logo

trugen jacn

تۈركىيەدە «ئوسمانلى ھۆججەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئارخىپلار توپلىمى نەشر قىلىندى

image

ئەركىن

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

«ئوسمانلى ھۆججەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان» ناملىق 584 بەتلىك ئارخىپلار توپلىمىغا 1790 – يىللاردىن 1914 – يىللارغا قەدەر بولغان ئارىلىقتىكى ئوسمانلى – ئۇيغۇر مۇناسىۋىتىگە ئالاقىدار ئوسمانلى دۆلەت ئارخىپىدا ساقلانغان نۇرغۇن ھۆججەت تاللاپ كىرگۈزۈلگەن.

ئۇنىڭدىكى ھۆججەتلەرنىڭ زور بىر قىسمى قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ ئەمىرى – ئاتىلىق غازى ياقۇپبەگ بەدەۋلەتنىڭ ئوسمانلى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە چېتىلىدۇ.

ئۇ ھۆججەتلەر ئىككى ئەل ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك يېزىشمىلارنى، قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ ئەھۋالى، قەشقەردىكى ئوسمانلى ھەربىي ۋە دىپلوماتلىرىنىڭ ئىستانبۇلغا يوللىغان دوكلاتى، ئوسمانلىنىڭ قەشقەرىيىگە بەرگەن ھەربىي ياردىمى، ئىككى تەرەپ بىر – بىرىگە يوللىغان سوغا سالاملار، ئوسمانلى دىيارى رومدىكى قەشقەرىيەلىكلەرگە چىقارغان ھەر خىل يارلىقلار، قەشقەرىيەلىك ھاجىلارنى كۈتۈۋېلىشقا دائىر نۇرغۇن ئارخىپلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

ھۆججەتلەردىن قارىغاندا، ئوسمانلىلار 1873 – يىلىدىن باشلاپ بەدۆلەت ھۆكۈمىتىگە قارىتا ئاكتىپ سىياسەت يۈرگۈزۈشكە باشلىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ تۇنجى ئەلچىسى، ئوسمانلى ھەربىي ئوفىتسېرى كازىمبەينى 1865 – يىلى قەشقەرىيىگە ئەۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ 1873 – يىلدىن باشلاپ ياقۇپبەگ بەدۆلەتكە قورال – ياراق ياردەم قىلىپ، قەشقەرىيە دۆلىتىنى ئاكتىپ قوللاشقا ئۆتكەن.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر خەۋەرلەر ۋە تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى ھامىت كۆكتۈرك ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ياقۇپبەگنىڭ ئوسمانلىغا بەيئەت قىلىشى ئوسمانلىلارنىڭ غەربكە قارشى ئىتتىپاقداش ئىزدەش سىياسىتىگە ئۇيغۇن كەلگەچكە بۇ ئۇلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.

ھامىت كۆكتۈرك: «مەسەلەئى شەرقىيە يەنى شەرق مەسىلىسى، دەپ ئۇ زاماندا ياۋروپالىقلار ئوسمانلىنى يىقىتىمىز، ئۇلارنى ئاسىياغا سۈرىمىز، دەپ مۇشۇنداق بىر پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ئوسمانلىلارنىڭ ئۆزىگە ئىتتىپاقداش ئىزدەۋاتقان زامانى ئىدى. كىمنى ئىتتىپاقداش قىلالايدۇ، مەسىلەن، شۇ ئوتتۇرا ئاسىيا، مۇسۇلمانلاردىن ھىندونېزىيە.

ئۇ چاغدا ئەرەبلەرنىڭ پوزىتسىيەسى ياخشى ئەمەس. ئىنگلىزلار بىلەن بىرلىشىپ ئىسيان قىلغان. ئەمما ھىندونېزىيە، تۈركىستاندىكى خانلىقلار، بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان، ئەمما بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۇلار ئۆزى تەلەپ قىلغان. ئۇلار ئوسمانلىغا كېلىپ بىز بەيئەت قىلايلى، بىزنى ھىمايە قىلىڭ، دەپ ئۆزى تەلەپ قىلغان.» دېدى.

سېيىت ئالىي قەھرىمان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرلىق ئارخىپ ئىدارىسىنىڭ ئوسمانلى مۇتەخەسسىسى. ئوسمانلى بىلەن تۈركىستان خانلىقلىرىنىڭ ئالاقىسى قاتارلىق كىتابلارنىڭ ئاپتورى سېيىت ئالىي قەھرىماننىڭ كۆرسىتىشىچە، 1876 – يىلى سۇلتان ئابدۇلئەزىزنىڭ ئورنىغا تەختكە چىققان سۇلتان ئابدۇلھەمىت رۇسىيە ۋە غەربكە قارشى «شەرق» بىلەن بىرلىشىش سىياسىتىنى ئاكتىپ يولغا قويغان.

