خىتايلار ئۇيغۇرلارغا نېمە ئۈچۈن ھازىرقىدەك ئۆچ بولۇپ كېتىدۇ؟

تارىموغلى

ئوقۇرمەنلەرنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمى پەۋقۇلئاددە كۈچىيىپ كەتتى. مەن ھازىر جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان دىن جەھەتتىكى قاتتىق چەكلەش، ئىسىم قويۇش جەھەتتىكى چەكلەش، كېيىم-كېچەك جەھەتتىكى چەكلەش، ئۇرۇق-تۇغقانلار ئارىسىدىكى نورمال بېرىپ-كېلىشنى چەكلەش، ھەممە يەردە ئۇيغۇرلارنى قاتتىق تەكشۈرۈش، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى قېرى-ياشلىقىغا قارىماي ئوپچە ئۇسۇل ئويناشقا ۋە ج ك پ نى كۈيلەپ ناخشا ئېيتىشقا سېلىش، ۋە ئۇيغۇرلارنى «ئىككى يۈزلىمىچى» دېگەن گۇناھ بىلەن قاتتىق جازالاشتىن تارتىپ، تېخى يېقىندا باشلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ كلاسسىك يازما ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ سەھنە سەنئىتىنىڭ مەزمۇنلىرىدىكى مىللىي ھېسسىياتقا ياتىدىغان تەركىبلەرنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئىشلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمىغا «ئىنسانىيەت تارىخىدا ئانچە كۆپ كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىشلار»، دەپ قارايمەن.

ئادەتتە بىر مىللەتنىڭ يەنە بىر مىللەتكە ۋەھشىيلەرچە زۇلۇم سېلىشى مەلۇم مىللىي ئۆچمەنلىك سەۋەبىدىنمۇ، يەنى بۇرۇن بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىش سەۋەبىدىنمۇ يۈز بېرىدۇ. ئەمما مەن ناھايىتى كۆپ ئويلاپ، ئۇيغۇرلار تارىختا خىتاي مىللىتى ئۈستىدىن سادىر قىلغان، ئۇيغۇرلارنى ھازىرقىدەك ئېزىشكە مۇناسىپ قىلىدىغان ئىشلارنى ئويلاپ تاپالمىدىم. ئۇنداق ئىشلار مەۋجۇت بولسىمۇ، ئۆزۈمنىڭ تارىخىمىز ھەققىدىكى بىلىمىم ئاز بولغاچقا، مېنىڭ بىلىدىغانلىرىمنىڭ ئىچىدە ئاشۇنداق ئىشلار يوقمۇ، ئۇنىمۇ بىلەلمىدىم. ھازىرقى زۇلۇمنىڭ كېلىش مەنبەلىرىنى ئۆزۈم قانائەت ھاسىل قىلغىدەك بىر دەرىجىدە چۈشىنىپ يېتەلمىدىم. «خىتايلار ئۇيغۇرلارغا نېمە ئۈچۈن ھازىرقىدەك ئۆچمەنلىك قىلىدۇ؟» دېگەن سوئال كاللامدىن زادىلا نېرى كەتمىدى. ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىدا ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان زۇلۇم يالغۇز جۇڭگو ھۆكۈمىتىدىنلا كەلگەن بولسا، ئۇنى چۈشىنىش يەنە بىر ئاز ئاسان ئىدى. ئەمما، بۇرۇن ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچمەن بولۇپ كېلىپ، ھازىر ئاشۇ زېمىندا ياشاۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىللە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر كۈلپەتلەرگە ھازىرقىدەك سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان، نورمال ئىنسانلار ھەرگىزمۇ قىلمايدىغان ئىشلارغا نىسبەتەن ئۇلار يالغۇز سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشلا ئەمەس، تېخى ئۇنى قوللاپ، ئۇ ئىشلاردا ھۆكۈمەتكە ياردەملىشىۋاتقانلىقى مېنى ئۆز-ئۆزۈمدىن يۇقىرىقىدەك سوئالنى سوراشقا مەجبۇرى قىلدى.

