logo

trugen jacn

تەڭرىتاغ تورى خوتەندىكى ۋەقەلەردە 3 يىل ئىچىدە 23 ساقچى ئۆلۈپ، 64 ساقچى يارىلانغانلىقىنى ئاشكارىلىدى

 

ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئاخبارات ئورگىنى بولغان تەڭرىتاغ تورى بۈگۈنكى خەۋىرىدە، خوتەندە يېقىنقى ئۈچ يىل ئىچىدە چىققان ۋەقەلەردە ج خ ساھەسىنىڭ ئۆزىدىنلا 23 نەپەر ساقچى ئۆلگەنلىكى ۋە 64 ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

بۇ ئۇچۇر بۈگۈن خوتەن شەھىرىنىڭ گۇجانباغ يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاتالمىش تېررورغا قارشى كۈرەشتە قۇربان بولغانلارنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەردە تىلغا ئېلىندى. خەۋەردە يەنە، خوتەندە نۆۋەتتە 160 ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ يەرلىكى بارلىقى، يېقىندا خوتەندە مەخسۇس ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىنى تەسىس قىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئەمما، بۇ 160 قۇرباننىڭ كىملىكى، قاچان، قەيەردە ئۆلگەنلىكى بايان قىلىنمىغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۈگۈنكى بۇ ئاتالمىش ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش مۇراسىمى گۇجانباغ يېزىسىنىڭ روك كەنتىدە ئۆتكۈزۈلگەن.

مۇراسىمغا خىتاي قوراللىق قىسىملىرى ۋە ۋىلايەت تەۋەسىدىكى ئەمەلدارلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئاممىدىن بولۇپ مىڭلارچە كىشى قاتناشتۇرۇلغان. مۇراسىمدا، ئاتالمىش ئىنقىلابىي قۇربانلاردىن ئىلگىرى نامى ئاشكارىلانغان غەيرەت مامۇتتىن باشقا، مۇتەللىپ ئۆمەر، فېڭ چېڭشېڭ، باتۇر تۇرسۇن، مەمەت ئەمەر ۋە فەن يۈنيۇڭ قاتارلىق نامەلۇم ئىسىملار تىلغا ئېلىنغان. خەۋەردە مۇراسىمىنىڭ نېمە ئۈچۈن گۇجانباغنىڭ روك كەنتىدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكى، يەنى بۇ كەنتنىڭ ئۆلگۈچىلەردىن بىرەرى بىلەن ئالاقىسى بار-يوقلۇقى ئەسكەرتىلمىگەن.

خىتاي دائىرىلىرى يىللاردىن بېرى، ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتلىرىدە ئۆلگەن ساقچى خادىملىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئاخباراتتىن يوشۇرۇن تۇتۇپ كەلمەكتە، بۇلارنىڭ بىر قىسمى پەقەت مانا مۇشۇنداق ماتەم ياكى مۇكاپاتلاش مۇراسىملىرىدىلا ئاشكارىلىنىپ قالماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xoten-weqesi-04052017163157.html

Share
1357 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.