logo

trugen jacn

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى يوقىتىش تەشۋىقاتىدىكى تۇنجى مەيدان ئويۇن – باھاردىكى جۇدۇن

06187b17-70e5-4e87-a823-7f0421a3c82c (1)

ئەزىز

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئاممىسىدىكى دىنىي ئېتىقادنى سۇسلاشتۇرۇش ۋە ئاخىرىدا يوق قىلىش تەشۋىقات ھەرىكىتىنى جىددىي يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى مەتبۇئات ساھەسىدە كەڭ مىقياستا ئورۇن ئالغان تېمىلارنىڭ بىرى. تەشۋىقات ۋە ئىدېئولوگىيە ساھەسىگە مەنسۇپ بۇ ھەرىكەتنىڭ يېڭى باسقۇچى 2014 – يىلى پۈتكۈل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون مىقياسىدا «دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» نامىدا باشلانغان بولۇپ، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېچىش، دىنىي ئەسەبىيلىك تەنقىدلەنگەن سەھنە ئەسەرلىرى مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئاممىغا بىۋاسىتە يوسۇندا دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ زىيىنىنى تونۇشتۇرۇش بۇنىڭ ئاساسلىق پائالىيەت شەكلى بولۇپ قالغان. بۇ تەشۋىقات پائالىيىتىنىڭ نۆۋەتتىكى باسقۇچىدا يەرلىك دائىرىلەرنىڭ «دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» نامىدا ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەردىكى سەنئەت ئۆمەكلىرىنى ئۇيغۇرلاردىكى دىنىي ئېتىقادنى سەلبىي شەكىلدە تەسۋىرلەش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان سەھنە ئەسەرلىرىنى ئىشلەشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شيوڭ شۇەنگۇنىڭ «سۇمۇرغ» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرىغا بايان قىلىشىچە «قاتتىق زەربە بېرىش ئارقىلىق يول ئېچىش ۋە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيىلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇش ماكانىنى بىت – چىت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرماي تۇرۇپ باشقا ھېچقانداق خىزمەتتىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس» ئىكەن.

10 – ئاينىڭ 19 – كۈنى غۇلجا ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمىكى تەييارلىغان «باھاردىكى جۇدۇن» ناملىق تۆت پەردە، سەككىز كۆرۈنۈشلۈك دراما دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش پائالىيىتىنىڭ تۇنجى مەيدان ئويۇنى سۈپىتىدە ئۈرۈمچىدىكى سەنئەت يۇرتى تىياتىرخانىسىدا قويۇلدى. بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن «باھاردىكى جۇدۇن» درامىسىنىڭ ئاپتورى، ئىلى ئۇيغۇرلىرىغا ئۆزىنىڭ چاقچاق سورۇنلىرىدىكى شېئىرىي چاقچاقلىرى بىلەن تونۇلغان ياش ئەدىب يۈسۈپجان قېيۇمنى زىيارەت قىلدۇق. غۇلجا ناھىيىلىك ھۆكۈمەتتىكى نۆۋەتچى خادىم تېلېفوننى ئالدى ۋە يۈسۈپجاننىڭ ھازىر غۇلجا ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كادىرى ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. ئەمما يۈسۈپجان بىزنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىنىڭ مۇخبىرلىرى ئىكەنلىكىمىزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

شۇنىڭ بىلەن بىز مەزكۇر درامىنى ئورۇنلىغان غۇلجا ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئەسقەر باقىيوۋ بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئەمما ئۇ بىزنىڭ زىيارەت قىلىش مەقسىتىمىزنى بىلگەندىن كېيىن سوئاللارغا جاۋاب بېرىشتىن باش تارتتى.

ئالاقىدار مەنبەلەردىن يەرلىك دائىرىلەرنىڭ 1997 – يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلغان «ئۈچ خىل كۈچلەر» (يەنى زوراۋان – تېررورچىلار، مىللىي بۆلگۈنچى) نى قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن، بولۇپمۇ «5 – ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي ئېتىقاد زور دەرىجىدە ئەۋج ئالغان، دەپ قارايدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

يەرلىك دائىرىلەرنىڭ تەشۋىقات ماتېرىياللىرىدا 2015 – يىللىق «دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» ھەرىكىتىدە دىنىي جەھەتتىكى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىپ، يەرلىك ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى سۇسلاشتۇرۇش ئاشكارا تىلغا ئېلىنغان. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆز ئاساسىي قانۇنىدا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھەققىدىكى ماددىلار بېكىتىلگەن تۇرۇقلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئېتىقادىنى سۇسلاشتۇرۇش ۋە يوق قىلىشقا شۇنچىۋالا كۈچ سەرپ قىلىشىدىكى سەۋەب ھەققىدە ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، قانۇن پەنلىرى دوكتورى ئالىم سېيتوف ئۆز چۈشەنچىسىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ تور بېتىدىكى ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى مۇشۇ بۆلۈم بىۋاسىتە تەشكىللىگەن. غۇلجا ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمىكىدىن كېيىن ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن ۋە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق سەنئەت ئۆمەكلىرى دىنىي ئەسەبىيلىكنى ئەيىبلەش مەزمۇنىدىكى ئۆزلىرى تەييارلىغان درامىلارنى كۆرسىتىدىكەن. بىزنىڭ ھەممىدىن بەك دىققىتىمىزنى تارتقىنى مۇشۇ قېتىمقى پائالىيەت ئۈچۈن تەييارلانغان بارلىق درامىلار پەقەت ئۇيغۇر تىلىدا ئوينالماقچى ئىكەن. بۇنىڭدىن مەزكۇر ئويۇننىڭ ئاساسلىق ئوبيېكتىنىڭ يەرلىك ئۇيغۇر ئاممىسى ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. بۇ يىللىق تەشۋىقات پائالىيىتىدە خىتايلارنىڭ غۇلجا سەنئەت ئۆمىكىنى بىرىنچى بولۇپ ئويۇن قويۇشقا تاللىغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالغان ئالىم سېيتوف بۇنىڭ مەلۇم سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئېگە بولۇش مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئالدى.

زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا ئالىم سېيتوف ھازىرقى كۈندە خىتاي ھاكىمىيىتى يولغا قويۇۋاتقان دىنىي ئېتىقادنى سۇسلاشتۇرۇش ۋە يوق قىلىش پائالىيىتىنىڭ خىتايلار كۈتكەندەك ئىجتىمائىي ئۈنۈم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، چۈنكى ئىنسانىيەتنىڭ ئاڭ ساھەسىگە مەنسۇپ بولغان دىنىي چۈشەنچىنى ھېچقانداق بىر ھاكىمىيەتنىڭ قورال كۈچى ياكى زورلۇق ۋاسىتىسى ئارقىلىق يوق قىلىۋېتىشى مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، دىنىي ئېتىقاد ھەرقاچان بىر خەلقنىڭ ئۆز پارتىيىسىگە ياكى دۆلىتىگە بولغان سۆيگۈسىدىن بۈيۈك بولىدۇ، ئۇنى ھاكىمىيەت قانچە چەكلىسە ئۇ خەلق ئارىسىدا شۇنچە زورىيىدۇ. دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى خەلق ئۆز دىنىغا چەكلىمىسىز ھالدا ئېتىقاد قىلالمىغاندا ئۇ خەلق ھاكىمىيەت تەرىپىدىن دۈشمەن بولۇشقا مەجبۇرلانغان بولىدۇ

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/xitay-teshwiqat-diniy-zulum-10232015224501.html

Share
1518 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.