ئەڭ يېڭى خەۋەر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
ئاپتورى: كاسسىنى
(چاتما مۇلاھىزىلەر3)
كۈچلۈك بولغان داۋاملىق ھەقلىقمۇ؟ ئامېرىكا ئاۋغانىستانغا سېلىشتۇرغاندا دۇنيادىكى دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك بىر دۆلەت.ئۇنداقتا بۇ، بىر ئامېرىكىلىقنىڭ ھاياتىنىڭ بىر ئاۋغانلىققا سېلىشتۇرغاندا بەكرەك قىممەتلىك ۋە ئەتىۋارلىق ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت مەنە بېرەمدۇ؟ تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا بىر ئامېرىكىلىقنىڭ ھاياتى بىر ئاۋغاننىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا ئىنتايىن قىممەتلىك. بىر ئامېرىكا پۇخراسىنىڭ سالامەتلىكى، تەربىيەلىنىشى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، بىر ئاۋغاننىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى كۆپ پۇل خەجلەيدۇ. بىر ئامېرىكا پۇخراسىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ، بىر ئاۋغان پۇخراسىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە قارىغاندا، خەلقئارا سورۇنلاردا كۆپرەك غۇلغۇلا قوزغايدۇ. بۇ دۇنيا جۇغراپىيەسىدە كۈچلۈكلۈك تالىشىۋاتقان تەرەپلەرنىڭ ئىنسان قەدىر قىممىتى جەھەتتە كەلتۈرۈپ چىقارغان ئادالەتسىزلىگىنىڭ يەكۈنى
گەرچە دۇنيادىكى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنلىرىدا ئافغانىستاننىڭ مۇشتۇمى، ئامېرىكىنىڭ مۇشتۇمىدەك قاتتىق ئۇرۇلمىسىمۇ، تۆرە-بۆرە تاغلىرىدىكى بىر ئاۋغان بالىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى، ئاۋغان خەلقى ئارىسىدا زور غۇلغۇلا قوزغايدۇ. بۇ ئاۋغان بالىسى ئاۋغانلارنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك.ئۇنداقتا بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرلىشى، بىر ئامېرىكىلىقنىڭ، بىر ئاۋغاننىڭ، بىر پەلەستىنلىكنىڭ ، بىر تۈركنىڭ، بىر قازاق، قىرغىز ۋە ئۆزبەكنىڭ ئۆلتۈرلىشىگە سېلىشتۇرغاندا قانچىلىك غۇلغۇلا قوزغۇشى مۇمكىن؟ خىتاينىڭ يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرى دەپ ئاتىۋالغان، نازى ئۆلۈم كامپلىرىغا ئوخشايدىغان مەركەزلەرگە كىرىپ قالغان بىر ئۇيغۇرنىڭ ھاياتى بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ قېرىندىشى ھېسابلانغان بىر قازاق ھاياتىنىڭ قايسىسى مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىك؟ ئەسلىدە قۇشلارمۇ ئۇچۇپ ئۆتەلمەيدىغان ئۈرۈمچى، گۇاڭجۇ، يۈننەن، لائوس، تايلاند، بەرما، مالايشىيا، تۈركىيە قاتارلىق بۇ كەڭرى جۇغراپىيەلەرگە قەدەم بېسىپ ئاخىرىدا سۈرىيەدىكى. ISIS قا يېتىپ بارغان بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ISIS تىكى باشقا گۇرپىلاردىكى كىشىلەر ئۆلىمىنىڭ قىممىتى ئوخشاشمۇ؟ بىرمىدىكى روھىنا مۇسۇلمانلىرىغا سېلىشتۇرغاندىچۇ؟ پەلەستىندىكى 50 كىشىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلۈش گىردابىغا كېلىپ قالغان، خىتاي يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە سولانغان بىر مىليون ئۇيغۇر سىياسىي تەقدىرىنىڭ قايسىسى بەكرەك دۇنيا كۈن تەرتىپىگە كېلىۋاتىدۇ؟ بۇ سوئاللار نۆۋەتتە، نېمە قىلىشىمىز كېرك؟ ۋە قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ دېگەن سوئال ئۈستىدە جىددىي ئويلۇنىۋاتقان ئۇيغۇرلار مۇلاھىزە قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلىلەر.17-ئەسىردە دوختۇرلار ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ قانداق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش مەخسىدىدە، ئىتلارغا ھېچقانداق ناركوز ئىشلەتمەستىن ئوپېراتسىيە قىلىپ ئۆلتۈرۈپ تاشلىۋېتەتتى ئەمما، ھايۋان قوغدىغۇچى بىداكارلار بۇ ئىشقا نارازىلىق بىلدۈرۈپ دۇنيانىڭ ھايۋانلار ھەققىدە بىر قانۇن تۈزۈشىنى تەلەپ قىلدى ۋە ئەمىللەشتۈردى. ھازىر دۇنيادا ھايۋانلارنى قالايمىقان ئۆلتۈرمەسلىك ھەققىدە نۇرغۇنلىغان قانۇنلار بار..
2015-يىلى ماي ئېيىدا، يېڭى زىنلاندىيە ھايۋان ھەقلىرى قانۇنىنى ئېلان قىلىپ ھايۋانلارنىڭمۇ ھېس تۇيغۇغا ئىگە جانلىقلار ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بىر ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويغان بىر دۆلەت بولۇپ قالدى.
