ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئەركىن
جۈمە كۈنى، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيىسىگە قاراشلىق پۇچاقچى يېزىسىدا بىر ئۆيگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇيغۇرلاردىن 9 كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، بىر كىشىنى ئەسىر ئالغان.
خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋەقەنىڭ جۈمە كۈنى سائەت 12 دىن سەل ئۆتكەندە يۈز بەرگەنلىكىنى، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار توپلانغان بىر ئۆينى قورشىۋېلىپ، قارشىلىق قىلغان ئۇيغۇرلارنى ئوققا تۇتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خەۋەردە، ئوققا تۇتۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنى «تېررورلۇق» گۇماندارلىرى، دەپ كۆرسەتكەن.
7-ئىيۇل، مەزكۇر يېزىنىڭ پارتىيە سېكرېتارى ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئېغىر يارىلانغان، ئايالى ئۆلتۈرۈلگەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ساقچىلار 27-ئىيۇل باشقا بىر «تېررورلۇق» دېلوسىنى تەكشۈرۈۋېتىپ، بۇ ئۆيدىكى ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالغان ۋە ئۆيدىكىلەرگە ھۇجۇم قىلغان.
جۈمە كۈنكى بۇ ۋەقە قەشقەردە ۋەزىيەت ئىنتايىن كەسكىنلىشىپ كەتكەن بىر مەزگىلدە يۈز بەرگەن. خىتاي بۇ ۋەقەدىن بىر قانچە كۈن ئاۋۋال ھەربىي قىسىملىرىنى ئىشقا سېلىپ، يەركەنت ناھىيىسىنىڭ ئېلىشقۇ يېزىسىغا قاراشلىق بىر قانچە كەنتتە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان. يەرلىك خادىملار ۋەقەدە ئاز دېگەندە 120 كىشى ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ئاخباراتى جۈمە كۈنى قاراقاشنىڭ پۇچاقچى يېزىسىدا يۈز بەرگەن قەتلىئامدا ئۆلگەنلەرنى «تېررورلۇق گۇماندارى» دەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ قانداق «تېررورلۇق» ۋەقەسىگە چېتىلغان «گۇماندارلار» ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان
http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xoten-weziyiti-08012014173255.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.