logo

trugen jacn

خانتەڭرىدىن نەزەر

ترامپ لىدىرلىقىدىكى ئامېرىكا دۇنياغا ۋە ئۇيغۇر داۋاسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
ئىلمىي ئانالىزدا كاھىنلىق ياكى باخشلىق قىلغىلى بولمايدۇ. يەنى بۇنىڭدىن كېيىن يۈز بېرىدىغان ئىشلار ھەققىدە پاكىتىسىز بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ. لېكىن قولىمىزدا بار بولغان بەزى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن بەزى ئىلىمىي قىياسلارنى ئوتتۇرىغا قويغىلى بولىدۇ. بۇ يازمىمىزدا تىرامپ پىرزدىنت بولغاندىن ھازىرغىچە بولغان ئارلىقتا يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرىگە ئاساسەن ئانالىز ئېلىپ بارىمىز.
بۇنىڭغا ئاساسەن؛
ئا: ترامپنىڭ سىياسىتى خىتاينىڭ دىپلوماتىيە، يۇمشاق كۈچ ۋە ئىقىتسادىنى ئاشۇرۇشى
ب : دۇنيادا دىمكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ چىكىنشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى
س : شۇنداقلا چەتئەلدىكى ئۇيغۇر داۋاسىغا ناچار تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
تەپسىلاتى ئۈچۈن يازمىنىڭ داۋامىنى ئوقۇڭ.
ترامپ ھەققىدە ئەڭ كۆپ دىيىلدىغان گەپ ئۇنىڭ «تەخمىن قىلغىلى بولمايدىغان شەخس ئىكەنلىكى» ئىدى. مىنىڭچە ئۇنىڭغا يەنە بىر سۈپەت قوشۇلدى ئۇ بولسىمۇ « مەسىلىنى باشقىلاردىن پەرقلىق ئويلىيالايدىغان (think out of the box) » دۇر. بۇنى ئىسرائىلىيە پىرزدىنتى نىتانياھۇ ئۆتكەن ھەپتە ترامپ بىلەن كۆرۈشكەندە مۇخبىرلارغا دېگەن ئىدى. ئۇ يەنە ترامپنى ئامرىكا تارىختىكى ئىسرائىلىيەگە ئەڭ دوستانە پىرزدىنت دېدى. شۇنداق ترامپ ھەقىقەتەن مەسىلىنى باشقىلاردىن پەرقلىق ئويلىيالايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. مەسىلەن بۇلار:
1. كانادانى ئامرېكانىڭ 51-ئىشتاتى قىلىش
2. گىرلاندىيە ئارىلىنى ئامېرىكا زىمىنى قىلىش
3. پاناما قانىلىدىن خىتاينىڭ تەسىر كۈچىنى سىقىپ چىقىرىش
4. ھەمجىنسلارنى ۋە شۇ تۈردىكى ئىنسانلارنى چەتكە قېقىش
5. خىرستىيان دىنىنى قوغداش ۋە كۈچەيتىش
6. چەتئەللەرگە بولغان ياردەملەرنى ۋاقىتلىق ياكى پۈتۈنلەي توختىتىش
بۇنىڭدىن باشقا يەنە ترامپنى قىلىشى مۇمكىن، لېكىن ئاشۇرۋەتمەيدۇ، دەپ قارىغان بەزى سىياسەتلەر بار. مەسىلەن، كانادا ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى قاتارلىق ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىگىمۇ باج قويۇش. ترامىپ بۇنىمۇ قىلدى ۋە ھازىر پۈتۈن دۇنيا بۇ مەسىللەرنى مۇنازىرە قىلماقتا. بۇ سىياسەتلەرنىڭ پايدىلىق ۋە زىيانلىقلىرى بار. تىرامپقا نىسبەتەن ھەممىسى پايدىلىق، ئەلۋەتتە. لېكىن بىز ئۈچۈن، يەنى دۇنيا ئۈچۈن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدىچۇ؟ باشتا پايدىلىق بولغانلارغا قاراپ باقايلى.