نەتىجىدە بۇ قانۇن، ھايۋان يېتىشۈرىدىغان باقمىچىلىق رايونلىرىدىكى ھايۋانلارنىڭ يەنىمۇ ئازادە ۋە ياخشى مۇھىتلاردا يېتىلدۇرىلىشىگە ئىمكانىيەتلەر ھازىرلاپ بەردى. بۇ 4.5 مىليون نوپۇزلۇق يېڭى زىنلاندىيەگە نىسبەتەن 30 مىليون قوينىڭ راھەت ياشىشى ئۈچۈن كېرەكلىك تەدبىر ۋە شارائىتلارنىڭ بارلىققا كېلىشىدە مۇھىم رول ئوينىدى . دۇنيا يېڭى زىنلاندىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئالقىشلىدى. كانادانىڭ كۆبەك ئۆلكىسىدىمۇ قويلارنىڭ راھەت ۋە ئېسىل شارائىتلاردا بېقىلىشىغا ئائىت بىر قانۇن ماقۇللانغانلىغى مەلۇم. ياپونيەمۇ ئەسلىدىكى كالىلارنى ئەنئەنىۋى قوتانلاردا باقىدىغان ھالەتكە خاتىمە بېرىپ، تېخىمۇ سۈپەتلىك كالا گۆشى مەھسۇلاتىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، كالىلارغا بېرىلىدىغان ھەلەپلەرنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلىدى.. كالىلارنىڭ ياشام مۇھىتىنى ياخشىلاش ۋە مۇزىكا قويۇپ بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن، كالىلارنىڭ مەھسۇلات بېرىش ئەھۋالىدا قانداق ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ بولىدىغانلىقى ھەققىدە تەتقىقاتلار لىپ بارماقتا. ئۇنداقتا 21- ئەسىردە ئىچكى ئورگانلىرى قالايمىقان سېتىلىۋاتقان، (د.ن.ئى) لىرى مەلۇم بىر شۇم غەرەزلەر ئۈچۈن يىغىلىۋاتقان،قىستا قىستاڭ، يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرىدا، مۇنچىغا چۈشۈش، خالاغا بېرىش، ياخشى ئوزۇقلۇنۇش …………….ۋەھاكازا قاتارلىق جەھەتلەردە ھايۋانلاردىنمۇ ناچار ئەھۋالغا دۇچ كېلىۋاتقان، ئىز دېرەكسىز غايىب بولۇۋاتقان، يېپىق تەربىيەلەش لاگېرىدىكى ناچار شارائىت سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى بىز يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈپ كەتكەن ھايۋانلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا قىممىتى قانچىلىك؟
ئۈمىد ۋە ئۈمىدسىزلىك، مەۋجۇت بولۇش ياكى يوق بولۇش ئوتتۇرىسىدا تېپىرلاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى، ئالىملار تەجىربەخانىلاردا تەجرىبە قىلىۋاتقان چاشقانلارغا ئوخشۇتۇشقا بولىدۇ. 1-تەجرىبىدە ئالىملار ئالدى بىلەن يۈز چاشقاننى لىق سۇ تولدۇرۇلغان كومزەك ئىچىگە سالىدۇ. سۇ ئىچىدىكى چاشقانلار ھايات ماماتلىق كۈرىشىنى باشلاپ ، كۆمزەك ئىچىدىن قۇتۇلۇپ چىقىش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، بار كۈچى بىلەن تېپىرلايدۇ. ئەمما بۇ تىراگىدىيەدە، يۈز چاشقان 15 مىنۇت بەرداشلىق بېرەلەيدۇ ۋە ئاخىرىدا يۈز چاشقاننىڭ ھەممىسى ئۆلىدۇ.2- تەجرىبىدە، ئالىملار يۈز چاشقاننى يەنە بىر لىق سۇ تولدۇرۇلغان كومزەككە سالىدۇ. چاشقانلار تېپىرلاشقا باشلاپ 14 مىنۇت ئۆتكەندە، يۈز چاشقاننىڭ ھەممىسى سۇدىن چىقىرىلىدۇ. بۇ چاشقانلار ئاپتاپقا سېلىنىپ ياخشى قۇرۇتۇلغاندىن كېيىن، قايتا سۇ توشقۇزۇلغان كومزەككە سېلىنىدۇ بۇ قېتىم ئەھۋال باشقىچە بولۇپ چاشقانلار، ئالدىنقى قېتىم 14 مىنۇت ئۆتكەندە قۇتۇلدۇرۇلغانلىقتىن ئىبارەت بۇ ئۈمىد تۇيغۇسىنىڭ تەسىرىدە، 20 مىنۇت بەرداشلىق بېرەلەيدۇ.
كۈچلۈك دۆلەتلەر يۇقىرىدىكى بۇ تەجرىبىنى دۇنيادىكى كۈچ تالىشىش سىياسىي ئويۇنلىرىدىمۇ ئىشلىتىۋاتىدۇ. 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن5- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، دۇنيادا ياڭرىغان “بۇ سويقىرىم” دېگەن بىر تۈركچە ئاۋاز، ئۈمۈتسىز قالغان ئۇيغۇرلارغا ئۈمىد ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇيغۇرلار خۇددى سۇ كومزىگىگە تاشلىنىپ 14 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن قۇتۇلدۇرۇۋېلىنغان چاشقانلاردەك بىر روھى ھالەتكە چۆمگەن ئىدى. ئەمما بۇ تەجرىبىنى ئىشلىگەنلەرنىڭ 2000- يىلىدىن 2010 يىلىغا قەدەر خىتاي بىلەن بولغان سودا تىجارەت سوممىسى بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولغان بولسا، 2015-يىلىغا كەلگەندە 30 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا چىقتى. پاھ… بۇ تەجرىبىنى سىياسىي ئويۇنلاردا ئويناش نېمە دېگەن ئىشقا يارىغان ھە؟
تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇر داۋاسى خۇددى ئىستانبۇلدىكى داڭلىق تاخسىم مەيدانىغا ئېسىلغان، يوغان نورۇز ئېشى داشقازىنىغا ئوخشايدۇ. خالىغاندا داشقازاننىڭ ئوتى ئۆچۈرلۈپ تۇۋىقى كۆمتۈرلۈپ قويۇلىدۇ. خالىغاندا قازان سۇس، خالىغاندا ۋاتراقلاپ قايناپ تۇرىدۇ. خالىغاندا بۇ قازانغا چامغۇر، پۇرچاق ۋاھاكازالار تاشلاپ قويۇلىدۇ، خالىمىغاندا ھېچنېمە يوق.
2017-يىلى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇش ئوغلى بېيجىندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭيى بىلەن كۆرۈشۈپ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۆز ئارا جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمنامىسى تۈزگەندىن باشقا، تۈركىيەدە خىتايغا قارشى ھەرقانداق تەشۋىقاتنىڭ بولۇشىغا يول قويمايدىغانلىغى ھەققىدە ۋەدە بەردى. شۇندىن كېيىن بۇ داش قازاننىڭ ئوتى سەل تارتىپ قويۇلدى.ئەپسۇسكى، سۈرىيەدىن- ئىراققا، لىبىيەدىن-مىسىرغا،يەمەندىن- قىبرىسقا قەدەر مۇسۇلمانلىق دۇنياسىنىڭ ئادالىتى ئۈچۈن كاناي يىرتىپ جار سالغانلار، ھەق ناھەق مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلغان دىنسىز شەيتاندۇر دېگەنلەر، قان ھىدى ئالغان لەھەڭدىنمۇ بەكرەك خەتەرلىك بولغىنى، نېفىت ھىدى ئالغان ئىمپىريالىستلاردۇر دېگەنلەر، پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتى يولىدا ماڭىمەن دېگەنلەر شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىدە سۈكۈتتە. ئۇلارغا ئۇيغۇرلار جىددىي سوئال قويۇشى كېرەك ئىدى. ئەجەبا بۇمۇ سېنىڭ سۈننەتكە ئەگەشكىنىڭ؟ دېيىشى كېرەك ئىدى.سۇ قاچىلانغان تەجرىبە كومزىگىگە سېلىنىپ 14 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن قۇتۇلدۇرۇۋېلىنغان تەجرىبە چاشقانلىرىدەك ياشاش ۋە پاناھلىنىش ھەلەكچىلىكىدە قالغان بىچارە ئۇيغۇرلار بۇ سوئالنى سوراشقا قانداق جۈرئەت قىلالىسۇن؟.2018-يىلى ئاپرېلغىچە، بۇ داش قازاننىڭ ئوتى سەل كۈچلىنىپ، قازان ۋاتراقلاپ قايناشقا باشلىدى. ئاپرېلدىن كېيىن قازاننىڭ تۇۋىقى يېپىلىپ ئوتى ئۆچۈرۋەتىلدى..
