logo

trugen jacn

جۇڭگونىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تىل ئاسلىمىلايەسى ۋە فرانسىيەنىڭ ئالجىرىيە تەجرىبىسى

 

م.ئازات

يىل 2009- 2. ئاينىڭ 26. كۈنى

 

جۇڭگونىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تىل ئاسلىمىلايەسى ۋە فرانسىيەنىڭ ئالجىرىيە تەجرىبىسى

 

بۇگۇن جۇڭگو ھۇكۇمىتى، ئۇيغۇر تىلىنى ئۇيغۇر مىللىتىدىن ئايرىپ تارىخى مۇزىلارغا قويغاندىلا، ئۇيغۇر مىللىتىىنى خەن مىللىتىنىڭ تەركىۋى قىسمىدىكى بىر ھۇجرەگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ، دەپ قارىماقتا. بۇ ”قوش تىللىق مائارىپ“ تەشەببۇسنى نۇر بەكرى 2000-.يىلى 12. ئايدا ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىكۇم دايىمى ئەزالىقىغا ئوستۇرۇلگەندىن كېيىنكى تۇنجى ھەپتىسى ئېچىلغان چاڭۋىيلار يېغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، خەنزۇ رەھبەرلەر، ئۇيغۇر، خەنزۇ بالىلارنىڭ بىر سىنىپ، بىر مەكتەپتە ئوقۇشى، خەنزۇ بالىلارنىڭ ئوقۇش سۇپىتىنى تۇۋەنلىتىۋېتىدۇ، دەپ قارىغانلىقى ئۇچۇن ئىتىۋارغا ئېلىنمىغان ئىدى. نۇر بەكرى 2002.يىلى مەركەزگە ”قوش تىللىق مائارىپ“ نىڭ ئەھمىيىتى توغرۇلۇق ئەتىراپلىق بىر دوكلات يازدى. 2003.يىلى 4.ئاينىڭ 1. كۇنى مەركىزى كومىتىت تەشكىلات بولۇمىدىن نۇر بەكرىنىڭ ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىكۇمنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارلىقىغا تەيىنلەنگەنلىك ئۇختۇرۇشى كەلدى. 4. ئاينىڭ 2. كۇنى مائارىپ مىنىستىرلكى، نۇر بەكرىنىڭ “ قوش تىللىق مائارىپ تەكلىپنىنى شىنجاڭدا رەسمى تەجىربىدىن ئوتكۇزۇش لاھىيەسى“نى ئېلان قىلدى 2005.يىلى 27. دىكابىر كۇنى نۇر بەكرى شىنخۇۋاشې مۇخبىرى جو شىڭبىنغا 2006.يىللىق ئوقۇش مەۋسىمىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇندا 6-10 ياش ئارىسىدىكى بارلىق ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىغا ”قوش تىللىق مائارىپ“ تۇزۇمى مەجبۇرى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىنى ئۇيغۇر ئوسمۇرلىرىنىڭ كاللىسىدىن يۇيۇپ تازىلاپ، ياش مېڭىلەرگە خەنزۇ تىلىنى قاچىلاش ئۇچۇن قانۇن – تۇزۇملەر تۇزۇلدى. ھەر يىلى بۇيۇك مىقتاردا مەبلەغ ئاجىرتىلماقتا. ئۇيغۇر خەلقى، ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنىڭ ئېغىر ۋە دەھشەتلىك تەھدىتكە دۇچ كىلىۋاتقانلىقىدىن جىددى ئەندىشە ھىس قىلماقتا. مىللى تىل ۋە مىللى مەدىنىيەتنى قوغدايدىغان ئامىل مىللىي روھىتۇر. مىللى روھ يۇقالماي تۇرۇپ، مىللەت يوق بولمايدۇ. يوقۇلۇش ۋە ياكى مەۋجۇت بولۇش بىزنىڭ ئوزىمىزگە باغلىق. قەدىرلىك مىللىتىمنىڭ ئۇمۇدىنى يوقاتماسلىقى ئۇچۇن ئالجىرىيە تەجىربىسىنى تونۇشتۇرۇپ ئوتمەكچىمەن