1. دۆلەتتە دىنىي ئىشلار ئىشخانىسى قۇرۇش ۋە خىرستىيان دىنىغا بولغان قوللاشنى كۈچەيتىش. بۇنى خىرستىيان دىنىنى ئامېرىكانىڭ رەسمىي دىنى قىلدى دەپ چۈشەنگەنلەرمۇ بار ئىكەن. لېكىن ئۇ ئۇزۇن بىر جەريان. ئەمما ترامپنىڭ خىرستىيان دىنىنى رەسمىي قوغدىشى ۋە بۇنى ئامېرىكا جەمئىيتىنىڭ مەنىۋىيتىنىڭ ئاساسى دەپ قارىشى ئامېرىكا ئۈچۈن پايدىلىق. چۈنكى غەرب مەدەنىيتىكى ئېغىر كىرزىسلارنىڭ بىرى ئىنسانلارنىڭ توپلۇم ۋە جەمئىيەت ھالىتىدىكى كىملىك ئامىللىرىنىڭ ئاجىزلىشىشى بولۇپ بۇ كىشلەرنىڭ كوللىكتىپ كىملىك ئېڭىنىڭ ئاجىزلىشىشى ۋە ئاخىرىدا توپلۇمنىڭ ئويۇشۇش كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. غەربتە بۇرۇن خىرستىيان دىنى مۇھىم كىملىك ئىدى. كىين مىللەتچىلىكتىن كىلىپ چىققان مىللەت ئۇقۇمى ئاساسى كىملىك بولغان. ھازىر بولسا مىللەت كىملىكىدىمۇ ئاجىزلىشىش كۆرىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. غەرب مەدەنىيتىنى باشقا رەقىب مەدەنىيەتلەرگە قارشى ئىتتىپاق ھالەتتە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن بىر ئىدولوگىيە ياكى قىممەت قاراش لازىم. بۇ مىللەتچىلىك بولۇشىمۇ مۇمكىن شۇنداقلا دىن بولىشىمۇ مۇمكىن. رادىكاللىققا يىتىپ بارمىغان ئەھۋال ئاستىدا بۇ ئىككى ئامىل مىللەتنىڭ كۆللىكتىپ كىملىكىنى كۈچلەندۈرۈپ قارشى مەدەنىيەتلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى كۈچلۈك كملىك ئېڭى تۇرغۇزالايدۇ. بولۇپمۇ ئەقىللىق روبوتلار ھاياتىمىزغا كىرىشكە باشلىغان بۇ مىنۇتلاردىن باشلاپ دىن ئەقىللىق روبوت ۋە ئىنسانلار ئارسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە رىقابەتتە ياخشىى تەڭشەش رولىنى ئوينىيالىشى مۇمكىن. دىن ۋە مەدەنىيەتنىڭ تەرەقىياتى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت ئىنتايىن چوڭ تېما بولۇپ تېمىدىن چەتنەپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ئىچكىرلەپ كىرمەي تۇرايلى. قىززىققۇچىلار بولسا رىچارد تارناسنىڭ The Passion of Western Mind ناملىق كىتابىنىڭ رۆنېسانستىن ئىلىم-پەن ئىنقىلابىغىچە بولغان قىسىمىنى كۆرۈپ باقسا بولىدۇ.