ھازىر ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان، شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئۆلىمالار بىرلىكى، ياشلىق ۋە مەدەنىيەت دەرنىگى، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى، دارۇل ئىمان جەمئىيىتى، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخپى،ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەرىپەت ۋەخپى، ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسى، شەرقى تۈركىستان ۋەخپى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋەخپى، مۇئەللىم ۋەخپى، نۇزۇگۇم يېتىم يىسىرلار فوندى، شەرقى تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى، فارابى ۋەخپى، دۇنيا مەزلۇملار ۋە مۇھاجىرلار دەرنىگى، قاتارلىق 15 تەشكىلات بار بولۇپ بۇلارنىڭ كۈچى، تۈركىيەنى شەرقى تۈركىستان سىياسىتى دەيدىغان بىر سىياسەت تۈزگۈزۈشكە يەتمەيدۇ.
ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلار، تۈركىيەنىڭ مەنپەئەتى ھەممىدىن ئەلا دەيدىغان ئىدىولوگىيەدە ياشاپ كەلدۇق.
شۇ ۋەجىدىن تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى ئورنىغا ئائىت مەسىلىلەرگىمۇ يېقىندىن دىققەت قىلىپ كەلدۇق.
دۇنيادىكى كۈچلەر ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنمەكتە. ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئىسرائىلىيە ۋە ياۋروپا بىرلىكى بىر قۇتۇپ، تۈركىيە، رۇسىيە، خىتاي ۋە ئىران بىر قۇتۇپ. تەبىئىيكى تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يىراقلىشىشى، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ تۈركىيەگە سوغۇق مۇئامىلە قىلىشى قاتارلىق ئامىللار، تۈركىيەنى خىتاينىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىشقا مەجبۇر قىلماقتا.
شۇنداق.تۈركىيەنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتلىرىدە نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەر ساقلىنىپ تۇرماقتا.
ئامېرىكا تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشى بولماسلىقى، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ تۈركىيەنى ئەخمەق قىلىشى، رۇسىيە ئايروپىلانىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلۈشىدىن كېيىن، رۇسىيە –تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىدە يۈز بەرگەن كىرزىسلار، سۈرىيەلىك پانالانغۇچىلار مەسىلىسى، گۈلەن مەسىلىسى، 15- ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىشى، كۇرتلەر مەسىلىسى، 80 مىليون تۈرك خەلقىنىڭ ياشام مەسىلىسى قاتارلىقلار، يېقىنقى بىرقانچە يىللاردىن بۇيان تۈركىيەنى چىرمىۋالغان قىيىنچىلىقلاردىن ئىبارەت. ئەمما شۇنداق بولغىنىغا قارىماي پەلەستىن مەسىلىسىدە تۈركىيە ئىچكى تاشقى سىياسىتىنى بەلگىلىگۈچىلەر، سۆزدە ۋە ھەركەتتە پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتمەكتە. تۈركىيە ئۆز باش ئاغرىقىنىڭ جىق بولغىنىغا قارىماي، پەلەستىن مەسىلىسىدە، ئىسرائىل ۋە ئامېرىكىنى شۇنداقلا ياۋروپا بىرلىكىنى قارشىسىغا ئالماقتا. ئەلۋەتتە قەشقەر مۇسۇلمانلار ئۈچۈن قۇددۇستەك قۇتسال بولماسلىقى مۇمكىن. ئەمما ئىنسانلىق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، خىتاي تەرىپىدىن يوشۇرۇن قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ئەلۋەتتە مەزلۇم پەلەستىن خەلقىگە ئوخشاشلا ئىنسانىيەتنىڭ بىر پارچىسى. نۆۋەتتە گىتلېرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا ئوخشايدىغان، خىتاي يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا سولانغان، يوشۇرۇن يوق قىلىش ئوبيېكتى قىلىنغان بىر مىليون ئۇيغۇرنىڭ قىممىتى بىلەن، پەلەستىندە يەھۇدىي ئەسكەرلىرىگە تاش ئېتىش جەريانىدا ئۆلگەن 50 نەپەر پەلەستىنلىكنىڭ قىممىتىنى سېلىشتۇرغىلى بولامدۇ؟ ئۆلۈم گىردابىغا كېلىپ قالغان بىر مىليون ئۇيغۇر بىلەن، 50 نەپەر پەلەستىنلىكنىڭ قايسىسى دۇنيادا غۇلغۇلا قوزغايدۇ.
قولۇمدا دۇنيا خەرىتىسى. تۆت ئەتراپىنى پۈتۈنلەي مۇسۇلمان دوۋلەتلىرى ئوراپ تۇرغان ئىسرائىل دۆلىتى، ئوتتۇرا شەرقتە، خۇددى يوغان بىر قايماقلىق تورتنىڭ ئۈستىگە پاتۇرۇپ قويغان كىچىككىنە چوكىلاتتەك قىزىل دېڭىزنىڭ ئەتراپىدا پارقىراپ تۇرىدۇ.
ئىسرائىل شىمالدا قىبرىس ئارقىلىق تۈركىيە، شەرقتە سۈرىيە، ئىيوردانىيە، ئىراق، باھرايىن، سەئۇدى ئەرەبىستان، جەنۇبتا مىسىر، سۇدان قاتارلىق مۇسۇلمان دۆۋلەتلىرى بىلەن قورشىلىپ تۇرىدۇ.ئەمما ئىسرائىلنىڭ دۇنيادىكى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنلىرىدىكى مۇشتۇمىنىڭ كۈچى،ئۇنى ئوراپ تۇرغان ئون نەچچە مۇسۇلمان دۆۋلەتنىڭكىدىن كۈچلۈك. سراىل ئۇزۇنلۇقى 470 كم، كەڭلىكى 135كم، ئومۇمى كۆلىمى 27.817 كۋادرات كم بولغان تار ئۇزۇن ئۈچەيدەك يەر مەيدانى، 8 مىليوندىن ئازراق كۆپ نوپۇسى بىلەن ئوتتۇرا شەرقتىكى بارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە ھەيۋە قىلماقتا. نېمە ئۈچۈن؟ بۇ سوئالنى ئىسرائىلنىڭ ئەتراپىدىكى مۇسۇلمان دوۋلەتلىرى 50 يىلدىن بۇيان ئۆزلىرىدىن سوراپ باقمىدى. سورىغان بولسىمۇ ھەل قىلىش چارىلىرىنى تاپالمىدى.چۈنكى مەسىلە كۈچ ۋە روھقا بېرىپ تاقىلاتتى.
