ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئەركىن
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېقىندا قارار چىقىرىپ، رايوندا يولغا قويۇلۇپ كەلگەن ئاز سانلىق مىللەتلەر پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ رايوندىكى بارلىق مىللەتلەرگە ئوخشاش بىردەك ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مەزكۇر قارار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 4-نويابىر كۈنى قەشقەردە چاقىرغان «جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خىتاي ئاخباراتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇر ئىلىنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئىلىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى ھالقىلىق قارارلار چىقىرىلغان.
ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلگەن پىلانلىق تۇغۇتنى ئۇيغۇر ئىلىنىڭ جەنۇبىدا بارلىق مىللەتلەرگە بىردەك ئىجرا قىلىش قارارى خىتاي كومپارتىيەسى پۈتۈن خىتايدىكى خەنزۇلارغا بىردەك ئىككى پەرزەنتلىك پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يۈرگۈزۈشنى قارار قىلغان بىر مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
رايوندىكى ئۇيغۇرلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەزكۇر قارارىغا باھا بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ سىياسەت رايوندىكى بەزى خەنلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. خوتەندە ئولتۇرۇشلۇق بىر خەن بۇ سىياسەتنى ئەقىلگە مۇۋاپىق، دەپ كۆرسەتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى، «مېنىڭچە، بىز ھەممىمىز باراۋەر بولۇشىمىز كېرەك. ھەممىمىز جۇڭگولۇق، شۇڭا ھەممىمىزنىڭ باراۋەر بولغىنى ياخشىراق. ئەگەر يېزىدا بولسا ئائىلىلەر ئەركەك ئەمگەك كۈچىگە ئېھتىياجلىق. بىر ئادەم چوقۇم ئىشلىشى كېرەك. شۇڭا مەن پىلانلىق تۇغۇتنى بىردەك ئوخشاش يۈرگۈزۈش ئەقىلگە مۇۋاپىق، دەپ قارايمەن.»
ئۇ خەن ئايالنىڭ كۆرسىتىشىچە، خوتەندەك پاراۋانلىق ناچار يەرلەردە ئاتا-ئانىلار بىر پەرزەنت بىلەن چەكلىنىپ قالسا، بۇ كەلگۈسىدە ئۇ بالىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى، «ھازىر پۈتۈن مەملىكەت 2 پەرزەنتلىكنى يولغا قويۇپ، ئەمدى نورمال بولدى. چۈنكى، ئەگەر بىر ئائىلىنىڭ بىرلا پەرزەنتى بولسا ئۇ كەلگۈسىدە 4 ئادەمنى بېقىشقا، بەزى ئائىلىلەردە 6 ئادەمنى بېقىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئەمدى بىزنىڭ بۇ يەردە پاراۋانلىق تولۇق ئەمەس. بۇ ئەھۋالدا ئادەملەرنىڭ يۆلىنىدىغان بىر نەرسىسى يوق. يۆلىنىدىغان يۆلەنچۈك بولمىسا، ئۇنداق كىشىلەر سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئۇ ئادەم ھەم بالىنى، ھەم ئاتا-ئانىسىنى قانداق باقىدۇ؟ بۇ بەكلا چاتاق ئەھۋال.»
خىتاي ھۆكۈمىتىدىكى بەزى ئەمەلدارلار ئۇيغۇر ئىلىنىڭ جەنۇبىدىكى ناھىيە، ۋىلايەتلەردە تۇغۇت نىسبىتى «ئەندىشە قىلارلىق» دەرىجىدە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ كەلگەن. دائىرىلەر بۇ يىل جەنۇبتىكى بەزى رايونلاردا ئاز پەرزەنتلىك ئاتا-ئانىلارغا بېرىلىدىغان تۇغۇت مۇكاپات پۇلى ۋە تۇغۇت ياردەم پۇلىنى ئۆستۈرگەن.
خوتەندىكى يەرلىك ئۇيغۇرلار پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ مەزكۇر رايوندا قاتتىق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ،، ئۆزىنىڭ 4-پەرزەنتىگە جەرىمانە تۆلەپ قۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ كىچىك بالام بار، بۇ يىل 17 ياشقا كىرگەن. شۇنىڭغا جەرىمانە تۆلىگەن. بىزنىڭ بۇ يەردە پىلانلىق تۇغۇت ناھايىتى قاتتىق. ئۇلار قاتتىق تەكشۈرۈش قىلىدۇ. ئوغرىلىقچە تۇغقانلارغا ھازىرغا قەدەر جەرىمانە قويىدۇ.»
