logo

trugen jacn

خوتەندىكى ساقچىخانىلار: تايلاندتىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن ئۇيغۇرلار دېلوسى دۆلەت مەخپىيەتلىكى ھېسابلىنىدۇ

image

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۆتكەن يىلى 7 – ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى تايلاندتىن 109 نەپەر ئۇيغۇرنى مەجبۇرىي ھالدا قايتۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن ھازىرغا قەدەر ئۇلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىدى.

رادىيومىز ئۇلاردىن ئىككى نەپىرىنىڭ ئاقسۇنىڭ ئاۋات ناھىيەسىگە ئېلىپ كېلىنىپ تېلېۋىزىيەدە «تۆۋە» قىلدۇرۇلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلىگەن بولسىمۇ، لېكىن قالغان يۈز نەچچە ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئاخباراتلاردىن يەنىلا قاراڭغۇ تۇرماقتا.

ئەھۋالدىن خەۋەردار «مۇقىملىق» كادىرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تايلاندتىن تۇتۇپ كېلىنگەن ئۇيغۇرلار ئالدى بىلەن ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىنگەن. ئاندىن ھەرقايسى ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىلىرى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىگە مەخسۇس ساقچى ئەۋەتىپ ئۆزىگە تەۋە تۇتقۇنلارنى يۇرتىغا يالاپ ئېلىپ كەلگەن ئىكەن.

تۈرك خەۋەر ئاگېنتلىقى ئالدىنقى ئايدا خەۋەر بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تايلاندتىن مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كەتكەن 109 ئۇيغۇرنىڭ 45 نەپىرىگە سوت ئېچىلىپ جازا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئاقسۇ، خوتەن ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىرىدىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

بىز بۈگۈن خوتەن ۋىلايىتىدىكى بىرقانچىلىغان ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە تايلاندتىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ بار – يوقلۇقىنى سۈرۈشتۈردۇق.

لوپ ناھىيەسىنىڭ سانپۇلا يېزىلىق ساقچىخانىسى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى ھەمدە «بۇ ئىشتىن خەۋىرىمىز يوق» دەپ تۇرۇۋالدى.

بىز ئارقىدىن كېرىيە ناھىيەسىنىڭ كۆكيار يېزىلىق ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچىخانا خادىمى بىر قىسىم سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن تايلاندتىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى بىر مەخپىيەتلىك ئىكەنلىكىنى، بۇ ھەقتە ساقچىخانا باشلىقىنىڭ رۇخسىتىسىز ئۆزىنىڭ ھېچنېمە دېيەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز يەنە گۇما ناھىيەسىنىڭ پىيالما يېزىلىق ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ساقچى خادىمى تايلاندتىن تۇتۇپ كېلىنگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە تېلېفون لىنىيەسى ئارقىلىق مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى، بۇ ھەقتە ساقچىخانا باشلىقلىرىدىن سورىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئاخىرىدا بىز گۇما ناھىيەسىنىڭ موكويلا يېزىلىق ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچىخانا خادىمى موكويلا تەۋەسىدە تايلاندتىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ يوقلۇقىنى، ئەمما خىتاي ئۆلكىلىرىدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقىنى تەستىقلىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/tayland-uyghur-01132016225405.html

Share
1580 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.