ھازىر تۈركىيەدىكى تەشكىلاتلار ئاستا-ئاستا سىياسىي ئورنىنى يوقىتىپ ئاساسلىق كۈچىنى نامراتلار، تۇل خوتۇن يېتىم بالىلارغا ئۇن، گۈرۈچ ،ماي دېگەندەك بىر نەرسىلەر تارقىتىدىغان، خىتاينىڭ خەلق ئىشلار ئىدارىسىگە ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ. تۈركىيەدىكى دىنى ساھە ۋە تەشكىلاتلارنىڭ سەۋىيە ۋە ساپاسى خەلقىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇملارنى سىستېمىلىق ۋە پىلانلىق ئاڭلىتىشقا يەتمەيۋاتىدۇ. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ رولىنى، تۈركىيەدە قانۇن، سىياسەت ، جەمئىيەتشۇناسلىق، دىن قاتارلىق كەسىپلەرنى ئوقۇغان يېڭى بىر ئەۋلاد ياشلار ئۆتكۈزۈۋالمىغان ئەھۋال ئاستىدا، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەتسىزلىنىش دەرىجىسى ئېشىپ بېرىشى مۇمكىن. تۈركىيەدە چوقۇم ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ كونا پەردىلىرى يېپىلىپ، يېڭى پەردىلەر ئېچىلىشى، جۇشقۇن، ياش، بىلىم ۋە قابىلىيەتلىك، ئالىي مەكتەپ بىلىم سەۋىيەسىگە ئىگە، دۇنيا ۋە تۈركىيەدە قانداق داۋا قىلىشنى بىلىدىغان بىر تۈركۈم ياش سياسەتچىلەر ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ رولىنى قولىغا ئېلىپ، خۇددى ئەقىللىق تېلىفۇنلىرىمىزنى ھەرۋاقت ‘up date’ قىلىپ تۇرغۇنىمىزدەك ئۇيغۇر دەۋاسىنىمۇ خەلقئارالىق ستاندارتلارغا ماس ھالدا ‘up date ‘قىلىشى كېرەك. بۈگۈن دئۇستا ئادالەت جارچىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئىسرائىلغا قارىتا ‘one minut, one minut ‘دىگەنلەر ئەينى ۋەزىيەتتىن نۇرغۇن ھەسسە بىچارە ھالەتتە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ياقا يىرتىپ، خىتايغا ‘one minut one minut’ دەلەلمەيدۇ. دۇنيادىكى كۈچلۈكلۈك تالىشىش كۈرەشلىرى خۇددى بىر قىمارغا ئوخشايدۇ. قىمار، نە مۇسۇلمانلىق نە ئۇرۇق تۇغقانچىلىق تونۇمايدۇ. سەندەك ئاجىز بىر مىللەتنى خالىسا قىمار تاۋكالىرىغا تىزىپ قويىدۇ، خالىسا چاشقانلارنى تەجرىبە قىلىدىغان كومزەكلەرگە تاشلاپ قويىدۇ. تاكى سەن دۇنياغا لايىق ستاندارتلار بىلەن ئورنۇڭدىن دەس تۇرمىغۇچە ۋە چېچىڭنىڭ ئۇچىدىن تاپىنىڭغا قەدەر يېڭىلانمىغىچە. مېنى ئەسلىدە خورلاۋاتقىنى بىزنىڭ بۇ مۇقەددەس داۋا يولىدا تېخىچە ئاددىي ۋە ساددا بولۇۋاتقىنىمىز. ئامېرىكىلىق مەشھۇر شەخس مارتېن لىتىر كىڭنىڭ بىر سۆزى بار، ‘ئاقىۋەتتە قەلبىمىزدە ساقلىنىپ قالىدىغىنى، دۈشمىنىمىز ئەمەس، بەلكى دوستلىرىمىزنىڭ سۈكۈناتىئ دەيدىغان. يۇرۈگۈمنى ئەڭ ئاغرىتىۋاتقىنى دوستلىرىمىز ۋە ئۇرۇق تۇغقانلىرىمىزنىڭ سۈكۇت قىلىشى. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئەقىللىق بولۇشى كېرەك.
تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئەقىللىق بولۇشى كېرەك-4
چاتما مۇلاھىزىلەر
مۇلاھىزە 4-
ئاپتورى: كاسسىنى
ئۆتكەن يۈز يىلدا ئاچارچىلىق ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئىنسانىيەتكە بالايى ئاپەت ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئاچارچىلىق ۋە يۇقۇملۇق كەسەللىك سەۋەبىدىن دۇنيا بويىنچە ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ سانىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى.ئەختىسادى، سىياسى ۋە ئۇچۇر ئالاقە ۋاستىلىرىنىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن ئاچارچىلىق ۋە ۋابا، تېبىركۇلۇس قاتارلىق كەسەللىكلەرنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ كۈشەندىسى بولۇش دەۋرىگە خاتىمە بېرىلدى. ھازىر دۇنيادا ھىچقانداق تەبىئى ئاچارچىلىق قالمىدى. پەقەت سىياسى سەۋەپلەردىن كېلىپ چىققان ئاچارچىلىقلار مەۋجۈت. ئەگەر سۈرىيە، ئىراق ۋە سومالىدا ئىنسانلار ئاچلىقتىن ئۆلگەن بولسا بۇنى پەقەت دۇنيا سىياسەتچىلىرى خالىغانلىغى سەۋەبىدىن شۇنداق بولغان. ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدىكى بىر كىشى خىزمىتىنى ۋە بارلىق مال دۇنياسىنى يوقۇتۇپ قويغان تەغدىردىمۇ ئاچ قالماسلىغى مۈمكىن. ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئىنسانى ياردەم پاراۋانلىق ئورگانلىرى ۋە سۇغۇرتا شىركەتلىرى، دەرھال بۇ ئاچارچىلىق يۈز بەرگەن ئورۇندا پەيدا بولۇشى ۋە ئەڭ ئاز شۇ كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ساخلاپ قېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى مۈمكىن.
خىتاي، خۇاڭ سۇلالىسىدىن تارتىپ يېقىنقى 80-يىللارغا قەدەر مىڭ يىل ئاچارچىلىقتا ياشىغان ۋە ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن ئۆلگەن ئادەم سانى دۇنيا بويىنچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، ئاچارچىلىقتىن ئىبارەت بۇ قورقۇنۇچلۇق يوقۇتۇشقا بەرداشلىق بەرەلمەي ئادەم گۆشى يىگەن بىر دۆۋلەت ئىدى. 1974- يىلى رۇمىنىيەدە ئەچىلغان دۇنيا يىمەك- ئىچمەك تەشكىلاتىنىڭ تۇنجى يىغىنىدا خىتاينىڭ ئاچارچىلىق مەسىلىسىگە ئاىت نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەر دوكلات قىلىنغان ئىدى. ئەينى چاغدا مىليارت نوپۇسلۇق خىتاي ئاھالىسىنى قانداق قىلىپ ئاچارچىلىق پالاكىتىدىن قۇتۇلدۇرۇش مەسىلىسى دۇنيا لىدىرلىرىنىڭ بېشىنى ئاغرىتقان مەسىلە ئىدى.
بۈگۇن خىتتايدىكى مەسىلە ئاچارچىلىق مەسىلىسى ئەمەس. بۈگۈن قوسقى توق كىيىمى پۈتۈن بولغان خىتاي، شەرقى تۇركىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقىنى، ئەينى يىللاردىكى ئاچارچىلىقتىن نەچچە ھەسسە ئېغىر بولغان “سىياسى ئاچارچىلىق” “ھۆرلۈك ئەركىنلىك” ئاچارچىلىغى تار يولىغا قىستىماقتا.
