logo

trugen jacn

تەھدىت ئاستىدىكى مەدىنىيەت تەخىمۇ كۈچىيىدۇ

 

م.ئازات

 

ئۇيغۇر مەدىنىيىتى،مەدىنىيەت ئىنقىلاۋىدىن كەيىن ئىككىنجى قەتىم ئۇمۇمىيۈزلۈك ۋە شىددەتلىك ھۇجۇمغا،بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىماقتا.

1.

قەشقەرنىڭ مىللىي ۋە ئىسلامىي بىناكارلىق سەنئىتىگە مەنسۇپ شەھەر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ يىقىلىشى،

2.

قەدىمى ئۇيغۇر ئارخۇلوگىيە بۇيۇملىرىنىڭ،قەدىمى مۇميا جەسەتلەرنىڭ ئوغۇرلۇنىشى،بۇزغنچىلىققا ئۇچىرىشى

3.

سانائەت تسىسلىرى تەرىپىدىن ئەقىتىپ چىقىرىلغان زەھەرلىك خەمىيەۋى ماددىلارنىڭ يۇرتىمىزنىڭ تاغ-دەريا،ئەتىز-ئەرىقلىرىنى بۇلغىشى

4.

سۇ مەنبەلىرىنىڭ ئازىلىشى،ھاۋا كىلمىاتىنىڭ بولغۇنىشى،تەبىى بايلىقلارنىڭ مىسلىسىز ئاچكۆزلۈك بىلەن تالاڭ-تاراچ قىلىنىشى.تەكلىماكان ئەتىراپىدىكى بوستانلىقلارنىڭ چۆللىشىپ كەتىشى

5.

يۇرتىمىزدىكى مىللىي مەدىنىيەت ئىزلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى.تارىخى مىللىي ئىزلارنىڭ ئۆچۈرلىشى.
تاغ-دەريالىرىمىزنىڭ،شەھەر-يۇرتلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسىملىرىنىڭ ئۇنۇتۇلدۇرىلىشى،خەنزۇچە ئىسىم بىلەن ئاتىلىشى

6.

ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىك،پاسپورتلىرىدا ئىسمىنىڭ خەنزۇچە يەزىلىشى ۋە خەنزۇچە ئاھاڭ ئاساسىدا ئەڭىلىزچە يەزىلىشى،بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەسلى ئىسمى بىلەن ھەچ مۇناسىۋىتى بولمىغان،ئۇيغۇر تىلىدا چۈشۈنۈش مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىسىمنىڭ كىملىك،پاسپورت ئىگىسىگە مەجبۇرى تەڭىلىشى

7.

ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ياغلىقى،ئەرلىرىنىڭ ساقال-بۇرۇتىنىڭ چەكلىنىشى

8.

ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ 18 ياشقا كىرگەنگە قەدەر دىينىنى ئۈگۈنىشكە يول قويۇلماسلىغى،دۆلەتتىن مااش ئالغانلارنىڭ ناماز قىلىشى،رۇزا تۇتۇشىغا يول قويولماسلىغى

9.

ئۇيغۇر باىلىرىنى 4- 5 يەشىدىن باشلاپلا خەنزۇچە تىلىنى چىقىرىش ئۈچۈن يەسلىلەرگە ئەلىپ كەتىلىشى،ئۇيغۇر بۇۋاقلاردىن خەنزۇ يارىتىشنىڭ ئىسمىنى “قوش تىللىق ماارىپ”دەپ قويۇپ،ئاسىمىلاسىيە بەسىمىنىڭ شىددەتلىك تۈردە داۋام قىلىشى.

10.

خەنزۇ ئاھالىسىنى يۇرتىمىزغا،ئۇيغۇر ئاھالىسىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەش ئىستىراتىگىيەسىنىڭ سۈرئەت بىلەن داۋام قىلىشى

11.

ئۇيغۇرلارغا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ شەپقەتسىزلىك بىلەن ئىجىرا قىلىنىشى

12..

ئۇيغۇر مىللىتى ئارىسىدا ئەيدىز كەسىلىنىڭ ئىنساننى چۈچىتىدىغان دەرىجىدە يامراپ كەتىشى

13.

