ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا خوتەندە ئېلان قىلغان «زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە چېتىشلىق يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەنلەرنى مۇكاپاتلاش ئۆلچىمى» دە ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچى» دۆلەت كادىرلىرى، پارتىيە ئەزالىرى ۋە دىنىي زاتلارنى پاش قىلغانلارنى 300 مىڭ سومدىن 900 مىڭ سومغىچە ئارىلىقتا مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مۇكاپات سوممىسىنىڭ يۇقىرىلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغان سىياسىي كۆزەتكۈچى زۇمرەت خانىم، مەزكۇر ماددىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي قانۇن كادىرلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەنسىز ۋەزىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، ۋەزىيەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىدىنمۇ مۇھىم بېشارەتلەرنى بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
بىز مەزكۇر ئۆلچەم ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنىڭ تارقىلىش دائىرىسىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن داۋاملىق ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچىخانىنىڭ بىر قوغداش خادىمى بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ گۇما ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن تارقىتىلغانلىقىنى ئېيتتى. مەزكۇر ئۆلچەمنىڭ سىياسىي-قانۇن كادىرلىرى ھەققىدىكى قىسمىدا مۇنداق دېيىلگەن: «دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خىزمەتچىلىرىنىڭ قەستەنلىك بىلەن جىنايەت گۇماندارلىرىنى، جاۋاپكارلارنى جىنايى جاۋابكارلىقتىن قاچۇرۇش، ئېغىر جىنايەتكە يېنىك ھۆكۈم قىلىش، جىنايەتچىلەرنى قەستەن قويۇۋېتىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا كېپىلگە قويۇۋېتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى پاش قىلغانلارغا 900 مىڭ يۈەندىن 300 مىڭ يۈەنگىچە مۇكاپات بېرىلىدۇ».
نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان سىياسىي كۆزەتكۈچى زۇمرەت خانىمنىڭ ئۆز مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن بايان قىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىي قانۇن ساھەسىدە خۇددى ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى ئېچىلىپ-سايراش ھەرىكىتىگە ئوخشاش ۋەزىيەت شەكىللەنگەن.
زۇمرەت خانىمنىڭ قارىشىچە، مانا بۇ ئېچىلىپ-سايراشتىن بىر قىسىم نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆزئارا ئىشەنچسىزلىكنى پەيدا قىلىش ئۈچۈن مەزكۇر چارىنى ئۇيغۇن كۆرگەن. كۆپ ساندا كىشىلەردە بەلگىلىك دەرىجىدە ھەق ۋە ئادالەت تۇيغۇسى بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان زۇمرەت خانىم، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يۇقىرىقىدەك تەدبىرلەر ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئىنسانىي تەبىئىتىگىمۇ بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. زۇمرەت خانىم يەنە مەزكۇر يۇقىرى سوممىلىق مۇكاپاتلاش تەدبىرىنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ كۈچ قۇدرىتىنى ئەمەس، ئاجىزلىقىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. زۇمرەت خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئىنسانىي ئەخلاققا خىلاپ تەدبىرلەرنىڭ كۈتۈلگەندەك نەتىجە بەرمەيدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ۋەزىيەتتىنمۇ مۇھىم دەرس ۋە ساۋاقلارنى ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/pash-qilghangha-mukapat-12152017191700.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.