ئۆتكەن ئەسىرلەرنىڭ ئاساسلىق مەسىلىلىرى ئاچارچىلىق بولۇپلا قالماي، بەلكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرمۇ ئىنسانىيەتنىڭ كۈشەندىسى بولۇپ كەلگەن ئىدى. سودىگەرلەر مەمۇرلار ۋە ساھايەتچىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېقىپ تۇرۇشى بىلەن، قەدىمى شەھەرلەر قانچىلىك دەرىجىدە مەدىنيەتلەرنىڭ بۆشۈگى بولغىنىغا قارىماي، رەھىمسىز يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئۇرۇپ- سوقۇشىغا دۇچار بولغان ئىدى.بۇ دەۋرلەردىكى ئىنسانلار، تۇيۇقسىز بىر يۇقۇملۇق كەسەللىكنىڭ چاپلىشىشى بىلەن ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىبارەت ۋەھىمە ئىچىدە ياشايتى. 1330- يىللىرى ئاسىيا قىتئەسىدە ۋابادىنمۇ دەششەتلىك بولغان بىر يۇقۇملۇق كېسەللىك تارقىلىشقا باشلىغان ۋە ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە، ئاسىيا، ياۋرۇپا ۋە جەنۇبى ئافرىقىغا، ئاندىن ئاتلانتىك ئوكياننىڭ گىرۋەكلىرىگىچە يامراپ 20 يىل ئىچىدە، ياۋرۇ –ئاسىيا نوپۇسىنىڭ تۆتتىن بىرىنىڭ يوق بولۇشىغا سەۋەپ بولغان ئىدى. بۇ يۇقۇملۇق كەسەل 75 بىلەن 200 مىليۇن ئارىسىدىكى ئىساننىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەپ بولغان ئىدى. ئەنگىليەدە ھەر 10 ئىشىدىن 4 تى ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە ۋابا تارقىلشتىن بۇرۇن 3.7 مىليۇن بولغان ئەنگىليە نوپۇسى 2.2 مىليۇنغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. دۆۋلەت ئەرباپلىرى، پۇلدارلار ۋە سىياسەتچىلەر بۇنداق بىر رەھىمسىز رىاللىق ئالدىدا چارىسىز قالغان ئىدى. يۇقۇملۇق كەسەللىكنى توختۇتۇش ئۈچۈن كولىكتىپ دۇا قىلىشتىن باشقا نىمە قىلارىنى بىلمەي قالغان ئىدى. خۇددى ھازىر ئۇيغۇرلار خىتايدىن ئىبارەت بۇ سىياسى ۋابا قارشىسىدا نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي تىپىرلىغىنىغا ئوخشاش.قارا ۋابا تارختىكى بىردىنبىر يۇقۇملۇق كەسەللىك ئەمەس. ئەينى چاغدا ياۋرۇپالىقلارنىڭ ئاياق بېسىشى بىلەن، ئامېركا، ئاۋىستىرالىيە قاتارلىق قىتئەلەرنى قارا ۋابادىنمۇ بەتتەر ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەللەر ئۇرغان ئىدى. خەلقارا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان تەشكىلاتلار، دۇنيادىكى ئاچارچىق ۋە يۇقۇملۇق كەسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ سانىنى ئارخىپلاشتۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولدى ئەمما،1949- يىلى شەرقى تۇركىستانغا خىتايدىن ئىبارەت بۇ غەيرى ۋابانىڭ يامراپ كېلىشى بىلەن، چەتكە باغلانغان ئۇنسۇر، پان تۇركىزىمچى، پان ئىسلامىزىمچى، شۇجىڭجۇيىچى……….ۋاھاكازا قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق “ئۆلۈم قالپىغى” ئاستىدا ئۆلگەن ئۇيغۇرلار سانىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىگىنى ئارخىپلاشتۇرغان ئادەم يوق. 21-ئەسىردىكى ئۇيغۇرلار ھازىرغا قەدەر خىتاينىڭ قانداقتۇر بىر قالپاقنى كىيگۈزۈپ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشىدىن ئىبارەت ۋەھىمە ئىچىدە ياشىماقتا. خۇددى 14- ئەسىردىكى ئىنسانلار قارا ۋابا ياكى ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەر بىر يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ كېلىپ ئۆزىنى ئۇرۇش ۋەھىمىسى ئىچىدە ياشىغىنىغا ئوخشاش. خىتايدىكى بىر مىليۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ناتسىس گىرمانىيەسىنىڭ جازا لاگىرلىرىغا ئوخشايدىغان لاگىرلارغا سولۇنۇشى “خىتاي ۋاباسى”نىڭ قانچىلىك دەرىجىدە رەھىمسىز ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ ئەمما بۇ ۋابادىن ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ھەققىدە دۇنيانىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولمايۋاتىدۇ.
خەلقارالىق يىمەك ئىچمەك تەشكىلاتى شۇنداقلا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلار، دۇنيادا كوكا- كولا ئىچكەنلىگى سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر سانىنىڭ، ئەلقايدىنىڭ تېرورلۇق ھۇجۇمى سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر سانىدىن كۆپ ئىكەنلىگىنى، ماكدونالد قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ھامبۇرگەرلىرىنى يىيىش سەۋەبىدىن دۇنيادا قانچىلىك ئادەمنىڭ سېمىزلىك كەسىلىگە گىرىپتار بولغانلىغى، 2002 ۋە 2003 تە سارس، 2005 تە قۇش زۇكىمى، 2009-يىلىدا چوشقا زۇكىمى 2014-يىلىدا يۈز بەرگەن ئابولا يۇقۇملۇق كەسىلى، ئەيدىز، تېرۆر ھۇجۇمى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن قانچىلىك ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىگى ھەققىدە ئېنىق ئىستاتىستىكا قىلىپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ ئەمما، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەخسەتلىك يوق قىلىش سىياسىتى سەۋەبىدىن قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەنلىگى ھەققىدە ئىستاتىستىكا قىلىدىغان ئورگان يوق.