ئۇيغۇر مائارىپ  ۋە باشقا ساھەلەردىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ سىقىپ چىقىرىلىۋاتقانلىغى

14.

ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ قالاق،يوقسۇل،ئۈنۈمسىز يەزا ھاياتىدا قورشاپ تۇتۇپ تۇرىلىشى

15.

كۈندىلىك ئىش ھاياتىدا ۋە تەلىۋىزور،رودىو،گىزىت،كىنو-سەنەت،تىجارەت،ئىجتىماى مۇناسىۋەتلەردە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىستىخىيەلىك ھالدا تىل ئاسلىمىلاسسىيەسىگە مەجبۇرلىنىشى….

بۇلارنىڭ ھەممىسى،قاتمۇ-قات،تەرەپ-تەرەپتىن ئۇيغۇر مىللىي مەدىنىيىتىنى شىددەتلىك بومباردىمان قىلىۋاتقان ئامىللاردۇر

ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىدىكى تاغ-دەريالار،شەھەر-قىشلاق… ھەر يەرنىڭ ئىسمى خەنزۇ تىلىغا ئالماشتۇرۇلغان بولسىمۇ،بۇ ۋەتەننىڭ تاغ-دەريالىرىنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىش،ئۆزىگە خاس تەبىى جۇغراپىيەلىك ئىقلىمىنى ئۆزگەرتىش ھەچ قانداق زوراۋان كۈچنىڭ قولىدىن كەلمىدى

ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كىملىك،پاسپورتلىرىدا ئىسمى خەنزۇچە ئاھاڭلارغا ئۆزگەرتىلىپ چۈشۈنىكسىز،يات ئىسىمغا ئۆزگەرتىلىۋاتقان بولسىمۇ،ئۇيغۇر تىلى،دىنى،ئۆرپە-ئادىتى،مەدىنىيىتىنىڭ پائالىيەت چەمبىرىگى كۈنسىرى تارىيىپ بەرىۋاتقان بولسىمۇ،ئۇيغۇر مىللىتى تامامەن بويسۇندۇرۇلىۋاتقان بولسىمۇ،بۇ مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس مىللىي چىراي-شەكلىنى ئۆزگەرتىش،بوي سۇنغان ۋۇجۇتلاردىكى ئىگىلمەس-سۇنماس مىللىي روھنى بوسۇندۇرۇش ھەچقانداق قۇدىرەتلىك كۈچنىڭ قولىدىن كەلمىدى

ئۇيغۇر مىللىتى تارىختىكى ھەر قانداق دەۋىردىكىدىن سەگەك،ئۆز-ئارا چەمبەر-چەس باغلانغان،پۈتۈن كۈچى بىلەن دىنىغا،مەدىنىيىتىگە يەپىشقان ھالدا ۋە بارلىق بوران-چاپقۇنلارغا قارشى، خۇددى تەڭرى تەغىدەك ئۆز ئورنىدا قىمىلدىماي مەزمۇت ۋە گىگانىت ھالدا پۇت تىرەپ تۇرماقتا
يوقۇلۇشقا يۈز تۇتقان نۇرغۇن مەدىنىيەتلەر،تەھدىت ئاستىدا قايتا تىرىلىپ، كۈچەيگەنلىگىنىڭ تارىخى ئۆلگىلىرى بار

مەن،مىللىتىمنىڭ بۈگۈنكى ھايات كۈرىشىنى ئويلىساملا، ئانتاراكتىكا  قىتئەسىنىڭ  قىش پەسلىدىكى پىڭگۇەنلىرى كۆز ئالدىمغا كەلىدۇ

پىڭگۇەنلەر قىش پەسلىدە 4 ئاي ھىچقانداق نەسرە يىمەستىن،مۇز ئۈستىدىكى ئوچۇق دالادا،ئۈزلۈكسىز ئۇرۇپ تۇرغان قەھىرتان شىۋىرغانلار ئىچىدە باھار مەۋسۇمىنى كۈتۈپ ياشايدۇ