سېيىت ئالىي قەھرىمان: «) ئوسمانلى( شەرققە قولىنى ئۇزارتىدۇ بولۇپمۇ) سۇلتان( ئابدۇلھەمىت زامانىدا. ئابدۇلھەمىتنىڭ شەرق سىياسىتى ناھايىتى ياخشى ئىدى. ئۇ ياقۇپخان تۆرىنى) ئىستانبۇلغا( تەكلىپ قىلىدۇ. ئابدۇلھەمىت دۇنياۋى ئىمپېراتور ياكى پادىشاھ ئىدى. ئۇ ئۆز ئېتىقادىغا مەنسۇپ قانچىلىك ئادەم بولسا ھەممىسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت قۇرۇشنى ئويلىغان. ئۇ ھەم تۈركلەرنىڭ خاقانى ھەم ئىسلامنىڭ خەلىپىسى سۈپىتىدە ھەممە تەرەپكە دىققىتىنى بۇرىغان. ئۇنىڭ دەۋرىدە ھىندونېزىيەلىكلەر ئەلچى ئەۋەتكەن، ھەتتا فىلىپپىنلىق مورۇ مۇسۇلمانلىرىمۇ ياردەم تەلەپ قىلىپ خەتلەرنى يازغان. ئۇ تۈركىستان بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت قۇرۇشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دەۋرىدە ئوسمانلىنىڭ بۇرۇنقى كۈچى قالمىغان ئىدى.» دېدى.

قەشقەرىيە دۆلىتى سۇلتان ئابدۇلھەمىت 1876 – يىلى تەختكە چىقىپ كېيىنكى مۇنقەرز بولدى.

بۇ ھۆججەتلەر توپلىمىغا ياقۇپبەگ بەدەۋلەتنىڭ ئوسمانلىغا بەيئەت قىلىپ، سۇلتان ئابدۇلئەزىزنىڭ نامىغا خۇتبە ئوقۇتقانلىقى، ئۇنىڭ نامىدا پۇل قۇيدۇرۇپ، ئوسمانلى پايتەختى ئىستانبۇلغا ئەلچى يوللىغانلىقى ۋە شۇنىڭغا دائىر ئارخىپلار كىرگۈزۈلگەن.

مەسىلەن: ھۆججەتلەردىكى 1873 – يىلى 8 – ئاي، دەپ چېسلا قويۇلغان ئارخىپلارنىڭ بىرىدە، ئوسمانلىنىڭ مەھمەت مۇرات ئەپەندى ئىسىملىك بىر ھەربىي ئوفىتسېردىن ياقۇپبەگ بەدۆلەتكە ئەۋەتكەن قورال – ياراقلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىلىپ، «ھەدىيە قىلىنغان توپ ۋە مىلتىقلارنىڭ قوللىنىشى، ئۇ يەردىكى ئەسكەرلەرگە تەلىم – تەربىيە بېرىشكە بارىدىغان ئىككى خادىمنىڭ خىراجەت ئاتچوتى» تىلغا ئېلىنغان.

ئەمما بۇ قوراللار ياقۇپبەگ ئاتىلىق غازىغا يېتىپ بارالمىغان. 1875 – يىلى 23 – ئاۋغۇست، دەپ چېسلا قويۇلغان ھۆججەتلەرنىڭ بىرىدە كۆرسىتىشىچە، ھىندىستان ئارقىلىق توشۇپ ماڭغان بۇ قوراللارنى ئەنگلىيە ئۆتكۈزمىگەن.

ھامىت گۆكتۈرۈك: «1875 – يىلى ئوسمانلى دۆلىتى بىر كېمىگە قورال بېسىپ قەشقەرگە ئەۋەتىمەن دەپ، سۈۋەيش قانىلى ئارقىلىق ماڭىدىكەن. سۈۋەيش قانىلىغا بارغاندا ئۇ كېمە بۇزۇلۇپ قېلىپ، ئۇ قوراللارنى باشقا بىر كېمىگە يۆتكەپ،) قەشقەرگە( بارار ۋاقتى ئىنگلىزلار ئەۋەتىشكە رۇخسەت قىلماپتۇ.

«تۈركىيە گېزىتى» نىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، قەشقەرگە ئەۋەتىلگەن قورال كېمىسى بىلەن ئۆتكەندە ئىككى مۇخبىر تۈرك مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەدىكى تۈركمەنلەرگە ئەۋەتكەن قوراللىرىنى ئاشكارىلاپ قويغانغۇ، شۇنى بۈگۈن قەشقەرگىمۇ ئۆز ۋاقتىدا مۇشۇنداق بولغان، دەپ يازدى. مەن بۇنى بىزنىڭ تورغا قويۇپ قويدۇم.»