ئۆتكەنكى نەسىللەر دۇنيا تىنىچلىغىنى ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقلىرىنىڭ ۋاقتلىق توختىشى دەپ چۈشەنسە، بۈگۈنكى نەسىللەر مەنتىقىسىز ئۇرۇشلارنى دۇنيا تىنىچلىغىنىڭ كۈشەندىسى دەپ چۈشەنمەكتە. ئەسلىدە ماھىيەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا دۈنيا تىنچلىغىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە خەتەرلىك كۈشەندىسى خىتاي. بۇ ماھىيەتنى ھەر بىر ئىنچىكە نۇقتىلىرىغا قەدەر چوڭقۇر چۇشەنگەن مىللەت ئۇيغۇر مىللىتى. گەرچە ئۇيغۇرلار بۇ ھەقتە چۇقان سېلىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما ئاجىز ئاۋازى تۈپەيلى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتالمىدى. ئەمما ترامپ باشچىلىغىدىكى ئامېركا ھۆكۈمىتى، كېچىكىپ بولسىمۇ بۇ نۇقتىنى تونۇپ يەتتى ۋە خىتاينى ئامېركىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى دەپ ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە، خىتايغا قارىتا سودا ئۇرۇشى ئېلان قىلدى. دۇنيادىكى يەنە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر دۇنيا تىنىچلىغىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان نەرسىنى يادرو قوراللىرى ۋە تېخنىكا دەپ قارايدۇ. ئەمما، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەيتقاندا، دۇنيا تېنىچلىغى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلىغىغا ئەڭ ئېغىر تەھدىت خىتتاي. خىتاينىڭ پارچىلىنىشى بىلەن ئەگەر دۇنيا خەرىتىسىدە يېڭى ئۆزگۈرۈشلەر يۈز بەرىپ خىتاي خەلق جۇمھۇريىتى دىگەن بۇ دۆۋلەت نامى خەرىتىلەردىن چىقىرۋەتىلىدىغانغا يەنە قانچىلىق ۋاقت لازىم بۇنى بىلگىلى بولمايدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ كۈن ھەقىقى مەنادىكى تىنىچلىق كۈنى دەپ قارىلىدۇ. دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئەلقايدىنى ئۆزلىرىگە تەھدىت دەپ قارايدۇ ئەمما، يەنە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر كوكا كولانى ئەلقايدىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك تەھدىت دەپ قارايدۇ. ئۇيغۇرلار 60 يىلدىن بۇيان خىتاينى ئىنسانىيەتكە ۋە ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئەلقايدىدىن ۋە كوكا كولادىن بەتتەر تەھدىت دەپ چۈشۈنۈپ كەلگەن بولسىمۇ ئەمما، دۇنيانى ئىشەندۇرەلمەي كەلگەن ئىدى. 2017-ۋە 2018- يىللىرىغا كەلگەندە بۇ ھەقىقەت 100% ئىسپاتلىنىشقا باشلىدى. ھازىر بىر مىليۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇر يەنى ئومۇمى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ 10% تى سۆزدە يېپىق تەربىيەلەش نامىدىكى تۈرمىلەردە. ئىز دىرەكسىز غايىپ بولغانلار سانىنى ئېنىقلاش مۇشكۈل ئىش. خىتاي تەھدىدى ئاستىدا قالغان ئۇيغۇرلار ھازىر ، ئۆتكەن ئەسىردىكى دۇنياغا يامرىغان ۋابا، چىچەك ۋىرۇسى قاتارلىق لار ئېلىپ كەلگەن قىرگىنچىلىقلاردىنمۇ ئېغىر قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىپ مىللەت سۈپىتىدە يوق بولۇشتىن ئىبارەت ھايات -مامات مەسىلىسىدە جان تالاشماقتا.
ئۆتكەن ئەسىرلەردىكى نەسىللەر، ئۆكۈزنىڭ مۈڭگۈزىگە ئۇرساڭ تۇيىقى سىقىرايدۇ دەيدىغان
تەمسىلگە ئىشىنەتتى ۋە بۇنى بىر ھەقىقەت دەپ قارايتتى. ھازىرقى نەسىللەر ئۈچۈن ئۇ بىر كۈلكىلىك گەپ. ئۆكۈز گە دوللار كورسەتسەڭ مۈڭگىزىگە ئۇرۇپ سۇندۇرۋەتسەڭمۇ تۇيغى مىت قىلىپ سىقىراپ قويمايدۇ. ئۆكۈزنىڭ مۇڭگىزى ھېساپلانغان شەرقى تۈركىستاننىڭ ئەتراپىنى، سۆزدە دىنى قېرىندىشى بولغان مۇسۇلمانلار ۋە ئاتا بوۋىلىرى ئۇزاق ئوغۇز خاقانغا تۇتىسىدىغان تۈرك ئۇرۇق تۇققانلىرى ئوراپ تۇرىدۇ. ئەمما بۇ ئۇرۇق تۇققانلار، شەرقى تۇركىستاندىن ئىبارەت بۇ مۇستەھكەم ئۆكۈزنىڭ، ئۆز مۈڭگۈزىدە، بۇ چەكسىز كەتكەن بۈيۈك تۈركىستاننىڭ سەلتەنەتلىك تارىخىنى قانچە ئەسىرلەردىن بۇيان قىلچە زىدە قىلماي كۆتۈرۈپ كەلگەنلىگىنى ئۇنتۇپ قالدى. ئەگەر خىتاي شەرقى تۇركىستاندىن ئىبارەت بۇ غايەت زور ئۆكۈزنىڭ مۈڭگىزىگە ئۇرۇپ سۇندۇرۋەتسە، بۇ بۈيۈك جۇغراپىيەدىكى بارلىق تۈركى مىللەتلىرىنىڭ تارىخىنىمۇ دەسسەپ- چەيلەپ ۋەيران قىلىدىغانلىغىنى ئۇنتۇپ قالدى. چۈنكى خىتاي “بىر يول –بىر بەلباغ دەپ ئاتىلىدىغان ناھايىتى يوغان سېغىن كالىنى، تۈرك، ئۆزبەك،قازاق، قىرغىز، تۈركمەن،ئەزەرى قاتارلىقلارنىڭ بوسۇغىسىغا ئاللىقاچان باغلاپ قويغان ئىدى..
ئوتكەندە، سەھەر تەخەللۇسىدا ئەسەر يازىدىغان بىر ئاپتور، دۇنيا كۆرۈپ قويدۇق ئادالىتىڭنى ناملىق ماقالىسىدا، ھازىر خىتاي يولغا قويۇۋاتقان بىر يول بىر بەلباغ ئىستىراتىگىيىسىنى، مەشھۇر خىتتاي يازغۇچىسى لۈشۈن ئەپەندىنىڭ قانغا چىلانغان جىڭموما دىگەن ھەكايىسىدىكى، ئادەم قېنىغا چىلانغان جىڭمومىغا ئوخشىتىدۇ. ئەينى ۋاقتتا ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكلىرىمىزگە كىرگۈزۈلگەن داڭلىق ھېكايە قانغا چىلانغان جىڭمومىدا، بىر خىتاي ئايالنىڭ بالىسى سىل كېسىلى بولۇپ قالىدۇ. دوختۇرلار ئۇنىڭ بالىسىنىڭ ساقىيىشى ئۈچۈن ئادەم قېنىغا چىلانغان جىڭمومىنى يىيىشى كەرەكلىگىنى بۇيرۇيدۇ.بىر يول بىر بەلباغ ھازىر دەل ئۇيغۇرنىڭ قېنىغا چىلانغان جىڭموما.
ئەمما مۇسۇلمانلار، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك قەۋمىگە مەنسۇپ بارلىق ئەتراپىدىكى قېرىنداشلىرى بۇ قانغا چىلانغان جىڭمومىنى ئوزلىرىنىڭ كەمبەغەلچىلىكتىن قۇتۇلۇش دورىسى ئورنىدا مەزە قىلىپ يىمەكتە..