ئالجىرىيە 1830.يىلىدىن 1962.يىلىغا قەدەر 132 يىل فرانسىيەنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدا قالدى.ئالجىرىيىدە قۇراللىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىپ كەلدى.1840-1850.يىللىرى ئارىسىدا،ئالىجىرىيەنىڭ ئەڭ مۇنبەت زىمىنلىرىدا يەرلىك خەلقنىڭ قولىدىن مەجبۇرى تارتىۋېلىنغان 115000 گېكتار تېرىلغۇ يېرى فرانسۇز كۆچمەنلەرگە ھەقسىز تارقىتىپ بېرىلدى.ئالىجرىيەدىكى ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ياۋروپادىن تېخىمۇ كۆپ كۆچمەننىڭ كېلىشى رىغبەتلەندۈرۈلدى.1930.يىلىغا كەلگەندە كۆچمەنلەرگە ھەقسىز تەقسىم قىلىپ بىرىلگەن يەر-زىمىن مىقتارى 2 مىليون 345 مىڭ گىكتارغا يەتكەن ئىدى. مۇنبەت زېمىنلاردىن مەجبۇرى كۆچۈرۈۋېتىلگەن يەرلىك ئەرەبلەر ئالجىريەنىڭ چۆل يەرلىرىگە كۆچۈرۈلۈپ،قۇدۇقلاردىن سۇ چىقىرىپ چۆلنى بوستانغا ئايلاندۇرۇشقا مەجبۇرلاندى.ئالجىرىيە،1871.يىلى فرانسىيەنىڭ بىر مەمۇرىي ئۆلكىسىگە ئايلاندۇرۇلۇپ،فرانسىيە ئىچكى ئىشلەر مىنىستىرلىكىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. 1871.يىلى مۇھەممەد ئەل-مۇقرانى،1881.يىلى سەيدى شەيخ باشچىلىقىدا پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىكى 200 دىن ئارتۇق قەبىلىلەر بىرلىشىپ قۇراللىق ئىسيان كۆتۈرگەن بولسىمۇ ھەممىسى دەھشەتلىك تۈردە باستۇرۇلدى. ئادەمسىز قالغان يەر-زېمىنلا فرانسۇز كۆچەملەرنىڭ قولىغا ئۆتتى.خەلق ئىسيانى 1920.يىللارغىچە داۋام قىلدى.فرانسىيە،ئۆزلىرىگە سادىق ئەرەب ئەمەلدار ۋە بايلارنىڭ بالىلىرىنى ئوقۇتۇشتىن باشقا،بولۇپمۇ 20.ئەسىرنىڭ 20-30.يىللىرىدىن باشلاپ ئالجىرىىلىك يېتىم،ياكى يۇقسۇئۇل بالىلارنى يىغىپ،پىرانسىيەدە،شەكلى ئەرەب،روھى تامامەن فىرانسۇزلاشقان ئالى مەلۇماتلىق ئونمىڭلىغان كىشىنى تۈركۈم-تۈركۈملەپ يېتىشتۈرۈپ،ئالجىرىيىدە ئەرەپنىڭ قولى بىلەن ئەرەپنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ھەر دەرىجىلىك خىزمەتلەرگە ئورۇنلاشتۇردى.ياۋروپا مەدەنىيىتىنى ئۆزلەشتۈرگەن، فرانسىيەنىڭ ئەركىنلىك،ئادالەت،ئەخلاق،تەڭ-باراۋەرلىك مۇھىتىدا يېتىشكەن ئەرەبلەر،ئۆز ۋەتىنىگە كەلگەندىن كېيىن كۆرگەنلىرى،ھېس قىلغانلىرى تامامەن باشقا ئىدى.فىرانسۇز ھاكىمىيىتى،ئەرەپلەرگە شەپقەتسىز مۇئامىلە قىلاتتى.ئەرەپلەرنى ھايۋاندىن پەرقسىز ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە كۆرەتتى.ئەرەبلەر بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئىزىلگەنلىكلىرىنى،خارلانغانلىقلىرىنى ھېس قىلسىمۇ،قارشى چىققۇچىلىك ماجالى قالمىغان ئىدى.ئۈمىتسىز،تەقدىرىگە تەن بەرگەن خەلققە ئايلانغان ئىدى. فىرانسۇزلاشقان ئەرەبلەر،ئۆز ئارىسىدا تەشكىلاتلىنىشقا باشلىدى.ئۇلار،بىر تەرەپتىن سەھرا ئەرەپلىرىگە فرانسۇز تىلى ۋە مەدەنىيىتى ئۆگەتسە،يەنە بىر تەرەپتىن،فىرانسۇزلاردەك ئەركىن،باياشات ياشاش ئۈچۈن فرانسىيەنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلۇش كېرەكلىكىنى تەشۋىق قىلدى.ئىشنىڭ قىززىقى يېرى شۇكى،2.دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيە تەرىپىدىن تامامەن ىئىشخال قىلىنغان،گېنېرال دېگۇل ئەنگىلىىيەگە قېچىپ بېرىۋالغان ئىدى.مېڭىسى ئېزىپ تاشلانغان فرانسىيە قۇيرۇقى بىلەن ئالجىريەنى قاتتىق كونترول قىلىپ تۇرىۋاتاتتى1945.يىلى2.دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىشنىڭ ئىلھامى بىلەن ئالجىرىيە خەلقى تىنىچ يول بىلەن ئەركىنلىك ئارزۇلىرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن 1945.