2. گىرلاندىيەنى ئامېرىكا زىمىنى قىلىش. بۇنى ھەقىقەتەن يىراقنى كۆرەرلىك ۋە ۋاقتىدا چىقىرىلغان ئسىتراتىگىيە دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئامېرىكا ھەقىقەتەن بۇ ئارالنى سېتۋالالامدۇ يوق، ئۇنى بىلمەيمىز. لېكىن ستۋالالاپ قالسا ئامېرىكا ئۈچۈن گىئو-ئىستراتىگيلىك چوڭ غەلبە بولۇپ ھىسابلىندۇ. ئامېرىكانىڭ دۇنياۋى لىدىرلىق ئورنىنى كۈچەيتىپ تۇردىغان ئامللارنىڭ بىرى ئامېرىكانىڭ جۇغراپيىلىك ئورنى بولۇپ ئەتراپىدا كۈچلۈك دۆلەت يوق، زىمىنى كەڭرى ۋە مۇنبەت، ئىككى تەرىپى ئوكيانغا تۇتاشقان. بۇ خۇدانىڭ ئامېرىكىغا ئاتا قىلغان تەبئىي قوغدىنىش قالقىنى. گىرلاندىيە بولسا ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ۋە ياۋرۇپا قىتەلىرىگە يېقىن، شۇنداقلا خىتاينىڭ شىمالىي قۇتۇپ يىپەك يولى قۇرلىشىنى ئويلاشقاندا خىتايغىمۇ بەك يېقىن. يەر شارىنىڭ ئىسسىپ بېرىشى بىلەن بۇنىڭدىن كىينكى دۇنياۋى رىقابەتلەرنىڭ بىرى شىمالى ۋە جەنۇبىي قۇتۇپتىكى مۇزلۇقلاردا بولىدۇ. گىرلادنىيە ئالدىمىزدىكى يېقىن بىر كەلگۈسىدە دۇنيانىڭ تالىشىش نوقتىسىغا ئايلىندۇ، سەۋەبى بولسا جۇغراپىيلىك ئورنى ۋە تەبئىي بايلىقلىرى. گىرلاندىيەنى سېتۋېلىش ئالياسكانى سېتۋالغاندىمۇ قالتىس ئىش بولىدىغانلىقىدا گەپ يوق. گىرلاندىيەنىڭ ئامېرىكانىڭ بولۇشى، ياكى ھىچبولمىغاندا قوغدىشى ئاستىدا بولۇشى خىتاينىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىيات ۋە خىرسىنى چەكلەشتە مۇھىم
رول ئوينايدۇ.
3. پاناما قانىلى مەسىلىسى. بۇمۇ گىرلاندىيە مەسىلىسى بىلەن ئوخشاش. ھەتتا ھازىرنى ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم. چۈنكى پاناما قانىلىدەك غەربىي يېرىم شاردىكى (شىمالى ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا) مۇھىم تىجارەت تۈگىنى ئامېرىكانىڭ رەقىبلىرىنىڭ قولىدا بولماسلىقى كېرەك. چۈنكى جون مىرشېيمىرىنىڭ ھوجۇمچى رىئالىزىم نەزەرىيەسىگە ئاساسەن غەربىي يېرىم شارنىڭ خوجىلىقى ئامېرىكانىڭ دۇنياۋى لىدىرلىقىنىڭ ئاساسىيدۇر. غەربىي يېرىم شاردا ئامېىرىكا خىتاي، رۇسىيە، ھىندىستان قاتارلىق چوڭ دۆلەتلەرنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ مەۋجۇتلىقىغا يول قويماسلىقى كېرەك.
بۇلار ترامىپ قىلغان توغرا ئىشلار دىيشكە بولىدۇ. ئەمدى ترامنىڭ باشقا سىياسەتلىرىنى دۇنيا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەتىنى چىقىش قىلىپ تەھىلىل قىلىپ باقايلى. ترامپنىڭ ھازىرغىچە يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرى، بولۇپمۇ
باج سىياسىتى ۋە ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى خىتاي ئۈچۈن تولىمۇ پايدىلىق بولغان سىياسىي مۇھىت ھازىرلىماقتا.