ھۆججەتلەردە توپلىمىدا يەنە، ئوسمانلىنىڭ سانت – پېتېربۇرگدىكى ئەلچىسىنىڭ ئىستانبۇلغا يوللىغان قەشقەرىيە مەسىلىسىگە دائىر مەلۇماتى كىرگۈزۈلگەن. بۇ مەلۇماتتىن قارىغاندا، ئوسمانلى دۆلىتى قەشقەرىيىنىڭ رۇسىيە، ئەنگلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى دىققەت بىلەن كۆزىتىپ تۇرغان.

ئوسمانلى ئەلچىسىنىڭ مەلۇماتىدا، ياقۇپبەگنىڭ ۋەكىلىنىڭ سانت – پېتېربۇرگ شەھىرىگە كەلگەنلىكى ئىستانبۇلغا يەتكۈزۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مانجۇ خانلىقى ئەلچىسىنىڭ سانت پېتىربۇرگ شەھىرىگە كەلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ رۇسىيە بىلەن قەشقەرىيىنى ئىشغال قىلىشنى سۆزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

ئوسمانلى ھۆججەتلىرىدىكى ياقۇپبەگ ئەلچىسىنىڭ ئەنگلىيە زىيارىتى ۋە ئوسمانلى ئەلچىسىنىڭ تېلېگراممىسى

«ئوسمانلى ھۆججەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان» ناملىق ئارخىپلار توپلىمىدا ئەڭ دىققەت قوزغايدىغان ھۆججەتلەرنىڭ بىرى، لوندوندا تۇرۇشلۇق ئوسمانلى ئەلچىسىنىڭ ئىستانبۇلغا يوللىغان تېلېگراممىسى.

ئەلچى تېلېگراممىدا ئىستانبۇلغا ئەينى يىلى لوندوننى زىيارەت قىلىۋاتقان بەدۆلەت ياقۇپبەگنىڭ ئوسمانلىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى سېيىت ياقۇپخان تۆرىنىڭ ئەنگلىيە پادىشاھى ۋە ئالاقىدار ئەمەلدارلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

«جامادىيەلئاخىرنىڭ 30، 1294-» يەنى مىلادى 1877‏-يىلى 11‏-ئىيۇل، دەپ چېسلا قويۇلغان بىرىنچى تېلېگراممىدا، ئوسمانلى ئەلچىسى ئىستانبۇلغا سېيىت ياقۇپخاننىڭ 2 ئايدىن بېرى لوندوندا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ 15 كۈن ئىچىدە ئىستانبۇلغا قايتىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان.

ئىككىنچى تېلېگراممىدا، سېيىت ياقۇپخان تۆرىنىڭ لوندوندىكى پائالىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن.

تېلېگراممىدا ئوسمانلى ئەلچىسى ئۆزىنىڭ سېيىت ياقۇپخان تۆرە بىلەن كۆپ قېتىم كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ياقۇپخان تۆرىنىڭ ئۆزىگە ئەنگلىيەنىڭ ئوتتۇرىغا چۈشۈپ، قەشقەرىيە بىلەن خىتاينى ياراشتۇرۇپ قويۇشنى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز- ئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئوتتۇرىدىكى ئىختىلاپنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشقا ياردەمدە بولۇشىنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

سېيىت ياقۇپخان تۆرىنىڭ ئەنگلىيە زىيارىتى دەل قەشقەرىيە دۆلىتى مانجۇلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، نۇرغۇن زېمىنى ئىشغال قىلىنغان. ياقۇپبەگ زەھەرلىنىپ ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى بەگقۇلىبەگ بىلەن كىچىك ئوغلى ھەققۇلىبەگ ئوتتۇرىسىدا تەخت تالىشىش ئۇرۇشى پارتلىغان، ئەنگلىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ ياقۇپبەگ بەدۆلەت سىياسىتىدە تۈپ ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن بىر مەزگىل ئىدى.

ئوسمانلى ئەلچىسىنىڭ تېلېگراممىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ياقۇپخان تۆرە لوندوندا ئىنگلىزلارنى مانجۇلار بىلەن قەشقەرىيەنى ياراشتۇرۇپ قويۇشقا قايىل قىلىشقا كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بۇ نىشانىغا يېتەلمەيدۇ.

ئوسمانلى ئەلچىسىنىڭ تېلېگراممىسىدا، «مەن ئىسمى زاتى مەلۇم ئۇ كىشى بىلەن كۆپ قېتىم كۆرۈشتۈم. ئۇ داۋاملىق ئىنگلىز ۋەكىلى بىلەن مۇناسىۋەت قىلىۋاتىدۇ. ئۆتكەندە ئۇ ئايال پادىشاھنىڭ شوتلاندىيەدىن قايتىشىدا «ۋەندىر قورۇقى» دا ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا چىقتى» دە كۆرسەتكەن.