مەن يېقىندا بىر تونۇشۇم بىلەن بولغان پاراڭلار ئارىسىدا يۇقىرىدىكى سوئالنى ئوتتۇرىغا تاشلىسام، ئۇ بۇ ئىشتا ئىككى ئاساسلىق سەۋەب بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ بىرى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كەڭ كەتكەن زېمىنى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جۇغراپىيە جەھەتتىكى ئىستراتېگىيىلىك ئورنى، ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي بايلىقى. ئۇنىڭ يەنە بىرى بولسا ئۇيغۇرلاردىكى ھازىرغىچە خىتايغا باش ئەگمەسلىككە سەۋەب بولغان مىللىي ئىپتىخارلىق بىلەن مىللىي روھ. ھېلىقى تونۇشۇم دېگەن يۇقىرىدىكى 2 خىل سەۋەبتىن باشقا، يەنە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋېتىش پىلانى، ھەمدە ئۇلارنىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقى ھالقىلىق رول ئوينايدىغانلىقى قاتارلىق يەنە بىر قىسىم سەۋەبلەرنىمۇ تىلغا ئېلىش مۇمكىن. ئەمما، بۇلارمۇ ھازىر يۈز بېرىۋاتقان، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىگە بولغان مىللىي ئۆچمەنلىكىنىڭ مەنبەسىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ.

مەن يېقىندا 60-يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپلا ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو ۋە ھىندىستان قاتارلىق ئەللەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بولۇپ ئىشلەپ كەلگەن، بىزنىڭ ۋەتەنگىمۇ كۆپ قېتىم بېرىپ باققان بىر ئەربابنىڭ بىر خەلقئارالىق سۆھبەت مۇنبىرىدە قىلغان سۆزلىرىنى ئۇچرىتىپ قالدىم. ئۇنىڭ دېيىشىچە، 1884-يىلى چىن سۇلالىسى ئەسكەرلىرى ئۇيغۇر ئېلىنى بېسىۋالغاندىن بۇرۇنقى 1500 يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇرلار زېمىنى ئاساسەن خىتاينىڭ كونتروللىقى ئاستىدا بولۇپ باققان ئەمەسكەن. مەن 1884-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلارغا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ھازىرقىدەك مىللىي ئۆچمەنلىكىنى پەيدا قىلغۇدەك دەرىجىدە ئېغىر زۇلۇم سېلىپ باققانلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن.

قىسقىسى، «خەنزۇلار ئۇيغۇرلارغا نېمە ئۈچۈن ھازىرقىدەك ئۆچمەنلىك قىلىدۇ؟» دېگەن سوئالغا مەن ئۆز-ئۆزۈم قانائەتلەنگۈدەك جاۋاب تاپالمىدىم. شۇڭلاشقا مەن چەت ئەلدىكى باشقا ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى كۆز-قاراشلىرىنى ئاڭلاپ باققۇم بار. ئەگەر بىز خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھازىرقىدەك مىللىي زۇلۇم سېلىشىنىڭ سەۋەبلىرى ۋە مەنبەسىنى تولۇق ئايدىڭلاشتۇرىۋالالىساق، ئاندىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بۇنىڭدىن كېيىن قانداق ئىشلارنى قىلساق بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز. شۇڭلاشقا مەن ئىمكانىيىتى بار ئۇيغۇر زىيالىي قېرىنداشلارنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدە قەلەپ تەۋرىتىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ زىيالىيلارنىڭ ئۆز خەلقىنى يېتەكلەش رولىنى ئادا قىلىشى بولۇپ، مېنىڭچە خەلقىمىز مۇشۇنداق تۆھپىسى ئۈچۈن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ناھايىتىمۇ مىننەتدار بولىدۇ. رەھمەت