يەر ئۈستىدىكى بارلىق جانلىقلار توڭلاپ ئۆلۈپ كەتىدىغان بۇ قىتەنىڭ قىش مەۋسۇمىدا پىڭگۇەنلەر قانداقلارچە 4 ئاي ئۇزۇقلانماستىن ياشىيالايدۇ؟

پىڭگۇەنلەر قانچە مىڭى توپلۇشۇپ بىر يەردە تۇرۇدۇ.كۈچلۈكلىرى ئەتىراپتا،ئاجىزلىرى ئوتتۇرىسىدا تۇرىدۇ.قەھىرتان سۇغۇق،بوران-چاپقۇندا ئاجىزلاپ كەتكەنلىرىنىڭ ئورنىغا ئوتتۇرىدىكىلەردىن بىرسى چىقىدۇ،قىرغاقتىكىنى ئوتتۇرىغا ئالىدۇ.پىڭگۇەنلەر ئۆز-ئارا قىستىلىشىپ بىر-بىرىگە نايىتى يەقىن تۇرغانلىغى ئۈچۈن ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى ئىسىتالايدۇ،ياكى سوغۇقنى ئۆتكۈزمەيدۇ
تۇخۇم تۇققان پىڭگۇەنلەر تۇخۇملىرىنى مۇزغا تەككۈزمەي ئىككى پۇتى ئۈستىدە كۆكسىگە چاپلاپ بۇسۇرىدۇ،ئىسسىتىدۇ.تۇخۇم باسقان پىڭگۇەنلەر، پىڭگۇەنلەر توپىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ساقلىنىدۇ،مۇداپىيە قىلىنىدۇ.پىڭگۇەنلەر ئۇسسىغاندا ئاستىدىكى مۇز،ئۈستىگە يەغىۋاتقان قارلاردىن يەيدۇ.ۋۇجۇدىدا ئۇزۇققا ئايلانغان ياغلار ئەرىپ تۈگىگەن پىڭگۇەنلەر ئۆلۈپ كەتسىمۇ،نولدىن تۈۋەن 80 گىرادوس سوغۇق داۋام قىلغان بۇ ئىقلىمدا تۇخۇمنى يەرىپ يەڭى چۈجەلەر چىقىدۇ.مۇزلار ئەرىگىلى باشلىغاندا بولسا،بىر قىسىم پىڭگۇەنلەرنىڭ جەسىدىنى ئارقىسىدا قويۇپ،يەڭى تۇغۇلغان چۈجە پىڭگۇەنلەرنى ئەگەشتۈرۈپ،ئەچىلغان كۆلچەكلەردىن بىلىق تۇتۇش ئۈچۈن دەڭىزغا شۇڭغۇشقا باشلايدۇ.شۇنداق قىلىپ باھار مەۋسۇمىغا قەدەم قويىدۇ.يەڭى ھاياتلىققا ئەرىشىدۇ.

جانلىقلارنى يوقاتقۇچى تەبىى شارايىت،پىڭگۇەنلەرنىڭ ۋۇجۇدىدا تەبىەتنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغان چىدام ۋە كۈچنى ياراتقان

جانلىقلاردىن پىڭگۇەنلەر،ئىنسانلاردىن ئۇيغۇرلار ياشاش ئۈچۈن ئوخشاش مىتوتنى تەدبىقلىماقتا
مەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇرۇنقى چاقىرغىمنى يەنە بىر قەتىم تەكرارلايمەن؛

ھەر بىر قەلەم بىر مەشەل،ھەر بىر مۇنبەر بىر مەكتەپ، ھەر بىر ئاىلە بىر قورغان

ئۇيغۇر مىللىتى يوقالمايدۇ،يوقۇتۇلالمايدۇ
ئۇيغۇر مەدىنىيىتى تەھدىت ئاستىدا داۋاملىق كۈچىيىدۇ

باھار مەۋسۇمى ئۇزاقتا ئەمەس

ئۇلۇغ،چىداملىق،يۇقالماس مىللىتىمگە سالام

2009.06.06

Share
1557 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.