېسداشلىق قىلىشىغا، بىزنى چۈشىنىشىگە يول ئاچالايمىز ۋە شۇلار ئارىسىدىكى ئۇيغۇرنىڭ يوقىلىشىنى خالىمايدىغان ھەم قوغدايدىغان بىر تۈركۈم ئىنسانلارنى تەربىيەلەپ چىقالايمىز. بۇنىڭ ئۈنۈمى نامايىش، دوكلاتلاردىن ئاستىدەك بولغان بىلەن، ئاۋازىمىزنىڭ، تراگېدىيەلىك رېئاللىقىمىزنىڭ باشقا دۆلەتلەردە ياشايدىغان ئاددىي ئىنسانلارغا يىتىشىدە رولى بەك ئەمەلىي ھەم چوڭقۇر بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بىز ھەر بىر ئۇيغۇر ياكى ئۇيغۇر سۆيەرلەرنى خىتاي سەۋەبلىك ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلىرىنى چۈشىنىشلىك، يېنىك تىللارنى ئىشلىتىپ ئوز بېشىدىن ئۆتكەنلىرىنى ئۆزى ئەڭ ياخشى  بىلىدىغان ۋە ئىپادىلىيەلەيدىغان تىللاردا يېزىپ چىقىشىنى تەشەببۇس قىلىمىز. ”تاما-تاما كۆل بولۇر“ دەپ، بۇنداق چىن ھېسسىيات بىلەن يېزىلغان شەخسكە ۋەكىللىك قىلىدىغان ”مېنىڭ ھېكايەم“ لارنى يىغىپ ئۇنى دۇنيادىكى كوپ ئومۇملاشقان تىللارغا تەرجىمە قىلساق، بۇنى يات ئەللىكلەر ئۆزلىرى خالاپ ئوقۇسا، ئاندىن بىز خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى بىزگە ھېسداشلىق قىل ۋە سېپىمىزگە قوشۇلۇڭلار دېگەن شوئارىمىزغا بەكرەك قايىل بولىدۇ

 

قېنى قېرىنداشلار، ھەپتىدە 30 مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ، مەن زادى قانداق كونكرېت خاپىلىققا ياكى قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدىم؟ كېلىۋاتىمەن؟  بۇنىڭ مېنىڭ بۈگۈنكى تۇرمۇشۇمغا قانداق تەسىرى بولۇۋاتىدۇ دېگەنلەر توغرىسىدا ئىخچام ۋە چىن ھېكايىلىرىمىزنى باشلايلى. ئىشىنىمىزكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆزلىرىمۇ ئوقۇپ يىغلاپ كەتكۈدەك ھېكايىلىرى بار. بىز مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ئومۇمى خەلق داۋايىمىزغا ھەسسە قوشۇش بىلەن بىرلىكتە، ئۆزىمىزدىكى مەسىلىلەرنى تىزىپ چىقىپ، بىر-بىرىمىزگە تېخىمۇ ئەمەلىي يار-يۆلەكتە بولالايمىز. ھېكايىدىكى ئادەم ئىسمىنى خالىغىنىمىز بويىچە ئاتىسىڭىز بولىدۇ. ئاندىن ئۆزىڭىز ئىجتىمائىي تاراتقۇ  (social media) لاردا ئېلان قىلسىڭىزمۇ ياكى ئۇنى بىزگە uyghur.speakup@gmail.com  غا يەتكۈزۈپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ. بىز يىغىلغان ھېكايىلەرنى تەھرىرلەپ ۋە زۆرۈر بولسا دۇنياۋى چوڭ تىللارغا تەرجىمە قىلىپ بلوگ دا نەشر قىلىمىز. بىزگە قېتىلىڭ. كۆڭلىڭىزدىكى دەردلەر تۆكۈلسۇن؛ ئۇنى دۇنيا ئاڭلىسۇن ۋە بىزگە بۇ ئاپەتلەرنى ئەكەلگەن دۈشمەننى كونكرېت چۈشىنىپ بىزنى قوللىسۇن. ئەجرىڭلارغا كوپ رەھمەت

Share
1653 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.