مەن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئەقىللىق بولۇشى كەرەك ناملىق چاتما مۇلاھىزەمنىڭ 3- قىسمىدا، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىستانبۇلدىكى تاخسىم مەيدانىغا ئېسىپ قويۇلغان نورۇز ئېشى داش قازىنىغا ئوخشاتقان ئىدىم. بۇ قازاننىڭ بەزىدە ۋاتراقشىپ قاينايدىغانلىغى،بەزىدە سۇس، بەزىدە ئوتى ئۆچۈرلۈپ تۇۋىغى يېپىپ قويۇلىدىغانلىغى ھەققىدە توختالغان ئىدىم. بۇ يىل روزا ھەيتىدا، بۇ داش قازان يەنە قاينىتىلىشقا باشلىدى. تۈركىيە تەرەپ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان 6 مىڭ ئۇيغۇرغا ھېيتلىق دەستىرخان سېلىپ، ھېيت زىياپىتى ئۆتكۈزۈپ بەردى. بۇ زىياپەتكە كەلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى، بالىلىرى مەكتەپ سىز، ئۆزلىرى ئىقامەتسىز قالغان 6 مىڭ ئۇيغۇر ئىدى. تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ زال ئىچىگە كىرىپ كەلگەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سويلۇغا بولغان خوشامەت كۆرۈنۈشلىرى، كىشىنىڭ يۈرۈگىنى ئېزەتتى. مەن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئەقىللىق بولۇشى كەرەك ناملىق چاتما مۇلاھىزە ماقالەمنىڭ 3- قىسمىدا ئالىملارنىڭ چاشقانلار ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەجىربىسى ھەققىدە توختالغىنىمدەك ، شۇ كۈنى ئۇيغۇرلار سۇ كومزىگىگە چىلىنىپ 14 مىنۇت ئۆتكەندە قۇتقۇزۇۋېلىنىش شەرىپىگە ئەرىشكەن، تەجىربە چاشقانلىرىغا ئوخشاپ قالغان ئىدى. بۇ يەردىكى شۇنچە خوشامەت ، سويلۇنى خۇددى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇتقازغۇچىسىدەك كورۈشتىكى بىردىن بىر مەخسەت، دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى خىتاپنامىسىنىڭ ئەڭ ئاددى، ئەڭ ئەقەللى شەرتلىرىنىڭ بىرى بولغان، تۈركىيەدە تۇرۇش ۋە پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە بېرىش رۇخسىتى ئېلىش ئۈچۈن ئىدى.ھەي بىچارە ئۇيغۇرلار!!!
ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە يەر مەيدانىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىنمۇ چوڭ، ئاجايىپ باي ۋە مۇنبەت زىمىنى، سەلتەنەتلىك ئوغۇزخاندىن باشلانغان پەخىرلىك تارىخى، ئۆزىگە خاس غۇرۇرى ۋە ئىپتىخارى بار بىر مىللەت ئىدى. يۈزسىز تۈرك سىياسەتچىلىرى، سايلامغا ئاز قالغان كۈنلەردە، تۈركىيەدىكى مىللەتچى ئۈلكىچىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۈچۈن بۇ ھەيتلىق دەستىرخاننى سالغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىغا كەمپۈت تاشلاپ بەرگەن ئىدى..
6 مىڭ كىشىلىك بۇ ھېيتلىشىشتىن ئانچە مۇنچە بولسىمۇ يۈزى كۈلۈپ چىققان ئۇيغۇرلارنى، يەنە بىر يۈزسىز تۈرك سىياسەتچىسىنىڭ زەھەر-زەمبىرەك سوزلىرى كۈتۇپ تۇرغان ئىدى. ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇرلار، بىزنىڭ قەرىندىشىمىز. پەقەت خىتاينىڭ زىمىن پۈتۈنلىگى دەخلى تەرۈزگە ئۇچۇرمىغان ئەھۋال ئاستىدا. ئەگەر ئۇيغۇرلار تەرورلۇق ھەركەتلىرى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ قالسا يۈز خاتىرە قىلمايمىز.ئاللا- ئاللا بۇ سىياسەتچى قاردەش بىلمەيدىغان ئوخشايدۇ، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ 30 ياكى 40 پىرسەنتىنىڭ خىتايدىكى تۈرمە ۋە يېپىق تەربىيەلەش نامىدىكى غەيرى تۈرمىلەردە ئىكەنلىگىنى، بىلمەيدىغان ئوخشايدۇ ئۇيغۇرلارنىڭ، دىنى مەدىنيىتى ئۆرپ ئادىتى، ئار نۇمۇسى بىرياقتا تۇرسۇن، ئۆز ئۆيىنىڭ قۇلۇپىغىمۇ ئىگە بولالمايۋاتقانلىغىنى. بۇنداق كوللىكتىپ تۈرمىگە تاشلىنىش سەۋەبىدىن قەشقەردەك ئاۋات قەدىمى شەھەر بازارلىرى ئادەمسىز چۆلدەرەپ قالغان بىر مىللەتتە تېرور نىمە ئىش قىلسۇن؟ يەنە، قايتا قايتا تەكىتلەيمەنكى بۇ خۇددى سۇ كۆمزىگىگە تاشلىنىپ 14 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن قۇتقۇزىۋېلىنغان چاشقانلارنىڭ گېلىنى سىقىپ تۇرۇپ، ئەگەر قايتا يەنە تاغىرىمنى تېشىپ بۇغدىيىمنى يەيدىغان بولساڭ، سۇ تولدۇرۇلغان كومزەككە ئۆزەم تاشلايمەن دىگەندەك بىر گەپ ئىدى. ئەمما 14 مىنۇت سۇ كومزىگىدە تۇرۇپ ئۆلەر ھالەتكە كەلگەن بۇ چاشقانلاردا تاغارنى تەشكىدەك كۈچ نىمە قىلسۇن؟ ئەمما ئۇيغۇرلار يۈزسىز تۇرك سىياسەتچىلىرىنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن قاتتىق دەرس ۋە تەجىربە ساۋاق ئېلىشى، ۋەتەن مىللەت مەنپەئەتى دىگەننىڭ قانداق بولىدىغانلىغىنى ئۈگىنىشى، ئەقىللىق ۋە تاكتىكىلىق بولۇشى، ئۇيغۇرنىڭ ئورنىنىڭ نەدە ئىكەنلىگىنى ، دۈشمىنىنى ۋە دۇنيا سىياسىتىنى ياخشى ئۈگىنىشى ۋە بىلىشى، بولۇپمۇ مەنپەئەتلەرنىڭ مۇسۇلمانلىق كىملگى ۋە ئۇرۇق تۇققانچىلىق تونۇمايدىغان رەھىمسىز ئىكەنلىگىنى، دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك كۈچنىڭ ئەختىسادى كۈچ ئىكەنلىگىنى، ئەگەر ئۇيغۇرلار قايتا باش كۆتۈرۈش يولىدا ئىزدىنىدىكەن بۇ ئاچچىق تەجىربە ساۋاقلارنى ئەسىدە چىڭ ساقلىشى كېرەكلىگىنى بىلىشى كەرەك. ئەگەر تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئەقىللىق بولماقچى بولىدىكەن، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركلەردىن باشقا دوستى يوق دەيدىغان تار-دوگما، قاراشلىرىنى ئەخلەتكە تاشلىۋېتىشى كېرەك. ئەسلىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە دوستلىرى بار. شەرقى تۈركىستاندىكى يېپىق تەربىيەلەش لاگىرلىرى ھەققىدە تەپسىلى ۋە كەڭ كۆلەملىك دوكلات خارەكتىرلىق ماقالىلارنى يېزىۋاتقان ئادرىئان زەنز، راچەل ھاررىس قاتارلىق گىرمانىيەلىك، ئەنگىليەلىك، ئىسرائېللىق ۋە ئامېركىلىق دوسلىرى بار.