ئەڭ يېڭى خەۋەر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
ئەركىن تارىم
-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 5-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن «ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى» دەپ ئاتالغان تۈركىيەدىكى بىر ئورۇن مەخسۇس دوكلات تەييارلاپ، تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى ئابدۇللاھ گۈل، باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، كۆپ ساندا پارلامېنت ئەزالىرى، ھەرقايسى سىياسىي پارتىيەلەر، تەتقىقات مەركەزلىرىگە، خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىغا ۋە تونۇلغان ئوبزورچىلارغا ئەۋەتكەن. مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلىغان ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى مەسئۇلى،www.uyghurnet.org تور بېتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى دوكلاتنىڭ بېشىغا بۇ دوكلاتنى تەييارلاشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
«شەرقىي تۈركىستاندا 65 يىلدىن بېرى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا قارىتا بېسىم، زۇلۇم، زوراۋانلىق ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. كېيىنكى يىللاردا خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش، تۇتقۇن قىلىشنى كۆپەيتىپ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىنى كۈچەيتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنسانلىق قېلىپىدىن چىققان بۇ سىياسىتىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن يوشۇرۇش ئۈچۈن خەرلقئارادا ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كۈچىنى ئىشلەتمەكتە.
بىز ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن كېيىنكى بىر ئاي ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەر توغرىسىدىكى بۇ دوكلاتنى سىلەرگە سۇنىمەن
مەزكۇر دوكلاتنىڭ بېشىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخى توغرىسىدا، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ۋە ۋەقەنىڭ مەيدانغا چىقىش سەۋەبلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلگەندىن كېيىن، 5-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن چوڭ كىچىك 26 ۋەقە تەپسىلىي بايان قىلىنغان
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/turkiyede-uyghur-07102014185249.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.