1. ئالدى بىلەن باج سىياسىتىگە كەلسەك، ترامپ باج ئۇرۇشىنى 2017-يىلى خىتاي بىلەن باشلىغان ۋە باشقا دۆلەتلەرگە كۆپ كىڭەيتمىگەن. بۇ سەۋەبتىن خىتاي ئىقتىسادىغا كۈچلۈك زەربە بەرگەن. نەتىجىدە خىتايدىكى بەزى ئىشلەپچىقىرىشلار باشقا دۆلەتلەرگە يۆتكەلدى، بۇنىڭ بىلەن دۇنياۋى تاۋار تەمىنىلەش زەنجىرى كۆپ خىللاشتى. بۇ ۋاقىتتا خىتاي ئامېرىكىغا قارشى يالغۇز قالغان ئىدى. لېكىن 2025- يىلىدىن كىين تىرامپنىڭ سايىسىدا خىتاي ئۆزىگە ئوخشاش «دەرتمەنلەر» دىن نەچچىنى تېپىۋالدى. ترامپنىڭ دۈشمەن ۋە ئىتتىپاقداش دەپ قارىماي كانادا، مىكىسكا، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە رايۇنلارغىمۇ باج قويىشى ياكى قويىمەن دىيشى خىتايغا نۇرغۇنلىغان يوشۇرۇن ئىتتىپاقداش تېپىپ بەرگەن بولدى. بۇنىڭ تىپىك نامايەندىسى ئۆتكەن ھەپتە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى كومسىيونى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋوندرلېيننىڭ باشتا «ياۋرۇپا بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرسىدا تىجارەت ئۇرۇشى بولسا بۇنىڭدىن ئەڭ خۇشال بولىدىغان دۆلەت خىتايدۇر» دىيشى ۋە بىر نەچچە كۈندىن كىين خىتاي بىلەن ياخشى سودا ھەمكارلىقى مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىنى ۋە بۇنى تېىخمۇ كېڭەيتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتىشى بولۇپ ھىسابلىدۇ. ياۋرۇپا خىتايغا ئېىللىق چىراي ئېچىپ باقمىغىلى بەك ئۇزۇن بولغان ئىدى، لېكىن ترامپ ياۋرۇپانى خىتايغا ئىتىۋاتىدۇ. ياۋرۇپا ئىتتپاقى خىتاي تولۇق سىڭىپ كىرەلمەيۋاتقان ئەڭ چوڭ بازار بولۇپ ھىسابلىناتتى. بايدىننىڭ سىياسىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەنئەنىۋى ئامرىكا سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە ياۋرۇپا خىتايغا قارشى سودا ۋە ئىدولوگىيە ئۇرۇشىدا ئامرىكانىڭ تەرىپىنى تۇتۇك كېلىۋاتاتتى. لېكىن ترامپنىڭ پۇلدىن باشقا نەرسىنى تونىمايدىغان سىياسىتى ياۋرۇپانى خىتاي بىلەن يېقىنلىششقا مەجبۇرلايدۇ. يەنە كىلىپ ترامپ باجنى پۈتۈن دۆلەتلەرگە قويماقچى ئىكەنلىكىنى ئىما قىلماقتا، ئەگەر ئۇنداق بولسا نۇرغۇنلىغان دۆلەت خىتاي بىلەن بىرلكىتە ئامېرىكانىڭ سودا ئۇرشىغا قارشى تۇرىشى مۇمكىن. خىتاي بولسا ئۆتكەن قېتملىق سودا ئۇرشىدا توپلىغان تەجرىبىسى ۋە تەييارلىقى بىلەن ئامېرىكىغا قارشى كۈچلۈك ھوجۇم ۋە مۇداپىئە ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ بولدى دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇنىڭغا يەنە ترامپتىن نازارى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر قوشۇلسا ئامېرىكانىڭ ئەھۋالى چاتاق، خىتاينىڭ كەلگۈسى پارلاق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