يىلى 8.ئاينىڭ 5.كۈنى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئەلىپ باردى.نامايىشچىلار ئالجىرىيەنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىققان ئىدى. فرانسىيە ئارمىيىسى،قانۇنسىز بايراقنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلدى،دېگەن باھانە بىلەن نەمايىشچىلارنى ئوققا تۇتۇپ،بىر نەچچە كۈنلۈك قەتلىيامدا 45000 كىشىنى شەھىد قىلدى. 1954.يىلىغا كەلگەندە ئالجريەدە قوراللىق قارشىلىق ھەرىكەتلەر باشلانغاندا.ئالجىرىيە مىللى ئازاتلىق ھەرىكىتىنىڭ سىياسى باش شىتابلىرىڭ بىرى پارىژدا ئىدى
فرانسىيىدە ئوقۇۋاتقان ئالجىرىىلىك ئوقۇغۇچىلار،زىيالىيلار،ئىشچىلار،سودىگەرلەر…ئالجىريەدىكى مىللى تەڭسىزلىكلەرنى فرانسۇز خەلقىگە كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلماقتا ئىدى.ئۇلارنىڭ تەشۋىقاتلىرى نەتىجىسىدە،فرانسىيەنىڭ ئاتاغلىق يازغۇچىسى ۋە پەيلاسوپى جەئان پائول سارترە (1905-1980) باشچىلىقىدىكى زىيالىيلار ئالجىرىيە خەلقىنىڭ ھەققانى كۈرەشلىرىنى قوللاشقا باشلىدى.جەئان پائول سارترە نىڭ باش مۇھەررلىگىدىكى ئەديىبى-سىياسى جورنال “لەس تېمپس مودرەنس” دا ئالجىريەنىڭ ھەققانى كۈرەشلىرىنى قوللايدىغان يالقۇنلۇق ماقالىلار دۇنيانىڭ ھەممە قىتئەلىرىگە تارقىلىشقا باشلىدى.پارىژ كوچىلىرىدا 5-6 مىڭ ئەرەب بىلەن 50-60 مىڭ فرانسۇز “ئالجىرىيەگە ئەركىنلىك!”دەپ شوئار توۋلىشىپ نامايىش قىلىشقا باشلىدى.جەئون پائول سارترە،فرانسىيە دۆلەت رەئىسى گېنېرال چارلېس دېگئۇل بىلەن شەخسى دوسلۇغىدىن پايدىلىنىپ بۇ ھەقتە بىر نەچچە قېتىم كۆرۈشتى. دېگئۇل ئالجىريەدىكى بىر ئۇچۇم پارازىت فرانسۇزلارنىڭ مەنپەئەتىدىن ۋاز كېچىپ مەسىلىنى سىياسى يول بىلەن ھەل قىلىشقا قارار قىلدى.1962يىلى7. ئاينىڭ 5.كۇنى ئالجىريەنىڭ مۇستەقىللىقى خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇلدى.   1,6مىليون كىشى مۇستەقىللىق،16 مىڭ كىشى مۇستەقىللىققا قارشى ئاۋاز بەردى . ئالجىرىيە مۇستەقىللىغىغا ئېرىشتى. شۇڭا 5. ئىيۇل ئالجىريەنىڭ مۇستەقىللىق بايرام كۇنى دەپ بىكىتىلدى. 1954. يىلى قۇراللىق كۈرەش باشلانغاندا ئالجىرىيەنىڭ نوپۇسى 9 مىليون ئىدى.ئالجىرىيىدە 8 يىللىق ئۇرۇشتىن كېيىن مەملىكەت بۇپۇسى ئازىلىپ 8 مىليونغا چۇشۇپ قالغان ئىدى. ئالجىرىيە 1 مىليون ئالجىرىيەلىكنىڭ جېنى بەدىلىگە مۇستەقىللىققا ئېرىشتى. ھازىر ئالجىريەنىڭ نوپۇسى 32 مىليون 500مىڭ.دۆلەت تىلى فرانسۇز ۋە ئەرەب تىلى.ئۇنىۋەسىتىتلاردا دەرسلەر فرانسۇز ۋە ئەرەب تىللىرىدا ئۆتۈلىدۇ.دۇنيادا،تەبىئي گاز ئىشلەپ چىقىرىشتا 5.ئىنجى،نېفىت ئىشلەپ چىقىرىشتا 13.ئىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ. فرانسىيە مەدەنىيىتى بىلەن يېتىشتۈرۈلگەن ئەرەب زىيالىيلار قوشۇنى ئالجىرىيەنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىدە غايەت زور تۆھپىلەرنى قوشتى

نەتىجە؛ فرانسۇزلار،ئالجىرىيەنى ئۆزلىرىگە ئەبىدى باغلاپ تۇرۇش ئۈچۈن،ئاغزىدىن ئانا سۈتى پۇراپ تۇرىدىغان ئەرەب بالىلىرىدىن فرانسۇز ياراتتى.فىرانسۇزلاشقان ئەرەبلەر،مۇستەقىل ئالجىرىيەنى ياراتتى. ماۋ زېدوڭ “ياخشى ئىشتىن يامان نەتىجە،يامان ئىشتىن ياخشى نەتىجە چىقىشى مۇمكىن”دەپ بىكارغا ئېيتمىغان. بۇ ۋەقەلەر،تارىخقا “فرانسىيەنىڭ ئالجىرىيە تەجرىبىسى”دەپ يېزىلدى

يىل 2009- 2. ئاينىڭ 26. كۈنى

ئىزھات: بۇ ماقالە ئۆز ۋاقتىدا ۋەتەندىكى كۆپلىگەن تورلاردا ئېلان قىلىنغان

Share
1939 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.