ھەق ئادالەت يولىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېنىدا تۇرۇۋاتقان بۇ باشقا مىللەت ۋە باشقا دىندىن بولغان ئۇيغۇر دوستلىرى ئىنسانلىق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئەيتقاندا، شەخسى مەنپەئەتلىرى ئۈچۇن، سۈننەت ۋە قۇرئاندىكى ئايەتلەرنى ئاللادىن قورقماي سېتىپ خەجلەۋاتقان ساختىكار تۈرك سىياسەتچىلىرىدىن مىڭ ھەسسە ئارتۇق. ئەگەر تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئەقىللىق بولماقچى بولىدىكەن ئىسلام دىنىنى ۋە قۇرئانى كەرىمنى قايتا ئۈگۈنىشى كېرەك. بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ كۈچ قۇدرىتى ۋە كىيىم كەچىگى مەسىلىسىدە. ئەگەر يەنە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئەقىللىق بولماقچى بولىدىكەن، قەيەردە ئاۋاز چىقىرىشنى قەيەردە سۈكۈت قىلىشنى ياخشى بىلىشى كېرەك. تۈركىيەدىكى، پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن كوچىلارغا توكۈلگەن تۈرك نامايىشچىلار قوشۇنى ئارىسىدا كېتىۋاتقان ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر، پەلەستىنلىكلەرنىڭمۇ مىللى مەنپەئەتى ئۈچۈن خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىغىنى ئۇنتۇپ قالماسلىغى كېرەك. ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ ئېيتقىنىدەك، دۇنيادا مۇسۇلمانلار يوقالمايدۇ ئەمما، ئۇيغۇرلار يوقۇلۇپ كېتىشى مۈمكىن. بۇ ئىنتايىن چوڭقۇر مەناغا ئىگە بىر سۆز بولۇپ، ئۇيغۇرلار مۇسۇلمانلىق كىملىگىدىن بۇرۇن، ئۇيغۇرلۇق كىملىگىگە مەھكەم ئسىلىشى كېرەك. ئەگەر ئۇيغۇر دىگەن بىر كەلىمە لۇغەتلەردە مەۋجۇت بولىدىكەن، چوقۇم ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى دىگەن كەلىمە مەۋجۈت بولىدۇ. ئەگەر تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئەقىللىق بولماقچى بولىدىكەن، ئۆزىنىڭ ئۇچىسىدا ئىشتان يوق تۇرۇپ، باشقىلارغا ئىشتان ئېلىپ بېرىش غېمىدە يۈرمەسلىگى، بىر مېغىزنى تۆتكە بۆلۈش غېمىدە يۈرمەسلىگى كېرەك.
نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ، قېرىنداشلىرى تەرىپىدىن قۇدۇق ئاستىغا تاشلىۋېتىلگەن يۇسۈپ ئەلەيكىسالامنىڭ تەغدىرىگە بەك ئوخشايدۇ. قۇدۇق ئاستىغا تاشلىۋەتىلگەن يۈسۈپ ئەلەيكىسالامنى قۇدۇقتىن تارتىپ چىقىرىپ مىسىرغا ۋالى قىلغان ئاللانىڭ، ھەم مۇسۇلمان ھەم تۈرك قەرىنداشلىرى بىلەن، خىتاي ئۆز-ئارا بىرلىشىپ قۇدۇقتىنمۇ چوڭقۇر ھاڭغا تاشلىۋەتكەن ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇپ دۇنياغا ۋالى قىلىشقا قۇدرىتى يەتمەسمۇ؟ ھەمدە تارىخچى مورگان ئەيتمىغانمىتى، دۇنيا مەدىنيەت غەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچى تارىم ۋادىسىغا كۆمۈگلۈكتۇر، قاچانكى بۇ ئاچقۇچ تېپىلىدىكەن دۇنيا مەدىنيىتىنىڭ سىرى ئەچىلىدۇ دەپ.تولستوي، ئۇزاق ۋە ئىمكانسىز كۆرۈنگەن بىر نەرسە، بىردىنلا يېقىن ۋە مۈمكىن بولۇشى مۇقەررەر دەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاتلىغى ۋە ھۆرلىگى نۆۋەتتە ئۇزاق ۋە ئىمكانسىزدەك كۆرۈنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھامان بىر كۈنى مۇستەققىللىققا ئېرىشىدىغانلىغى مۇقەررەر. ئەگەر، ئەنە شۇ كۈن يېتىپ كەلگەندە خۇددى ئالىيە ئىززەتبەگۇۋىچ ئېيتقاندەك، ھەممە نەرسە تۇگىگەندە خاتىرلەيدىغىنىمىز، دۈشمەنلىرىمىزنىڭ سۆزلىرى ئەمەس بەلكى دوستلىرىمىزنىڭ سۈكۈناتى بولىدۇ.
نۆۋەتتىكى ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا سىياسىتى، خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنى تەھلىل قىلغان ۋاختىمىزدا، ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ تۈركىيەدە كەلەچىگى يوق كۆرۈنىۋاتىدۇ. شۇڭا سىياسى ئويۇن ئوينىغۇچىلارنىڭ قىلتاق ۋە دامىغا چۈشۈپ، ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ تىزگىنىنى تۈركىيە تەرەپكە بۇراش، ئۇيغۇر داۋاسىنى خاراپ قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. چوقۇم ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ تىزگىنى ۋە يۆنۈلۈشى ئامېركا قاتارلىق غەرپ ئەللىرى تەرەپتە بولۇشى كېرەك.
ئەييۇپ ئەلەيكىسالامغا ئاللا ناھايىتى نۇرغۇن ئارازى، يەر زىمىن، مال مۈلۈك، 14 پەرزەنت بەرگەندىن باشقا يەنە پەيغەمبەرلىك نىسىپ قىلغان ئىدى.ئەمما ئاللا زىمىننى بىر تەۋرىتىش بىلەن ئەييۇب ئەلەيكىسالامغا نىسىپ قىلغان ھەممە نەرسىنى تارتىۋالدى. ئۇنى يەنە ناھايىتى ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا قىلدى. ئاللانىڭ ئەييۇب ئەلەيكىسالامنى بۇنداق جازالاندۇرىشىدىكى بىردىن –بىر سەۋە نىمىتى؟
پەقەت ئەييۇب ئەلەيكىسالام، زالىم پرەۋىننىڭ قارشىسىدا، ئۆز مەنپئەئەەتىگە چوغ تارتىپ، ھەق ئادالەتنى ياقلىيالمىغانلىغى، پىرەۋىنگە سېنىڭ بۇ قىلغىنىڭ خاتا دىيەلمىگەنلىگى سەۋەبىدىن بولغان ئىدى.بۈگۈنكى دەۋرنىڭ خىتايدىن ئىبارەت زالىم پرەۋىنى قارشىسىدا، ئۇيغۇرلار دۇچ كەلىۋاتقان، دۇنيادىكى ھىچقانداق بىر مىللەتكە كۆرۈلۈپ باقمىغان ئادالەتسىزلىك ئالدىدا سۈكۈت يولىنى تاللىغان، ئۆزىنى ئىسلام دۇنياسىنىڭ خەلىپىسىمەن دەپ يۈرۈۋاتقان ئىككى يۈزلىمىچى تۈرك سىياسەتچىلىرى، مۇسۇلمان ئۆلىمالار،ئەييۇپ ئەلەيكىسالامنىڭ ھاياتىدىن ئىبرەت ئېلىشى كېرەك .
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.