2. ئوتترا شەرقتىكى غەززە مەسىلىسى. بۇ مەسىلە ناھاىيتى مۇرەككەپ، ھىچكىم تېخى تولۇق ھەل قىلىش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويالىغىنى يوق. ئەمما ترامپنىڭ بىردىنلا ئاساسلىق ئاكتيورغا ئايلىنىپ غەززەنى ئامېرىكىغا ئۆتكۈزۋالماقچى بولۇشى، غەززەلىكلەرنى باشقا يەرگە ھەيدىشى ئامېىرىكانىڭ دۇنياۋى لىدىرلىق ئورنىغا زەربە بېرىدۇ. باشقا دۆلەتلەرگە نىسبەتەن لىدىر ئەمەس بەلكى لۈكچەك تەسىرىنى بېرىدۇ. بۇ يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا 2-دۇنيا ئۇرۇشدىن كىين ئۆزى باش بولۇپ قۇرۇپ چىققان دۇنيا سىستىمىسىنىڭ ئاساسى قىممەت قاراشلىرى بولغان كىشىلىك ھوقۇق، دمكراتىيە ۋە ئەركىنلىك قاراشلىرىغا زىت ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يەككە تەرەپلىك قارار. بۇ خىتاي ئۈچۈن يەنە بىر تېپلىماس پۇرسەت. كۆرۈپ تۇرغىنىمىزدەك خىتاي خەلقئارا سەھنىلەردە ۋە دىپلوماتىيەدە خاماس ۋە پەلەستىن خەلقى ۋە دۆلىتى تەرەپتە تۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئەسىلىدە خىتاي بىلەن خاماس ۋە پەلەستىنلىكلەرنىڭ يېقىن مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخى بەكلا ئۇزۇن. خىتاينىڭ پەلەستىن سىياسىتى تۈپەيلىدىن خىتاينىڭ ئەرەبلەر ھەتتا پۈتۈن مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا ئوبرازى ياخشى. شۇڭا خىتاي بۇ كوزۇرنى قويۇپ قويماي ياخشى ئويناۋاتىدۇ. ترامپ بىر تەرەپلىمە زورلاش خاراكترلىك ھەركەت قىلغان پەيتتە خىتاي غەززەنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرسە ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ب د ت دا ئاكتىپ ھەركەتكە ئۆتكەندە ترامپ باشچىلىق قىلغان ئامېرىكا مەنىۋىيەت ۋە يۇمشاق كۈچ جەھەتتىن خىتايغا ئۇتتۇرىدۇ.
3. خەلقئارالىق ئورگانلاردىن چىكىنىپ چىقىش. تىرامپنىڭ نەزىرىدە خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ ئەھمىيتى يوق ياكى ئامېرىكا ئۈچۈن يۈك. ئالدىمىزدا ب د ت ۋە ناتودىن چىقىپ كەتسىمۇ ھەيران قالمىساق بولىدۇ. بەزى جەھەتلەردە ترامپنىڭ ئويلىغىنى توغرا بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ھازىرقىدەك بىر پەيتتە بۇ يەنە خىتايغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. خىتاينىڭ ئامېرىكا چىقىپ كەتكەن ئورگانلارنى تولدۇرغۇدەك پۇلى بار ۋە بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئورگانلارنى كونترول قىلىپ ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالايدۇ. بۇ جەھەتتىنمۇ خىتايغا قوش پايدا بولىدۇ. خەلقئارالىق ئورگانلاردا لىدىرلىق خىتايغا قالىدۇ.
4. ئامېرىكانىڭ ياردى پۇللىرىنى كىسىشى يەنى ئوخشاش شەكىلدە ئۇنىڭ لىدىرلىق ئورنىغا پالتا چاپىدۇ. ئوخشاش شەكلىدە بۇ ياردەملەرنىڭ ئورنىنى يۇقىرى نىسبەتتە خىتاي ئالىدۇ ۋە خىتاينىڭ تەسىر كۈچى يەنە ئېشىپ ماڭىدۇ. خىتاي بۇنداق مەسىللەرنى ئۆزىنىمۇ زىيانغا دەسسەتمىگەن ھالدا قىلىپ كىتەلەيدىغان كۈچكە ئىگە. ئەگەر ياردەم ئىشى خىتايغا قالىدىغان بولسا بەلكىم خىتاي ئۈچۈن ياخشى بولمايتى. لېكىن ياردەم يەنە باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولىدۇ، پەقەت خىتاينىڭ چوڭ ۋە كۆرىنەرلىك بولۇشى مۇمكىن.
بۇلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكانىڭ ئۆزى قۇرغان دۇنيا سىستىمىسى قىممەت قاراشلارنى رەت قىلىشى ۋە چىكىنىپ چىقىشى بولۇپ بەزى خەھەتلەردىن ئامېرىكا ئۈچۈن پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن ئامېرىكىغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىنشى، ئىشسىزلىق ئازىرىيىشى ۋە ئامېرىكا غەزىنىسىگە جىق پۇل كىرىشى مۇمكىن. لىكىن ئىشلار بۇنداق بولماسلىقىمۇ مۇمكىن. چۈنكى باشقا دۆلەتلەر ئامېرىكىغا مەبلەغ سالماسلىقمۇ مۇمكىن. يەنە كىلىپ ھەممە دۆلەتكە باج قويۇش ئامېرىكىدا مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ خەلقنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۋىتىشى مۇمكىن. يەنى دەردىنى ئامېرىكا خەلقى تارتىشى مۇمكىن. ئەمدى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كەلسەك يۇقىرىدىكى ياۋرپا ئىتتىپاقىغا باج قويۇش ۋە غەززەر خەلقىنى سۈرۈش، شۇنداقلا ياردەمنى كىسىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر داۋاسىغا ناچار تەسىركۆرسىتىدۇ.
1. ياۋرۇپا ترامپنىڭ باج ئۇرۇشى سەۋەبلىك خىتاي بىلەن يېقىن بولۇپ كەتسە ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ياۋرۇپا ئايىغى شەكىلدە بار، ئەمەلىيەتتە يوق ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن. ياۋرۇپادىكى خىتايغا باغلىنىپ قالمايدىغان كىشىلىك ھوقۇق قۇرلۇشلىرى يەنىلا بىزنىڭ مەسىلىسنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلەلىسمۇ دۆلەتلەر جىم تۇرۋالدىغان ياكى ئاغزىدا ھە دەپ قويۇپ خىتايغا ھىچقانداق بېسىم ئشلەتمەيدىغان ھالەتكە كېلىپ قېلىشى مۇمكىن.
2. غەززە مەسىلىسىدە ناۋادا ئىش چوڭىيىپ كەتسە، ترامپ غەززە خەلقىنى مەجبۇرى سۈرگۈن قىلسا ۋە بۇ ئەھۋالدا خىتاي بۇ مەسىلىگە غەززە خەلقى تەرەپدارى شەكىلدە ئارلاشسا مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ۋە تەشكىلاتلىرى ئارسىدا ئۇيغۇر داۋاسى ئوميۈزۈلۈك نەزەردىن ساقىت قىلىنىشى، ئۇلار تېخىمۇ خىتاي پەرەسىت بولۇپ كىتىشى ۋە ھازىرقىدىنمۇ بەك خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسەتلىرىنى ماخىتاپ ئۇچۇرۇپ بېرىشى مۇمكىن. ھەتتا غەززەنى قوللايدىغان مالايسىيا ۋە ھىندونىزىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ بىزنىڭ مەسىلىنى قۇربان قىلىۋىتىشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا بىزنىڭ داۋا كۆرۈنمەس ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ.
