logo

trugen jacn

جىياڭ جېشىنىڭ 1945-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئېيتقانلىرى

ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندى جىياڭ جېشى بىلەن كۆرۈشمەكتە. 1946-يىلى 28-دېكابىر، نەنجىڭ

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

ئىلاۋە: گومىنداڭ پارتىيەسى رەئىسى جىياڭ جېشى 1945-يىلى 24-ئاۋغۇست كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن گومىنداڭ مەركىزىي ھەيئەتلەر يىغىنى ۋە دۆلەت مۇداپىئە ئالىي كومېسسارلىقىنىڭ بىرلەشمە يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە تاشقىي موڭغۇلىيە قاتارلىق «چېگرا رايون مىللەتلىرى» نىڭ سىياسىي تەقدىرى ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن خىتاي مىقياسىدا مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىش ھەققىدىكى سىياسىتى ھەققىدە مۇھىم سۆزلەرنى ئېيتقان. بۇ نۇتۇق بىر تارىخىي ھۈججەت بولۇپ، يەرلىك خەلقلەرگە مۇستەقىللىق ھوقۇقى بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا ياردەم بېرىش ئەينى چاغدىكى خىتاينىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى بولغان جياڭ جېشى تەرىپىدىن ئوچۇق ئاشكارە ھالدا ئېيتىلغان. بۇ نۇتۇقتىكى مەزمۇنلار 1945-يىلى ئۆكتەبىردە ئۈرۈمچىدە باشلانغان 11 بىتىم تېنچلىق سۆھبىتىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشلىرىدىن تارتىپلا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋەكىللىرى تەرىپىدىن نەقىل ئېلىنغان ۋە 1946-يىلى نويابىردا نەنجىڭدا ئېچىلغان «خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى» مەزگىلىدىمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئالىي مۇختارىيەت ھوقۇقىنى قانۇنلاشتۇرۇش ھەققىدىكى ئۇرۇنۇشلاردىمۇ داۋاملىق تىلغا ئېلىنغان. بۇ نۇتۇقتىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار گومىنداڭ باشلىق بارلىق خىتاي ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خەلقىمىزگە بەرگەن ۋە ئەمەلىيلەشمىگەن قۇرۇق ۋەدىلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەسكە سېلىش مەقسىتىدە بۇ مۇنبەرگە يوللاندى. بۇ نۇتۇقنىڭ خىتايچە ئەسلى نۇسخىسى ھېلىھەم تەيۋەندىكى دۆلەتلىك تارىخ سارىيى ئارخىپلىرىدا ساقلانماقتا ۋە خالىغان كىشى توردىن چۈشۈرۈپ كۆرەلەيدۇ.


«بىزنىڭ خىتاي گومىنداڭ پارتىيەمىز مىنگونىڭ 13-يىلى (1924-يىلى) دىكى قايتا تەشكىللەشتىن بېرى تاشقىي موڭغۇلىيە ۋەكىل ئەۋەتىپ تەبرىكلىگەن، دۆلەت ئاتىمىز (سۈن جۇڭشەن) ئۇلارنى ئەزىز مېھمان سۈپىتىدە كۈتۈۋالغان، ھەرگىزمۇ ئۇلارنى ئۆزىگە قارام دۆلەت قاتارىدا كۆرىدىغان نىيەت ۋە پوزىتسىيەدە بولمىغان، ھەرگىزمۇ بېيجىڭ ھۆكۈمىتى (بېيياڭ ھۆكۈمىتى ياكى شىمالىي مىلىتارىستلار) دەك ئۇلارنى مۇستەملىكە دەپ قاراپ باستۇرمىغان ئىدى…

بىز ھازىر ياپون ئېمپىرىيالىزىمى مەغلۇپ بولۇپ، شەرقىي ئاسىيادا تەرتىپ ۋە تېنچلىق بەرپا بولغان ئەۋزەل ۋەزىيەتنى دەل بىر چوڭ ۋە مۇھىم مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ پۇرسىتى دەپ ھېسابلايمىز. شۇنداقلا تاشقىي موڭغۇلىيە دوستانە روھىي ھالەت بىلەن، قانۇنىي تەرتىپكە ئۇيغۇن ھالدا ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويسا، ھۆكۈمىتىمىز ئۇنى ئېتىراپ قىلىدۇ…

بىزنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىمىز ۋە خەلقىمىز چوقۇم ئالىيجاناپ سەمىمىيەت ۋە قەيسەر نىيەتلىك بولۇپ، ھەرگىزمۇ ياپونىيەنىڭ كورىيەگە تۇتقان يولىنى دورىماسلىقىمىز كېرەك. ئۆز ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە مۇستەقىللىق روھى بار بولغان بارلىق مىللەتلەرگە چوقۇم سەمىمىيلىك بىلەن ياردەم بېرىپ ئۇلارنىڭ ئۆسۈشىگە، ئۇلارنىڭ ئۆز ئۆزىگە خوجا ۋە مۇستەقىل بولۇش ئارزۇسىغا يېتىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك… ئۆلكىلەر (خىتاي ئۆلكىلىرى) سىرتىدىكى چېگرا رايون مىللەتلىرى ئۆز ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىغا ۋە مۇستەقىللىق ئىرادىسىگە ئىگە بولسا، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن مۇستەقىللىق دەرىجىسىگە ئۇلاشقان چاغدا دۆلىتىمىز ئۇلارغا چوقۇم مېھرىبان ۋە دوستانە پوزىتسىيە ۋە روھ بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، تەبىئىي ھالدا ئۇلارنىڭ ئازات ۋە مۇستەقىل بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. ئۇلارنى مەڭگۈ خىتاي بىلەن تەڭ ئورۇندىكى قېرىنداش دۆلەتلەر سۈپىتىدە كۆرۈشىمىز كېرەك…»

يۇقارىقى ئۈزۈندىلەرنىڭ خىتايچە نۇسخىسى تۆۋەندىكىچە:

 

«مىللەتچىلىك مەسلىكىنى تاماملاپ، خەلقئارا تېنچلىقنى قوغداش» (完成民族主義維護國際和平) ناملىق بۇ نۇتۇقنىڭ خىتايچە تولۇق تېكستى تۆۋەندىكى ئۇلانمىدا:

http://www.ccfd.org.tw/ccef001/index.php?option=com_content&view=article&id=2426:0025-11&catid=154&Itemid=256

بۇ نۇتۇقنىڭ تولۇق تېكستىنىڭ خىتايچە ئەسلى نۇسخىسى تەيۋەندىكى دۆلەتلىك تارىخ سارىيى ئارخىپلىرىدا ساقلانغان بولۇپ، پايدىلىنىشقا قولاي بولسۇن ئۈچۈن سۈرەتلىرى تۆۋەندە يوللاندى:

 

مەزكۇر ھۈججەت تىلغا ئېلىنغان بىر قانچە مەنبە:

 

https://www.akademiye.org/ug/?p=158005
Share
4177 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.