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئۇلاردىكى نامراتلىقنى تۈگۈپ، سالامەتلىك ۋە مائارىپ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، يەرلىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈش ئۈچۈن زۆرۈر، دەپ ئەسكەرتىپ كەلدى.
لېكىن ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، پىلانلىق تۇغۇت بىلەن ئىقتىسادى تەرەققىيات ھەرگىز بىر-بىرىگە زىت ئەمەس، ئۇ ئۆز - ئارا ئوڭ تاناسىپ. ئامېرىكا جىئورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادى پەنلەر دوكتور كاندىداتى پەرھات بىلگىن ئەپەندى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى نوپۇس كونترولى پۈتۈنلەي سىياسىي، دېدى.
پەرھات بىلگىن:، «بۇ، ئىقتىسادتا مۇھىم بىر نەرسە بار، نوپۇسنىڭ ئۆسۈشى ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن تەتۈر تاناسىپ ئەمەس، ئوڭ تاناسىپ. چۈنكى نوپۇس ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئاساسلىق بىر ئامىل. بۇ كۆپەيگەندە بۇنىڭ ئىچىدە ئىنژېنېر كۆپ بولىدۇ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەننەرخى ئەرزان بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئىقتىسادقا پايدىسى بار بۇنىڭكى. لېكىن بۇ يەردە مۇنداق بىر نەرسە بار، ئىقتىساد تېز كۆپەيسە نوپۇس ئازلايدۇ. خىتاي ھازىر بۇنىڭ دەل قارشىسىنى دەۋاتىدۇ. بۇ يەردىكى مەسىلە ئىقتىساد ئەمەس، سىياسىي. شۇڭا، بۇ خىتاينىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىقتىساد بىلەن مۇناسىۋىتى بار، نامراتلىقتىن قۇتۇلىمىز، دېگەننىڭ ھېچقانداق ئىقتىسادى نەزەرىيە ئاساسى يوق.»
پەرھات بىلگىن، ئەگەر نوپۇس مۇۋاپىق كۆپىيىپ ماڭمىسا، بۇ كەلگۈسىدە نوپۇس تۇرغۇنلۇقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
پەرھات بىلگىن: «تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە، مەسىلەن، ئامېرىكا، ياپونىيەدەك دۆلەتلەردە بىر ئايالنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تۇغقان بالىسى 1.2، شۇنداق بولغاندا بۇ نوپۇس يا ئۆسمەيدۇ، يا چۈشمەيدۇ. بىر خىل ھالەتنى ساقلاپ تۇرىدۇ. ئەمدى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە، مەسىلەن تۈركىيە، ئىراندەك يەرلەردە نوپۇسنىڭ ئۆسۈشى 3.2 بولۇشى مۇمكىن. لېكىن بۇ سان ئۇيغۇر مەملىكىتىنىڭ جەنۇبىدا 5.2 بولۇشى مۇمكىن بۇ سان. ھەر بىر ئايال ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 5.2 بالا تۇغسا، بۇ مىللەتنىڭ ئۇزاق كەلگۈسىدە نوپۇسى يا ئۆسمەيدۇ، يا چۈشمەيدۇ. ئەگەر ئۇيغۇرغا ئىككىلا بالا تۇغىسەن، دەپ بېكىتىپ بەرسە، دېمەك كەلگۈسىدە ئۇيغۇرنىڭ نوپۇسى ئازلايدۇ، دېگەن گەپ.
پەرھات بىلگىننىڭ ئەسكەرتىشىچە، مەمۇرىي خاراكتېرلىك چەكلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ تۇغۇتقا مەجبۇرىي چەكلىمە قويۇشنىڭ ئەسلى ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق. ئۇ، شەھەرلىشىش، خىزمەت، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق ئامىللارنىڭ نوپۇسنى ئاپتوماتىك تورمۇزلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «پىلانلىق تۇغۇت ئەسلىدىنلا كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ خاتا سىياسەت» دەپ كۆرسەتتى.
ئۇيغۇر ئاپوتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن ئۇيغۇر ئىلىدا خىتايلارغا ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاش پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يۈرگۈزۈش مەسىلىسىنى 2014- يىلى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بىراق بۇ سىياسەت ئۇنىڭدىن 2-3 يىل ئاۋۋال يولغا قويۇلۇپ، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئىلىدا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان.
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/pilanliq-tughut-11092015151816.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.