3. سىرتقى ياردەملەرنىڭ كېسىلىشى. دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق داۋالىرىنىڭ ھەممىسى ياردەم بىلەن بولىدۇ. بۇ ياردەملەر دۆلەتلەردىن، ئورگانلاردىن، شىركەتلەردىن ۋە شەخسلەردىن كېلىدۇ. ئامېرىكا دۇنيادىكى دىمكراتىيە ئۈچۈن ئەڭ كۆپ فون بېرىدىغان دۆلەت. بىز بىلمىسەكمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ داۋا ئورگانلىرىدىن ۋاستىلىق ياكى بىۋاستە ئېلىۋاتقانلىرى بولۇشى مۇمكىن. بۇ ياردەم فونلىرىنىڭ كىسىلىشى بۇلارغا باغلىق بولغان كشىلىك ھوقۇق كۆرەشلىرىگە ئەجەللىك زەربە بولىدۇ.
4. بۇنىڭدىن سىرىت ئامېرىكانىڭ دۇنيانىڭ ئىشلىرىدىن ئۆزىنى تارتىشى ياكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئۆزىنىڭ قىلىشى دۇنيادا دىكتاتۇر تاكى پاپۇلىسىت لىدىرلارنىڭ كۆپىيىپ ۋە كۈچيشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. مانا بۇمۇ دەل خىتاي ئويلايدىغان بىر ھالەت. بۇنداق بولغاندا كىشلىك ھوقۇق چىكىنىدۇ، دۆلەتلەر بىر نەچچە كىشىنىڭ ئاغزىغا قاراپ قالىدۇ، خىتاينىڭ تەسىر كۈچى ئېشىپ بەزى دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلارغا بولغان ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن باستۇرۇشلارمۇ ئېشىپ بېرىشى مۇمكىن
بۇ ئامىللارنى ئويلاشقاندا ترامپ دەۋرى بەلكىم بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ياخشى دەۋر بولماسلىقى مۇمكىن. بەلكىم بىرلىرى چىقىپ ماركو رۇبىيودەك ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىسى بار دىيشى مۇمكىن. لىكىن رۇبىيۇ بىر كىشىنىڭ كۈچى تولىمۇ ئاجىزلىق قىلىدۇ. ھەتتا ئامېرىكا بىزنى تېخىمۇ كۈچلۈك قوللىغان تەقدىردىمۇ يۇقىرقىدەك ھەممە دۆلەت بىلەن جىدەل قىلغان ئامېرىكا يەككە ھالەتتە بىزنى خەلئقئارا سەھنىدە ئالغا ئىلگىرلىتىپ ماڭالمايدۇ، چۈنكى بىزنىڭ داۋا بىر دۆلەتنىڭ قوللىشى بىلەن بولىدىغان داۋا ئەمەس.
يۇقىرىدا دىيلىگەندەك، بۇ ئانالىزلارنىڭ ھەممىسى ترامپنىڭ ھازىرغىچە يولغا قويغان ياكى يولغا قويماقچى بولغان سىياسەتلىرىگە ئاساسەن ئېلىپ بېرلىدى. ترامپنىڭ ئەتراپىدىمۇ ئەقىللىق ئادەملەر كۆپ. ئۇلارمۇ بۇ سىياسەتلەرگە باشقا دۆلەتلەرنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇردىغىنىنى ۋە يۇقىرىدا تەھىلىل قىلىنغاندەك نەتىجىلەرنىڭ چىقىشىنى تەخمنىن قىلالايدۇ. شۇڭا ھازىرقى سىياسەتلىرى بەلكىم ئىشنىڭ كۆرۈنگەن تەرىپى بولۇپ ئەسلى ئىستراتىگىيسى بۇنىڭدىن چىقىشمۇ مۇمكىن. يەنى ترامپ غەربنى خىتايغا تاشلاپ بەرمەسلىكى، ياردەملەرنى قايتىدىن ئويلىشىپ يولغا قويۇشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا نەتىجە باشقىچى بولىدۇ. لېكىن ھازىرقى سىياسىتىنى يۈرگۈزسە ترامىپ 4 يىل خىتايغا ئىشلەپ بەرگەن بولىدۇ.
Share
29 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.