تۈركىيە قوچ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى تىمۇر خوجائوغلۇ، ياقۇپبەگ ئەلچىسىنىڭ ئەنگلىيە سەپىرىنىڭ ئوڭۇشسىزلىقىنى رۇسىيە-ئەنگىلىيەنىڭ ياۋرو-ئاسىيا «چوڭ ئويۇنى» غا باغلايدۇ.

تىمۇر خوجائوغلۇ: «شۇ پەيتتە بۇ ياۋروپا ئاسىيادا كاتتا ئويۇن، دېگەن بىر سىياسەت بار ئىدى. بۇ كاتتا ئويۇندا بىرىنچى ئامىل رۇسىيە بىلەن ئەنگلىيە. چۈنكى، ئەنگلىيە ھىندىستان بىلەن ئافغانىستاننى بېسىۋالغان. رۇسىيە غەربىي تۈركىستاننى، مانجۇ-خىتايلار بولسا شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغان ئىدى.

شۇ مەزگىلدە خىتايدىن كۆپرەك رۇسىيە بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدا چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئويۇن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇلار ھەم بىرىنىڭ قۇدۇقىنى قېزىشقا ھەرىكەت قىلاتتى، ھەم ئۆزلىرىنىڭ كونتروللۇقىدىكى زېمىنلارغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالاتتى.

بۇ يەردە چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئىستراتېگىيەلىرى رول ئوينىدى. نەتىجىدە، بۇ ئويۇندىن ھەم شەرقىي تۈركىستان، ھەم غەربىي تۈركىستان زەربە ئالدى.»

تېلېگراممىدىن قارىغاندا، سېيىت ياقۇپخان تۆرە ئىنگلىزلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىنى رۇسىيەدىن مەخپىي تۇتۇشقا ئالاھىدە تىرىشقان. ئوسمانلى ئەلچىسىنىڭ ئىستانبۇلغا يوللىغان تېلېگراممىسىدا، سېيىت ياقۇپخان تۆرىنىڭ ئۆزىگە ئىنگلىزلار بىلەن بولغان سۆھبەتنى رۇسىيە ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىقى ئۈچۈن ئالاھىدە مەخپىي تۇتۇشنى تاپىلىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پروفېسسور تىمۇر خوجائوغلۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەينى چاغدا ياقۇپبەگ، ئاخىرقى نەتىجىدە رۇسىيە بىلەن ئەنگلىيەنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بۇ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردىن ياخشى پايدىلانغان.

تىمۇر خوجائوغلۇ: «ياقۇپبەگ بەدۆلەت شۇنى بىلەتتىكى، بىر ياقتا مانجۇ-خىتايلار، يەنە بىر ياقتا رۇسىيە بىلەن ئەنگلىيە بار، زەئىپ بولسىمۇ يەنە بىر تەرەپتە ئوسمانلى. ئەلۋەتتە ئۇ سىياسەتچى بولۇپ خىتايغا قارشى ئۇ دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى تۈزىتىشكە ھەرىكەت قىلدى. ئەمما رۇسىيە بىلەن ئەنگلىيەنىڭ نىيىتى مانجۇلار شەرقىي تۈركىستاندىن باشقا ياققا ئۆتمىسىلا بولاتتى. شۇڭا، ياقۇپبەگ بەدۆلەت بۇ مۇناسىۋەتلەردىن ياخشى پايدىلاندى. ئۇ شۇنى بىلەتتىكى، ھېچ بولمىسا خىتايغا قارشى ھەم رۇسىيە، ھەم ئەنگلىيە، ھەم ئوسمانلى بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشى قىلىش، بەلكى ئۇلاردىن بىرەر ئۈمىد، بىرەر كۈچ چىقىپ قالار، خىتايغا قارشى ئۇنىڭ قولىنى كۈچەيتىپ قالار، دەپ. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر سىياسەت ئىدى، ئەينى دەۋردىكى شەرت-شارائىتلاردا.»

بۇ قېتىمقى ئارخىپلار توپلىمىدا سېيىت ياقۇپخان تۆرىنىڭ ئىستانبۇلدىكى پائالىيىتىگە ئائىت نۇرغۇن ھۆججەتلەر بار. ئۇ ھۆججەتلەر ئۇنىڭ ئىستانبۇلغا كېلىپ، سۇلتان ئابدۇلئەزىزنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىشى، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىنى كۈتۈۋېلىش ئەھۋالى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ ھەج سەپىرىگە ئائىت يوليورۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/osmanli-hojjetliri-03092016152242.html

Share
1348 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.